دۆڭكۆرۇككە تېز سىزما
ئامىنە ئابدۇۋايىت
يۈرت – يۈرتلاردىن كەلگەن كىشىلەر ،
ئاقار ئىكەن بۈندا سەل بولۇپ .
بەھىرلېنىپ گۈزەل تۈرمۇشتىن ،
كۈلەر ئىكەن شاتلىققا تولۇپ .
رام قىلاركەن كۆڭۈل رىشتىنى ،
بۇندا كۆركەم يىپەك مۈنارى@.
سۆزلەر ئىكەن تارىخىدىن دەرس ،
مىللى ئۇسلۇپ دۈكان ، سارايى .
ئەسلى كارۋان بېشى ئۆزەم دەپ ،
سۈكۈت بىلەن تۈرار مىس تۆگە .
پاكىزلىقنىڭ ئەلچىسى مەن دەپ ،
قوش چۆگۈنمۇ تۈرۇپتۇ ئەنە .
يانفۈنىنى سۆيۇپ ماڭماقتا ،
يوپكېسىنى ئۈنتۇپ قالغان قىز .
ھەيران قالغان قېرى چەتئەللىك ،
تارتىۋالدى سۈرەتكە تېزتېز .
قەغەز ساتقان ئاشۇ گۈدەكنىڭ ،
ئۆز ئاتىسى باردۈر ئېھتىمال .
رىشاتكېغا يۆلەنگەن بىر ئەر ،
نىمىلەرنى قىلماقتا خىيال .
يىپەك مۈنارى @- يىپەك يولى مۈنارى .
2016- 1- 30
|