ناۋادا
م، ئىزچى
مۇڭلىنامسەن ئويلىساڭلا سەن مىنى،
ئاھ ئۇرامسەن سېغىنىشتىن ھەر كۈنى.
رىئاللىقتىن ياشلىرىڭنى يۇشۇرۇپ،
پىچىرلامسەن دەپ: نىگارىم سەن قېنى.
چۈشلىرىڭگە كىرسە تاتلىق چۈشلىرىم،
ئويغىنامسەن چاقىرغانچە ئىسمىمنى.
تۇرسا كۈلۈپ دېرىزەڭدە ھىلال ئاي،
ھېس قىلامسەن بەخىتىيار بىر سېزىمنى.
كۈن-تۈن بۇلۇپ ۋىسالىمغا ئىنتىزار،
بېرەلمىسەڭ ئۆزگىلەرگە مېھرىڭنى.
كەلگىن تىزراق باغرىم ساڭا كەڭ ئۇچۇق،
ئۇيىۋالغان ئاڭا سىنىڭ چېھرىڭنى.
2016-يىلى 28-فېۋرال
|