تۇرسۇنجان ھەسەن
تاشنىڭ يىلتىزنى ئىزدەپ
(نەسىر)
مەن تاشنىڭ يىلتىزىنى ئىزدەپ يۈرىمەن. كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن مۇقەددەس زېمىندىكى تاشلارغا ئاجايىپ قىزىقىش بىلەن نەزەر سالىمەن. تاشقا ئايلانغان ئادەملەرنىڭ جەسەتلىرى، تاشقا ئايلانغان ئورمانلارنىڭ قالدۇقلىرى، تاشقا ئايلانغان ھايۋانلارنىڭ سۆڭەكلىرى، تاشقا ئايلانغان نانلار...مېنى تاش ھەققىدە چوڭقۇر ئويلارغا سالىدۇ. تەبىئەت مۇزىيى دەپ ئاتالغان تاش غارلارغا قاراپ ئولتۇرۇپ خىيال سۈرىمەن.
مەن تاشنىڭ يىلتىزىنى ئىزدەپ يۈرىمەن. تاش پۈتەكلەرگە يېزىلغان ھايات قىسمەتلىرىدىن، تارىخى ئىزلاردىن، قەھىرمانلىق قىسسىلىرىدىن، مەشھۇر شەخسلەرنىڭ بېشىغا قۇيۇلغان تاش ئابىدىلەردىن ھاياتلىق يىلتىزىنى ئىزدەيمەن. قەدىمكى ئەجدادلارنىڭ تاشنى ئۇلۇغلىشىدىن ھاسىل بولغان تەسىرلىك ھېكايىلىرىگە ئەستايىدىل قۇلاق سالىمەن. ئۇلاردىن قالغان تاش تۇمارلارغا زوقلىنىپ قارايمەن. تاشقا باغلانغان ئەقىدە-ئېتىقادنىڭ شەكىللىنىش جەريانلىرىنى تارىخ كىتابلىرىدىن ئاختۇرۇپ چىقىمەن.
مەن تاشنىڭ يىلتىزىنى ئىزدەيمەن. تاشنىڭ باغرىنى يېرىپ چىققان دەل دەرەخ، ئۆسۈملۈك ۋە گۈل-گىياھلاردىن، تاشنىڭ ئۈستىدە ئوتلاپ يۈرگەن ھايۋانلاردىن، تاشقا كۆكسىنى يېقىپ تۇخۇم بېسىپ ياتقان قۇشلاردىن، تاشلارنى يالاپ ئېقىۋاتقان جۇشقۇن ئېقىنلاردىن، تاشلارنى مەھكەم قۇچاقلاپ ياتقان كۆك مۇزلاردىن، تاغلار ھەققىدە ئەسەر يازغان مەشھۇر ئەدىبلەردىن...تاشلارنىڭ يىلتىزىنى سورايمەن.
مەن تاشلارنىڭ يىلتىزىنى ئىزدەپ يۈرىمەن. پەرھات قازغان مىڭ ئۆيلەردىكى تاشلارغا، يۇرۇڭقاش ۋە قاراقاش دەريالىرىدىن سۇزىۋېلىنغان تاشلارغا، ساڭراملارغا ئورنىتىلغان تاشلارغا، تۈرلۈك شەكىلگە كىرگۈزۈلگەن ھەيكەل تاشلارغا، قىزلارنىڭ بۇيۇنلىرىغا ئېسىلغان تۇمار تاشلارغا، ئەتىۋارلىنىپ ساقلىنىپ كېلىۋاتقان يادىكار تاشلارغا، قەبرە باشلىرىغا تىكلەنگەن خاتىرە تاشلارغا، قولدىن قولغا ئۆتۈپ بازار ئايلىنىۋاتقان سەيياھ تاشلارغا، تاش ئۈستىكارلىرىنىڭ قولىدا نەپىس سەنئەت بۇيۇملىرىغا ئايلىنىۋاتقان، قىممىتىنى تېپىۋاتقان نەفىس تاشلارغا، قىسقىسى، تاش ئەۋلادىدىن بولغان، قىسمىتى تاشقا ئايلانغان جىسىملارغا تويماي قارايمەن.
مەن تاشنىڭ يىلتىزىنى ئىزدەيمەن. تاش تاۋۇتلارغا سېلىنىپ تاشقا ئايلىنىپ كەتكەن جەسەتلەرگە، تاشلار بىلەن بىللە ياشاپ تاشقا ئايلىنىپ كەتكەن دەل-دەرەخلەرگە، تاش بىلەن بىللە ياشاپ تاشقا ئايلىنىپ كەتكەن ھايۋانلارغا، ئۇچار قۇشلارغا، گۈل-گىياھلارغا، تاشقا ئايلىنىپ كەتكەن قوغۇن-تاۋۇز ئۇرۇقلىرىغا، پىچىنە-پىرەنىك نانلارغا، تاشقا مۇناسىۋەتلىك ھېكايە-قىسسىلەرگە، تارىخنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىدا ئامان قالغان تاش پۈتۈكلەرگە ھەيرانلىق ئىلكىدە نەزەر سالىمەن.
مەن تاشنىڭ يىلتىزىنى ئىزدەيمەن. تاشتىن پۈتكەن ئۆي-ئىمارەتلەرگە، تاشتىن ياسالغان نەپىس تەشتەكلەرگە، تاشتىن ياسالغان زىببۇ-زىننەتلەرگە، تاش بىلەن بېزەلگەن شاھانە يوللارغا، تاشتىن چىقىۋاتقان فونتانلارغا، تاشقا يۆلىنىپ ئولتۇغان ئادەملەرگە، تاش بىلەن ھەپىلىشىپ تىرىكچىلىك يولى ئېچىۋاتقان ئۇستىلارغا، تاش يوللاردا ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان ماشىنا-ئوبتوموبىللارغا، تاشقا مۇناسىۋەتلىك ۋەقە-ھادىسىلەرگە قىزىقىپ قارايمەن.
مەن تاشنىڭ يىلتىزىنى ئىزدەيمەن. ئادەم تاشتىن يارالغان ئەمەس. ئادەمنىڭ تەبىئىتىدە تاشلىق خۇسۇسىيەت يوق. ئەمما، ئادەم تاش بىلەن بىللە ياشاپ كەلگەن. تاش تۇمارلارنى ئەتىۋالىغان، تاشنىڭ روھىغا چوقۇنغان...يامان كۈنلەردە تاشتىن ئامانلىق تىلىگەن. تاشتىن ھاياتلىق مەنبەسىنى ئىزدىگەن. تاش ئادەملەرگە نۇرغۇنلىغان قولايلىقلارنى يارىتىپ بەرگەن. ئادەملەر تۈرلۈك تاش قوراللارنى ياساپ، ھايۋانلارنى ئوۋلىغان، تۇرمۇشىنى قامدىغان. ئىنسان بىر كۈنمۇ تاشسىز ياشاپ باقمىغان.
مەن تاشنىڭ يىلتىزىنى ئىزدەيمەن. مۇقەددەس غارلارنىڭ تاشتىن، مۇقەددەس روھلارنىڭ تاشقا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىدىن گۇمانلانمايمەن. ئۇلۇغ ئىشلارنىڭ گۇۋاھچىسى تاش، ئۇلۇغ قىسمەتلەرنىڭ بەرپاچىسى تاش. ئادەملەر تاشتىن ئايرىلماي ياشاپ كەلدى. «كېرىكى بار تاشنىڭ ئېغىرى يوق» دېيىشىپ تاشلارنى ئەتىۋارلاپ ساقلاپ كەلدى. تاش تۇمارلار، تاش پۈتۈكلەر، تاش ھەيكەللەر، تاش سەنئەت بۇيۇملىرىنىڭ ھەممىسى تاشنىڭ يىلتىزىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ. بۇ ئۇچۇرلاردىن ئىنسانىيەت بىلەن تاش، تاش بىلەن ھاياتلىق، تاش بىلەن دۇنيا، تاش بىلەن خىيال، تاش بىلەن كەلگۈسى ئوتتۇرىسىدىكى غايىۋى كارىدورنى كۆرگىلى بولىدۇ. ھاياتلىق ئىراسىنىڭ تۈنجى قەدىمى تاش بىلەن باشلانغان بولسا، ئاخىرقى قىسىمى يەنە تاش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. چۈنكى تاش ئىنسانغا تۈنجى ئوت ئۇچقۇنىنى چىقىرىپ بەرگەن، ئىنساننىڭ ۋۇجۇدىنى ئىسسىتقان، تېرىسىنى كۆيدۈرگەن، قەلبىنى لەرزىگە سالغان. تاشتىن چىققان تۇنجى ئوت ئۇچقۇنى دۇنيانىڭ گۈزەللكىنى ئىنسانىيەتكە كۆرسىتىپ بەرگەن. ئىنسان ئوتنىڭ يۇرۇقىدا قاراڭغۇ كېچىلەرنىڭ زېرىكىشلىك دەملىرىدىن قۇتۇلغان...
مەن تاشنىڭ يىلتىزىنى ئىزدەيمەن. تاشقا كۆمۈلگەن سىر-ھېكمەتلەرگە قايىل بولىمەن. تاشنىڭ ئىنسانغا بەرگەنلىرىدىن، ئىنسانغا ئاتا قىلغانلىرىدىن؛ ئىنساننىڭ تاشقا ئىشەنگەنلىكىدىن، تاشقا كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئېيتقانلىقىدىن، تاشقا يۈرەك سۆزلىرىنى يازغانلىقىدىن، تاشقا سەنئەتلىك قەلبىنى ئىزھار قىلغانلىقىدىن، تاشنى بېشىغا قۇيۇپ ياتقانلىقىدىن، تاشتىن تەسەللى تاپقانلىقىدىن چەكسىز سۆيىنىمەن. تاشنىڭ يىلتىزى نەدە؟ ئۇنىڭ يىلتىزى تەبىئەتتە، ياق، تاشنىڭ يىلتىزى ئادەمدە؟
|