سۆيگۈ بايرىقى
يۈسۈپجان ئابدۇشۈكۈر
مەۋج ئۇرغان قىپقىزىل قاندىن،
ئۆركەشلىگەن پاك ھاياجاندىن،
كۆز-ياشلارمۇ قوشۇلۇپ، ئاندىن
كەشتىلەندى سۆيگۈ بايرىقى.
كۆڭۈلدىن گۈل سۇنۇلدى باشتا،
شۇڭا ئۆزى قاينىدى داشتا.
ئاشىقلاردىن ئاققان شۇ ياشتا،
كەشتىلەندى سۆيگۈ بايرىقى.
دەردتىن داستان يېزىپ بىر پارچە،
يۈرەك بىلەن ئورالدى بارچە.
تىتما بولۇپ قەھرىمانلارچە،
كەشتىلەندى سۆيگۈ بايرىقى.
مارش كەبى ياڭرىدى نىدا،
قىلدى كۆڭۈل ئۆزىنى پىدا.
تېنەپ يۈرۈپ يار كوچىسىدا،
كەشتىلەندى سۆيگۈ بايرىقى!
2016-يىل 24-فېۋرال، پەيزاۋات.