كۆرۈش: 310|ئىنكاس: 7

نورۇزى: باھانە ئىزدىمەڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-28 03:20 PM  



                                                                   باھانە ئىزدىمەڭ  

                                                                  قۇربانجان ئابلىمىت نورۇزى

     تۇرمۇشتا قانداق ئادەتنى يېتىلدۈرسىڭىز، شۇنداق ھەرىكەتنىڭ قاينىمىدا ياشايسىز. باھانە ئىزدەشمۇ شۇنداق. بىرىنچى قېتىم مەلۇم سەۋەب بىلەن باھانە ئىزدەشكە تىرىشسىڭىز، ئىككىنچى، ئۈچىنچى قېتىمدىمۇ ئاۋۋالقىدەكلا باھانە ئىزدەيسىز. باھانە سىزگە تۇنجى قېتىمدا جېنىڭىزغا ئەسقاتقاندەك قىلغان بىلەن، كېيىنكى كۈنلەردە سىزنىڭ يامان ئادەتنى يېتىلدۈرۈۋېلىشىڭىزغا يول ئېچىپ بېرىدۇ– دە، باشقىلار تەرىپىدىن يالغانچى دەپ قارىلىسىز. شۇڭا، ھەرگىز تۇرمۇش ۋە خىزمەت ھاياتىڭىزدا باھانە ئىزدىمەڭ.
ئەمەلىيەتتە، كىشىنىڭ ئادىتى ئۇنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. لېكىن، يېتىلدۈرگەن ئادىتىڭىزنىڭ قانداق بولۇشى ئۇنى بەلگىلەيدۇ. مەلۇم بىر خىل قىلىق – ھەرىكەت، تەپەككۇر، شۇنىڭدەك تۇرمۇش ۋە خىزمەتكە تۇتقان پوزىتسىيىنىڭ كىشىنىڭ ئېڭىدا مۇكەممەللىكتە بىرلىككە ئىگە بولۇشى ناھايىتى ئۇزاق بىر جەرياندىن ئىبارەت. ئۇلار شۇ جەرياندا ئادەت بولۇپ يېتىلىدۇ. بۇ ئادەت كىشىنىڭ بارلىق قىلىق – ھەرىكەت، تەپەككۇز ۋە پوزىتسىيىلىرىنى باشقۇرۇپ تۇرىدۇ، كۆز ئالدىدىكى ئىشلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ناۋادا، سىز يېتىلدۈرگەن ئادەت باھانە تېپىشتىن ئىبارەت ئۆزى كىچىك، ئەمما ئاقىۋېتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان يامان ئادەتنى يۇقتۇرۇۋالغان بولسىڭىز، باھانىلەرنىڭ داۋاملىيشىشى  ۋە بىربىرىگە ئۇلىنىشى بىلەن ئىدىيە ۋە تەپەككۇرىڭىز باھانە ئىزدەشكە كۆنۈپ كېتىدۇ. مانا بۇ سىزنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمىتىڭىزدىكى مەغلۇبىيىتىڭىزنىڭ باشلانمىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى شۇكى، ھەرقانداق ئىشتا باھانە ئىزدىمەڭ، مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن ئۈستىڭىزگە ئېلىڭ. بىر كىشى بىر كوچا دوقمۇشىدا، قارىشى تەرىپىدىن ئۆزىگە ئوخشاش ئالدىراش كېتىۋاتقان بىرەيلەنگە سوقۇلۇپ كەتتى. ناۋادا ئۇلار ئىككىيلەن تەڭلا بىربىرىسىدىن ئەپۇ سورىيالىغان ۋە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالالىغان بولسا، ئۇ ھالدا ئۇلار يېتىلدۈرگەن ئادەتنىڭ نەقەدەر گۈزەللىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئەگە ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرى ‹‹ سەن مېنى سوقۇۋەتتىڭ، شۇڭا مەن يىقىلىپ چۈشتۈم ›› دەپ، قارىشى تەرەپنىڭ ياقىسىغا ئېسىلسا ياكى ئۇنىڭغا ئۆكتەملىك قىلسا، ئۇنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنىڭ ئاللىبۇرۇن باھانە ئىزدەشكە كۆنۈپ كەتكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. يېقىندا مۇنداق بىر ئىش كۆز ئالدىمدىلا يۈز بەردى:
كەچكە يېقىن ناۋايخانىغا نان ئالغىلى كەلگەنىدىم. خېرىدارلار كۆپ بولغاچقا، قاتار تىزىلىپ ئۆچىرەتتە تۇرۇپ نان ئېلىۋاتاتتى. مەنمۇ ئۇلارنىڭ سېپىگە قوشۇلدۇم. نۆۋەت ئالدىمدىكى ياشانغان كىشىگە كەلدى. ئۇ كىچىك گىردە ناندىن يەتتە – سەككىزنى ناۋاي بالا ئېلىپ بەرگەن سۇلياۋ خالتىغا  سالدى ۋە پۇلىنى تۆلەپ مېڭىشىغىلا سۇلياۋ خالتا يىرتىلىپ، گىردىلەر توكۇرلاپ چۈشۈپ، ئۇيان – بۇيان دومىلاپ كەتتى. ئىككى – ئۈچىمىز گىردىلەرنى تېرىپ، ناۋاي بالا قايتىدىن ئىككىنى بىر قىلىپ قاپلاپ بەرگەن سۇلياۋ خالتىغا سېلىپ بەردۇق.
ناۋاي بالا ئوڭايسىزلانغان ھالدا:
— كەچۈرۈڭ، چوڭ دادا، خالتا پۇختا بولمىغاچقا، يىرتىلىپ كەتتى. مەن گىردىلەرنى ئالماشتۇرۇپ بېرەي! — دەپ، ئۇنىڭ قولىغا ئېسىلدى. بىراق، ئۇ ناھايىتى سىيلىقلىق بىلەن رەت قىلدى:
— ھېچقىسى يوق بالام، ئۆزۈم ئوڭلاپ تۇتالمىدىم، بولدى رەھمەت !
ئۇ كىشىنىڭ بەرگەن جاۋابىدىن ئۆزۈممۇ بىلمىگەن ھالدا مەمنۇنىيەت ۋە سۆيۈنۈش بىلەن ئۇنىڭغا قارىدىم. ئۇ شۇنداق تەمكىن ۋە ۋەزمىن ئىدىكى، گويا ھېچ ئىش بولمىغاندەك سۇلياۋ خالتىنىڭ تېگىنى تۇتۇۋالغان ھالدا كېتىۋاتاتتى. ناۋاي بالىنىڭ سۆزى مەسئۇلىيەتچانلىقتەك بىلىنگەن بىلەن، ئۇنىڭدا يەنە سەۋەنلىكنى سۇلياۋ خالتىنىڭ پۇختا بولمىغانلىقىغا دۆڭگەپ قويۇشتەك باھانە ئىزدەش ئادىتى ‹‹ مانا مەن ›› دەپ پارلاپ تۇراتتى.  ھېلىقى كىشىمۇ سۇلياۋ خالتىنىڭ يىرتىلىپ كېتىشىنى ئۇنىڭ سۈپىتىنىڭ ناچارلىقىدىن كۆرسە بولۇۋېرەتتى. بىراق، ئۇنىڭ نەزىرىدە خالتىنىڭ سۈپىتىنىڭ ناچارلىقى ئۆزىنىڭ خالتىنى پۇختىلاپ تۇتالمىغانلىقى بىلەن ئۆلچەنگەنىدى.
بۇ تۇرمۇشتىكى ناھايىتى ئاددىي بىر مىسال. خىزمەت ۋە تۇرمۇشىمىزدا مۇنداق مىساللار  ھەر كۈنى، ھەر سائەتتە دېگۈدەك لەيلەپ يۈرگەنلىكىنى ھېس قىلىمىز: ئىشقا كېچىكىپ كېلىش ياكى كەلمەسلىك؛ توي – تۆكۈن، ئولتۇرۇش – يىغىلىشلاردا باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىپ، كېچىكىپ كېلىش؛ بۇيرىغان، تاپشۇرغان، ئۆتۈنگەن ئىشلارغا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش . . . قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ‹‹ ئالتە ئېشەككە يۈك ›› باھانىلەر بىزنى ئىشىنىشكە، سۈكۈت قىلىشقا، ھەتتا بەزىدە ۋاز كېچىشكە ئۈندەيدۇ. قىسقىسى، باھانە ئىزدەشتىن ئىبارەت يامان ئادەتنى يېتىلدۈرۈش ناھايىتى ئاسان، بىراق ئۇنى ئۆزگەرتىش ۋە ئېسىل ئادەتنى يېتىلدۈرۈش بەكمۇ قىيىن. يالغان ئېيتىش، باھانە ئىزدەش ئارقىلىق، ئۆزىڭىزنى ۋاقىتلىك خاتىرجەم قىلماڭ ۋە بىرەدەملىك بەزلىمەڭ. بىلىمىزكى، كىشى ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىتنى سەرپ قىلىپ، ئېسىل ئەخلقىي – پەزىلەتنى يېتىلدۈرىدۇ، ئەمما ناھايىتى تېزلا يامان ئادەتنى يۇقتۇرىۋالالايدۇ. مەيلى ياخشى ئادەت بولسۇن، مەيلى يامان ئادەت بولسۇن، ئوخشاشلا كىشىنىڭ ئۆگىنىش، خىزمەت، تۇرمۇشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئوخشىمايدىغىنى ئۇنىڭ نەتىجىسىدىن ئىبارەت.



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-28 16:08:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى ئىشلارغا باھانە تاپمىساق بولمايدۇ.

ۋاقتى: 2016-3-1 16:15:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    رەھمەت ساقام،كۆڭۈلدىكى گەپنى قىپسەن.ماقالەڭدىن سۆيۈندۈم.

ۋاقتى: 2016-3-5 12:19:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدە باھانە ئىزدەيدىغانلار ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس. شۇڭا بىرەر ئىشتا ئاخىرغا چىقالماي يېرىم يولدا توختاپ قېلىش ئەھۋالى ئېغىر. ماقالىنىڭ رېئالنىي ئاساسى،قاراتمىلىقى كۈچلۈك بوپتۇ. ماقالە ئىلھامى بىلەن«خەير-خوش باھانە» دېيەلەمسىز؟

ۋاقتى: 2016-3-6 17:19:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدە  دائىم باھانە  ئىزدەپ  ۋاقىتنى بوشقا ئۆتكۈزۈۋېتىدىغانلار  ھەقىقەتەنمۇ  ئاز ئەمەس ، بۇ ماقالە مۇشۇنداق كىشىلەرگە بىر ياخشى دەرىسلىك بوپتۇ .

ۋاقتى: 2016-3-6 17:25:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باھانە - كىشىنى بىخودلاشتۇرىدىغان مەنىۋى ئەپيۇن ، ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇشىمىز زۆرۈر .

ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 12:50 AM | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باھانە  تۇرمۇشقا قىلىنغان ھاقارەت

ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 05:52 AM يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ شۇنداق باھانە ئىزلەيدىغاننىڭ بىرسى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش