يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 284|ئىنكاس: 2

داڭگال: يولدىن ئېزىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                           يولدىن ئېزىش   

                                         (مىكرو ھېكايە)

                                   خىلىل ھېبىبۇللا


  ئۇ ئەمدى بىرىنجى بولۇپ خوتۇنىنى قويىۋېتىشى كىرەك ئىدى.پۇل تاپقانلارنىڭ قايسى بىرى شۇنداق قىلمايدىكەن.ئۇ ئاخىرى قەتئى نىيەتكە كەلدى.ئىككى بالا تۇغۇپ ،يەتكۈچە مۇشاقەت تارتىپ ،يۈرۈش-تۇرشىمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالغان خوتۇنىنىڭ خېتىنى غەلبىلىك بېرىۋىتىپ "ئۇھ!"دىدى.
ئۇ يوغان سومكىدىكى لىق پۇلنى ئۆشنىسىگە ئارتىپ داڭلىق بەزمىخانىدىن بىرىگە شۇڭغىدى.ئۇ خۇش كەيىپ،ئاجايىپ مەسخۇش كىتىۋاتاتتى.ئۆشنىسىدىكى پۇللاردىن ئازراق بىر قىسمىنى يەنە دو تىكىپ بېقىشنىمۇ ،تېخىمۇ  كۆپ ئۇتۇپ ،تېخىمۇ باياشات ئۆتۈشكە شېرىن خىياللارنى قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرۈپ يەتتى.ئۇ بارغانچە ئېغىرلىشىپ كىتىۋاتقان پۇللارنى ئاران كۆتۈرۈپ ئالدىدا تۇيۇقسىز پايدا بولغان يوغان كۆۋرۈك ئۈستىدە ئاستا كېتىپ باراتتى.ئۇ كۆۋرۈكنىڭ ئوتتۇرسىغا كىلىپ ئۆزىچە توختاپ  قالدى."ھەي،بۇ توغرا ئەمەسقۇ؟ مىنىڭ ئۆيۈم كۆۋرۈك تەرەپتە ئەمەستى..." دەرۋەقە،ئۇ يولدىن ئېزىپ قالغان ،تامەششە،كەيپى-ساپالار ئۇنى راۋۇرۇس ھالسىراتقان ئىدى.
-مۇرادىل!-ئۇ ئارقىغا بۇرۇلۇپ ماڭماڭچى بولىۋىدى بىرى ئۇنى چاقىرغاندەك بولدى.
-مىنى چاقىرۋاتامسىز؟-دىدى ئۇ دەلدۈگۈنۈپ ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولغان چىرايلىق قىزغا تەبەسسۇم قىلىپ.
-ئەلۋەتتە سىزنى...-قىز شۇنچە تىز كىلىپ ئۇنى قولتۇقلىۋالدى.
ئۇ قىزنى قەيەرلەردىدۇ كۆرگەندەكمىش.قىزنىڭ دىيىشىچە ئۇلار كونا يۇرۇتداش،ساۋاقداش،دوسمىش.
ئۇ قىز بىلەن خېلىلا تونۇش بىر ئايرىمخانىدا ئولتۇرۇپ تاماق يىيىشتى.ناخشا ئېيتىشتى،ئۇسۇل ،تان
سا ئويناشتى.ئىچىشتى،خۇدىنىمۇ يوقۇتۇشتى.
ئۇ ئاران مېڭىپ چوڭ يولغا چېقتى.بىردىنلا ئۆشنىسىدىكى پۇل يادىغا كەلدى.
-قەيەردە قالغاندۇ؟ مىنىڭ پۇلۇم! - ئەمدى ئۇنۇڭ ئاۋازىمۇ چېقماۋاتاتتى.ئۇ كۆزىنى يوغان ئىچىۋىدى ئالدىدا يەنە ھېلىقى كۆۋرۈك كۆرۈندى.ئۇ كۆۋرۈكنىڭ ئوتتۇرسىغا كىلىپ يەنە توختاپ قالدى ، قارىغۇدەك بولسا كۆۋرۈكنىڭ ئوتتۇرسى  ئاللىقاچان چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ  ئۇنىڭ بىر پۇتى ئاجراپ كەتكەن بىر لىۋىگە دەسسەگلىك تۇراتتى. ئۇ يەنە  ئۆز ئۆزىگە "مەن يەنە ئېزىپ كەتمىگەندىمەن؟!" دەپ پىچچىرلىدىيۇ كۆزلىرىگە چەكسىز قاراڭغۇلۇق تېقىلدى.
-ياق!!!
قاتتىق چېققان شىۋىرغان كونا ئىشىكنى جالاقشىتىپ ئېچىۋەتكەچ  ئۇنى چۈچۈتۈپ ئويغىتىۋەتتى.


  2015-يىلى يېزىلدى.2016-يىلى قايتا تۈزتىلدى.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-2 21:11:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايىڭىزدە ئەكىس ئەتتۈرمەكچى بولغان مەزمۇن ياخشىكەن.بىراق،ھىكايىنىڭ قۇرۇلمىسى بىر قەدەر چۇۋالچاق.ئىپادىلەش جەھەتتە تازا  دىگەندەك ياخشى ئورۇنلاشتۇرالماپسىز .
بۇ مىنىڭ ھىس قىلغانلىرىم.

بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق-ئامەت يار بولسۇن.

ۋاقتى: 2016-5-8 16:36:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەزەر0998 يوللىغان ۋاقتى  2016-3-2 09:11 PM
ھېكايىڭىزدە ئەكىس ئەتتۈرمەكچى بولغان مەزمۇن ياخشىكەن. ...

ئەگەشتىم!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش