دېھقانلار
ئازادجان ئىبراھىم
قورۇقماستىن مۇشەققەتتىن مىھنەتتىن،
خالىي بولۇپ مەغرۇرلۇقتىن مىننەتتىن،
بەخىرلىنىپ ئۆزى قىلغان خىزمەتتىن،
ئەمگەك قىلىپ ئۆتىدىكەن دېھقانلار.
زىرائەتتىن ياخشى ھۇسۇل ئالغاندا،
كېلىشتۈرۈپ ئايۋان ساراي سالغاندا،
ھال ئەھۋالى ياخشىلىنىپ قالغاندا،
خوشال بولۇپ كېتىدىكەن دېھقانلار.
يولدىن ئېزىپ ئۆزىگە ئىش تاپماستىن،
نامىراتلىق پاتقىقىغا پاتماستىن،
كىم بىرەردەپ كۆككە قاراپ ياتماستىن،
قانتەرىنى تۆكىدىكەن دېھقانلار.
قىلىپ تېخى يازدا قىشنىڭ غېمىنى ،
ئەمگەك قىلىپ چىڭداپ يەنە يېنىنى،
مىھمان كەلسە سويۇپ سېمىز مېلىنى،
ئىخلاس قىلىپ كۈتىدىكەن دېھقانلار.
2016-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۈرۈمچى