كۆرەلمەسلەر
ئازادجان ئىبراھىم
ئۆز كۈچىگە تايىنىپ باي بولغاننى،
داستىخنى موللىشىپ ماي بولغاننى،
نۇرلاريېغىپ چېھرىدىن ئاي بولغاننى،
قەبىھ يامان كۆرىدۇ كۆرەلمەسلەر.
مىھنەت قىلىپ ھالاۋەت كۆرگەنلەرنى،
ئېناق، ئىجىل باياشات يۈرگەنلەرنى،
ئامەت كېلىپ يەنە دەۋرى سۈرگەنلەرنى،
دايىم خاپا قىلىدۇ كۆرەلمەسلەر.
بىرلىرىنى بىرىگە داتلاپ چېقىپ،
ياخشىلارنى سىغدۇرماي چەتكە قېقىپ،
بىرلىرىنى رەنجىتىپ بانا تېپىپ،
جىدەل قىلىپ تۇرىدۇ كۆرەلمەسلەر.
ئەمگىكىدىن خوشاللىق تاپقانلارغا،
كېلەچەككە يېىڭى يول ئاچقانلارغا،
خەلقى ئۈچۈن زور ھەسسە قاتقانلارغا،
قاتتىق زەربە بېرىدۇ كۆرەلمەسلەر.
2016-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى كۈنەس
|