كۆرۈش: 184|ئىنكاس: 11

داڭگال: ئوچۇق دەرىس

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                                            
                                                                    ئوچۇق دەرىس

                                                                      (فىلياتۇن)

                                                                   خىلىل ھېبىبۇللا

   





  
-ئوھھوووو! بالىلار بۈگۈن جۇغراپىيە دەرىسىدىن ئوچۇق دەرس ئاڭلايدىكەن-دىدى بىرەيلەن يۈگۈرگۈرگىنچە سىنىپقا كىرىپ.
-راسما؟!
-ئۇنداق ئەمەستۇ!
-ئالدىنئالا «تەييارلىق قىلىپ قويۇڭلار» دەپ ئۇقتۇرۇش قىلمايلا ئۇنداق قىلماس.
-«شامال» تۇيۇقسىز كەلگەن ئوخشايدۇ.
  ھەممەيلەن ئوپۇر-توپۇر  بولۇشۇپ كەتتۇق.ئوقۇتقۇچىلار ئىشخانىسىدىن چىققان يول سىنىپ دەرىزىسىنىڭ ئۇدۇلىدا بولغاچقا كېلىۋاتقانلار ئېنىق كۆرىنەتتى.
-قاراڭلار،ئاۋۇ سىمىز ئادەم مۇئارىپ ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلىمىش.-دىدى بىرەيلەن ئەڭ ئالدىدا گىنراللاردەك قولىنى كەينىگە قېلىپ يوغان-يوغان قەدەم تاشلاپ كېلىۋاتقان پىۋا قورساق ،دۇۋاينا يۈز كىشىگە ئىشارە قىلىپ.
-شۇ،شۇ بۇرۇن ئۇ باشلانغۇچنىڭ مۇدىرى ئىكەندۇق.يىقىندا ئەمىلى بالداق-بالداق ئۆسۈپ كىتىپتۇ.
-قايسىسى؟ھە كۆردۈم،قورسۇقى نىمدا چىرايلىق گۇلىبۇسقىلا ئوخشايدىكەن،ھې.ھې،ھې...
-ھەي،قالايمىقان چالۋاقىماڭلار!
-ئىشتىنىنى كىندىكىگىچە باغلىۋالغىنىغا قاراپ "بىزنىڭ كەنىتنىڭ سىكىرتارى بۇ يەردۇ نىمىش قىلدىغاندۇ" دىسەمچۇ!
-ۋاھ،ۋاھ،ۋاھ! ئاۋۇسى ھەجەپ زىراپىدەكلا ئىگىز ئوقۇتقۇچىكىنا!
-يان تەرەپتىكىسى-ھە،ئۇنۇڭدىكى بۇرۇت  لىيۇنسىيۇدىمۇ يوق-جۇمۇ!
-كەينىدىكى ئاۋۇ خانىم - ئايال ئۇقۇتقۇچى پەقەتلا كۆرۈپ باقمىغىنىكەنغۇ!
-بۈدۈر چاچ،زىلۋا،ئالامەت تىتىك كۆرۈنىدۇ،شەھەرلىككىلا ئوخشايدۇكەن.
-ۋاي پۇتىدىكى ئاۋۇ ئىتالىيەنىڭ خەرىتىسىدەك بىر غېرىچ پاشنىسى بار ئايىغىچۇ!
-بولدى،بولدى بالىلار ئۇلار كېلىپ قالدى ئاستا ئورنىمىزغا بىرىۋالىلى.
   سىنىپ ئىچى تىمتاسلىققا چۆمدى.جۇغراپىيە ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ ھەمراھلىقىدا كىرگەنلەرمۇ سىنىپنىڭ ئۇ يەر بۇ يەرلىرىگە يارىشىقىدا جايلاشتى.ھېلىقى سىمىز «قۇماندان»مۇ تەلىيىمگە دەل مىنىڭ يىنىمغىلا چۆكتى.
-ئۆزەڭلارنى ئەركىن تۇتۇڭلار كۆپچۈلۈك! ھازىر دەرىسىمىزنى باشلايمىز.دەرىس باشلاشتىن ئاۋال سىلەردىن ئۆتكەنكى سائەتلىك دەرىسلەر ئۈستىدە بىر نەچچە سۇئال سورايمەن.
پاكار،شاپ بۇرۇت ،خەرىتە كۆرسەتكۈچ تايىقىنى يەرگە تىرىۋالسا «مودۇڭ»غىلا ئوخشايدىغان ،ساۋاقداشلار ئارىدا دايىم پاراڭلىرى« تىللاردا داستان »بولۇپ تۇرىدىغان بۇ پىشقەدەم ئۇقۇتقۇچىمىز قىلچە تەمتىرىمەيلا دەرىسىنى باشلىۋەتتى.
-ئەنسار!-ئىسمىم قانچە تىز تىلغا ئېلىنغان بولسا شۇنچە تىز لىككىدە ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم.تۇردۇميۇ ئۆزۈم ئۆزۈم ئەمەستەك پۇتلۇرۇم ،ياق پۈتۈن ۋۇجۇدۇم لاغىلداپ تىترەپ كەتتى.«ياۋپانا! مەندىن باشقا ئادەم چىقمىغانمىدۇ؟ نىمە سۇئال سوراپ كىتە-ھە؟ يەنە ھېلىقىدەك ‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدىكى تېخى  خەرىتىگە چېقمىغان كامسىمول شەھرىنىڭ ئورنىنى ئېيتىپ بېرىڭ،دىيارىمىزدا قايسى شەھەر ناھىيەدە ئىشەككە شاڭكو كەيدۇرىدۇ؟›دىگەندەك سۇئاللارنى سوراپ قالسا-زە تۈگەشكىنىم شۇدە ...»دەيتىم ئىچىمدە ۋە ئامال بار ئۆزۈمنى تۇتىۋىلىشقا تىرىشىپ بىشىمنى ئاستا كۆتۈرۈپ ئەتراپقا نەزەر سالدىم.ھەممىنىڭ كۆزى مەندە ئىدى. پەقەت يىنىمدىكى «باشلىق»لا چىرايلىق قول تىلفۇنىنى قولىغا ئېلىپ كىملەر بىلەندۇ قىزغىن ئۇچۇر يېزىشىپ ئولتۇراتتى.نېرىراقتىكى كىلىشكەن،ئۇزۇن تۇرا ئوقۇتقۇچى پارتىنىڭ بىر بۇرجىكىگە بېشىنى قويىۋىلىپ بۇخاراغا سەپەر قىلىش تەرەددۇتىدا ئىدى.يان تەرپىمدە پارتا ئاتلاپلا ئولتۇرغان ھېلىقى نازاكەتلىك خانىمەگىمۇ ئىتتىك كۆز يۈگۈرتىۋالدىم.ئۇ قانداقتۇر كىچىك،يۇمۇلاق بىر ئەينەكنى قولىغا ئىلىۋالغان بولۇپ بىر قولى بىلەن ھەدەپ كۆز-قاشلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ ئولتۇراتتى.
-ئەنسار دىدىم!
-ھە!؟
-مەن سەندىن «ئاسىيە قىتئەسىدە نەچچە دۆلەت بار؟ »دەپ سورىۋاتىمەن!-ئوقۇتقۇچىنىڭ قوشۇمىلىرى تۈرۈلگەن ھالدا ماڭا قادىلىپ تۇراتتى.يادىم نە ئۇنىڭ «ئاسىيە»،«نەچچە» دىگەن گەپلىرىلا قۇلىقىم تۈۋىدە جاراڭلايتى.«توۋا» دەيتىم ئىچىمدە.«مەكتەپ تازلىقىنى قىلىدىغان ئاسىيەم ھەدىنى سوراۋاتامدۇ نىمە! يەنە «نەچچە بالىسى بار »دەمدىغاندۇ؟ بۇ سۇئاللارنىڭ جۇغراپىيە دەرىستى بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى باردۇ؟»دىدىميۇ ئىتتىكلا بېشىمنى كۆتۈرۈپ؛
-ھە ئاسىيىمدەمنىڭمۇ؟-دىدىم جەزىملەشتۈرمەكچى بولغاندەك.
-ھە،ئاسىيىمدەڭنىڭ!-دىدى ئۇ يېرىلغۇدەك بولۇپ.
-ئاسىيىمدەم مەكتىۋىمىزنىڭ كونا، مۇنەۋۋەر تازلىقچىسى.ئۇنىڭ تۆت بالىسى بار.ئىككىسى قىز ،ئىككىسى ئوغۇل...
-ئولتۇرە «لاي كەتمەن»!
  سىنىپ ئىچىدىكى كۈلكە ئەۋجى نىمىشقىكىن خېلىغىچە بېسىقمىدى.

ئېسىمنى بىلسەم مەكتەپ ھاياتى ھەقىقەتەن گۈزەل ئىكەندۇق.يېزىللىرىمىزدا تولۇق ئوتتۇرا بولمىغاچ ناھىيەرىمىزدىكى بىر نەچچە يېزىدىكىلەر ئۆرلەپ ئوقۇش ئۈچۈن مۇشۇ مەكتەپكە يىغىلاتتى.بىزنىڭ يېزىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى كۆپلىگىدىنمۇ ئەيتاۋۇر باشقا يېزىلارنىڭكىگە قارىغاندا قوبۇل قېلىندىغانلار سانى خېلى كۆپ ئىدى.مەكتەپنىڭمۇ بىر نەچچە ئوقۇتۇش زاللىرى بولۇپ بىزنىڭ سىنىپ مەخسۇس «سەھرالىقلار زالى»غا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى.شۇڭىمۇ ناھىيەلىك ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئاساسەن باردى-كەلدىمۇ قېلىشىپ كەتمەيتۇق.قىززىقى پات-پات بىر بىرلىرىمىزگە يوقىلاڭ بانالار بىلەن گۈلىيىشىپ ئۇرۇشۇپمۇ قالاتتۇق.
-كۆزۇڭگە قاراپ ماڭ-ھۇي،ئېتىزىڭنىڭ يولى ئەمەس-بۇ!
-سېنىڭ ئوخشىمامدۇ!؟
-ئۆتەببارە سەھرالىق!
-ھۇ رەڭگىنىڭ قېنى يوق،بەدرەڭ،جەسەت چىرايلار!-دەپ بىزمۇ بوش كەلمەيتۇق.دىمىسىمۇ سىنىپلىرىمىزدىن تارتىپ «سەھرا سىنىپ»دەپ چىرايلىق تىلغا ئېلىنىپ تۇرسا ئۇقۇتقۇچىللىرىمىزغا قەدەر «لاي پاچاق»،«لاي كەتمەن»،«تومپاي»...دەپ سۈپەتلەشلىرىدىن ئانچە ۋايىم يەپ كەتمەيتۇق.
بىز ياتاقتا يىتىپ ئوقۇيتۇق.يەكشەنبە كەچ كىرىۋالغانچە تاكى كىلىدىغان شەنبە چۈشكىچە مەكتەپ بىزنىڭ مۇستەھكەم قورغىنىمىز ئىدى.ئەتتىگەنلىرى ئۆيدىن ئەكىرۋالغان قاتتىق نانلىرىمىز بىلەن مەكتەپ ئاشخانىسى تەمىنلىگەن قېنىق قارا چاينى ئانچە-مۇنچە ئوتلاپلا سىنىپلىرىمىزغا يۈگۈرشەتتۇق.چۈشلىرى يا لەغمەن،يا موما سەي ...ئىشقىلىپ قوساق توياتتى.كەچلىرى يوغان داش قازاننىڭ راۋۇرۇس قاينىتىلغان ئۈگرە-سۇيقاشلىرىنى «تۆمۈر چىلەك»ىمىزگە ھارغىچە ئۇسۇپ ئەكىرۋىلىپ تويغۇچە مەززە قىلاتتۇق.
شەنبە كۈنلىرى خۇددى  نەلەردىندۇ ئازات بولغاندەك يېزىللىرىمىزغا ئوقتەك قايتىشاتتۇق. مەكتەپتىكى ئوقۇش،ئىشتىن-سېرىتقى پالىيەت،مۇسابقىلەردە بىز يەنىلا ئارقىدا قالمايتۇق.ئاجايىپ قىزغىن،ئەلا نەتىجىللىرىمىز بىلەن ھەممىنى تاڭ قالدۇراتتۇق- بولمىسا.ئەمما نىمىشقىكىن ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدىن يا بىرمىز ،ئېشىپ كەتسە ئىككىمىز ئۆتۈپ قالاتتۇق.نۇرغۇنلىرىمىز يېزىغا قايتىپ ياغاچ دەستىلىك ئەشۇ ئاتىمىراس كەتمەننىڭ مەڭگۈلۈك ئاۋانگىراتلىرىدىن بوپ قالاتتۇق.ئەلۋەتتە ،بۇ مەن ئەقلىمگە كەلگەندىن بۇيان داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان ھەقىقەت.
بىر ھېساپتا دېھقان بولغانمۇ ياخشى.ئاشلىقتىن،گۆش-ياغدىن غەم قىلىدىغان ئىش يوق.ئۆي ئالىمەن،قەرىز قايتۇرىمەن ...يا،يا،يا ئۆينىمۇ سەپ بېرىۋاتسا،داۋالىنىش ۋە يەنە ئاللىنىمىلەرنى يەڭگىللىتىۋاتسا...لىكىن شۇ بىر ئۆمۈر باي بولالماي ئۆتىدىغان گەپكەن.«دېھقان زادى نىمىشكە باي بولمايدۇ؟» دەپ سوراپ قالىسىز ھەقىچان.بۇنىغۇ پەقەت دىگۈم يوقتى  ئەگەرھېچكىمگە دىمەيمەن دەپ قالسىڭىز بوپتۇ دەۋىتەي،بىراق ئۇ يەر بۇ يەردە مىنى دىدى دەپ دەپ سالماڭ،ھازىرچۇ تامنىڭمۇ قۇلىقى بار دەيدۇ...
يەر تەقسىملىگەندە بىز تۆت ئوغۇل 6جاننىڭ ئېرىشكەن يېرى 13 مو ئىدى.ئىككى ئاكام ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ ئۆزىگە تىگىشلىكلىرىنى ئىلپ كىتىشتى.ئىنىم دىگەن گۇيتۇزىمۇ زورۇيۇپ نەچچە بالىلىق بولۇپ دادام بىلەن ئانامنى ئۆزەم باقىمان دەپ يەرنىڭ يېرىمىنى ئېلىپلا تىنجىدى.قېرىشقاندەك ،ھالىمغا باقماي شەھەر نوپۇس خوتۇننى  ئېلىۋالغىنىم قىززىق،كاساپەت توشقاندەك تۇغۇپ كىلىشتۇرۇپ ئۈچ ئوغۇل تۇغىۋەتتى.يەنە تۆت كۈندىن كىيىن ئۈچ «لاي كەتمەن» بىشىمغا دىۋەيلەپ كېلىپ  قالسا 2مو ئىككى پۇڭ يەرنى قانداق ئۈلەشتۈرەمەنكىن-تاڭ!




  2015-يىلى يېزىلدى.2016-يىلى قايتا تۈزىتىلدى.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-3 19:01:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇش ئىمتىيازىمنى بىر يۈرگۈزىۋالايچۇ!

ئىملا خاتالىقى بار ئىكەن:  دەرىس ،  تەقسىملىگەن، ئوپۇر-توپۇر،قورساق،  كاستىيۇم بۇرۇلكىلىق

ئوتتۇرا،  يېزىلار

مېنىڭچە بۇ ھېكايىگە «ئوچۇق دەرىس» دېگەن ماۋزۇ بەكرەك ماس كەپتۇ. ئەمما ھازىر ئۇنداق
بىخەستە مۇئەللىملەر ئىشسىز قالىدۇ.  دەرىسىخانىدىكى مۇھىتنى تەسۋىرلەشكە يەنە ئازراق كۈچىسىڭىز بولغىدەك...

ۋاقتى: 2016-3-3 20:56:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زانىرى ھىكايىدىن كۆرە فىليەتۇنغا يىقىنراق ئىكەن.
ئىملا خاتالقى ھەقىقەتەن ئېغىر.

ۋاقتى: 2016-3-3 21:13:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنىم خىلىل ھېبىبۇللا،ياخشى تۇرۋاتقانسەن،كەچۈر، سەنلەپ سالدىم(ئۆز بىلىپ)
ھىكايەڭنى ئوقۇپ چىقتىم.ئىزدىنىشىڭ ۋە يېڭىلىق يارىتىشىڭغا تىرىشىش روھىڭغا بارىكاللا.يۇقارقى دىلچىن ۋە ئىسمەت تورداشلارنىڭ پىكىرىنى ئويلىشىپ باقساڭ بولغىدەك.ساڭا يەنىمۇ ئۇتۇق تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2016-3-4 00:42:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرىست؟
مۇشۇنداق ئىملادىكى تېمىنى يوللاشقا نېمە سەۋەپ بولدى؟  

ۋاقتى: 2016-3-4 00:44:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر ماۋزۇدىكى ئاۋۇ خەتنىڭ ئىملاسىنى بولسىمۇ ئوڭشىۋەتمىسىڭىز بۇ تېما ئۆچۈرۈلىدۇ. تېما يوللىغاندا  قايتا ئوقۇپ بېقىپ، خەتلەرنىڭ ئىملاسى توغرا بولغاندا ئاندىن يوللاڭ!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-4 12:24:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلارنىڭ سەمىمى پىكىرلىرىدىن خۇرسەن بولدۇم ھەم يۇقۇردىكىدەك تۈزتىش قېلدىم. يەنە داۋاملىق پىكىرلىرى بولسا قوبۇل قېلىپ تۈزىتىشكە تىرىشىمەن. سىلەرگە رەھمەت!

باھا سۆز

ماۋزۇنى ئوڭشىغىنىڭىز ياخشى بوپتۇ.  ۋاقتى: 2016-3-4 04:50 PM
يەنىلا ئىملانى ياخشىراق ئۆگىنىپ قويۇڭ!  ۋاقتى: 2016-3-4 04:48 PM
ۋاقتى: 2016-3-4 16:49:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داڭگال يوللىغان ۋاقتى  2016-3-4 12:24 PM
تورداشلارنىڭ سەمىمى پىكىرلىرىدىن خۇرسەن بولدۇم ھەم يۇ ...

يەنىلا ئىملانى ياخشىراق ئۆگىنىپ قويۇڭ! ئىملاسى ناچار تېمىنى بۇ مۇنبەرگە ئالدىراپ يوللاپ سالماڭ!

ۋاقتى: 2016-3-7 12:56:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىكايىڭىزنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم .تېما تولۇق يۇرۇتۇلماي قاپتۇ .ھىكايىڭىز خام .ئىملاغا قايتا ئىشلەڭ .ئىسىمنى -ئەنسەر دىسەك بولاتتى .‹ئەنسار› ....
تەكلىپ :قايتا ئىشلەپ بېقىڭ .بۇ شەخسى پىكرىم .

ۋاقتى: 2016-3-7 17:41:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېشى تولىمۇ چىرايلىق باشلىنىپتىكەن ئۇكام ئەمما ئاخىرى دەرسخانە بىلەن ئاخرلاشماپتۇ .

قىسقا ، ھەجىۋىي تۈس ئالغان ھېكايىچىلىق يولىدا ماڭسىڭىز سىزگە مۇۋاپىقىيەت كۈلۈمسىرىشىدە شەك يوق ،

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش