كۆرۈش: 262|ئىنكاس: 1

پولات غەنىزات غەيۇرانى: شائىرشېئىرلىرىنىڭ بەدىئىي ئالاھىدىلىكلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

شائىرشېئىرلىرىنىڭ بەدىئىي ئالاھىدىلىكلى

(شائىر، تىلشۇناس، لۇغەتشۇناس مەرھۇم غەنىزات غەيۇرانى تۇغۇلغانلىقىنىڭ
       80 يىللىقى، ئىجادىيىتىنىڭ50 يىللىقى، ۋاپاتىنىڭ   
تۆت يىللىقى  مۇناسىۋىتى بىلەن)

پولات غەنىزات غەيۇرانى

     شائىر غەنىزات غەيۇرنى ئىجادىيەت ھاياتىدا تۇرمۇشنىڭ ئەڭ قىيىن دوقاللىرىعا دۇچ كەلسىمۇ كەلگۉسىگە ئۅمىد بىلەن قاراپ، جاپالىق ئىزدىنىش ئارقىلىق، شېئىرىي خاسلىقىنى ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئەڭ تىپىك خۇسۇسىيەتلىرىدە گەۋدىلەندۈرگەن ۋە ھېس- تۇيغۇنى ئەڭ مەركەزلىك ئىپادىلەنگەن شىئىرلىرى ۋە ساتىرا، رۇبائىي، غەزەللىرى ئارقىلىق ئاۋام ئۇچۇن ھەق سۉزلەپ قەلەم تەۋرەتكەن، شېئىرىي ئىجادىيىتىدە  ئۆزگىچە ئۇسلۇپ ياراتقان ئىسمى جىسمىغا خاس مەردانە شائىردۇر. بۇنىڭغا مەيلى تېتىمىلىق يېزىلغان رۇبائىيلىرى بولسۇن، ياكى ساتىرالىرىدا بولسۇن، ياكى لىرىك شېئىرلىرىدا بولسۇن، ياكى فېلياتونلىرىدا بولسۇن، تېما دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، مەزمۇنىنىڭ موللىقى، پىكىرلىرىنىڭ يېڭى ۋە ئىجادىيلىقى، ھېسسىياتنىڭ قايناق ۋە چىنلىقى، تەسەۋۇرىنىڭ موللىقى، تۇرمۇش پۇرۇقىنىڭ قۇيۇقلۇقى، تىلىنىڭ ئاممىبابلىقى، ئىستىلىستىك ۋاسىتىلەردىن  ۋە ماقال - تەمسىللەردىن ئەپچىل پايدىلىنىشتەك تىل ئىشلىتىشتىكى ماھىرلىقى شائىر ئىجادىيىتىدىكى خاس ئالاھىدىلىكىدۇر. بۇ نۇقتىدىن شائىرنىڭ شېئىرلىرىدا ئىپادىلەنگەن بەدىئىي خۇسىسىيەتلەر ھەققىدە ئۉزگىچە چۅشەنچەمنى قىسقىچە بايان قىلىپ  ئۆتىمەن:
      بىرىنچى. كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزغا ئىجادىي ۋارىسلىق قىلىش جەھەتتە: شائىر ئۇزاق مەدەنىيەت تارىخىغا، جۈملىدىن، مول تىل بايلىقىغا ئىگە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا پىششىق بولۇپلا قالاي، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەنمۇ مۇكەممەل تونۇش. بۇ خىل ئالاھىدىلىك بىرسى شېئىرىي ئىجادىيىتىدە نامايەن قىلىنسا، يەنە بىرسى تىل- تەتقىقات ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن مول نەتىجىلىرىدە ئىپادىلىنىدۇ. چۈنكى، شائىر جۇڭخۇا خەلق جۇمھىرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن 1955- يىلىدىن 1957- يىلى 7- ئايغىچە مەركىز مىللەتلەر ئىنىستىتوتىنىڭ تۇنجى تىلشۇناسلىق سىنىپىدا ئوقۇغان. بۇ جەرياندا يەنە ئىككى قېتىملىق تىل تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قاتنىشىپ، بىرىنچى قېتىمدا غۇلجا-تۇرپان گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى. ئىككىنچى قېتىمدا قەشقەر گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن ھەم بەلگىلىك نەتىجىگە ئىرىشىپ،  دەسلەپتە  1953- يىلى شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ‹‹ئېلىپبە››،‹‹تىل دەرسى››، ‹‹ئوقۇتۇش كىتابى››، ماتىماتېكا قاتارلىق كىتابلارنى تۈزۈشتەك مۇھىم خىزمەتنى ئىشلىگەن بولسا، 1980 يىلى خىزمىتى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن بۇيۈك تىلشۇناس مەخمۇت قەشقىرى تۈزگەن ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› نەشر قىلىنغاندىن بۇيان نەچچە ئەسىر ئۆتسىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى بولماسلىقتەك بىر بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر تىل-تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ‹‹ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى››، ئالتە توملۇق. ئومۇمىي توپلام بىرتوملۇق. ‹‹چاغاتاي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى››، ‹‹ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قايدىسى ۋە  ئىملا لۇغىتى››قاتارلىق نۇرغۇن لۇغەتلەرنى تۈزۈشكە قاتناشقان ۋە مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى قىلىش بىلەن بىرگە ئوتتۇز نەچە پارچە تىلشۇناسلىق، لۇغەتشۇناسلىققا ئائىت يىرىك ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، زىلزىلە پەيدا قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تالانتىنى نامايەن قىلغاچقا،  كەسىپداشلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا، جەمئىيەتنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. شۇڭا، شېئىرىي ئەسەرلىرىدە ۋالىلداپ تۇرغان ئىستىلىستىكىلىك ۋاسىتىلىەرنى ناھايىتى جانلىق قوللىنىش بىلەن بىرگە ناھايىتى توغرا ئىشلەتكەن. مەسىلەن:  ‹‹ پۇل››، ‹‹باق››،‹‹تەسەللى››، ‹‹‹دوست› لارغا ›› قاتارلىق خېلى نۇرغۇن شېئىرلىرى بىزنىڭ كىلاسسىك ئەدەبىيات خەزىنىسىدە گۆھەردەك چاقناپ، ياقۇتتەك جۇلالىنىپ  تۇرغان غەزەل شەكلىدە يەنى ئارۇز ۋەزىندە يېزىلغانىدى، (‹‹ئارۇز›› ئەرەبچە سۆز بولۇپ، لۇغەت مەنىسى ‹‹ئەن››، ‹‹كەڭلىك›› دېگەنلىك بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىستېمال مەنىسى ‹‹ئۆلچەم›› ياكى ‹‹قېلىپ›› دېمەكتۇر. ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىر دېگىنىمىزـ شېئىر مىسرالىرىدىكى سوزۇق (ئۇزۇن) ۋە ئۈزۈك (قىسقا) تاۋۇشلارنىڭ مەلۇم تەرتىپ بىلەن ئالمىشىپ كېلىپ، شېئىردىكى رېتىم ۋە ئاھاڭدارلىقنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان شېئىرىي سىستېما ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىر دېيىلىدۇ). شائىر ‹‹شېئىرنىڭ تۈپ ئاساسىي  ئىدىيىسى ھېسسىياتتۇر›› دېگەن مەنتىقە بويىچە شېئىرلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىپادىلىگەن. ئەگەر شېئىردا ھېسسىيات بولمايدىكەن، ئۇنداق شېئىر جېنىدىن، ھاياتىي كۈچىدىن قالغان بولىدۇ. چۈنكى، شېئىرنىڭ ئەڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى ھەقىقەت بىلەن كىشىلەرنى مەنتىقىي جەھەتتىن قايىل قىلىش ئەمەس، بەلكى ھېسسىيات بىلەن كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرۈشتۇر. ئەگەر شېئىردا قايناق ھېسسىيات بولمىسا، ئۇ كىشىلەرنىڭ مەنىۋى سىزىمىنى قوزغىيالمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، شېئىرنى رېئال ھايات تەرىپىدىن جۇش ئۇرۇپ چىقىدىغان كۈچلۇك ھېسسىياتنىڭ بىرىكمىسى دېيىش مۇمكىن. بۇنىڭغا شائىرنىڭ 1949- يىلى ‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› نىڭ (ئەدەبىيات گۈلزارى›› بىتىدە ئېلان قىلىنغان ‹‹پۇل›› دېگەن شېئىر ئوبدان مىسال بولالايدۇ. شېئىردا ئىپادىلەنگەن مەزمۇن كونا جەمئىيەتتىكى زۇلۇمغا، تەڭسىزلىككە، بولۇپمۇ ياڭ زېشىڭ، جېن شۇرېندىن ئىبارەت ئەكسىيەتچى زالىم كۈچلەرنىڭ خەلقنىڭ شىلىسىغا مىنىپ، ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىشتا ‹‹پۇل›› نى ۋاسىتە قىلىپ، ھەممە نەرسىنى پۇلغا باغلاپ، ئاۋامنى چىرىتىپ، يولدىن ئازغان، كونا خوراپىيلىق پاتقىقىغا چوڭقۇر پاتقان، پۇلدىن باشقىنى تۇنىمايدىغان ھەم ئويلىمايدىغان بىر قىسىم رەزىل كىشىلەرگە شارائىت يارىتىپ بىرىپ، جاي – جايلاردا ناپاك كىشىلەر ياشايدىغان پاھىشخانا، ئەپيۇنخانا، قىمارخانا، مەيخانىلارنى ئېچىپ، ياشلارنى چىرىتىش ۋە زەھەرلەش مەقسىتىدە ئاۋامنى غەپلەت ئۇيقىسىغا پاتتۇرغان. خەلقنىڭ ئويغىنىپ، مەرىپەت يولىغا مېڭىشىغا، ئىلغار مىللەت ۋە دۆلەتلەر تەرەققىياتىغا نەزەر تاشلاپ، پەن - مەدەنىيەت بىلەن قۇراللىنىپ، ئادەمدەك ياشاشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى تۇرغان. ‹‹پۇلى بارنىڭ گىپى ئوڭ، پۇلى يوقنىڭ گىپى توڭ›› بولغان جەمئىيەتكە بولغان نەپرىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.  مەسىلەن، ‹‹پۇل›› دېگەن شېئىرنى كۆرۈپ باقايلى:
       باي، قەلەندەر، كەمبەغەل، بايۋەچچە قىلغان بارى بۇل،
        بىرىنى ئاخۇن قىلىپتۇ، بىرىنى ئۇ قارى پۇل.

بىرنى ئامبال، بىرنى دوتەي، كۆپىنى پۇقرا قىلىپ،
بايغا ئاققان، بولمىغان يوقسۇل بىلەن ھېچ كارى پۇل.

مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان گۈلدەك چىراينى بىۋاقىت
سۇندۇرۇپ قىلدى خازان، قىلدى كېسەل-بىمارى پۇل.

بۇ جاھاننىڭ ئاچقۇچى بولغاچقا پۇلدا ۋاھ - دەرىخ،
ھەقنى ناھەق، راستنى يالغان قىلماققا بەك جارى پۇل.

ھەزرىتى لوقمان ئامالسىز قالسا گەر بىمار ئۈچۈن،
دەل شۇچاغ قىلغان ئۇڭا قالتىس ئۈنۈملۈك دارى پۇل.

مەن جاھان چولپانى دەپ يۈرگەن سەتەڭمۇ بىر كۆرۈپ،
مەيلىنى، جېنىنى بەرگەن ئاشىقى- دىلدارى پۇل

ئادىمىزات باسمىغان چۆلدە ئەگەردە بولسا ئۇ،
قىلدى جەننەتنى شۇچاغ بەش كۈندە تەق، تەييارى پۇل.

گاچىنى سايراتتى بۇلبۇلدەك، توكۇرنى سەكرىتىپ،
راست ئىكەن، بەك راست ئىكەن، تەڭسىز جاھاننىڭ كارى پۇل.

سوتمۇ پۇل، قانۇنمۇ پۇل ۋە ئول شەرىئەت ھۆكمىنىڭ
تۇمۇرىدا قان بولۇپ ئاققان قۇۋۋەت، مادارى پۇل.

ئەسكى پۇل ھەم ساختى پۇل، ئەي، جان ئالارنىڭ قەستى پۇل،
تۇتقۇسى ئاز كۈندە سېنى كەمبەغەل ئاھ – زارى پۇل.
           1949- يىل ماي ئۈرۈمچى. ‹‹ھايات قۇشىقى››دىن
     بۇ شېئىر بۇنىڭدىن 60 يىل ئىلگىرى يېزىلغان بولسىمۇ، پۇلنى ۋاسىتە قىلىپ، جەمئىيەتنى ئىنىچكە كۆزىتىپ  تەھلىل قىلىپ، پۇل ئۈستىگە قۇرۇلغان ھەم كونا جەمئيەتتىن قېپقالغان بەزى كىشىلەردىكى مۇناسىۋەت تورىنى ناھايىتى سەگەكلىك بىلەن چوڭقۇر ئېچىپ كۆرسىتىپ بىرىش بىلەن بىرگە، بىزنى كىشىلىك ھاياتتا ھالال ئەمگىكىمىز بىلەن قەدىر- قىممىتىمىزنى ساقلاپ، ئىنساپ، دىيانەت بىلەن چىن ئىنساندەك ياشاشقا ئۈندەيدۇ.
     شائىر بۇ شېئىرنى 19 يېشىدا ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەجدادلىرىمز ئېيتقاندەك:‹‹ئەقىل ياشتا ئەمەس، باشتا›› دېگەندەك، جەمئىيەتە كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ، بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر سىھرىي كۈچىنى نامايەن قىلىپ كەلمەكتە. دېمەك، شائىر شۇ دەۋر قىياپىتىنى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرەلىگەن، خەلقنىڭ قەلب دۇنياسىدىكى تەلپۈنۈشىنى ئېستېتىك نەزەردە كۆزىتەلىگەن، شائىر قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن تەبىئىي ئوخچىغان ئەڭ سەمىمىي ھېسسىيات، ساپ سۆيگۈ ئىپادە قىلىنغان بۇ شېئىر نادىر شېئىردۇر. شائىر رېئال تۇرمۇشتا ياشايدۇ، شۇڭا رېئال تۇرمۇش شېئىرنىڭ ئىپادىلەش ئوبيېكتى قىلىنىشى لازىم. تۇرمۇش ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ مەنبەسى، شائىر نۇقۇل ئىجادىيەت ئۈچۈنلا ئاۋامنىڭ تۇرمۇشىغا يېقىنلاشماي، ئاۋام تۇرمۇشىنى مەۋقە قىلىشى، ئاۋام تۇرمۇشىنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلاملىرىغىچە بېرىپ تۇرمۇش ئۆگىنىشى لازىم. چۈنكى، رېئال تۇرمۇش رەڭگارەڭ، مۇرەككەپ بولىدۇ. شائىر ھەرگىز تۇرمۇشتىكى پۇچەك، ئۇششاق ئىشلارغا ئېسىلىۋالماي، تۇرمۇشنىڭ جىددىي ئېقىنلىرىدىن مىللەتنىڭ روھىي ئىستەكلىرىنى تېپىپ چىقىشى، ئاددىي كىشىلەرنىڭ رېئال تۇرمۇشتا ئىپادىلەنگەن روھىي كەيپىياتىنى قېزىشى كېرەك. شائىر ‹‹پۈل›› دېگەن بۇ شېئىردا بۇ مەقسەتكە تولۇق  يەتكەن بولۇپ، ئاشۇ كونا جەمئيەتتىكى بارلىق تەڭسىزلىكنىڭ مەھسۇلى بولغان پۇلنى ساتىرانىڭ پىكىر نۇقتىسى قىلغان. بارلىق كىشىلەركونا جەمئىيەتتە پۇل ئۈچۈن تىرىكچىلىك قىلىۋاتىدۇ، پۇلى جىقلار ھۆكۈمىران ئورۇندا تۇرسا، پۇلى يوق يوقسۇل بىچارىلەر كىشىلىك ئىنسانىي غۇرۇرى، ئىپپەت - نۇمۇسى ئاياغ - ئاستى قىلىنىپ، ھەتتا بەزىدە ھاياتىدىنمۇ ئايرىلىپ قېلىۋاتىدۇ. سوتمۇ، شەرىئەت ھۆكۈمىمۇ پۇلغا باغلىق  بولۇپ قالدى، دەپ چوقان سېلىپ، خەلقنى خاتىرجەم قىلىدىغان بىر ئادالەتلىك ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ ئورنىتىلىشىنى ئارزۇ قىلىشتەك بىر ئىسيانكار روھنى ئىپادىلەپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، خەلقپەرۋەرلىك ئىدىيىنى تېخىمۇ مۇكەممەل يۇرىتىپ بەرگەچكە، بىرتەرەپتىن جەمئىيەتنى چۈشىنىشىمىزدە ‹‹ئەينەك›› بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىمىزنىڭ ۋۇجۇدىمىزدىكى تۈرلۈك ناچار ئىللەتلەرنى كۆرۈۋېلىشىمىزغا ‹‹ئەينەك›› بولالايدۇ.
  شائىر بىر ئۆمۈر تىل – تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللىنىپ كەلگەچكە، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى ئوبدان ئىگەللەپلا قالماستىن، كىلاسسىك ئەسەرلەر بىلەنمۇ پىششىق تونۇش ئىدى. ئىزچىل تۈردە كىلاسسىك ئەسەرلەردىن ئىجادىي ئۆرنەك ئېلىپ، بىرىلىپ ئىشلەپ، ئىجادىي پايدىلىنىش جەھەتتە ئۆزىگە خاس يول تۇتۇپ ئىزدەنگەن شائىردۇر. ئۇنىڭ ‹‹يۈرىكىڭنى تۇتۇپ باق››، ‹‹غەزەلخان››، ‹‹ئارقا ئىشىك››، ‹‹ھەركىم قىلسا ئۆزىگە›› قاتارلىق شېئىرلار بۇنىڭ دەلىلىدۇر.
ھازىرقى تۇرمۇش رىتىمى تېزلىشىۋاتقان، پەن- تېخنىكا ئۇچۇرلىشىۋاتقان مەزگىلدە بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىمۇ تېز بولۇپ، كىشىلەرنىڭ خىزمەت، تۇرمۇشىغا بىرقاتار قولايلىقلارنى ئېلىپ كىلىپ، بىر قىسىم كىشىلەر ھالال ئەمگىكى بىلەن پۇل تېپىپ، ئىقتىسادنىڭ جانلىنىشىغا تۈرتكە بولغان بولسىمۇ، بىرقىسىم ئەخلاقسىز تىجارەتچىلەر پۇرسەتتىن تۇغاچ ئوغىرلاپ، بازارنى، خېرىدارلارنى ئالداپ، قاقتى- سوقتى قىلىش، خېرىدارلارنى زىيانغا ئۇچرىتىش، تارازىنى توغرا تۇتماسلىقتەك بولمىغۇر ئىللەتلەرنى يۇقتۇرۇۋېلىپ، ئاۋامنىڭ سودا – سېتىق، ئېلىم – بىرىم ئىشلىرىغا پۇتلىكاشاڭ بولدى. شائىرنىڭ بۇنىڭغا قاتتىق غەزىبى كېلىدۇ. مەسىلەن: ‹‹يۈرىكىڭنى تۇتۇپ باق›› دېگەن  شىرىدىكى مۇنۇ كۇبلىتلارنى كۆرۈپ باقايلى:
......................
كۆردۈڭلارمۇ خالايىق،
بۇ ‹‹ئىنساپلىق›› قاسساپنى.
سېتىۋەتكەن گۆش بىلەن
ئۆزىدىكى ئىنساپنى.
.....................
پىچاق تۇتقان قولۇڭدا
يۈرىكىڭنى تۇتۇپباق.
خەققە بەرگەن سۆڭەكنى
سەنمۇ چايناپ يۇتۇپ باق.
              ‹‹ھايات قۇشىقى›› دىن
      خەلق قوشاقلىرىدىن ئىجادىي ئەندىزە ئالغان ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا يەڭگىل ۋەزىن بىلەن ئاممىباب، ئاددىي خەلق تىلىدا چۈشۈنىشلىك يېزىلغان بۇ شېئىردا شائىر ‹‹پىچاقنى ئاۋال ئۆزۈڭگە سال، ئاغرىمىسا خەككە سال›› دېگەن ماقالىنى ئۇستىلىق بىلەن ئۆز پىكرىنى ئىپادىلەشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىپ، ئادىللىق ئىچىدە چوڭقۇر پىكىرلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاچچىق كىنايە بىلەن شېئىرنى تۈگەللىگەن.
     ئىككىنچى. ئىپادىلەش ئۇسلۇبىدىكى خىلمۇ خىللىق جەھەتتە: شائىر شېئىرلىرىنىڭ مەۋزۇلىرىنىڭ يېڭى، ئىجادىي، ئوبرازلىق ئەمما ئاممىباب تىل بىلەن ناھايىتى چۈشىنىشلىك  قويۇلۇشىمۇ شېئىرىي ئىجادىيىتىدىكى ئۆزگىچە بىر ئالاھىدىلىك. مەسىلەن،‹‹بىر ئېشەكنىڭ قىسمىتى››، ‹‹ئارقا ئىشىك››، ‹‹بىر ئىلغارنىڭ تارىخى››، ‹‹خەلق سەسكەندى، ھۆ بولدى››، ‹‹شۇ باشلىق ئورنىغا تىكىلگەن كۆزۈم››، ‹‹مەنسەپنىڭ كارامىتى››، ‹‹خىزمەت تەقسىماتى››، ‹‹يۆتكىلىش›› قاتارلىقلار. ‹‹يۆتكىلىش›› ناملىق ساتىرادا،  شائىر ھاياتنىڭ قىممىتىنى كىشىلەرنىڭ بىلىمى، ياراتقان تۆھپىسى، پەزىلىتى، كىشىلەرگە قالدۇرغان ئىزى بىلەن ئۆلچىگەن شائىر ھايات مەزمۇنلىرىنىڭ مەنىلىك، نۇرلۇق، گۈزەل تەرەپلىرىنى يارقىن ئەكس ئەتتۈرۈش، مەدھىيلەش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ قاراڭغۇ، رەزىل يىرگىنىشلىك تەرەپلىرىنىمۇ ساتىرالىرىدا ئۆتكۈر تىل بىلەن قاتتىق قامچىلاپ، بۈگۈنكىدەك بەختىيار، خاتىرجەم  تۇرمۇشنىڭ قەدرىگە يىتىشنى نەزەردە تۇتۇپ، پارلاق ئىستىقبالغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان  يولىمىزغا پۇتلىكاشاڭ بولىۋاتقان بىر قىسىم كىشىلەردىكى ناچار ئىللەتلەرنى، بولۇپمۇ ئاۋامنىڭكىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىپ قاۋاندەك سەمرىگەن بىر قىسىم ناپاك يېزا ئەمەلدارلىرىنى<<يۆتكىلىش>> دېگەن شېئىردا  مۇنداق سۆكىدۇ:                                                                                    
                ئەمدىلا ئۈچ يىلدەك بولاي دېۋىدى،
ئا. شۇجى گۇڭشېغا بولغىلى رەھبەر.
توساتتىن تارقالدى ئۇنى شەھەرگە ـ
ئۆستۈرۈپ يۆتكەپتۇ، دېگەن بىر خەۋەر.

ئا.شۇجى گۇڭشېغا ۋېلىسىپىتتەـ
يېنىكلا كەلگەنتى(بىركۆرپە- يوتقان).
قايتىشتا ئۆيىنى ئىككى تېرەكتۇر،
بىر جېپاڭ يۆتكىدى ئۈچ كۈندە ئاران.
                          ‹‹بولدى قىل›› توپلىمدىن ئېلىندى.
    شائىر بۇ ئىككى كۇبلىت شېئىرىدا جەمئىيىتىمىزدە مەۋجۇت بىرقىسىم پارىخور، خىيانەتچى ئەمەلدارلارنىڭ خەلق بەرگەن، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئىشىنىپ خەلقنى ھاللىق سەۋىيىگە يەتكۈزۈش يولىدا باشلامچىلىق قىلسۇن دەپ بەرگەن ھوقۇقنى توغرا يولغا ئىشلەتمەي، ئەكسىچە، خەلقنىڭ قان - تەرىنى شۇلۇپ، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىپ باي بولۇشتەك رەزىل قىلمىشلىرىغا دائىر بىرەر پوۋېستىمۇ ئىپادىلەپ بىرىش تەس بولغان مەزمۇن ناھايىتى چۈشىنىشلىك ھالدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. بۇ خىل نادىر شېىرلار، مىللەت چېگراسىدىن ھالقىغان. ئىنسان روھىنىڭ ئەقىلگە ئويغۇن چاقنىشى، ئىنسانىيەتنىڭ زامان - ماكاندىن ھالقىغان مەڭگۈلۈك قىممىتىنىڭ نامايان قىلىنىشى، شائىر قەلبىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن ئېتىلىپ چىققان ئىدىيە ئۇچقۇنلىرىدۇر.چۅنكى نادىر ئەسەرلەر ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تەلپۈنۈشىنى ئىپادە قىلالىغانلىقى ئۈچۈنلا زامان - ماكان چېگراسىدىن ھالقىيالىغان. شۇڭا نادىر شېئىرلار مەلۇم دەۋردىكى مىللەتنىڭ رېئال تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپلا قالماي، شۇ ئاساستا ئۆز مىللىتىنىڭ روھىي قاتلاملىرىغا يۇشۇرۇنغان، پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان قىممەتنى، يەنى ھەقىقەتكە بولغان مۇئەييەنلەشتۈرۈش، گۈزەللىكنى مەدھىيلەش، ئېزگۈلۈككە تەلپۈنۈش، گۈزەل غايىگە ئىنتىلىش، ئۆزلۈكىدىن ھالقىش، شەخسنىڭ ئەركىنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش، ئىنسانىي قەدىر-قىممەتكە ھۆرمەت قىلىش قاتىارلىقلارنى بايقىغان ۋە ماھارەتلىك ئىپادىلىگەن بولىدۇ. شائىرنىڭ مەسئۇلىيىتى بولسا، ئاۋام تۇرمۇشىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق، ئاخىرقى قىممەت قارىشىنى تېپىپ چىقىشتىن ئىبارەت.   
       شائىر شېئىرلىرىدىكى ئوبرازلىرىنىڭ روھىي دۇنياسىنى قېزىشتا تۇرمۇشتىكى ئەڭ كىچىك دېتاللاردىن پايدىلىنىپ، كۆزلىگەن بەدىئىي ئۈنۈمگە ئېرىشكەن. ‹‹ ‹مەن› نىڭ شىكايىتى››، ‹‹دوستۇم› نىڭ كېسىلى››، ‹‹شۈكرى قىل››، ‹‹لاۋازىمنىڭ ئاخىرقى جاۋابى›› قاتارلىق شېئىرلار بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.
ئۈچىنىچى. تىل ئىشلىتىشتىكى ماھارەت جەھەتتە: شائىر بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ھەممىگە تونۇشلۇق شائىر ۋە تىلشۇناس بولۇش بىلەن بىرگە  ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئىسىل ژانىرى بولغان ساتىرا ئىجادىيىتىدە مەيلى 20- ئەسىرگە تەۋە ئىجادىيىتىدە بولسۇن، ياكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىقى مەزگىلى بولغان 21- ئەسىرنىڭ باشلىرىغا تەۋە ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە بولسۇن،  باشتىن - ئاخىر تەۋرەنمەي، خەلق كۈلسە- كۈلۈپ، يىغلىسا يىغلاپ، خەلقنىڭ  مەنىۋى تەشنالىقىنى مەلۇم نىسبەتتە  قاندۇرۇپ ئۆتكەن، تىلى بىلەن دىلى بىر، ھەرقانداق ئىشتا تولىمۇ مەسئۇلىيەتچان، راستچىل شائىر ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇ 20- ئەسىرنىڭ 40-، 50- يىللىرىدا ئىجادىيەتكە كىرىشكەن يۈزلىگەن ئۇيغۇر شائىرلىرى ئىچىدە يېزىشمۇ، ھۆددىسىدىن چىقىشمۇ نىسبەتەن تەس بولغان ساتىرىك شېئىرلارنى ئەڭ كۆپ يازغان، يازغاندىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ يازغان  بىردىنبىر ساتىرىك شائىردۇر. بۇنداق بولۇشىنى ئۇنىڭ تۇغما مىجەزى بەلگىلىگەن بولۇشى مۇمكىن.
     شائىردىكى كۈچلۈك ھېسسىيات، مول تەسەۋۇرـ شېئىر ئىجادىيىتىدىكى مۇھىم ئامىللار بولۇپ، بۇ ئىككىسىنى بىر- بىرىدىن ئايرىۋەتكىلى بولمايدۇ. چۈنكى، شېئىرنىڭ ھىسسىي خۇسۇسىيىتى بىلەن شائىرنىڭ باي تەسەۋۋۇر قۇۋۋىتى ئۆز ئارا باغلانغان ۋە بىرلىشىپ كەتكەن بولىدۇ.  بىر تەرەپتىن شائىرنىڭ جۇش ئۇرۇپ تۇرغان ھېسسىياتى ئۇنىڭ تەسەۋۇرىنى قوزغايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن شائىر تەسەۋۋۇر ياردىمى بىلەن ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى چوڭقۇر ئىپادىلەيدۇ. ئەمما  شائىرنىڭ ھېسسىياتى مول رېئال تۇرمۇش ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كېلىشى لازىم. شۇ چاغدىلا تۈرلۈك بەدىئىي ۋاسىتىلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، تۇرمۇشنىڭ ماھىيىتىنى تىپىك ھالەتتە ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. شائىر شېئىرىلىرىدا بۇخىل ماھارەت ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا، شېئىرىلىرىدا ئانا تىلنىڭ پاكلىقىنى قوغداشقا بولغان چىن ساداقىتى ھەرقانداق تۈردىكى ئەسىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقاچقا،  شېئىرلىرى ئوقۇرمەنلەر چۈشەنمەيدىغان ئاجايىپ – غارايىپ دەبدەبىلىك سۆز – ئىبارىلەردىن خالىي بولۇپ، مەيلى چوڭ – مەيلى كىچىك بولسۇن ھەرقانداق ئوقۇرمەن ئوقۇسا  چۈشىنەلەيدىغان ئاممىباب تىلدا يازىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرىلىرىنىڭ خەلق ئارىسىغا كەڭ تارقىلىشى، خەلىقنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشى، ناخشا قىلىپ ئېيتىپ يۈرۈشلىرىمۇ دەل مۇشۇ سەۋەبتىندۇر.
شائىر ئانا تىلغا بولغان مۇھاببىتىنى ھەرقانداق شارائىتتا نامايەن قىلىپ تۇرغاچقا، بىرقىسىم شائىر ياكى ئەدەبىي ھەۋەسكارلارنىڭ  شېئىرىلىرىدا ئانا تىلنى چالغۇتلاشتۇرۇپ، ئەرەبچە، پارىسچە سۆزلەرنى ئىشلىتىپ شېئىرىي تىلنىڭ ساپلىقىنى بۇزۇپ شېئىر يازغانلارنى بولسا، بىر ئۆمۈر ئانا تىل ئىشقىدا كۆيۈپ پەرۋانە بولغان شائىر، تىلشۇناسلىقتا يىتىلگەن كامالىتىنى، شېئىرىيەتتىكى يىتۈك ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ. ‹‹ ‹مېنىڭ بىر‹شېئى› رىم›› دېگەن  شېئىرىدا مۇنداق مەسخىرە قىلىدۇ:

ئېتىشتىم نەچچە ئون كۈنلەپ، ئاجايىپ بىر‹‹شېئىر ›› يازدىم.
تەپەككۇر كۆلىگە شۇڭغۇپ، تېگىدىن ئۈنچە-دۇر قازدىم.

سۆزىنى تاللىدىم ھەپتە، شاكالدىن مېغىزىنى ئايرىپ،
ئۇنى مارجان كەبى تىزدىم، ئىشىپ مەناسىدىن بىر يىپ.
................................................................................
شېئىر پۈتتى، قانات پۈتتى، شۇ چاغ لاچىن ئىدىم كۆكتە،
ئىدى بارلىق جاھان مەندىن گويا ئون مىڭ مېتىر پەستە.

   شۇچاغدا شائىرنىڭ تاغىسى كىرىپ قالىدۇ، قاتتىق ھاياجانلانغان شائىر ئۆزىنى بېسىۋالالماي، ئالدىراپ-سالدىراپ يازغان شېئىرىنى تاغىسىغا ئوقۇپ بېرىدۇ. شېئىر ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن  تاغىسى شېئىرنى مۇنداق باھالايدۇ:
ياشا شائىر، بىلىپ قاپسەن يېرىم پارىسچە يىغلاشنى،
ئەرەبچە ھەجىلەپ خۇددى  گاچا  قىزدەك  دۇدۇقلاشنى.

مۇشۇ يازغان ‹‹شېئىر››ىڭدىن بىرەر مەنا چۈشەندىڭمۇ؟
تىزىلسا قۇرغا يات سۆزلەر جاراڭلىق دەپ ئىشەندىڭمۇ؟

ئاپارماقچىمىدىڭ ياكى بۇنى باغداد بازارىغا؟
ۋەيا قىلماقچىمۇ دۇرۇت چولاق جىنلار مازارىغا؟

شېئىر ئۇ خەلققە گۈلدەستە، تىلى خەلقنىڭ، كۈيى خەلقنىڭ،
ئىچىشكە چاڭقىغان چاغدا شېئىر شەربەت سۈيى خەلقنىڭ.
.................................................................
     بۇ باھا ئەمەلىيەتتە شائىرنىڭ شېئىرىي تىلنىڭ ساپلىقىنى قوغداش ھەققىدىكى قارىشى بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا يەنى 1981- يىلى يانۋاردا  بۇ نادىر شېئىر ‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› نىڭ ‹ئەدەبىيات گۈلزارى› بىتىدە ئېلان قىلىنىپ، جەمئىيەتتە قاتتىق زىلزىلە پەيدا قىلغان. ھەتتا شۇ يىللاردا بۇ شېئىر شائىر- يازغۇچىلار، ئەدەبىي ھەۋەسكارلار، جۈملىدىن ئوقۇرمەنلار ئارىسىدا ئانا تىلنىڭ، بولۇپمۇ شېئىرىي تىلنىڭ ساپلىقىنى قوغداش، شېئىرىي تىلنىڭ پاسائىتىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان بىر قېتىملىق ‹‹غەيرىي رەسمىي›› مۇنازىرە قوزغاغانلىقى ھازىرقىدەك ئىسىمدە.
شائىر شېئىرلىرى پىكرىنىڭ يېڭىلىقى ۋە ئىجادىيلىقى، ھېسسىياتنىڭ چىن ۋە قايناقلىقى، تىلىنىڭ راۋان، ئاممىباب، ئوبرازلىقلىقى، بەدىئىي تەسەۋۋۇرىنىڭ موللىقى، تۇرمۇش پۇرىقى مىللىي ئالاھىدىلىكنىڭ قويۇقلۇقى بىلەن ئاجايىپ گۈزەل، يۈكسەك سەنئەت مەنزىرىسىنى يارىتىپ، كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتىدۇ. شائىرنىڭ ‹‹ھەسەتخور›› نامىلق شېئىردا بەزى كىشىلەردىكى ئەڭ بولمىغۇر قىلىق ـ ھەسەتخورلۇق قاتتىق قامچىلىنىدۇ. بۇ شېئىر ناھايىتى قىسقا بولۇپ پەقەت ئۈچ كۇبلىتتىن تەركىپ تاپقان. ئەمما شائىر بۇ شېئىردا ئىپادىلىمەكچى بولغان ماھىيەتنى تۇتۇشقا، سۆزنى تاللاپ ئىشلىتىشكە ماھىر بولۇپ، ئوبرازلىق سۆزنى دەل جايىدا قوللىنىپ، ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەردىن ئاجايىپ ئۇستىلىق بىلەن پايدىلانغاچقا، شېئىردىكى ئىپادىلىمەكچى بولغان بىر پۈتۈن مەزمۇننى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىپادىلىگەن. مەسىلەن، شائىر شېئىرنىڭ بىرىنچى كۇبلىتىدا ھەسەتخور ئادەمنىڭ ئىچىنىڭ تارلىقىنى:
                  ئادەم كۆڭلى شۇنچە كەڭ، ئالەم،
                  شۇ كەڭلىكتە تۇرغان بىر قېيىق.
                  ھەسەتخورنىڭ كۆڭلىگە ئالەم
                  تۈگۈل ھەتتا سىغمايدۇ تېرىق.
دەپ جانلىق سۈرەتلىسە. شېئىرنىڭ ئىككىنچى كۇبلىتىدا ھەسەتخورنىڭ يىرگىنىشلىك تىپىك خارەكتىرىنى مۇنداق ئىپادىلەيدۇ:
                 ھەسەتخورنىڭ تۇرىقى مۇنايىم،
                 ئالدىڭدا ئۇ سۆزلەيدۇ كۈلۈپ.
                 بىراق، قەلبى ھەسەت دەردىدىن
                 تىرىلىدۇ كۈندە  يۈز  ئۆلۈپ.
شائىر شېئىرنىڭ ئۈچىنچى كۇبلىتىدا بولسا تېخىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ ھەسەتخورنىڭ قەبىھلىكىنى مۇنداق يۇرىتىدۇ:
                ھەسەتخورلۇق ھايات بېغىغا،
                چۈشكەن مۆلدۈر، ئۈنگەن شۇم بۇيا.
               ھەسەتخورنىڭ ئايىغى تەگكەن
               باغ، ئېتىزدا قۇرىيدۇ گىيا.
     بۇ شېئىرنى ئوقىغان ھەرقانداق ئوقۇرمەن ھەسەتخورغا ۋە ھەسەتخورلۇققا نەپرەتلەنمەي، ئۇنىڭدىن يىرگەنمەي قالمايدۇ. ئەلۋەتتە، شائىرنىڭ ھەر بىر شېئىردا مۇئەييەن خاھىش بولىدۇ. ئۇ ھەر بىر شېئىرنى مەلۇم مەقسەتتە قاراتمىلىققا ئىگە قىلىپ يازىدۇ. ھەرگىزمۇ بىر قىسىم شائىرلاردەك تۆت پەسىلگە ماسلىشىپ، زورىقىپ مەدىيە ئوقۇش ئۈچۈن يازمايدۇ. شائىرنىڭ يۇقىرىقى شېئىرنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە شۇنچىلىك تەسىر قىلىشىنىڭ تۈپ سەۋەبلىرىدىن بىرى، شائىر ئالدى بىلەن ئۆزى تېشى پال – پال، ئىچى غال - -غال ھەسەتخور كىشىلەردىن، ھەسەتخورلۇقتىن قاتتىق سەسكەنگەن. شۇڭا، ئۇ ھەسەتخور ۋە ھەسەتخورلۇقنىڭ جان تۇمۇرىنى تۇتۇپ، ئۇنىڭ ماھىيىتىنى، خەتىرىنى روشەن ئىپادىلەپ بەرگەن. شائىرنىڭ كۆپىنچە شېئىرلىرىدا ئىپادىلەنگەن غەزەب ۋە نەپرەتلىك ئىشلار ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆڭلىگىمۇ ئايان بولغاچقا، بۇ ئىككىسى تېز بىرلىشىپ، خۇددى سۇ بىلەن سۈتتەك بىر- بىرىگە سىڭىشىپ كەتكچكە، ئوقۇرمەنلەر شائىر بىلەن ئوخشاش ھېسسىياتتا بولغان. چىنلىق - سەنئەتنىڭ جېنى بولۇپ، ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ھاياتىي زېمىنىدۇر. لېكىن بۇ يەردە بىز دەۋاتقان چىنلىق تۇرمۇشنىڭ ئەينەن كۆچۈرۈلمىسى ئەمەس، تەقلىت قىلىنىشى ياكى ئۇنىڭ ئاددىي ھالدىكى بايان قىلىنىشى ئەمەس. بەلكى تۇرمۇش دېتاللىرىنى بەدىئىي دىت، بەدىئىي تەپەككۇر ئارقىلىق مەركەزلەشتۈرۈپ، ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق يارىتىلغان لىرىك ۋە ئىپىك پېرسوناژلاردا ئىپادىلەنگەن چىنلىقتۇر. يۇقىرىدىكى چىنلىقمۇ تۇرمۇش رېئاللىقىدىكى ھەسەتخورلار ۋە ھەسەتخورلۇقلاردىن مەركەزلەشكەن، شائىرنىڭ سوبيېكتىپ ھېسسىياتى بىلەن يۇغىرىلغان چىنلىقتۇر. شۇڭا ئۇ بىزنى جەلب قىلدى، قايىل قىلدى.
     تۆتىنچى. شېئىر شەكىلدىكى خىلمۇ خىللىق جەھەتتە: شائىر شېئىرىي ئىجادىيىتىدە ئىپادىلىمەكچى بولغان تېما قايسى شەكىلدە يېزىش مۇۋاپىق بولسا، شۇ شەكىلنى قوللانغان. دەسلەپتە كۆپىنچە شېئىرلىرىنى ئارۇز ۋەزىندە يازغان. بۇ ھالەت پۈتۈن شېئىرىي ئىجادىيىتىدە ئىزچىللىققا ئىگە. شائىرنىڭ 1994- يىلى يازغان مۇنۇ شېئىرنى كۆرۈپ باقايلى:
                     تەسەللى
دىلىم مۇڭلۇق، يۈرەك دەردلىك، تېنىم مەجرو بىر ھالەتتە،
تىرىكمەن ئەمما ياتتىم ئاھ، ئۆلۈك يەڭلىغ قىياپەتتە.

خۇشال ـ شاد ئوينىسا ئۆزگە بولۇپ جانان بىلەن جۇبتەن،
تاپالماي  دىلبەرى  رەنا  ئەجەب  قالدىم  مالامەتتە.

جاھان مۇدھىشلىقى مېنى تۆمۈر قەپەسكە بەنت قىلدى،
چىقالماستىن ئۇرۇپ پەريات، ھامان مەن شۇ جاھالەتتە.
....................................
‹‹ھايات قوشىقى››دىن
     دەپ يېزىش ئارقىلىق شۇ كونا جەمئىيەتتىكى تەڭسىزلىككە، چىرىكلىككە بولغان غەزەب- نەپرىتىنى ئىپادىلىگەن. كىيىنكى ۋاقىتلاردا شېئىرىي مۇھىتنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ بىرقىسىم شېئىرىلارنى بارماق ۋەزىنىنىڭ قوشاق شەكلىدە ناھايىتى كومىدىيىلىك تۈس بىلەن قىزىقارلىق قىلىپ يازغان. مەسىلەن:
                 ھەركىم قىلسا ئۆزىگە
(ھەجۋى داستان)
                  بۇرۇن، بۇرۇن، بۇرۇندا،
بىزدىن يىراق ئورۇندا.
بار ئىكەن بىر قەلەندە،
ئىسمى ئەكەن سەمەندە.
ئۆي-ماكانى يوق ئىكەن،
گاھى ئاچ، گاھى توق ئىكەن.
يوق ئىكەن قەرىندىشى،
يا مۇڭدىشى، سىردىشى.
بار ئىكەن بىر تايىقى،
يالاڭ ئىكەن ئايىغى.
ئۇ دائىم يۇرت كېزەركەن
ھەممە ئۆيگە كىرەركەن.
بەرگىنىنى ئالاركەن،
بەرمىسە جىم قالاركەن.
كۈنگە قاقلاپ باغرىنى،
سۇغا چىلاپ زاغرىنى.
ھۇزۇر قىلىپ يەيدىكەن،
ئاق ناننى ساقلايدىكەن.
....................... ‹‹ھايات قۇشىقى›› دىن
      يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەندەك، تەترىجىي ئىزدىنىش ئارقىلىق، كلاسسىك شېئىرىيىتىمىزدىكى ھەرخىل شەكىللەردە، بولۇپمۇ خەلق قوشاقلىرى شەكلىدە تولىمۇ نەپىس ۋە يارقىن يازغان. ئەمما ئىنىچكە كۆزىتىپ تەتقىق قىلىدىغان بولساق، شېئىرىي ئىجادىيىتىدە  ئاساسلىقى  يەنىلا ئارۇز ۋەزىندە كۆپ يازغان. ئوقۇرمەنلەرنى لەرزىگە سېلىپ كېلىۋاتقان‹‹100 رۇبائىي›› توپلىمىدىكى رۇبائىيلارنىڭ كۆپىنچىسى  ئارۇز ۋەزىندە يېزىلغان. مەسىلەن:

قىلمىغان بولسام كەچۈر قەدرىڭنى يۇرتۇم ئىلگىرى،
مەن ئۈچۈن گۆھەر بۈگۈن ھەتتا تېشىڭنىڭ ھەربىرى.
مەيلى شاھ، مەيلى گاداي بولسۇن، ۋەتەندىنمۇ مۇھىم
نەرسە يوق ئىنسان ئۈچۈن بىلدىم ئېنىق بارغانسېرى.

ئىناقلىق سۈيىگە پات-پات چۆمۈل ئۆزۈڭنى پاك ئەيلە،
نىزا باغرىغا دۇچ كەلسەڭ، تىلىپ قىل پارە، چاك ئەيلە.
ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن گەر تاغ يۇنۇش جېڭى زۆرۈر بولسا،
بېغىشلا ھەممە بارىڭنى، يىگىتتەك ئىشتىراك ئەيلە.
                           
      كىشىلىك ھاياتتا ئىنسان ئۈچۈن ۋەتەندىن ئۇلۇغ، ۋەتەندىن قەدىرلىك، ۋەتەندىن گۈزەل باش پانا بولمىسا كېرەك. شۇڭا ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلاش ئىنسان ئۈچۈن باش تارتىپ بولمايدىغان شەرەبلىك بۇرۇچ دەپ بىلگەن شائىر، بۇ رۇبائىيلىرىدا كىشىلىك ھايات قىممىتىنىڭ نېمىلىكىنى ئىپادىلەشتە پەقەت مۇشۇ ئالىيجاناب روھ ئالتۇن تارازا ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئوبرازلىق، تەسىرلىك ئىپادىلىگەن.
يىغىنچاقلىغاندا، شائىر شېئىرلىرىدا بەدئىي ئوبرازنى تەبىئىي مۇھىت بىلەن ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ بىرلىكىدە، مۇۋەپپىقىيەتلىك ياراتقان. شۇڭا، شېئىرلىرى چىن بولۇش، ھېسسىياتلىق بولۇش، ئوبرازچان بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.
   2011-يىل 8- ئاينىڭ 1- كۈنى ئۈرۈمچى.
    «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»ژۇرنىلىنىڭ 2012- يىللىق 2- سانىدىن ئېلىندى.  
               


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-4 10:25:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     شائىر، تىلشۇناش، لۇغەتشۇناس غەنىزات غەيۇرانى ئەپەندى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغىلا ئەمەس، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئىملا تەتقىقاتىغىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشقان. مەرھۇمنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئىملاسىنىڭ بىرلىككە كېلىشى ۋە مۇكەممەللىشىشىگە قوشقان تۆھپىسىنى ئالاھىدە قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ. ئۇ ئۇيغۇر تىلى ئىملا تەتقىقاتىدا مورفولوگىيەلىك پىرىنسىپنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، كېيىنكى ئۈچ قېتىملىق ئىملا پىرىنسىپىلىرىنىڭ تۈزۈلۈشىدە مۇھىم رول ئوينىغان. بىز بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر تىلى ئىملاسىنىڭ مۇكەممەلللىكىنىڭ مەتبۇئاتلىرىمىزدا نامايان قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمىزدە مەرھۇمنى ئەسلىمەي تۇرالمايمىز. مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش