يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 465|ئىنكاس: 0

كۆكيار: تەبىئەت ئانا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-28 10:26 PM  

تەبىئەت ئانا


ئەنقەر ئەيساجان كۆكيار

ھىلال ئاي

كۆل يۈزىدە قولۋاق ئاي،
كۆكتە ھىلال ئورغاق ئاي.
قول تۇتۇشۇپ سەن بىلەن،
ئىناق-ئىجىل دوست بولاي.
ئېيتقىن قورقماي،ئايىماي،
سىرلىرىڭنى مەن ئاڭلاي.
جىمجىت تۈندە بىرگە بىز،
سىردىشايلى تارتىنماي.
تەكلىپ ئەتكىن مەن باراي،
ئۆي-ھويلاڭغا تولۇن ئاي.
ھېھمان بولۇپ ھەر كېچە،
يېنىڭدا تۇرۇپ قالاي.
ئۇنتۇپ ھەممە-ھەممىنى،
كۆڭۈلدىكى بىر تالاي.
سەن يۈگۈرگىن مەن قوغلاي،
ئېيتىپ ناخشا لاي-لاي-لاي...

تەبىئەت ئانا

سىزسام دەيمەن ياپيېشىل دالا،
بويىقىم بىلەن رېڭىنى بېرىپ.
قوتۇپ قويسام ھەم چوپان بالا ،
پادىنى باقسا نېيىنى چېلىپ.
سىزسام دەيمەن ياپيېشىل دالا،
ئۇندا گۈل بولسا ،كېپىنەك بولسا،
ھەرىلەر شادلىقتىن سازىنى چالسا،
قوزا ـ تايچاق ھەريانغا چاپسا.
سىزسام دەيمەن ياپيېشىل دالا،
كۈلدۈرۈپ قوياش بۇلۇتلار ئارا.
قوينىڭدادۇرمەن شادىمان بالا،
تويمايمەن ساڭا تەبىئەت ئانا.

ھەسەن-ھۈسەننىڭ تۇغۇلغان كۈنى

شامال ئەلچى-
كەپسىزلىكى بىلەن ئاسماننىڭ بۇرۇتىنى،
كىچىك بالىدەك تارتىپ ئويناپ
كۆزلىرىنى يۇمغۇزۇپ ئاستا،
زىمىننىڭ نامىدا،
بىر ـ ئىككىنى چوك قېلىپ سۆيۈپ ھەددىدىن ئاشسا،
شۇدەم بىردىن  
ھېسلارغا باي ئاسمان چۆچەكچى قىزدەك،
چۆچىكىنى ئىچىلغان گۈلدەك،
ھىدلىرىنى ئايىماي چاچار ،
يۈرىكىنى غېڭشىپ دىمىغىدا،
تىنماي ئاڭلىتار زىمىن ئوغۇلغا....
ئېھ،تەبىئەت گۆدەك بالىسى،
غۇنچىلارنىڭ ئەڭ چۈچۈك تىلى،
كۈيلەرنىڭ ئەڭ يېقىملىق مۇڭ كۈيى،
تامچە يامغۇر
قېنى كەر غولاچىڭنى سالغىن سامانى،
توۋلا،تاقلا قويىۋەت ئۆزۈڭنى،
قىزىتىپ بۇ مەشرەپنى،
ئاندىن توختا ئال ئارامىڭنى...
......
گاھ ئۈچ گاھ بەش گاھ،
يەتتە خىل رەڭ شايى-ياغلىق،
شۇنچە تاتلىق شۇنچە چىرايلىق،
ئەتلەسدەك يېيىلىپ شاد كۈلۈپ،
تۇرار چۆچەكچى قىز-ئاسمان بوينىدا...
ھوي...
پاھ،بېقىڭلار دوستلار،
ئەنە ئاۋۇ تەرەپكە،
<<ھەسەن-ھۈسەن>>- ئاكا-ئىنەلەر،
مېنى كۆرۈۋۈتامسىلەر؟
مانا مەن،مانا بۇيەردە.
مېنى ساقلاپ تۇرۇڭلار ھە،
سىلەرنى
سىزىۋالاي  دەپتىرىمگە...

تاپتىم جاۋاب سوئالغا

كېچە جىمجىت ھەممە ياق،
كېتەر ئىكەن ئۇيقىغا.
كۆكتە ئاي يۇلتۇز بىلەن،
تۇرار ئىكەن تەڭ پوستا.

بىلەلمىدىم نېمىشقا،
كۈندۈزى يوق يۇلتۇزلار.
دائىم سەبىي قەلبىمنى،
چىرمىۋالار ئاشۇ
تاتلىق-گۆدەك ئوماقلار.

يېشىپ بېرەر ھەر كېچە،
مومام ئېيتىپ ھېكايە.
كائىناتنىڭ سىرىنى،
زېرىكمەستىن ھەمىشە.
...
ساناتقۇزدى كۆرسىتىپ،
ئاسماندىكى يۇلتۇزنى.
ھېكايىنى تۈگىتىپ،
:دېدى ماڭا بۇ سۆزنى
‎__ ئاڭلا ئوغلۇم،ئاي-قوياش،
بىر-بىرىگە ئوخشىماس.
كېچە-كۈندۈز ئالمىشىپ،
ھارماس-توختىماس.
‎__ ماڭساڭ مېڭىپ،توختىساڭ،
سەن بىلەن تەڭ توختايدۇ.
سەھەر قوياش كېچە ئاي،
دائىم سېنى قوغدايدۇ.

مومام ئېيتقان ھېكمەتتىن،
تاپتىم جاۋاب سوئالغا.
بەكمۇ خۇش بولۇپ كەتتىم،
ئېيتىپ رەھمەت مومامغا...


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش