مېنىڭ ھويلام
ھەزىرەتئەلى ئوسمان تېۋىپ
مېنىڭ ھويلام مېنڭ دۇنيارىم،
مەن دۇنيانىڭ ئەركە خوجىسى.
ھەممە نەرسە مېنىڭ ئىلكمدە،
ئاسلانچىقىم ،توخۇ چۈجىسى.
ھەربىر گىياھ مېنىڭ لەشكىرىم،
ياساۋۇلۇم ئۆرۈك دەرىخى.
سوراپ سوراپ ھارمايمەن ئەسلا،
دادا كىمۇ كۈننىڭ سىردىشى.
دۇنيا ماڭا شۇ قەدەر گۈزەل،
كەپسز كۈچۈك مېنىڭ ئەرمىكىم.
تىزغانلىرىم ئويۇنچۇق ئەمەس،
كىشنەپ تۇرار قىيادا ئېتىم.
2016-يىل 10-يانىۋار يىڭسار
|