يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 246|ئىنكاس: 2

بەگيار(ت): ئوخشىتىش-مارك تۋىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئوخشىتىش

(ھېكايە)

مارك تۋېن(ئامېرىكا)


     بىر نەچچە يىللار ئىلگىرى نيۇ-يوركتىكى سالامانكا شەھەرچىسىگە كەلدىم. بۇ يەردە مەن پويېز ئالمىشىپ كارۋاتلىق ۋاگۇنغا چىقىشىم كېرەك ئىدى. ۋوگزال ئادەملەر بىلەن لىق تولغان، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللىقاچان لىق تولۇپ بولغان ئۇزۇن ۋاگۇنغا چىقىۋېلىشقا تىرىشاتتى. مەن بىلەت سېتىش كۆزنىكىدە ئولتۇرغان كىشىدىن:«كارۋاتلىق ۋاگۇننىڭ بېلىتى بارمۇ؟»دەپ سورىغانىدىم،ئۇنىڭدىن قەتئىي«يوق!»دېگەن جاۋاپنى ئالدىم. نېرىراق بېرىپ باشقا بىر پويىز خادىمدىن ۋاگۇندىن ھېچ بولمىغاندا ئولتۇرۇپ ئەتكۈدەك كىچىككىنە بىر جاي تېپىپ بېرىشىنى سورىدىم. ئۇ غەزەپ بىلەن گېپىمنى بۆلدى:
    -ئامال يوق! ھەممە يەر توشۇپ كەتتى! ئەمدى مېنى ئارتۇق ئاۋارە قىلماڭ،-ئۇ ئارقىسىغا قاراپمۇ قويماي كېتىپ قالدى. كۆڭلۈم شۇنداق ئاغرىدى. ھەمراھىمغا:
    - ئەگەر بۇ ئادەملەر مېنىڭ كىملىكىمنى بىلسە ئىدى...-دېدىم.
بەختكە قارشى ھەمراھىممۇ مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاشنى خالىمىدى.
    -تايىنى يوق گەپلەرنى قوي. بۇنىڭغا كۆنىشىمىز كېرەك،-دېدى ئۇ. -نېمە، ئۇلار سېنىڭ كىملىكىڭنى بىلىسە، ھېچ قانداق بوش ئورۇن بولمىغان ۋاگۇندىن بىرەر بوش ئورۇن تېپىپ بېرىدۇ، دەپ ئويلايلامسەن؟
بىراق ئۇنىڭ سۆزلىرى ئەھۋالىمنى ئازراقمۇ ياخشىلىيالمىدى، لېكىن دەل شۇ چاغدا ۋاگۇن كۈزەتكۈچىسىنىڭ ماڭا قاراپ تۇرغانلىقىنى سېزىپ قالدىم. بىردىن ئۇنىڭ چىرايىدىكى ئىپادە ئۆزگەردى.ئۇ يېنىدىكى خىزمەتدىشىغا مېنى كۆرسىتىپ نېمىلەرنىدۇر دەپ شىۋىرلىدى. سەزدىمكى، ئۇلار مېنىڭ گېپىمنى قىلىشماقتا ئىدى. كېيىن كۈزەتكۈچى چىرايى ئاپتاپتەك ئېچىلغان ھالدا بىز تەرەپكە كەلدى.
     -بىرەر ئىشىڭىز بارمۇ،ئەپەندى؟-دېدى ئۇ ئىللىقلىق بىلەن.- بوش ئورۇن كېرەكمۇ؟
    - ھە،-دېدىم مەن،-تېپىپ بېرەلسىڭىز تولىمۇ مەمنۇن بولغان بولاتتىم. باشقا ھېچ نەرسە كېرەك ئەمەس.
    - بىزدە ئائىلىگە مولجاللانغان ئارىم خانا قالدى،خالاس. ئۇنىڭدا ئىككى كىشىلىك ئورۇن ھەمدە بىر جۈپ يۇمشاق ئورۇندۇق بار. مانا پۈتۈن خانا سىزنىڭ ئىختىيارىڭىزدا، ئەپەندى. تام، بۇياققا قارىۋەت، ماۋۇ چامادانلارنى ۋاگۇنغا ئېلىپ چىق.
   بىز ۋوگزال سۇپىسىنى بويلاپ خوشال كەيپىياتتا يۈرۈپ كەتتۇق. مەن ھەمراھىمغا بىر نېمە دېمەكچى بولدۇم، لېكىن بۇ نىيىتىمدىن ياندىم. ۋاگۇن كۈزەتكۈچىسى خانىدا بىزگە قۇلايلىقلارنى يارىتىپ بەردى، ئاندىن خوشامەت تەبەسسۇمى بىلەن دېدى:
    - باشقا بىرەر نېمە كېرەكمۇ ئەپەندى، نېمە دېسىڭىز شۇنى بىجا كەلتۈرىمىز.
    -ئىسسىق سۇ ئەكىلىپ بېرەلەرسىزمۇ؟-سورىدىم مەن.
    - ئەلۋەتتە. مانا ھازىر ئېلىپ كېلىمەن.
    - ياخشى،كارۋات ئۈستىدىكى چىراق بەك ئىگىزدە ئىكەن. باشقا بىر شوخراق يانىدىغان چىراق تېپىپ، بېشىمغا يېقىنراق قىلىپ ئورنىتىپ بەرسىڭىز... قۇلايراق ئوقۇشۇم ئۈچۈن...
    - ئەلۋەتتە،جاناب. سىز دېگەندەك چىراق ياندىكى خانىغا ئور نىتىلىۋاتقان. مەن ھازىر ئۇنى ئېلىپ كېلىپ، مۇشۇ يەرگە ئورنىتىپ بېرىمەن، ئۇ كېچىچە يېنىغلىق تۇرىدۇ. يەنە خالىغان نەرسىڭىزنى سورىسىڭىز بولىدۇ.پۈتۈن يول بويى نېمە لازىم بولسا، تارتىنماي دەۋېرىڭ ئەپەندى.
    كېيىن ئۇ چىقىپ كەتتى. مەن ھەمراھىمغا قاراپ كۈلۈپ قويدۇم:
    -خوش،ئەمدى نېمە دەيسەن؟ كۆردۈڭمۇ، ئۇلار مېنىڭ مارك تۋېن ئىكەنلىكىمنى بىلگەچكە مۇئامىلىسىنى ئۆزگەرتتى.
ھەمراھىم جىم ئىدى.
    -ساڭا شۇنداق خىزمەت كۆرسىتىلىشىنى خالىمامتىڭ؟ يەنە تېخى بىلەتنىڭ نەرقى ئورۇندۇقلۇق ۋاگۇننىڭكى بىلەن ئوخشاش تۇرسا،- قوشۇپ قويدۇم مەن.
    شۇ چاغدا ئىشىكتە كۈزەتكۈچىنىڭ كۈلۈپ تۇرغان چىرايى كۆرۈندى:
    - ئەپەندى، مەن سىزنى بىر كۆرۈپلا تونىغانىدىم.
    -شۇنداقمۇ،ئوغلۇم؟ خوش،مەن كىم ئىكەنمەن؟-سورىدىم ئۇنىڭغا خېلى جىق چاي پۇلى بېرىۋېتىپ.
   -جاناب ماكلېللان-نيۇ-يورك شەھەر باشلىقى!-دېدى ئۇ.

    ئۆزبېكچە «جاھان ئەدەبىياتى»ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 9-سانىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى.


باھا سۆز

ئەكەنلىكىمنى... ئىكەنلىكىمنى...  ۋاقتى: 2016-3-3 01:56 AM
ئويلايلامسەن-ئويلىيالامسەن، ئارىم-ئايرىم، جاناپ-جاناب،ئەكەنلىكىمنى...  ۋاقتى: 2016-3-3 01:55 AM
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش