كۆرۈش: 270|ئىنكاس: 1

پولات غەنىزات غەيۇرانى:«ئايدا بىر قېتىم» نىڭ سىھرىي كۈچى نەدە؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

«ئايدا بىر قېتىم» نىڭ سىھرىي كۈچى نەدە؟


پولات غەنىزات غەيۇرانى
(يازغۇچى ئەسقەر داۋۇتنىڭ «سەھنە ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نى كۆرگەندىن كېيىن)


    خەلقىمىزدە ئەزەلدىن ئۇدۇم بولۇپ كېلىۋاتقان مۇنداق بىر خۈملە تەۋەرۈك سۆز بار. ئۇ بولسىمۇ «ئەخلاق ئادەم زىننىتى» دەيدىغان. «ئايدا بىر قېتىم » ئىتوتىنىڭ سىھىي كۈچى دەل مۇشۇ ئادەم  زىننىتى بولغان ئەخلاقتا.
     ئىتوتنىڭ تېمىسى ناھايىتى ئاددىي قويۇلغان بولۇپ، ئەمما ناھايىتى ئوبرازلىق قويۇلغان. ئىكراندا ياكى سەھنىدە «ئايدا بىر قېتىم» ئېتوت دەپ ئېلان قىلىغاندا بولسۇن ياكى ئىكراندا كۆرۈنگەندە بولسۇن، بۇ قانداق «ئىتوتتۇ» دەپ كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ: ئىتوتتىكى ۋەقە ناھايىتى ئىخچام تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، بىر جۇپ ياشنىڭ توي قىلىپ ناھايىتى بەختلىك ياشاۋاتقانلىقى، ئەمما يوقۇلاڭ ئىشلار تۈپەيلىدىن بىر-بىرسىگە قېيداپ ئىككى بالىنى يىتىم قىلىپ ئاجرىشىپ كەتكەنلىكى، ئامما بۇ بىرجۈپ ياش ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن بالىلىرىنىڭ مىھرىدىن كېچەلمەي، ئائىلىسىدىن كېچەلمەي، تولىمۇ ئازابلانغانلىقىنى، بويتاقچىلىقنىڭ نەقەدەر جاپالىق ئىش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، بالىلىرىغا كۆيۈنىۈشنى باھانە قىلىپ بىر-بىرسىگە سەزدۈرمەي ياردەم قىلىپ، تۇنجى مۇھەببەتنىڭ كۈچ قۇدرىتىنىڭ نەقەدەر يۈكسەكلىكىنى، ئەمما ئۇنىڭ قەدرىگە يەتمەي نابۇت قىلغىلى تاس قالغانلىقىنى، پەقەت بۇ ئايرىلىش بىر جۈپ ئەر-ئايال بىلەنلا تۈگۈمەستىن، ئانىسىنىڭ سۈتى بۇرنىدىن تېمىپ تۇرىدىغان سەبىي بالىلارغىمۇ بىر ئۆمۈر روھىي ئازاب ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، دەرھال يېنىشىۋالىدۇ. ئەقىللىق بالىلار بۇنىڭدىن ئالەمچە خۇشال بولۇپ، ئەمدى بىزنى ھېچكىم «ئايدا بىر قېتىم» دېيەلمەيدىغان بولدى دەپ خوشاللىقتىن ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالىدۇ. بۇ بىر رېئاللىق. 2000- يىلىدىن كېيىن بولۇپمۇ، شەھەردە، يەنە كېلىپ زىيالىيلار ئائىلىلىرىدە تورنىڭ ھەممە ئائىلىلەرگە ئومۇملىشىشى بىزنىڭ ئىلىم-پەن تەرەققىياتىمىزنى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدىكى يوشۇرۇن بىر قىسىم سەلبىي نەرسىلەر بىرقىسىم ياشلىرىمىزنى ئەخلاقىي جەھەتتىن خۇنۇكلىشىپ، ناچار يوللارغا مېڭىپ قالىدىغان ئەھۋاللارغىمۇ سەۋەب بولدى. بولۇپمۇ 1980- يىللاردىن كېيىن توي  قىلغان ئەر-ئايالار تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىككى ، ياكى بىر پەرزەنتلىك بولۇپ كەلدى. بۇ بالىلارنى ئاتا.ئانىسى خۇددى قوينى بوداپ باققاندەك بېقىپ قاتارغا قوشتى، بۇنىڭ بىلەن بىرتۈركۈم ئاقنانچى بالىلار  يىتىشىپ چىقىپ، ھەر قانداق ئىشتا ئاتا-ئانىسىغا تايىنىۋېلىپ، جاپا تارتىشنى خالىمىدى. ھەتتا ئوبدان خىزمەتلەرنىمۇ تىرىشىپ ئىشلىمەي، ئاتا-ئانىسىنىڭ تېپىپ بەرگىنىنى يەپ كۈن كۆچۈرىدىغانلارمۇ بار بولدى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى بۇنداقلارنى ئىش ئورنىدىن شاللاپ، جەمئىيەتنىڭ داشقىلىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. (خالاس) كۆپىنچە ئائىلىدىكى ئاتا-ئانىلار ئايلىق مائاشقا تايىنىپ ئۆزلىرى سېرىقتال  كۈن ئۆتكۈزسىمۇ بالىلىرىدىن چوڭ ئۈمىد كۈپ، بالىلىرىنى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتتى، بۇ بالىلارمۇ ئاساسەن ئاتا-ئانىسىنىڭ ئارزۇلىرىنى ئاقلاپ ياخشى ئوقۇپ ئوبدان يەرلەردە ئىشلەپ جەمئىيەتكە تىگىشلىك تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتىدۇ، بۇ دەر ھەقەقەت. بۇ ياشلار ئۆزىنى جىزمەتكە، ئۆگىنىشكە ئاتىۋەتكەچكە جەمئىيەتنى، كىشىلىك تۇرمۇشنى تازا چۈشەنمىگەچكە، تۇرمۇشلۇق بولغاندىن كېيىن، ئائىلىدىكى، جەمئىيەتتىكى، ئىدارىدىكى بىر قىسىم ئىشلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلالماي ئاچچىقىنى ئۆيىدىكى ئايالىدىن، ياكى ئايالى ئېرىدىن چىقىرىدىن ئەھۋاللارمۇ بىر قىسىم ئائىلىلەردە كۆرۈلۈپ، تاينى يوق ئىشلار تۈپەيلىدىن ئەر-ئايال قىيدىشىپ قالىدىغان، قاتتىقراق بولغاندا ئۇرۇشۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ، يوقىلاڭ ئىشلارغا ئاجرىشىپ كېتىپ بالىلارنىڭ بەختىگە ئولتۇرۇپ قويىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلدى. بۇ دەل «ئايدا بىر قېتم» ناملىق ئىتوتتا تەسۋىرلەنگەندەك، ئاشۇ ئاجراشقان بىرقىسىم ئەر-ئاياللارنى بۇ ئەرزىمەس ئاجرىشىش ئۇلارنى بىر ئۆمۈرلۈك داغدا قويدى.
    خەلقىمىز ئەزەلدىن ئائىلە تەربىيەسىگە، بولۇپمۇ بالا تەربىيەسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىپ كەلگەن مىللەت بولۇپ، كۆپىنچە ھاللاردا ئائىلە تەبىيەسىنىڭ توغرا ياكى خاتا بولۇشى  ئۆز ئائىلىسىنىڭ روناق تېپىشى ياكى تاپالماسلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ. شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، بىر ئائىلىنىڭ ئەزاسى، شۇ ئائىلىنىڭ قائىدە-يۇسۇن ئەخلاق مىزانى ئىچىدە تىرىكچىلىك قىلىدۇ. بۇ بەلكىم خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق تارىخىي مەدەنىيەت تەرەققىياتى جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن ئەنئەنىۋى ئائىلە ئۆرپە-ئادەت مەدەنىيەت  تەربىيەسى بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا چوڭلاردىن قالغان بىزدە مۇنداق بىر ئادەت بار: بىر ئائىلىدە بويىغا يەتكەن قىز ياكى ئۆلىگىدەك ئوغلى چوڭ  بولسا ئالدى بىلەن قىز ئالماقچى بولغان ئائىلىنىڭ تىگى-تەكتىنى سۈرۈشتۈرىدىغان، ئۇلار ئوغۇل تەرەپ كۈتكەندەك ياخشى كىشىلەر بولسا،  ئاندىن ھازىرقىدەك ھەشەمەتلىك قىلماي ئاددىي-ساددا، نەغمە-ناۋاسى بىلەن توي ئۆتكۈزۈپ كەلگەن.
قىسقىسى، ئائىلە ئەزالىرىغا ئەخلاقىي تەربىيە ئېلىپ بېرىش بولۇپمۇ بالىلارغا تەربىيە بېرىش تولىمۇ زۆرۈر بولۇپ، بالىلارنىڭ چوڭ بولغاندا ياراملىق، ياكى يارامسىز بولۇشى ئاساسەن ئاتا-ئانىغا باغلىق. ھازىرقى دەۋردە چوقۇم بالىلارغا ئاتا-ئانا ھەرقانداق ئىشتا ئۆزى ئۈلگە بولۇشى كېرك. خەلقىمىزنىڭ ئائىلە كۆز قارىشىدا مۇنداق بىرتۇراقلىق ئىبارىلەر بار:« ئاتىنىڭ ئىزى بالىغا قالىدۇ. ئەر كىشى قىلسا خوتۇنىغا قىلىدۇ. خوتۇن كىشى قىلسا بالىلىرىغا قىلىدۇ». بۇ تۇراقلىق ئىبارىلەردىن شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلىمىزكى، ئىلگىرى ياشىغان ئەجدادلىرىمىزمۇ  شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ بالىلىرىنى يىتىم قىلىپ قويۇپ كېيىن قاتتىق پۇشايمان قىلغاچقا، مۇشۇ تۇراقلىق سۆز بىرىكمىلىرىنى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇپ، كېيىنكىلەرنىڭ ئىبرەت ئېلىپ بالىلارنى يىتىم قىلماي ئوبدان تەربىيەلەشكە نەسىھەت قىلغان  ئەخلاق دۇردانىلىرىدۇر.
      « ئايدا بىر قېتىم » ئىتوتىدىكىدەك ۋەقەلەر جەمئىيىتىمىزدە خېلىلې ئېغىر، بۇنى بىز كەلتۈرۈپ چىقارغان، بىز بالىلىرىمىزنى بەك ئەكىلىتىۋەتمەي بىرنى چوقۇم بىر دەپ تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بىرىپ، ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان چاي ئويناشلىرىمىزنى، ئىككى كۈندە بىر قېتىم 100 كويدىن چىقىرىپ ھاراق ئىچىشلىرىمىزنى ئازايتىپ، شۇ 100 كويغا بالىلىرىمىزنى كىتابخانىلارغا ئاپېرىپ بىلم ئېلىشنىڭ يوللىرىنى ئۆگىتىپ قويساق، نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى. بىر مىسال: مەن تونۇيادىغا بىر جۈپ ئەر-ئايال بولىدىغان، ئۇلارنىڭ ئىككى بالىسى بولۇپ، چۇڭى قىز، كىچىكى ئوغۇل ئىدى. قىزىنى پۇرسەت بولسىلا ھەرتەرەپتىن ماختاپ ئاخىزىغا سېرىق سۇ يىغىلىپ كېتەتتى، قىزى بۇلتۇر توي قىلغان بولۇپ، ئازىراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، قىز ئۆيىدە چاي قايناتماقچى بولۇپ تۇرسا ئىرى ئىشتىن كەلگەن، بۇنىڭ بىلەن ئايالى بازارغا چىقىپ تاماق يەيلى دەپ تۇرىۋالغان، يىگىت ياتار قوساققا چاي ئىچەيلى چاي قاينات دەپ بۇيرىغان، قىز چەينەككە ئوتنى يېقىپ قويۇپ تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرغان، يىگىت بولسا ئىدارىسىدا تۈگىتىپ بولالمىغان ئىشىنىڭ داۋامىنى قىلىۋېتەي دەپ كوپپىيۇتېردا خەت ئۇرۇش بىلەن بولۇپ كەتكەن. چەينەك قايناپ سۈيى تېشىپ كىتىپ، ئۇتى ئوچۈپ ،ئۆي گاز بىلەن تولغان. ئىرى كارىدورغا چىقىپ تاماكا چېكەي دەپ تۇرسا گازنىڭ پۇرۇقىنى ھېس قىلىپ، دەرھال دېرىزىلەرنى ئېچىۋەتكەن، ئايالى بولسا يۈگۈرۈپ چىقىپ چەينەكنى ئالىمەن دەپ بەك قىزىق بولغاچقا چىڭ تۇتالماي يەرگە تاشلىۋەتكەن، بۇنىڭ بىلەن پۇتىغا قايناقسۇ تۆكۈلۈپ كېتىپ كۆيۈپ قالغان. بۇنى ئۇققان قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى خىجىل بولماي، چاينى ئىرىڭ قايناتقان بولسا، بۇ ئىش بولمايتتى دېگەن، بۇنى ئاڭلاپ يىگىتنىڭ ئاتا-ئانىسى ئاچچىقىنى ئىچىگە يۈتۈپ، ئوغلىغا ئايال كىشى چوقۇم ئۆيدە تاماق ئىتىشى، ئۆي سۈپۈرۈشى،  كىر-قات، چىنا-قاچىلارنى يۇيىشى، مېھمانلارنى كۈتۈشى، يوتقان –كۆرپىلەرنى قارارىدا ئاپتاپقا سېلىشى كېرەك، بۇنى بىلمىگەن ئايال كىشى ھېسابلانمايدۇ دەپ ئوغلىنى  ئايالىغا مۇشۇ شەرتلەرنى قويۇشقا ئۈنىدگەن، ئامما ئايالى قەتتئىي ئۇنىماي تۇرىۋالغان، ھەتتا ئاجرىشىپ كەتمەكچى بولغان، ئەمما ئايالى ئېغىر بوي بولغاچقا، ئوغۇل تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسى قاتتىق ئادىمىيلىك بىلەن ئۇ كىلىننى ئاستا-ئاستا ئوي ئىشلىرىغا كۆندۈرگەن. ئايال قۇدا تەرەپمۇ كېيىن ئۆزىنىڭ قىزىنى ياخشى تەربىيەلىمىگەنلىكىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئەكەك قۇدىسىدىن ئەپۇ سورىغان، مانا تۇرمۇش دېگەن مۇشىنچىلىكلا نەرسە،  بىزدە سەۋرى قىلساڭ سەۋرىدىن ھەسەل يەيسەن دېگەن گەپ بىكار ئېيتىلمىغان. ئەر قۇدا تەرەپ ئېغىر-بېسىقلىق قىلمىغان بولسا تۇغۇلمىغان بوۋاق يىتىپ بولۇپ قالار مىدى، ھازىر بۇ بىر جۈپ ئائىلە ناھايىتى ئىناق ئۆتۈۋاتىدۇ.
دېمەك، «ئايدا بىر قېتم» ئىتوتىدىكى ۋەقەلىك مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ يۇغۇرۇلمىسى بولۇپ، يازغۇچىنىڭ ھازىرقى تۇرمۇش دىتاللىرىنى تاللاشتا  ياشلىرىمىز قانداق ئىتوتلارنى ياخشى كۆرىدۇ، ياشلارنى ئىتوتتىن ئىبارەت بۇ ئەدەبىي ژانىر بىلەن قانداق تەربىيەلەيمىز دېگەن مەسىلىدە خېلى باش قاتتۇرغان.
ئىتوتتا يۇرۇتۇپ بىرىلگەن تۈپ ئىدىيە ھازىرقى ياشلار- ئۆسمۈرلەرنى ئەدەب-ئەخلاقلىق، خەلقنى، ۋەتەننى قىزغىن  سۆيىدىغان، ئىلىم- ھۈنەر ئۈگەنمىسە  جەمئىيەت تەرىپىدىن شاللىنىپ كېتىپ ئەڭ تۆۋەن قاتلامغا چۈشۈپ  قېلىپ جېنىنى باقالماي، ئەخلەت ئادەملەرگە ئايلىنىپ قېلىشتىن قاتتىق ساقلىنىشنى، چوڭلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، كىچىكلەرنى ئىززەتلەيدىغان، باشقىلارغا ياردەم بىرىشنى خوشاللىق دەپ بىلىدىغان ئادىمىي خىسلەتنى يىتىلدۈرۈپ، خەلق ئۈچۈن ياراملىق ئىز باسارلارنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بىرىپ ھەرقانداق ئىشتا ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۈلگە بولۇشىنى تەۋسىيە قىلغان.  
      ئەجدادلىرىمىزدىن بىزگە قالغان مۇنداق بىر ھەقەقەت بار. ‹‹ئەخلاق ئىنسان زىننىتى، ئىللەت تۈزەلمىسە مىللەت تۈزەلمەس›› دەيدىغان. خەلقىمىز ئەزەلدىن ئائىلە تەربىيىسىگە، بولۇپمۇ بالا تەربىيىسىگە ئالاھىدە ئىتىبار بىرىپ كەلگەن مىللەت.
يازغۇچى ئەسقەر داۋۇتنىڭ ئىتوتىدىكى بەدىئىي ماھارىتى ئۈستىدە گەپ ئاچقاندا، ئۇنىڭ ئىتوتلىرىنىڭ دېتال تەسۋىرىنىڭ نەپىسلىكى، ئىنىچكىلىكى ئۈستىدە توختالماي ئۆتۈپ كېتىشكە بولماس. چۈنكى ئۇنىڭ ئىتوتىدىكى بۇخىل ئالاھىدىلىك پېرسوناژلىرىنىڭ خاراكتىرى ،مۇھىت، ماكان، زامان جەھەتلەردە بولسۇن، بەدىئىيلىك جەھەتتە بولسۇن تولۇق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرشكەن بولۇپ، تۇرمۇشنى توغرا كۆزىتىش، ئۇلارنى راۋان ئىپادىلەشتە ئۆزىگە خاس يول تۇتۇپ ئۇتۇق قازانغان يازغۇچى. مەسىلەن: «ئايدا بىر قېتىم» ئىتوتىدا تەسۋىرلەنگەن تۆت پېرسوناژ ئوزىگە خاس خاراكتىردە تولىمۇ تەبىئىي يارىتىلغان بولۇپ، بالا پېرسوناژلار بالىلىق مىھرى بىلەن ئاتا-ئاناغا تەشنالىقىنى ئىپادىلىسە، ئاتا-ئانا پېرسوناژلار ھازىرقى زامان يېڭىدىن ئاتا-ئانا بولغۇچىلارنىڭ بالىغا، ئائىلىگە، خىزمەتكە، جەمئىيەتكە مەسئۇل بولمايدىكەن، ھاياتىنىڭ تولىمۇ مەنىسىز ئۆتىدىغانلىقىنى سەلبىي ھەم ئىجابىيلىقتا ناھايىتى يارقىن ئىپادىلىگەن. بۇنداق تەسۋىرلەش يازغۇچىنىڭ تۇرمۇشتىن ئالغان بىۋاسىتە تەسىراتى بولۇپ، يازغۇچىنىڭ تەسەۋۇرىدىكى ئالايىدە تەپەككۇرىدىن تۇغۇلغان مەلۇم بىر ھادىسە ياكى نەرسىنىڭ  ئوبرازلىنىشىدۇر.
شۇنىسى ئېنىقكى، ھەرقانداق بىر يازغۇچى ئىجادىيەتتە باي تەسەۋۇرغا ئىگە بولىدۇ. تەسەۋۇرسىز ئەدەبىي ئىجادىيەتمۇ بولمايدۇ. شۇڭا تەسەۋۇردىن ئىبارەت مۇنداق پىسخىك ئىقتىدار يازغۇچىنىڭ بارلىق ئىجادىيىتىنىڭ ئاسالىق شەرتىدۇر. گۈزەللىكتىن زوقلىنىش جەريانىدا تەسەۋۋۇرنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم. ئۇ گۈزەللىكنى ئىنكاس قىلىشنىڭ تۈگىنى بولۇپ، زوقلىنىشتىكى تەسىرات، لەززەتلىنىش باسقۇچلىرىدا ئىجادىيلىققا ئىگە تەسەۋۋۇر مۇھىم رول ئوينايدۇ. يازغۇچى ئۆزى تەسۋىرلىگەن ھەممە نەرسىنى، مەنزىرە، پېرسوناژنىڭ تەقى-تۇرقى، چىرايى، خاراكتېرى قاتارلىقلارنى كۆرۈرمەنلەرگە ئەينەن گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ. «ئايدا بىر قۋېتىم» ئىتوتىدا يازغۇچى بۇ مەقسەتكە تولۇق يەتكەن. تۇرمۇشتا بولغان ئىشتەك يارىتىلغان بالا پېرسوناژلاردا ئاتا-ئانىسى ياراشقاندىن كېيىنكى خۇشاللىقى كۆرۈرمەنلەرنىڭ كۆزلىرىدىن بۇلدۇقلاپ ياش ئاقتۇرىۋېتىدۇ. مانا بۇ بىر ئەسەرلنىڭ ئەڭ ئۇتۇقلۇق ئىجاد قىلىنىشى.
«ئايدا بىر قېتىم» ئىتوتىنىڭ كۆرۈرمەنلەرگە بەرگەن چوڭقۇر تەربىيەۋى ئەھمىيىتى شۇكى، كۆرۈرمەنلەرنىڭ روھى-ھالىتى، ئەخلاقى، ئېستېتىك قىزىقىشى قاتارلىقلارغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھەم كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئالىيجاناب ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنىڭ يىتىلىشىدە، ئىلغار كىشىلىك قارىشىنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە.
يىغىنچاقلىغاندا، يازغۇچى ئەسقەر داۋۇتنىڭ سەھنە ئەسەرلىرىدىن تاللانغان  «ئايدا بىر قېتىم » ناملىق ئىككى قىسىملىق ئىتوت پىلاستىنكىسى تولىمۇ ئوبدان لايىھىلەنگەن بولۇپ، قىستۇرما قىلىپ ئېيتىلغان ناخشىلارمۇ داڭلىق ناخشىچىلارنىڭ ئاتا-ئانىنى ئۇلۇغلايدىغان، ياخشىلىقنى مەدىلەيدىغان، ناچار قىلىقنى تەنقىدلەيدىغان ناخشىلار بولۇپ، ئىتوتلارنىڭ تەربىيەۋى رولىنى تېخىمى يارقىن يارىتىشقا سۇ بىلەن سۈتتەك سىڭىشىپ كەتكەن. يازغۇچى ئۆزى دىكلاماتسىيە قىلىپ كىرگۈزۈلگەن شېئىرلار بولسا ناھايىتى ياخشى دىكلىماتسيە قىلىنىپلا قالماي، مەزمۇن جەھەتتىمۇ ئاتا-ئانىلغارنى ئۇلغلاش، ھايات چېغىدا قەدرىنى قىلىش، چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش، كىشىلەرنىڭ رىزقىغا قارا سانىماسلىق، ھالال ياشاش تەغىپ قىلىنغان ياخشى شېئىرلار بولۇپ، كۆرۈرمەنلەرنى قاتتىق تەسىرلەندۈرىدۇ. ئەڭ ياخشىسى بۇ پىلاستىنكىنى ئۆيىڭىزدىكىلەر بىلەن بىر كۆرۈشكە ئالدىراڭ.  
2013-يىلى 9- ئاينىڭ 5- كۈنى يېزىلدى، 6- كۈنى قىسقارتىلىپ تەھرىرلەندى.
پولدت غەنىزات غەۇرانى ئادرېسىم : شىنجاڭ گېزىتى ئۇيغۇر تەھىر بۆلۈم


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-4 09:58:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      بۇ ماقالە ئوبزورچىلىقنىڭ ئالاھىدىلىكىگە تامامەن ئۇيغۇن يېزىلىپتۇ. مەسىلەن،  ماقالىدە «ئايدا بىر قېتىم»  ناملىق ئېتوتنىڭ بەدىئىي قىممىتى خېلىلا چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، ئۇنىڭ تەربىيەۋى رولى يېتەرلىك كۆرسىتىپ بېرىلىپتۇ. ئاپتورنىڭ ئىزدىنىشى ۋە ئىجادىيىتىنىڭ يەنىمۇ يۈكسىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش