يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 226|ئىنكاس: 0

پولات ۋىلاخۇن ئىلى:چۈش،تۇرمۇش ۋە ئادەم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                    چۈش،تۇرمۇش ۋە ئادەم
                                             (نەسىر)
                                   پولات ۋىلاخۇن ئىلى
   ئىنساننىڭ ئۆزى بىر سىرلىق دۇنيا.ئۇ ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇق نوقتىسى بىلەن چەكسىز تۇرمۇش سەينالىرىنى ئاۋاتلاشتۇرۇپ كەلگەن.ئۇ بىر ئاۋاتلاشتۇرغۇچى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن يەنە نۇرغۇن يوقۇتۇپ قويغۇچىدۇر...
   چۈش ئىنسان ۋۇجۇدىدىكى مەۋھۇم دۇنيا.ئۇنىڭ باشلىنىشى ۋە ئاخىرلىشىشى يوق.چۈشنىڭ كاللاڭغا قاچانلاردا كىرىپ،يەنە قاچانلاردا چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلەلمەيسەن ھەم يەنە نېمىلەرنىڭ كاللاڭغا كىرىپ قالايمىقانلاشتۇرىدىغانلىقىنىمۇ بىلىشكە قادىر ئەمەسسەن. ئۇ سېنىڭ باشقۇرشىڭغا مۇھتاجمۇ ئەمەس،بەلكى چۈش ئۆز قانۇنىيىتى بويىچە ئايلىنىپ كېتىۋىرىدۇ.
   تۇرمۇش چۈشكە ئوخشايدۇ.ئۇ خۇددى چۈشكە ئوخشاش سېنىڭ رايىڭغا بېقىپ كەتمەيدۇ.ۋاقتى كەلسە سېنىڭ نېمە بولۇشىڭ بىلەن كارى يوق، خۇددى سەن بىلەن ھېچ مۇناسىۋىتى يوقتەك ئۆز قانۇنىيىتى بويىچە ئايلىنىپ كېتىۋىرىدۇ.ئۇنىڭ سېنىڭ ھاياتىڭدا قاچان باشلىنىپ،قاچان ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئەسلا بىلگىلى بولمايدۇ.ئۇ سەن تۆرۈلۈشتىن ئىلگىرىلا سېنىڭ كەلگۈسى ھاياتىڭغا سېڭگەن بولىدۇ.
   ئىنسانلار چۈشنىڭ شېرىن ئالداشلىرىغا مەس بولۇپ،قانداقتۇر بىر مەۋھۇم سىما ۋە ئۈمۈد ئۈچۈن ھەركەت قىلسا،تۇرمۇشنىڭ شېرىن لەززەتلىرىدىن ھوزۇرلىنىپ،چەكلىك ھاياتىنى قانداق قىلىپ خورۇتۇپ قويغۇنىنى سەزمەيلا قالىدۇ.يەنە تېخى سەكراتتا يېتىپمۇ تۇرمۇشنىڭ نېسى لەززىتىدىن ئۈمۈد كۈتىدۇ...
   بۇ دۇنيادا ئىنساندەك بىچارە مەخلۇق بولمىسا كېرەك.ئۇ ھەممىسىنىڭ ئالدىشىغا گول بولۇپ،خۇددى پوڭزەكتەك دۇمىلاپلا يۈرىدۇ.ئۆز ۋۇجۇدىدىكى ۋاقىتسىز ئايرىلغان بەختلىرى ئۈچۈن تولىمۇ ۋەھشى!...

      
         



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش