بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قاينارى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-28 06:38 PM
سېنى ئەسلىدىم
نۇرشات ئەنۋەر
سېنى ئەسلىدىم،
سەن بولۇشۇڭ تېگىشلىك يەردە
سېنىڭسىز يۈرۈپ.
يۈرىكىمنى غەمدىن چەشلىدىم،
كارغا كەلمەس ئۆتمۈش ھەققىدە
ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا خىياللار سۈرۈپ...
ئېسىمدە
ئاشۇ سالماق قەدەم تىۋىشىڭ؛
مەستخۇش بېقىپ جاراھىتىمگە،
بىر تېمىم–بىر تېمىمدىن
بوتۇلكىدا ئۇكۇل سۈيىدەك
تۇمۇرۇمغا سىرغىپ كىرىشىڭ.
چۈشلىرىمدىن ئوڭۇمغا قەدەر،
يېيىلاتتى نەمخۇش چاچلىرىڭ.
تاشقىنلايتتى قەلبىمدە سۈزۈك
تىرنىقىڭنى يەڭگىل تاتىلاپ
ئېھ،بىغۇبار يېتىرقاشلىرىڭ...
ۋاقىتقا مىنىپ
ھەر نە ئىستەك كەلمەسكە كېتەر.
بىراق
بىز تەڭ باسقان يوللاردا قاچان
ساڭا بولغان سېغىنىشىمنىڭ
زامانى ئۆتەر؟!…
2016-يىل،28فېۋرال.