كۆرۈش: 655|ئىنكاس: 0

پىروفېسسور ئازات سۇلتان قاراماي ئاپتورلىرى بىلەن بىللە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
پىروفېسسور ئازات سۇلتان  قاراماي ئاپتورلىرى بىلەن بىللە

7 b, O: ?+ C- ^0 s/ F
     2016-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى ئاپتونۇم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، ئاپتونۇم رايونلۇق يازغۇچىلارجەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، دوكتور يېتەكچىسى ئازات سۇلتان مۇئەللىم قاراماي شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن ئوقۇتقۇچىلارغا لېكسىيە سۆزلەش مۇناسىۋىتى بىلەن قاراماي شەھىرىگە كېلىپ شەھەرلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ خىزمەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم شەھىرىمىزدىكى ئاپتورلار ۋە كىتابخۇمار ياشلار بىلەن قىزغىن سۆھبەتتە بولدى. سۆھبەت يىغىنىدا ئازات سۇلتان مۇئەللىم قاراماي شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى. ھەم ئەسەريېزىش، ئىجتىمائىي مۇھىت، دەۋر تەلىپى، نەشرىياتچىلىق، ژۇرنالچىلىق جەھەتلەردىكى ئاپتورلارنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا قايىل قىلارلىق جاۋاب بەردى.
    ئۇندىن باشقا شەھىرىمىزدە 2015-يىلىدىن باشلاپ قەھۋەيىم كىتاب چايخانىسىنى ئېچىپ، شەھەر ئاھالىسى ئۈچۈن مەنىۋى جەھەتتە يول ئاچقان گۈزەلئاي، كىتاب ئىلىم چېيىنى قانات يايدۇرۇپ ئانىلارغا ماياك بولىۋاتقان ئارزىگۈل ئابدۇرېھىم، كىتاب شەيدالىرى ئىلىم مۇنبىرى پائالىيىتى ئارقىلىق ياشلارنى ياخشى يولغا يېتەكلەۋاتقان ئەخمەتجان ئىبراھىم قاتارلىق ئىلىمخۇمار كىشىلىرىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئۇتۇقلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ  ئۇلارغا ئىلھام، مەدەت بەردى.  

/ S! W; e3 c2 v- c. Q- n3 V9 e
QQ图片20160229175318_副本.jpg
IMG_7321_副本.jpg
IMG_7243_副本.jpg
  (نۇرمۇھەممەد ھەسەن فوتوسى)

$ k% |6 i/ E/ K9 R: w5 k

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش