«ئىزگۈ تور ئەدەبىيات مۇكاپاتى» سەھىپىسىگە يوللانغان ئەسەر
قۇياش نۇرى ئاستىدا يېزىلغان شېئىر
ھەزىرەتئەلى ئوسمان تېۋىپ
( 1 )
بىزگە سوۋغات قىلىپ بىرىلگەن مۇنبەت ماكان بۇ،
قاندىن ،نۇردىن ،ئوتتىن قۇپۇرۇلغان ماكان بۇ،
شۇنىڭ ئۈچۈن
ئەڭ ساپ سۆزلەر بىلەن تەسۋىرلىشىم
ئەڭ گۈزەل تىللار بىلەن مەدىھيلىشىم
شاماللارسىز تەۋىرىنۋاتقان قاتتىق دېڭز سۈيىدەك
كۆيۈۋاتقان ياشلىرىم كەبى
چېقىلۋاتقان لاي تاملارنىڭ ئاچچىق توپىلىرىدەك
تۆكۈلۈۋاتقان تەنلىرىم كەبى
مۇھەببەت كەبى
سۆيۈشۈم كېرەك.
جەنۇپ قان ئىچىدە ئوت كەتكەن ھال رەڭ تېرەك.
زامان بورىنى ئۆلتۈرۋاتقان قىلدىن يىنىك شادىمان كىشىلەر،
ئوتنىڭ بارمىقىدا يىرتىلۋاتقان يۈرىكىم ئۈستىدە
قۇمنىڭ تىلىدا ئوقۇلمىغان چۈشۈم ئىچىدە
جىمجىت ئەركىن كىشنەيدۇ شاش ئاتتەك.
ئۆلۈم گۈلدۈر ئېچىلغان بىر تال ئاق چېچەك.
( 2 )
بۈگۈن مەن ئۆزۈمنى ئېچىپ
بۈگۈن مەن ئۆزۈمدىن قېچىپ
بۈگۈن مەن ئۆزۈمدىن تېشىپ
كۈل رەڭلىك بىر تاشنىڭ چېچەكلەۋاتقان تەشنالىقىدا
كېچە ئاي ۋە بىر توپ خەلىقنىڭ ھەسىرەتلىك ھاياجىنىغا ئايلاندىم.
يەكشەنبە ، مۇزىكا ،يالغۇزلۇق گۈللىرى ھەم چوغدەك يېلىنجاۋاتقان سېغنشنىڭ مىس رەڭلىك ئاپتىپىغا
قاقلاندىم .
يۈرىكىمدىكى ئەرۋاھ كوچىنڭ دوقمۇشىغا قېزىلغان
ھېچكىم بايقىمىغان قۇدۇق بېشىدىكى قۇمۇش شېخىدا ئۈنگەن
ھېچكىمگە تەۋە بولمىغان بارىلىق مەخپىيەتلىكلىرىمنى ئاشكارلىدىم .
يەكشەنبە ئوغۇزخان
يەكشەنبە ئىچىمدىكى ئۇزۇن بىر ئېتىز شېئىر .
خىيالىم قىرىق بىر چىلتەن ئولتۇرۇپ شاراپ ئىچكەن يەر
ئۆزگىرىۋاتقان قاتار _ قاتار بوستانلار ئارسىدا
ئېچىلۋاتقان يېشل يېزىلارنىڭ يارسىدا .
يەكشەنبە ،تارىخ بىر يىرىم ياشتا
قۇياش بىزدىن يىراق _ يىراقتا .
يەكشەنبە ،قورال ،ئۇيغۇرتىلى
چىقىپ كەتتى ۋاقىت سىرتىغا.
ۋاقىتنىڭ دېرزىسىنى چېقىپ تاشلىدىم
سايەمنىڭ قىزغۇچ تېشىدا .
( 3 )
ۋاقىت بۇ يەردىن باشلىنىدۇ.
قۇياش بۇ يەردىن كۆتۈرلىنىدۇ.
بۇ يەردە ۋاقىت چاڭ باسقان قاپقاراڭغۇ ئىدىينىڭ،
نىشاندىن ئاداشقان مۇساپىرنىڭ ،
تۈن ھويلىسىغا ئولتۇراقلاشقان بىر نامىرات ئايالنىڭ،
سۇدىن سۈزۈك بىر قەبىلىنىڭ ،
قاراسلاپ سۇنۇۋاتقان بىر تامچە زېمىننىڭ...
مېتال ياپراقتەك سارغايغان ساددا كۆزىدىن ،
چوڭقۇر قاراڭغۇلۇق ۋە يارلانغان بىر قۇشنڭ نىدا ئۈنىدىن ،
ئېقىۋاتقان تۇزدەك تەر
تۇزۇۋاتقان ئەپيۈن گۈلىدەك ئەر.
ئوقتىن يىراق كۈنگە يېقىن بۇ يەر .
بۇ يەردە ئاسمان ئېگز
بۇ يەردە يەر تەگسز
بۇ يەردىن باشلانغان بىزنىڭ ئۆلۈمىمىز .
بىنەپشە سۆزدەك ئاستا _ ئاستا سۇنۇپ كەتمەكتىمىز.
بۇيەر دېگنىم _ كېچىنڭ ئورمانلىقىدىكى يۇرۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر تاش.
بۇ يەر دېگنىم _ كېچىنڭ ئورمانلىقىدىكى قىرى بىر جىگدىگە چېگىپ قۇيۇلغان قەدىم ياش .
بۇ يەر دېگىنم _ يىراقتىكى چەت تاتلىققىنە ئۇخلاۋاتقان بىر تەن .
بۇ يەر دېگنىم _ كۆك بۆرىنىڭ ئاۋازىدا يۈتۈپ كەتكەن تىلسىم ۋەتەن.
بۇ يەر دېگىنم _ ئىچىگە چۆكۈپ كېتىۋاتقان جىمجتلىقنىڭ تەبەسسۇمىدەك ئېچىلۋاتقان مەن.
مانا بۇ ماكان.
( 4 )
ئۆرۈدۈم يېڭى كۈندۈزنىڭ بىر بېتىنى
كۆردۈم قۇم خەلقىنڭ نۇرلۇق يۇلتۇزىنى
سىزدىم قۇياش پاتىدىغان تاغنىڭ كەينىنى
كونا ئاچقۇچنىڭ ئەينەك خىيالىدا
جەسىتى كۆرۈمسز يول بۇيىدىكى قۇرۇق ئەخلەت ساندۇقىدىن تېپىلغان بىر رەسسامنىڭ تىرىك تۇيغۇسىدا.
شامال يۇلتۇز ھەمدە بارچە ھەرىپلەرنى يىغىپ
ئاتتىم ھاۋاغا،كۆلگە ،چۆلگە ،قۇڭۇر ئېتىزغا.
قالدى ئايلىنىپ بىردىن
دۇلىسىغا يا ئوقى پاتقان مىڭ يىل بۇرۇنقى بىر ھون جەڭچىسىگە،
ئۆتمۈش شولىسىنىڭ يۈز يىل بۇرۇنقى بىر قەشقەر قىزىغا ،
ئانام ياققان نان ئۇۋقىغا ،
دادام تۇتقان كەتمەن سېپىگە،
قارغا تامچىلاۋاتقان قىممەتسز قېنىمنىڭ ئارسىدىكى ئۈجمە دەرىخىدىن،
بۇۋام ياسىغان ياغاچ قۇشۇققا.
قايتىپ كەلدىم ئۈچ چۈشتىن كېين ئۆزۈمگە ئاخىر
تاڭ قوڭغۇرقىنىڭ جىرىڭلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ
زەر قۇياش نۇرى يېنىدىن.
2016 _ يىل 3- ئاينىڭ 1_ كۈنى ئۈرۈمچى
«ئىزگۈ تور ئەدەبىيات مۇكاپاتى» سەھىپىسىگە يوللانغان ئەسەر