يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 418|ئىنكاس: 6

ھۈكەر: بەدەل (ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بەدەل

(ھېكايە)

شىرزات ئادىلجان ھۈكەر


زىبانىڭ يۈزىدىكى خۇشاللىق ئۇنىڭ تىنىق، بۇلاقتەك كۆزلىرىدە مانا مەن دەپ ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى. نەچچە ئاينىڭ ئالدىدىكى دەككە-دۈككىلىكتىن ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى چىرمىۋالغان قورقىنىچ مانا ئەمدىلىكتە يىراقلارغا غايىپ بولۇپ، پۇت-قولىغا ماغدۇر كىرگەنىدى. ئالىي مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىپ ئۆزىگە ناتونۇش بولغان يۇرتنىڭ ھاۋاسىنى سۈمۈرۈشنى ئۇزۇندىن بېرى ئارزۇ قىلغان زىبا بۈگۈن خۇشاللىقىدىن ئۆزى بىلەن بىللە كەلگەن ئانىسىنىڭ بويۇنلىرىغا ئېسىلىپ، ئەركىلەپ شۇنچىلىك خۇشال بولىۋاتاتتى. ياشتا سەل چوڭىيىپ قالغان ئانىسىنىڭمۇ ئۇزۇن يول بېسىپ، ئىككى قولىدا ئېغىر سومكىلارنى كۆتۈرۈپ ھېرىپ كەتكەن بولسىمۇ، قىزىنىڭ چېھرىدىكى شادىمانلىق، خۇشاللىق ۋە بەختىيارلىقنى كۆرۈپ بارىلىق ھارغىنلىقىنى ئۇنتۇپ قىزىغا جۆر بولۇپ تەڭ شادلىنىۋاتاتتى.
— ئاۋۇ يەردە تىزىملايدىكەن ئاپا.— زىبا ئانىسىنىڭ قولىدىكى يەە بىر سومكىدىن تارتىپ ئۇنى باشلاپ ماڭدى. قىزىنىڭ بۇ خىل روھى ھالىتىدىن، بۇخىل خۇشاللىقىدىن ئۆزىنىڭ قانچىلىك جەبرى-جاپا، قانچىلىك رىيازەت چەكسىمۇ قىزىنى ياخشى ئوقۇتۇپ ياخشى ئادەم قىلىشنى ئويلايدىغان بۇ ئانا ئەمدىلىكتە بارىلىق ھارغىنلىقىنى ئۇنۇتتى، ھە، رەھمەتلىك يولدىشىنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ئالى مەكتەپ دەرۋازىسىدىن ئاتلىغانلىقىنى ئويلاپ قىزىدىن يوشۇرۇن ئىسسىق كۆز يېشى قىلدى.
— تېزىراق بولە ئاپا، بالدۇرراق تىزىملىتىپ ياتاققا كىرىۋالاي بولمىسا كارىۋاتنىڭ ياخشىسى قالمايدۇ.— زىبا تاتلىق ناز بىلەن ئانىسىنى ئالدىراتتى. ئۇلار ئىككى-ئۈچ سائەتلىك بۇ مەكتەپنىڭ ئىچىدە تىزىملاتقاچ، رەسمىيەت ئۆتەش ۋە باشقا لازىمەتلىكلەرنى سېتىۋېلىش بىلەن بولۇپ ئاخىرى زىبانىڭ بۆلۈنگەن ياتىقىغا كىردى.
— خېلى يامان ئەمەسكەن قىزىم.
— ھەئە ئاپا، قارىغىنە بۇنىڭ ئۈستىدە ئۆگىنىش قىلغىلى بولىدىكەن، تېخى بۇ يەرگە كىتابلىرىمنى تىزىپ قويسام بولغىدەك.— چىرايلىق قويۇپ قويۇلغان ئۆگىنىش ئۈستىلىنى كۆرسەتتى. ئۇلار بىر ھازاغىچە ياتاقنىڭ ئىچىدە ئولتۇرغاندىن كېيىن سىرتقا چىقىپ مەكتەپ ئەتراپىدىكى بىر ئاشخانىغا كىرىپ تاماقلاندى.
— قىزىم،— دېدى زىبانىڭ ئانىسى قىزىنىڭ كۆزىگە مېھرى بىلەن تىكىلىپ،— سەن يېڭى مۇھىتقا يولۇقتۇڭ، بۇ يەردە سەندەك يىراق يەرلەردىن كەلگەن بالىلار بار، ئۇلارمۇ ئاتا-ئانىسى، يۇرتىنى تاشلاپ مۇساپىر بولماقچى، شۇڭا سەن دوستلىرىڭ بىلەن ياخشى ئۆت. بۇ شەھەردە ياخشىمۇ بار، يامانمۇ بار. مەن ساڭا ئىشىنىمەن قىزىم سەن ھەرگىز مېنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەيسەن. داداڭ رەھمەتلىك سېنىڭ مۇشۇنداق بىرەر مەكتەپكە ئۆتىشىڭنى ئارزۇ قىلاتتى. بىراق ئارزۇسىغا يېتىشتىن بۇرۇن كېتىپ قالدى.— ئانىنىڭ كۆزىگە «لۆممىدە» كەلگەن ياش، ئاشخانىنىڭ قىزغۇچ چىراغ يورىقىدا پارقىراپ كەتتى.
— بولدى كۆڭلۈڭنى بۇزمىغىنە ئاپا، بۇنداق خۇشاللىق كۈندە كۆڭۈلنى غەش قىلغىدەك گەپلەرنى قىلىشمايلى.— دېدى زىبا ئانىسىنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ.
— ئەسلى بۇ يەرگە نەۋرە ئاكاڭ بىلەن كەلسەڭ بولاتتى. بىراق مەن خاتىرجەم بولالمايدىكەنمەن. بۇنداق چوڭ شەھەرگە كەلگەندە ئۆزۈم ئاپىرىشنى لايىق كۆردۈم. ئەمدى خاتىرجەم بولدۇم. ئۆيدە سەككىز ياشلىق ئۇكاڭ مېنى ساقلاپ قالدى. مەن بۈگۈنلا يولغا چىقاي، سىلەر ئەتە ئوقۇش باشلايسىلەر، جېنىم قىزىم ياخشى ئوقىغىن.— دېدى. ئانىنىڭ چېھرىدىن قىزىغا بولغان بىرخىل ئىلتىجا شەكىللەندى. زىبا ئۈندىمەستىن ئانىسىنى قۇچاقلاپ قويدى. ئۇلار كىچىك ماشىنىغا چىقىپ شەھەرلىك يولۇچىلار بېكىتىگە باردى. زىبا ئانىسىنى يولغا سېلىۋەتكەندىن كېيىن نەملەنگەن كۆزلىرىنى سۈرتۈپ مەكتەپكە ياندى.
خۇشاللىق ۋە غەم-قايغۇ گىرەلىشىپ كەتكەن بۇ مەكتەپتە ھەرخىل ئادەملەر ياشايىتتى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياشاش ئۈچۈن تاللىغان يولىمۇ باشقا-باشقا. ئىسسىق، راھەت كۆرىنىدىغان بۇ مەكتەپكە ئەقىل كۆزىڭىز بىلەن قارىسىڭىز جاپا ۋە جەبىردە ئۆتىسىز، لېكىن ئۇنىڭ ئارقىسىدا جەننەتنىڭ يولى بار. ھېسىيات كۆزىڭىز بىلەن قارىسىڭىز بارچە راھەت ۋە تاماشا ھەر تەرەپلەردىن سىزنى ئىزدەپ كېلىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئارقىسىدا «دوزاخ»نىڭ شەپىسى بار. زىبانىڭ دەسلەپكى مەكتەپكە بولغان ماسلىشىشى ئۇنى سەل ھاردۇرۇپ قويدى. بۇ يەرنىڭ سۇلىرى ئۇنىڭ يۈز-تېرىلىرىگە ياقمىدى. ھاۋارايىمۇ بىر مەزگىلچە ئۇنى قىيناپ قويدى. كېيىنكى ۋاقىتنىڭ بارا-بارا ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئۇ بۇخىل مۇھىتقا كۆنۈپ كەتتى. يېڭى دوستلىرىمۇ كۆپەيدى. شۇ تەرىقىدە ئۇ بۇ «ئائىلە»لىنىڭ مۇھىم ئەزالىرىدىن بولۇپ قالدى.
بىر يىللىق جاپالىق خەنزۇتىلى ئۆگىنىش تامام بولۇپ زىبانىڭ كۈتكىنىدەك نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى. ئۇ دەسلەپكى مەكتەپكە كەلگەندىكى خۇشاللىقىنى مانا ئەمدى ئۆيىگە بىللە ئېلىپ كەتتى.  زىبانىڭ ئۆيىگە كەلگەندىكى كۈنلىرى بىرخىل جىددىيچىلىك ئىچىدە ئۆتمەكتە. چۈنكى ئۆيىدە يالغۇز قالغان ئانىسىنىڭ بىر تەرەپتىن ئۇكىسى ۋە ئۆزىدىن خەۋەر ئېلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن كوچا سۈپۈرۈپ پۇل تېپىش ئۈچۈن تىپىرلاپ ئۇنى غەمگە پاتۇرغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بۇ تۇنجى كەسىپتىكى يىلىدا ئوقۇش پۇلى ئاپارمىسا بولمايىتتى. زىبا ئوقۇش پۇلىنى غەملەش، ئانىسىنىڭ جاپالىق ئىشلەشلىرىدىن كېچىلىرىمۇ ئۇزۇنغىچە ئۇخلىيالمايىتتى. بەزىدە ئۈنسىز كۆز يېشى قىلاتتى. زىبانىڭ بىچارە ئانىسىمۇ قىزىنىڭ ئارزۇسى، ئۈمىدى ئۈچۈن بىرەر كۈنمۇ ھاردىم، تالدىم دېمىدى.
ئۇزۇنغا سوزۇلغان يازلىق تەتىل كۈنلىرى خىزمەت، مۇناسىۋەت، ئالاقە قاتارلىق جەھەتلەردە كاللىقسى چارچىغان كىشىلەرنىڭ مىڭىلىرىنى ياخشى ئارام ئالدۇرۇپ توشتى. زىبامۇ ئانىسى تەستە غەملەپ بەرگەن ئوقۇش پۇلىنىڭ يېرىمىنى ئېلىپ مەكتەپكە قاراپ ماڭدى. يېڭىدىن  كەسىپكە چىققان زىبانىڭ بىر كەسىپتىكى ساۋاقداشلىرى ھەم سىنىپ مەسئۇلىمۇ ئالماشقانىدى. يېڭى ياتاق، يېڭى ساۋاقداش، يېڭى سىنىپ ۋە يېڭى سىنىپ مەسئۇلى. زىبا يەنە بىر قېتىم يېڭىچە ئۇسۇلدا بۇ مېھىت بىلەن ئەسرالاشمىسا بولمايىتتى. تۇنجى مەكتەپكە كەلگەن كۈنى، يېڭى سىنىپ مەسئۇلى ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ سىنىپىغا چاقىردى. سىنىپ كەيپىياتى ئىنتايىن جىمجىت، ئاندا-ساندا كىرىپ-چىقىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. بىر-ئىككىدىن بولۇپ قورىنىش ئىكىدە پاراڭلىشىۋاتقان قىسمەن ئوقۇغۇچىلاردىن باشقا ئوقۇغۇچىلاردا تارتىنىش، قورىنىش، ھۆكۈم سۈرمەكتە... چىرايلىق كاستۇم-بۇرۇلكا، تىمساھ تېرىسىدە ئىشلەنگەن خۇرۇم ئاياغ كىيگەن ئوتتۇرا بوي، چىرايىدىن خۇشخۇيلۇق ۋە بىرخىل مەسئۇلىيەت يېغىپ تۇرىدىغان سىنىپ مەسئۇلى ئىشىكتىن كىردى. ئوقۇغۇچىلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ ھۆرمىتىنى بىلدۈردى. سىنىپ مەسئۇلى ئۇلارنى ئولتۇرۇشقا بۇيرۇپ بىردەم بالىلارغا قاراپ كۆز يۈگۈرتتى. سىنىپ ئىچىدە بايىدىنمۇ بەك تىمتاسلىق ھۆكۈم سۈردى. ئۇ گېلىنى قىرىپ قويۇپ سۆز قىلىشقا باشلىدى.
— ئەسسالاممۇ-ئەلەيكۇم ساۋاقداشلار. مەن سىلەرنىڭ كەسىپكە چىقاندىكى يېڭى سىنىپ مەسئۇلىڭلار. ئىسمىم ئابلەت...— ئابلەت مۇئەللىم ئۆزىنى بىر قاتار تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. كېيىن باشقا ساۋاقداشلارنىڭمۇ ئۆزىنى بىر-بىرلەپ تونۇشتۇرۇشقا ئۈندىدى. زىبامۇ ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ قىزىقىشىنى دېدى. ھەممە ئوقۇغۇچىلار ئازدىن بولسىمۇ تونۇشلۇق بەرگەچكە بايىدىن ياقى سىنىپتا ھۆكۈم سۈرگەن تارتىنىش، قورىنىش تومانلىرى تارىغاندەك بولۇپ ھەممە ئۆزلىشىپ قالدى. شۇ تەرىقىدە ۋاقىت ئاستا-ئاستا ئۆتمەكتە. زىبامۇ بۇ سىنىپتا يوق بولۇپ قالسا ئابلەت مۇئەللىم ۋە باشقا ساۋاقداشلىرى نېمە بولغانلىقىنى سوراپ ئىزدەيدىغان، زىبامۇ بىرەر قېتىم مەلۇم سەۋەبەر بىلەن سىنىپقا چىقالمىغۇدەك بولسا كۆڭلى ئۇنىمىغىدەك دەرىجىدە ئىچەكىقشىپ كەتكەنىدى.
سىرتتىن كىرگەن ئادەمنى ھەرخىل خىياللارغا باشلاپ قويىدىغان مەكتەپ قورۇسى، تايدىن تۇلپارغا ئايلىنىۋاتقان بالىلارنى ياخشى تەربىيلەپ كېلىۋاتاتتى. بۇ مەكتەپنىڭ ھەربىر تاملىرىنىڭ خىشلىرىغا بىرخىل مەسئۇلىيەت، بىرخىل پارلاق ئارزۇ لاي قىلىنغاندەك شۇنچە ھەيۋەت، شۇنچە زەبەردەس قەد كۆتۈرگەن. ھەربىر بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا تىلەك، ئۈمىد، قورقۇش، تەشۋىش تېخىمۇ ئىچىگە سىنچىلاپ قارايدىغان بولسا ئاقكۆڭۈللۇك بىلەن رەزىللىك تەكڭ سىڭگەنىدى.
بىردە تېز بىردە ئاستا ئۆتىۋاتقان ۋاقىت زىبانىڭ بىر خىل رېتىمدا كېتىۋاتقان كۈنلىرىگە ھەرخىل سىناق، ھەرخىل ئاسانلىقلارنى بەردى. ئۇنىڭ كەسىپتىكى ئىككى يىللىق ئوقۇشىمۇ توشۇپ، ئەڭ ئاخىرقى بىر يىل ئوقۇشىقا قەدەم قويدى. ئۆگىنىش زىبانىڭ تىرىشچانلىقىغا لايىق ئۈنۈم بەردى. ئۇ ھەممىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ «بىرىنجى» دېگەن ئاتاققا ئېرىشەلمىسىمۇ، باشقىلار مۇئەللىملىرىدىن «زىبا دەرستە ياخشىمۇ؟» دەپ سورىسا ئۇلار ھېچ ئويلانماستىن بېشىنى نەچچە-نەچچە لىڭشىتاتتى.
زىبا مەكتەپتە ئۆتكەن ئۈچ يىلىنىڭ بۇنچە تېز ئۆتۈپ كەتكەنلىكىگە ھەيران ئىدى. ئۇنىڭ خىيالىدا تېخى ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدىكى مېھرىبان ئانىسى بىلەن مەكتەپ بوسۇغىسىدىن قەدەم ئاتلىغىنى، مېھرىبان ئانىسىنىڭ قىزىدىن كۈتكەن ئۈمىدلىرىنى سۆزلىگەنلىكلىرى خۇددى ئۈچ كۈننىڭ ئالدىدىكى ئىشتەك تۇيۇلدى. زىبا بېشىنى سىلكىۋېتىپ شۇنداق قارىسا ئۆزىدىن كىچىك ئىنى-سىڭىللىرى ئۇنىڭ ئالدىدا مېڭىپ يۈرەتتى. ئۆزىمۇ خېلى بۇي تارتىپ، زىلۋالىشىپ يېشىمۇ، خىيالىمۇ چوڭىيىپ قالغانىدى. ئۇ ئۈچىنجى ئوقۇش يىلىغا قەدەم قويغاندا يەنە بۇرۇنقىدەك خۇشخۇيلۇق بىلەن يېڭى ئوقۇش يىلىغا قەدەم باستى. زىبا ئەمدى بۇ ئاخىرقى مەكتەپ ھاياتىنى قەدىرلەپ بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە ياخشى ئوقۇمىسا بولمايىتتى. چۈنكى ئۇ ئۆيىدىن مەكتەپكە ماڭغىنىدا بىچارە، مەزلۇم ئانىسى ھەرخىل قۇربانلىقلارغا بەرداشلىق بېرىپ بىر ئاغرىپ يېتىپ قالسا، نەچچە قېىتم چىداپ ئورنىدىن تۇرۇپ يۈرەك پارىسى ئۈچۈن بىر يىل جاپا تارتىشىنى چاندۇرماي كۆپلەپ نەسىھەتلەرنى قىلغانىدى.
— قىزىم، يۈرەك پارەم ئىنىڭمۇ خېلىلا گەپ ئۇققىدەك، ئىش ئۇققىدەك بولۇپ قالدى. سەن يوق ۋاقىتلىرىڭدا ئاز بولسىمۇ ماڭا يار-يۆلەك بولۇپ، ئىشلىرىمنى قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇكاڭنىڭ كۆزىگە قارىسام سېنى كۆرگەندەك بولىمەن. شۇنداقتىمۇ سېنى قانداقراق ئۆتىۋاتقاندۇ؟ قانداقراق ئوقىۋاتقاندۇ؟ دەپ ئەنسىرەيمەن. ئەڭ ئاخىرقى ئوقۇش يىللىرىغا قەدەم ئېلىۋاتىسەن، شۇڭا ياخشى ئوقىغىن. ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ قايىتقىن. مېنىڭ بىر پۇتۇم گۆرۈمنىڭ بوسۇغۇسىدىن ئاتلاپ بولدى. ئۇكاڭ ئىككىڭلارنى ئويلىساملا بۇ رېئاللىققا تەن بەرگۈم كەلمەيدۇ. بۇ تارتىۋاتقان جاپالىرىم كۆزۈمگە كۆرۈنمەيدۇ... — زىبا ئۆزىنى مۇشۇنچىلىك ھالەتكە ئەكەلگەن ئانىسىنى ئويلىسىلا ياخشى ئوقۇپ ئانىسىنى راھەتكە چىقىرىشقا ئالدىرايىتتى. ئۇ بۇيىلنىڭ تۇنجى ئوقۇش مەۋسۇمى تىرىشتى. ئانىسىنىڭ تارتقان جاپالىرى ئۇنىڭ كاللىسىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرىۋاتقاندەك، ئانىسىنىڭ تارتقان جاپالىرىنى ئۆزىنىڭ جاپالىرىغا سېلىشتۇرۇپ تىرىشتى. كۆز يېشى قىلدى. ئانىسى ئۈچۈن ئۈنسىز تۆكۈلدى.
مەكتەپتە مۇنەۋەر، مەسئۇلىيەتچان سانىلىدىغان سىنىپ مەسئۇلى ئابلەت زىبادىكى تىرىشچانلىقلارغا قاراپ خۇش بولاتتى. ياخشى ئوقۇغۇچىنى تەربىيلىيەلىگىنىدىن سۆيۈنەتتى. زىبامۇ بۇ مۇئەللىمىدن خۇش ئىدى. چۈنكى ئالدىنقى ئىككى يىلدا ئۇ زىباغا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ بەرگەن. تېخى ئوقۇش پۇلىنىڭ قىسمەن قىسىملىرىنى شۇ مۇئەللىم يېنىدىن چىقىرىپ تۆلىۋەتكەنىدى. بۇ مەۋسۇمدىمۇ زىبا يەنە ئوقۇش پۇلى تاپشۇرمىسا بولمايىتتى. كۈندىن-كۈنگە سۈيلىنىپ كېلىۋاتقان ئوقۇش پۇلى تاپشۇرۇش كۈنى زىبانىڭ كاللىسىنى گادىرماچ قىلىپ، خىياللىرىنى بۆلۈپ ئېغىر-ئېغىر تىنىدىغان قىلىپ قويدى. ئۇ مەكتەپكە مېڭىشىدا ئانىسىنىڭ:« جېنىم قىزىم سەن مەكتەپكە بارىۋەر، ئوقۇش پۇلۇڭنى مەن كەينىڭدىنلا يەتكۈۈپ بېرىمەن» دېگەن گەپلىرىنى ئويلاپ خاتىرجەم بولسىمۇ، ئەمما ئانىسىنىڭ شېرىن ئۇيقىلىرىدىن كېچىپ ئاچچىق شاماللار ئۇرۇپ سۆڭەكلەرگە سانجىلىدىغان قاق سەھەردە كوچىغا چىقىپ كوچا يوللىرىغا پاكىزلىق ۋە پاكلىق ئاتا قىلىش ئۈچۈن جاپا تارتىشلىرىنى ئويلىسا يۈرىكى بىرخىل ئەنسىز سېلىپ كېتەتتى. زىبا مۇئەللىمىگە ھەرخىل باھانە-سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ ۋاقىتنى ئۇزارتىشنى ئۆتىنەتتى. ئانىسىغا تېلفۇن قىلىپ پۇل دېيىشتىن ئۇيۇلاتتى. بىر كۈنى ئابلەت مۇئەللىم ئۇنى ئىشخانىسىغا چاقىردى. ھەر دائىم چىرايىدىن خۇشخۇيلىق يېغىپ تۇرىدىغان بۇ ئادەم بۈگۈن باشقىچە كۆرۈنىۋاتاتتى.
— ئۇكام،— دېدى ئابلەت مۇئەللىم زىبانىڭ ئەنسىزلىك، خاتىرجەمسىزلىك سىڭىپ كەتكەن كۆزلىرىگە قاراپ،— سىلەرنىڭ ئائىلەڭلارنىڭ ئەھۋالىنى ئوبدان بىلىمەن. لېكىن ماڭىمۇ ئامال يوق. مېنىڭ بېشىمدىمۇ مېنى سۈيلەيدىغانلار بار. شۇڭلاشقا سىزنى بۇ يەرگە چاقىرىشقا مەجبۇر بولدۇم. ئوقۇش پۇلىڭىزنىڭ ئەڭ بولمىغاندا يېرىمىنى بولسىمۇ تۆلەپ قالغىنىنى كېلەر مەۋسۇمدا بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ. مەكتەپنىڭ پۇل تۆلىگەن ئوقۇغۇچىلار قاتارىغا كىرىپ قېلىڭ. ئانىڭىزغا تېلفۇن قىلىپ سوراپ بېقىڭ.— زىبا ئۈندىمەستىن بېشىنى لىڭشىتتى. خىجىللىقتىن يانچۇقىدىكى تېلفۇنىنى ئېلىپ ئانىسىغا ئۇردى. ئۇلار بىر ھازا پاراڭلاشقاندىن كېيىن زىبا تېلفۇننى قويۇپ ئابلەت مۇئەللىمگە قارىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ياش لىغىرلاپ قالغانىدى.
— مۇئەللىم يەنە ئۈچ-تۆت كۈنگىچە ۋاقىت بېرىپ تۇرۇڭ، ئاپام شۇ ۋاقىتقىچە سېلىپ بېرەي دەيدۇ.— دېدى. ئابلەت مۇئەللىمنىڭ ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىدى بولغاي بىر ھازا تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن ماقۇللۇقىنى بىلدۈردى. دېگەن كۈن يېتىپ كېلىپ زىبا ئانىسى سېلىپ بەرگەن ئوقۇش پۇلىنىڭ يېرىمىنى تۆلىدى. ئابلەت مۇئەللىممۇ قالغان يېرىمىنى كېيىنكى مەۋسۇمدا تۆلەش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقاردى. ئەمدى زىبانىڭ يەلكىسىدىن ئېغىر بىر يۈك ئېلىپ تاشلىنىۋېتىلگەندەك باشقىچە روھلۇق بولۇپ قالدى. ئۇ مۇئەللىمىگە كۆپلىگەن رەھمەتلەرنى بىلدۈردى. شۇ تەرىقىدە ئالدىنقى بىر مەۋسۇملۇق ئوقۇش پۈتۈپ زىبا ھارغىنلىق بىلەن ئۆيىگە قايىتقان بولسىمۇ لېكىن چېھرىدە غەلبىنىڭ خۇشاللىقلىرى پارلايىتتى. چۇنكى ئۇ بۇ قېتىم ئىمتىھاندا سىنىپ بويىچە ئۆگىنىش باشلىقى گۈلشەندىن قالسىلا ئەڭ يۇقىرى نومۇر ئالغانىدى.
زىبا شىۋرىغانلىق قار يېغىۋاتقان قىش كۈنى ماشىنىدىن چۈشتى. ئۇ قىزىل رەڭلىك شارپىسىنى بۇرنىغىچە كۆتۈرۈپ ئۆيىگە قايتىش ئۈچۈن ماشىنا توسىدى. ماشىنا تەستە ئىلگىرلەپ زىبانى مەنزىلىگە يەتكۈزدى. ئۇ ئۆيىگە كەلگەندە ئۆيىدە ئادەم يوق ئىدى. ئانىسى ئۇنىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلسىمۇ زىبانىڭ ئالدىغا چىقمىغانلىقتىن ئەجەبلەندى. ئۆينىڭ ياغاچ دەرۋازىسى قۇلۇپلانماي تۆمۈر ئىلغۇچ ئىلىپ قويۇلغان بولغاچقا زىبا ئانىسىنى قشنىلارنىڭكىگە چىقىپ كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ پەرەز قىلدى. ھويلىنىڭ ئۆزى ئولتۇرىدىغان ئۆيگىچە تۇتىشىدىغان يولى تازىلانغان بولۇپ، يېڭىدىن ياغقان قار نېپىز يېپىشقانىدى. زىبا ئۆيىگە كىردى. ئۆينىڭ ئىشىكى ئېچىلىشىغا ئىسسىق ھارارەت ئۇنىڭ سوغۇقتىن قىزىرىپ كەتكەن يۈزىگە ئۇرۇلۇپ ئۇنى راھەتلەندۈردى. ئۆيدىكى مەشتە گۈرۈلدەپ ئوت كۆيىۋاتاتتى. مەشنىڭ ئۈستىدىكى مىس رەڭلىك چەينەك ئاۋاز چىقىرىپ قايناۋاتاتتى. زىبا مەشكە قاقلىنىپ بىردەم تۇرغاندىن كېيىن ئۆز ئالدىغا بىرنىمىلەرنى قىلىپ قورسىقىنى ئەستەرلەپ تۇردى. زىبا ساقلاۋېرىپ ئانىسىنىڭ كەلمىگەنلىكىدىن تاقەتسىزلىنىپ تېلفۇنىنى چىقىرىپ ئانىسىغا ئۇردى. ئۇ ئانىسى بىر قۇر ئەھۋاللىشىۋەتكەندىن كېيىن قاچان كېلىدىغانلىقىنى سورىدى. زىبانىڭ ئانىسى سەل تۇرۇپ بارىدىغانلىقىنى ئۆزىنىڭ باشقا ئىشلارنى قىلىپ تۇرۇشىنى تاپىلاپ خوشلاشتى. زىبا ئۆيلەرنى يىغىشتۇرغاچ ئانىسىنى ساقلىدى. ئۇ ئۇزۇن يول مېڭىپ چارچاپ كەتكەنلىكتىنمۇ، ئانىسىنى ساقلاپ-ساقلاپ ئۇخلاپ قالدى. بىر چاغدا ئويغۇنۇپ قارىسا ئانىسى قازان بېشىدا تاماق ئېتىۋاتقان، ئىنىسى تامغا يۆلىنىپ كىتاب ئوقىۋاتاتتى.
— ئويغاندىڭمۇ قىزىم؟— دېدى ئانىسى سوزۇلۇپ ئورنىدىن تۇرىۋاتقان قىزىغا قاراپ.
— ھەئە، نەگە باردىڭلار ئاپا؟ ئۇكام ئىككىڭلارنى ساقلاپ ئۇخلاپ قاپتىمەن.— ھەدىسىنىڭ ئويغانغانلىقىنى كۆرۈپلا كىتابنى قويغان زىبانىڭ ئىنىسى ئانىسىدىن بۇرۇن بۇرۇن جاۋاب بەردى.
— كوچىنىڭ قارلىرىنى تازلىدۇق.— بۇ گەپنى ئاڭلىغان زىبانىڭ يۈرىكى ئېغىپ كەتتى. قارىسىمۇ ئانىسىنىڭ يۈزى شەلپەردەك قىزارغان بولۇپ، مەڭزىگە قىپقىزىل قان ئۇيۇپ قالغانىدى. كۆزلىرىدىن بالقىپ تۇرغان نۇر ئۆچۈپ بىرخىل ھارغىنلىققا ئالماشقانىدى.
— يوق گەپنى قىلمىغىنە مۇرات ئوغلۇم، قوشنىلانىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇپ كىردىققۇ.— ئانىسى قىزىنى ئەنسىرتىپ قويۇشنى خالىمىدىمۇ شۇنداق دېدى. زىبا ئۈندىمىدى. ئۇ ھەممىنى چۈشەنگەنىدى. يۈرىكىگە يىغىلغان ئاچچىق ئازابنى، قەلبىنى قاپلىغان چەكسىز ئىچ ئاغرىتىشنى چاندۇرمىدى. بۇ قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە زىبانىڭ ئانىسى نەچچە قېتىم ئاغرىپ يېتىپ قالدى. ئەمما پۈتۈن ۋۇجۇدىغا سىڭىپ كەتكەن قەيسەرلىك، تۇرمۇشقا بويۇن ئەگمەسلىك ئۇنى يەنىلا پۇل تېپىش ئۈچۈن ئورنىدىن دەس تۇرغۇزدى. زىبا نەچچە-نەچچە ئانىسىنى توسىسىمۇ ئۇنىمىدى، ھەم داۋاملاشتۇردى. زىبامۇ ئانىسىغا ياردەمدە بولۇپ يار-يۆلەك بولدى. بەزى كۈنلىرى خۇداغا نالە قىلىپ قىشنىڭ بالدۇرراق چىقىپ كېتىشىنى، قارنىڭ ياغماسلىقىنى تىلىدى.
كۈننىڭ سوغۇقى ئانچە-مۇنچە بوشاپ، يەرلەر ئەگىز ياسىغاندا زىبانىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئوقۇش مەۋسۇمى كېلىپ قالدى. ئۇ بىچارە ئانىسىغا قىيمىغان ھالدا ئايرىلدى. ئەڭ ئاخىرقى مەكتەپ ھاياتى، ئەڭ ئاخىرقى خۇشاللىق ۋە قايغۇلارغا جۆر بولىدىغان ساۋاقداش-بۇرادەرلەر، چەكلىكلىككە تويۇنغان تۆت يىل بىردەمدىلا توشۇپ قالغاچقا زىبا ۋاقىتنىڭ ھەقىقەتەن «ئاتقان ئوق» ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. ئۇ ئەمدىلىكتە نەچچە ھەسسە تىرىشىپ ئانىسىنىڭ ئۈمىدلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچىمىسە بولمايىتتى. ئانىسىنىڭ قىشىچە قار-شىۋرىغاندا مەزمۇت قارىغايدەك، سۇۋادان تېرەكتەك چىداپ خەلقنىڭ بىخەتەر، ئازادە يول مېڭىقشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى زىبادىمۇ ئانىسىدەك قەيسىرلىك يېتىشتۈرگەنىدى. زىبا مەكتەپ قورۇسىغا كېلىپ، ياتاقلىرىغا كىرىپ ئوبدان جايلاشتى. يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىغا يىڭىچە قەدەمدە كىرىش ئۈچۈن پىلانلىق ئىش قىلدى. بىر-ئىككى ھەپتىگىچە نورمال ئوقۇشتا زىبا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندى. كېيىن ئابلەت مۇئەللىمنىڭ يەنە ئىشخانىغا چاقىرىپ ئوقۇش پۇلىنىڭ كەم قالغىنىنى سورىغاندا، ئۇنىڭ لېۋىنى چىشلەپ جىم تۇرىۋېلىشى ئابلەت مۇئەللىمنى سەل سۆزلىتىپ قويغانىدى. شۇڭلاشقىمۇ زىبا نېمە قىلارىنى بىلمەي قالدى. ئۆيدىن قايتىشىدا ئانىسىنىڭ كېسىلى ئېغىرلاپ قېلىپ قىشىچە تاپقان پۇلىغا دورا ئېلىپ، تۇرمۇشتا خىراجەت قىلىپ تاپقان پۇلىنىڭ ئۇنچە كۆپ قالمىغانلىقىنى ئويلىسا يەنە ئانىسىغا پۇل دېيىشتىن ئۇيۇلاتتى. ئۇ ئابلەت مۇئەللىمگە يالۋۇرۇپ، كۆز يېشى قىلىپ دېگىدەك يەنە بىر ئاز ۋاقىت بېرىشىنى ئۆتۈندى. بۇ قېتىم ئابلەت مۇئەللىم چىڭ تۇرغان بولسىمۇ، ئاخىرى ئىچى ئاغرىدى بولغاي ماقۇل بولدى. زىبا مۇئەللىمىگە كۆپ رەھمەتلەرنى ئېيتىپ ئىشخانىسىدىن چىقتى. ئۇنىڭ كاللىسىدا ئوقۇش ئەمەس، ئوقۇش پۇلى كىرىۋالغانىدى. ئەمدى ئابلەت مۇئەللىم ئىشخانىسىغا چاقىرىپ قالسا چوقۇم ئوقۇش پۇلى بىلەن كىرمىسە بولمايىتتى. زىبا ئوقۇش بىلەن ئشلەشنى بىرلەشتۈرۈشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ سىرتتىكى ئاشخانىلاردا ئىشلەشكە باشلىدى. ئابلەت مۇئەللىم ئۇنىڭ ئوقۇش پۇلى غەملەۋاتقانلىقىنى بىلىپ ئىچى ئاغرىغان بولسىمۇ يەنىلا بۇ يولنى توغرا تاللاپتۇ دەپ خۇشالمۇ بولدى. ئۇنىڭ ئەستايىدىللىقى، چېچەنلىكى ئاشخانا خوجايىنىنىمۇ مەمنۇن قىلدى.
بىر كۈنى زىبا ئۆزى ئىشلەۋاتقان ئاشخانىدا جوزا-شىرەلەرنى سۈرتىۋاتقاندا يان تېلفۇنى سايرىدى. ئۇ تېلفۇنى ئېكرانىدا يورۇپ تۇرغان نومۇرغا قاراپ يۈرىكى دۈپۈلدەپ كەتتى.
— ئەسسالاممۇ-ئەلەيكۇم،— ئۇنىڭ نازۇك، جاراڭلىق ئاۋازى تىترەپ كەتتى. ئۇنىڭ ئاۋازىغا بىرخىل تەشۋىش، قورقۇش سىڭگەنىدى. ئۇ تېلفۇن قىلغان ئادەم بىلەن بىر ھازا پاراڭلاشقاندىن كېيىن تېلفۇننى قويدى. ئۇنىڭ بايىدىن ياقى چىرايىغا چىقىپ كەتكەن قورقىنىش، تەشۋىش تۇمانلىرى تاراپ چىرايى يامغۇردىن كېيىنكى ئاپتاپتەك پارلاشقا باشلىدى. ئۇ تېفۇنىنى يانچۇقىغا سېلىپ ئۈستەلنى پاكىزە سۈرتىۋەتكەندىن كېيىن، ئاشخانا خوجايىنىنىڭ ئالدىغا باردى.
— مەن بۈگۈن بالدۇرراق قايتىپ تۇرسام بولارمۇ؟— دەپ سورىدى. ئاشخانا خوجايىنى مۇلايىم ئادەم بولغاچقا، ھېچ ئىككىلەنمەيلا ماقۇل بولدى. كۈن چۈشتىن خېلى ئۆتكەچكە زىبا ئۇدۇللا مېۋە-چىۋە بازىرىغا بېرىپ، بىرەر كىلودىن بانان، ئاپلىسىنلارنى ئالدى. ئۇ بالدۇرراق باراي دېدىمۇ ياكى باشقا سەۋەب بارمۇ يولنىڭ بىر قاسنىقىغا چىقىپ تاكسى توستى. زىبا ماشىنا ئەينىكىدىن ۋىژ-ۋىژ قىلىپ ئۆتىۋاتقان ماشىنىلارغا قارايىتتى. بەزىدە كۆكتىكە لەيلەۋاتقان بۇلۇتلارغا كۆز تاشلاپ چۈشۈنۈپ بولغىسىز خىياللارغا بەند بولۇپ قالاتتى. ماشىنا تەخمىنەن يېرىم سائەتچە مېڭىپ توختىدى. زىبا تېگىشلىك پۇلىنى تاپشۇرۇپ ئالغان نەرسىلىرىنى كۆتۈرۈپ چۈشتى. ئۇنىڭ چىرايىغا خۇشاللىق ۋە جىددىيلىك ئالامەتلىرى ئارلىشىپ كەتكەنىدى. ئۇ تېلفۇنىنى قولىغا ئالدىيۇ، يەنە بىر نېمىلەرنى ئويلىغاندەك چۈشۈرۋالدى. ئاستا-ئاستا مېڭىپ، ئېگىز-ئېگىز سېلىنغان ئاھالىلىكلەر بىناسىغا كىرىپ بىر بىنانىڭ ئىشىكى ئالدىدا توختىدى. ئاندىن چوڭقۇر نەپەس ئېلىۋەتكەندىن كېيىن قەدەم يۆتكىدى. كۈن نۇرى چۈشكەن نەرسىلەرنىڭ شولىسى ئۇزۇراپ كۆكتىكى قۇياش بىنالارنىڭ ئارقىسىدا قالغانىدى. ئېگىز-ئېگىز بىنالارنىڭ كەينىدىن قۇياشنىڭ قىزغۇچ، ئالتۇندەك نۇرلىرى چاچراپ ئوچۇق يەرلەرنى يورۇتۇپ تۇراتتى. بىرخىل ئىزغىرىن شامال يېنىڭ نەرسىلەرنى ئۇچۇرۇپ تاملارغا سوقاتتى. ئېچىلىپ قالغان تەكچىلەرگە ئۇرۇلۇپ، دېرىزىگە تارتىپ قويۇلغان پەردىلەرنى رەتسىز پۇلاڭشىتاتتى. زىبا بۇ ناتونۇش قەۋەتلەرنىڭ پەلەمپەيلىرىگە دەسسەپ بىر ئىشىكنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئىشىك قوڭغۇرىقىنى باستى.
— ھە كەلدىڭىزمۇ؟
— ھەئە، ھازىر كېلىشىم.— زىبا ئىللىق كۈلۈمسىرەپ ئۇنىڭغا قارىدى.
— قېنى ئۆيگە كىرىڭ.— زىبا تەكەللۇپلار بىلەن ئۆيگە كىردى. ئۆينىڭ ئىچىدە تېلىۋۇزۇرنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئۆينىڭ چىرايلىق بېزەلگەن تاملىرى زىبانى مەھلىيا قىلىۋالغانىدى. تورۇستىن ساڭگىلاپ تۇرغان ياۋرۇپاچە چىراغلار ئۇنىڭ قايسى بىر كىنولاردا كۆرگەن بايلارنىڭ ئۆيلىرىنى ئەسلىتەتتى.
— بۇ ئۆيدە سىزدىن باشقا ئادەم يوقمۇ؟— زىبا ئۆينىڭ ھەممە يەرلىرىگە بويۇنداپ قارىدى.
— ھەئە مەن ئەزەلدىن يالغۇز.— زىبا باشقا گەپ قىلمىدى. ئۇلار بىر پەس ئولتۇرغاندىن كېيىن زىبا قولىدىكى خالتىلارنى ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە قويۇپ:
— بۇلارنى ئاز بولسىمۇ سىزگە ئالغاچ كەلگەن ئابلەت مۇئەللىم.— دېدى.
— نېمىشقىمۇ ئاۋارە بولغانسىز ئۇكام.— دەپ ئابلەت مۇئەللىم تەكەللۇپ قىلدى.
— ئاۋارە بولۇش ئەمەس.— ئابلەت مۇئەللىم رەھمەت چىراي ئىپادىسىدە زىباغا قاراپ كۈلۈپ قويدى.
— قورسىقىڭىز ئاچقاندۇ ئۇكام، مەن ئاز-تولا بىر نېمە قىلغان ئاشخانا ئۆيگە كىرسىڭىز قازاندا بار ئۇسۇپ يەڭ، ھەممىمىز ئۆز ئادەم بولغاندىن كېيىن مەن چېپىپ يۈرمىسەممۇ بولار؟!
— سىزنى ئاۋارە قىلماي مۇئەللىم، بايا تاماق يەۋاپتىمەن بولدى.— دېدى. ئابلەت مۇئەللىممۇ كۆپ گەپ قىلمىدى. ئۇ شىرە ئۈستىگە ئالدىن تەييارلاپ قويغان ئەينەك چەينەكنى كۆتۈرۈپ، سۈزۈك ئەينەكلىك ئىستاكانغا قۇيدى.
— ئۇكام ئەمسە بۇ چاينى ئىچكەچ تۇرۇڭ، مەن يەنە بىر ئۆيگە كىرىپ تەييارلاپ قويغان نەرسىلەرنى ئېلىپ چىقاي.— دەپ ئورنىدىن تۇردى. زىبا ئىللىق كۈلۈمسىرەپ ئىستاكاننى قولىغا ئالدى. ئابلەت مۇئەللىم ئۇدۇلدىكى چىلان رەڭدە سىرلانغان ئايرىم ئۆينىڭ ئىشىكىدىن كىرىپ كەتتى. زىبا قولىدىكى چاينى پۇراپ ھۇزۇرلىنىپ كەتتى. چايدىن لاچىندانە ۋە ئەتىرگۈلنىڭ پۇرىقى كېلىپ تۇراتتى. ئۇ چاينى ئوتلاپ-ئوتلاپ خېلىلا ئىچىۋەتتى. ئاڭغىچە ئابلەت مۇئەللىم قېلىنراق سېرىق رەڭلىك كونىۋېرتنى كۆتۈرۈپ چىقتى.
— ئۇكام،— دېدى ئابلەت مۇئەللىم قولىدىكى سېرىق رەڭلىك كونىۋېرتنى زىباغا ئۇزۇتۇپ،— بۇنىڭدا ئۈچ مىڭكوي پۇل بار، كەم قالغان ئوقۇش پۇلىڭىزنى تۆلەڭ.— دەپ كۈلۈمسىرىدى. زىبا مۇئەللىمىگە تەبەسسۇم بىلەن قاراپ:
— رەھمەت مۇئەللىم بۇ پۇلىڭىزنى چوقۇم قايتۇرۇپ بېرىمەن.
— بولدى پۇلنى قايتۇرۇشنىڭ گېپىنى كېيىنچە دېيىشىمىز، مەن سىزنىڭ ئوقۇتقۇچىڭىز تۇرۇپ بۇنچىلىك ياردەم قىلمىسام بولمايدۇ.— دېدى. زىباغا ئالدىدا تۇرغا مۇئەللىمى خۇددى بىر مۆتىۋەر زاتتەك كۆرۈندى. ئۇنىڭغا قايىللىقى ئېشىپ بۇنداق مۇئەللىمنىڭ قولىدا ئوقۇپ قالغانلىقىدىن سۆيۈنەتتى. ئۇلار بىر ھازا پاراڭلاشقاندىن كېيىن، زىبادا ئۆزگۈرۈش كۆرۈلۈشكە باشلىدى. ئۇنىڭ كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ، پۇت-قولى ماغدۇرىنى يوقاتتى. بېشى ئايلىنىپ ئالدىدىكى ئابلەت مۇئەللىمنى، ئۈستەلدىكى سېرىق كونىۋېرتنىڭ ئەكسى خىرەلىشىپ ئاستا يوقالدى. ئۇنىڭ پۈتۈن گەۋدىسى پەسكە قاراپ سىغىغىلى تۇرغاندا ئابلەت مۇئەللىم چاققانلىق بىلەن ئۇنى تۇتىۋالدى.
ھاياتلىقنى سۈرئەتلەپ تۇرىدىغان يورۇقلۇق بارا-بارا ئۆچىۋاتاتتى. قۇياشنىڭ تەبىئىي نۇرى يوقاپ، گۇگۇمغا يېقىنلاشقاندا سىرتتىكى ھەرخىل رەڭلىك چىراغلار يورىدى. كېچىنىڭ شاماللىرى ئاچچىق ئۇچاتتى. كۆكتىكى يۇلتۇزلار سۇس چاقناپ تۇراتتى. ئورغاق شەكىللىك ئاي ئېگىز بىنالاردىن بىردە كۆرىنىپ، بىردە كۆرۈنمەي غايىب بولاتتى. كوچىلاردىكى ھەرىكەت قىلىۋاتقان ماشىنىلار، قالدى ئىشلىرى چېپىۋاتقان ئادەملەرنىڭ ئاياغ تىۋىشلىرى بىردە كۈچىيىپ، بىردە ئاستىلايىتتى. ۋاقىت شۇ تەرىقىدە ئۆتۈپ ئاسمان قاپقارا بولۇپ كەتتى. كوچا چىراغلىرىمۇ ئاجىز پىلدىرلاپ ھەممىسى تەڭلا ئۆچتى. ئەتراپنى ئىلغا قىلالمىغىدەك دەرىجىدە قاراڭغۇلۇق قاپلاندى.
تاڭ ئاستا-ئاستا سۈزۈلۈشكە باشلىدى. قۇياشنىڭ ھارارەتسىز نۇرلىرى بىنالاردىن تەستە ئۆتۈپ ئابلەت مۇئەللىمنىڭ دېرىزىسىدىن ئۆي ئىچىگە تاشلىنىپ خىرە يورۇق چۈشتى. زىبا يۇمشاق كارىۋات، ئاپئاق كىرلىك يوتقاندا راھەت ئۇخلاۋاتاتتى. ئۇنىڭ چىرايىدا ھېچقانداق ئالامەت يوق. نەپەس ئېلىشىدىن ئۈستىگە تاشلانغان ئاق يوتقان بۇ قىزنى يېنىك پەپىلەۋاتقان ئانىدەك بوش-بوش كۆتۈرلۈپ چۈشەتتى. ئابلەت مۇئەللىم ئاشخانا ئۆيدە بىر نېمىلەرنى قىلىۋاتاتتى. كۈن نەيزە بويى ئۆرلىگەندە زىبا مىدىرلاشقا باشلىدى. ئۇ باشلىرىنى قاماللىغىنىچە ئورنىدىن تۇردى. ئۇ ئۆزىنىڭ قانداق جايدا ياتقانلىقىنى بىلەلمەي ئەتراپقا ئەلەڭلەپ قارىدى. كۆزلىرىدىن تەشۋىشلىك، قورقىنىچ ئوت بولۇپ چاچرايىتتى. ئۇ بىر قولىنى تىرەجەپ يەنە بىر قولى بىلەن يوتقاننى كۆتۈردى. كۆتۈرۈپلا چۆچۈپ كەتتى. ھېچقاچان ئۆز بەدەنلىرىدىن قورقۇپ، يىرگىنىپ باقمىغان زىبا ئەمدىلىكتە قىسماققا چۈشكەن چاشقاندەك تېپىچەكلەيىتتى. ئۇ سەكرەپ پەسكە چۈشىۋالدى. ئۇ ئانىسىدىن تۇغما ھالەتتە پەسكە ئولتۇرۇپ تۈگۈلدى. قەيەرلەرگىدۇر تاشلىۋېتىلگەن كىيىملىرىنى ئىزدەپ كۆز يېشى قىلدى. كارىۋات ئۈستىدىكى ئاق يوتقاننى تارتىپلا ئۆزىگە ئورىدى. ئاق كۆرپىنىڭ ئۈستىگە قىزىل قان دېغى يېيىلىپ ئۇيۇپ قالغانىدى. زىبانىڭ بېشىدىن تۈتۈن چىقىپ ۋارقىرىدى. يىغلىدى. ئابلەت مۇئەللىم ئاشخانىدىكى ئىشلىرىنى تاشلاپ زىبانىڭ يەردە يىغلاپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنى يۆلىمەكچى بولدى. ئەمما زىبانىڭ قاتتىق ۋارقىرىشىدىن توختىۋالدى.
— يېقىن كەلمە.— زىبا ئەتراپقا قارايىتتى. كارىۋاتنىڭ ئاياغ تەرىپىدە رەتسىز تاشلاپ قويۇلغان كىيىملىرىگە قارىدى. ھەم ھەممە ئىشنى چۈشەندى. ئۇ تېخى تۈنۈگۈنلا ئۆزىگە ئالىيجاناپ شەپقەتچى كۆرۈنگە بۇ كىشى ئەمدى ئۇنىڭغا خۇنۇك، بەتبەتشىرە مەخلۇقتەك كۆرۈنۈپ چايناپ پۈركىۋەتكۈسى كېلەتتى. ئابلەت مۇئەللىم زىبانىڭ كىيىملىرىنى تاشلاپ بەرگەچ گەپ قىلدى.
— ئۇكام كىيىملىرىڭىزنى كىيىۋېلىڭ، تاماق پىقشىۋاتىدۇ. قورسىقىڭىزمۇ ئاچقاندۇ.— دېدى. زىبا ئالدىغا تاشلانغان كىيىملىرىنى ئېلىپ مۇئەللىمگە نەپرەت بىلەن ۋارقىرىدى.
— چىقىپ كەت ئىپلاس.— ئابلەت مۇئەللىم خۇددى مۇشىت-پەشۋاغا پىشىپ كەتكەن قۇم خالتىسىدەك تېخىمۇ چىڭىغىلى تۇردى. سەت ھىجىيىپ، يالغان مۇلايىملىق بىلەن زىباغا يېقىنلاشتى.
— بولار ئىش بولدى ئۇكام، سىزگە ئىگە بولىمەن، سىزنى خوتۇنلۇققا ئالىمەن.— دېدى.
— يوقال! تېگى پەس.— دەپ زىبا ئۆزىنى تۇتۇش ئۈچۈن ئەكەلگەن مۇئەللىمىنىڭ قولىنى سىلكىۋەتتى. قاتتىق سىلكىشتىنمۇ ياكى ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىسىنىڭ بىھۆرمەتلىكىدىنمۇ ئابلەت مۇئەللىمنىڭ غۇژژىدە ئاچچىقى كېلىپ ئورنىدىن دەس تۇردى.
— ۋۇ پاسكىنا بۇزۇق، مەن ساڭا ئىگە بولىمەن دېسەم يەنە سىلكىيسەنا، مەندەك بىر مۇنەۋەر ئوقۇتقۇچى بىلەن بىللە بولغىنىڭنى ئۆزۈڭنى بەختى دەپ بىلسەڭ بولىدۇ.— دەپ قاتتىق ۋارقىراپ كارىۋاتنى مۇشتلىدى. زىبا ئۇنىڭ ۋارقىرىشىدىن تىترەپ كەتتى. بۇغۇزىغا كەپلىشىپ قالغان ئاچچىق يىغىنى يۇتىۋېتىپ نەپرەتلىك كۆزىنى پەسكە ئاغدۇردى. ئۇنىڭ يۈرەك-باغرى پارە-پارە بولۇپ ئېچىشاتتى.
— قوپۇپ كىيىمىڭنى كىيىپ بۇ يەردىن دەرھال يوقال، بۇ ئىشلارنى باشقا يەرلەردە دەپ يۈرمە. بەرىبىر خەق ساڭا ئىشەنمەيدۇ، ياكى سېنىڭ قولغا چىققىدەك ئىسپاتىڭمۇ يوق ھەم ئۆزەڭگىمۇ ياخشى ئەمەس. مەن بەرگەن پۇلنى ئېلىپ ئۈچ كۈنگىچە ئوقۇش پۇلۇڭنى تۆلەپ بول.— دېدى. زىبا ئۈندىمىدى. كىيىملىرىنى كىيىپ تەستە ئورنىدىن تۇردى. ئۇنىڭ ئۇستىخانلىرى ئۇرۇپ چېقىۋەتكەندەك ئاغرىيىتتى. ئۇ مېھمانخانىنىڭ شىرە ئۈستىدىكى سېرىق رەڭلىك كونىۋېرىت بىلەن قان رەڭگىگە كىرىپ قالغان چايغا نەپرەت بىلەن قاراپ چىقىپ كەتتى.


ئاپتۇر: شىنجاڭ مائارىپ ئىنۇستىتۇتى 2014-يىللىق ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلى تىل-ئەدەبىيات كەسپىدىن


2016-يىل 29- فېۋرال

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-1 17:44:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەب جىق يېزىلىپ كەتتى بۇ خىل ۋەقەلىك. ھەۋەسكارلا بولسا مۇشۇ خىل ۋەقەلىكنى يازىدۇ دېسە! بۇ جاھاندا باشقا تەپسىلاتلار يوقتەك!
ھېكايىدىكى يەنە بىر مەغلۇبىيەت بولسا بىر ياخشى ئوقۇتقۇچىنى ئۇشتۇمتۇت ئەسكى قىلىۋېتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-1 19:07:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erchin يوللىغان ۋاقتى  2016-3-1 05:44 PM
ئەجەب جىق يېزىلىپ كەتتى بۇ خىل ۋەقەلىك. ھەۋەسكارلا بول ...

بەلكىم  مەن  سىز دېگەندەك  باشقا  تېما  يوقتەك ، تولا  دېيىلىپ  كەتكەن  تېمىنى يازغاندىمەن.  ئەمما  راست  ئىشنى دادىللىق  بىلەن  يېزىپ  بېقىشىم   ئوقۇقۇتقۇچىلارنىڭ  ئوبرازىنى  خۇنۈكلەشتۈرۈش  بولامدۇ؟ مۇنبەردىكى  ھەممە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  ئالىجاناپ،  ئېسىل  بولۇپ  كېتىشى  ناتايىن.

ۋاقتى: 2016-3-1 20:43:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر قانچە پەس ئوقۇتقۇچىمۇ ئۆزىنىڭ ياخشى ئۇقۇغۇچىسىغا پەسكەشلىك قىلماس، بۇ يەردىكى مەسىلە شۇكى بۇ ئونۋىرىستىتلاردىكى بەزىبىر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتقىچىلارغا قىلغان توھمىتى دەپ ئويلىدىم، ئەمما ھېكايىنىڭ تىلى ياخشى چىققان بولمىسىمۇ ۋەقەلىگى چىنلىققا يېقىن قەلىمىڭىزگە بەرەكەت تىلەيمەن ھارمىغايسىز

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-1 21:39:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mamatkurban يوللىغان ۋاقتى  2016-3-1 08:43 PM
ھەر قانچە پەس ئوقۇتقۇچىمۇ ئۆزىنىڭ ياخشى ئۇقۇغۇچىسىغا  ...

تۆھمەت ياكى  ئەمەسلىكىنى  پەقەت  يازغۇچىلا  چۈشىنىدۇ.

ۋاقتى: 2016-3-2 09:42:13 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايىدە مەسىلە يوق،مەن سېنىڭ جۈرئىتىڭگە رەھمەت ئ‍ېيتىمەن،مائارىپ سېپىدە ئ‍ەنە شۇنداق مىتىلەر ماۋجۇت بۇنداقلار ئوقۇتقۇچىلار نىڭ ئ‍برازىغا ھەقىقەتەن داغ چۈشۇرىدۇ،بۇخىل شەرمەندىلىكنى قەلىمىڭ ئ‍ارقىلىق قامچىلاش ھەرگىزمۇ تېما  تەكرارلىقى بولمايدۇ، ،بەلكى بىر ئ‍اگاھلاندۇرۇش ،ئ‍وقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ساپلىقىنى ساقلاشتىكى مەجبۇريەت ،بۇنى تۆھمەت  دىيىشنىڭمۇ قىلچە ئ‍اساسى يوق چۈنكى نۇرغۇن ئ‍ۇچۇرلاردىن سەن دىگەندەك ئ‍ىشلارنىڭ پات پات يۈز بېرىپ تۇرىۋاتقانلىقى ئ‍ېنىق،بۇ ھەقتە مەنمۇ بىر پارچە ماقالە يازغان، دىمەك سەن قىلچە مەيۈسلەنمەي قەلىمىڭگە مۇراجەت قىلساڭ بولىدۇ،چۈنكى بىزدە نوپۇزغا بەك چوقۇنىپ كېتىدىغانلار مەۋجۇت ،ئ‍ەمما سەندىكى خاسلىق بۇنىڭدىن مۇستەسنا تىرىشقىن

ۋاقتى: 2016-6-22 15:12:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمسە ئۇ بىچارە قىزنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولغاندۇ؟ بۇ دۇنيادا ياخشىغا كۈن يوقمۇ زادى؟!!!...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش