يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 443|ئىنكاس: 5

كۆكيار: ئىككى شېئىر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-28 03:22 PM  



ئىككى شېئىر

ئەنقەر ئەيساجان كۆكيار

كارتون دۇنيا ـــــــ لاي قەلئە
يەتتە پاپا ياسىدىم،
سېغىز لايدا بىر ھازا.
ياسىدىم ھەم چىرايلىق،
قار مەلىكە پاھ قارا
ياسىدىم شىر پادىشاھ،
ياسىدىم بىر چوڭ قەلـئە .
كۆز ئالدىمدا بىر دۇنيا،
پەيدا بولدى يېڭىچە.
بۇ ئوڭۇممۇ،چۈشۈممۇ ،
پاھ ،نېمدىگەن گۈزەل ـــ ھە؟
مۇشۇ پېتى تۇرارمۇ ؟
ئەتە قوپسام سەھەردە ؟
لاي بوپ كەتتى قوللىرىم،
قەلئە ياساپ بولغىچە،
دادام قاقشاپ كېتەرمۇ؟
ھېلى ئۆيگە كىرگەندە .
...
كارتون دۇنيا ـــــــ لاي قەلئە ،
چىقماس ئەستىن مەڭگۈگە ...
•••
قونچىقىم
قونچىقىم بار بەكمۇ جىق،
بىر ـ بىرىدىن چىرايلىق.
بارچىسىغا قوماندان،
قوڭۇر رەڭلىك شوخ ئېيىق.
ئوماق،كەپسىز،مۇلايىم،
توشقان،مۈشۈك،ياغاچ ئات.
بىللە ئويناپ ھارمايمەن،
ئۆتەر كۈنۈم بەكمۇ شاد.
يان ـ يېنىمدا ھەر كۈنى،
قىلار بەزمە يېغىلىپ،
بولار ھەمرا تۈن بويى،
قۇچىقىمدا تەڭ يېتىپ.
...
قونچىقىم بار بەكمۇ جىق،
بىر ـ بىرىدىن چىرايلىق ...
مەنبە : ‹‹ياشلار ژۇرنىلى نەشىرىياتى›› «تارىم غۇنچىلىرى ژۇرنىلى » 2013 ـ يىل 6 ـ ئاي سانى «سابىرى » بالىلار ئەدەبىياتى مۇكاپات ئەسرى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-6 01:06:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ي.ت. توغراق رەھمەت ئاكا، تېخىمۇ ئىزدىنىمەن.ياقتۇرغىنىڭىزدىن خۇش بولدۇم .بولىدۇ ئەلۋەتتە

ۋاقتى: 2016-3-2 09:16:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى چىقىپتۇ، داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ!

ۋاقتى: 2016-3-9 22:40:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


  ئەنقەر ئەيساجان كۆكيارنىڭ بالىلارغا ئاتالغان ئىككى شېئىرى ناھايىتىمۇ ياخشى چىقىپتۇ، بالىلارنى ئەمەس، چوڭلارنىمۇ  مەپتۇن  قىلىدىكەن .



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-13 00:54:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nurala
رەھمەت  ھەدە ياقتۇرغىنىڭىزغا .خۇش بولدۇم تېخىمۇ تاتلىق ئىجادىيەتلەرنى سىلەرگە سۇنۇشقا تىرىشىمەن ۋە ئىزدىنىمەن .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-13 00:54:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nurala
رەھمەت  ھەدە ياقتۇرغىنىڭىزغا .خۇش بولدۇم تېخىمۇ تاتلىق ئىجادىيەتلەرنى سىلەرگە سۇنۇشقا تىرىشىمەن ۋە ئىزدىنىمەن .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش