يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 362|ئىنكاس: 5

ھۈسەيىن ئەسئەت: سەبىي تۇيغۇلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-27 11:46 PM  

ھۈسەيىن ئەسئەت
سەبىي تۇيغۇلار

باغۋەنگە مەدھىيە

نامىڭ يۈكسەك دىلىمدا،
ئەي قەدىردان مۇئەللىم.
سەن بەرگەن بىلىم بىلەن،
نۇرلىنار مېنىڭ قەلبىم.

پەرۋىش قىلىپ ئۆستۈردۈڭ،
ساناقسىز كۆچەتلەرنى.
مېۋە بەردى كۆچەتلەر،
ئېچىپ گۈل-چېچەكلەرنى.

مەنمۇ شۇ چېچەكلەرنىڭ،
بىر تېلى-بىر نوتىسى.
ئەلگە مېۋە بېرىمەن،
چېچەك ئېچىپ كەلگۈسى.

كېچە-كۈندۈز كۈيلىسەم،
تۈگىمەيدۇ تەرىپىڭ،
ئۇلغايماقتا كۈنسىرى،
سېنىڭ ھۆرمەت،شەرىپىڭ.

قار چۈشتى

ئاپئاق-ئاپئاق قار چۈشتى،
خۇددى كېپەك ئالتۇندەك.
يەر-زېمىننى پۈركىدى،
قۇياش سەپكەن چاچقۇدەك.

قار بوۋاينى ياسىدۇق،
بەستى گويا تەڭرىتاغ.
تۇرار ئەنە خېزىردەك،
خۇشخۇي چىراي، كەيپى چاغ.

بىز بەخىتلىك بالىلار،
دىلىمىز پاك خۇددى قار.
شۇڭقار بولۇپ ئۆسىمىز،
جەسۇر غەيرەت بىزگە يار.

ئوقۇغۇچىلىرىمغا

ئوماقلىرىم،كۈلگۈنچەكلىرىم،
تارتىپسىلەر دىلىمنى تامام.
كۆز ئالدىمدا يۈرىيسىلەر ئەگىپ،
نەزىرىمگە بەرمەستىن ئارام.

ئوماقلىرىم، كۆڭۈل خۇشلىرىم،
چېتىقلىقكەن رىشتىڭلار ماڭا.
ئارمانلارغا بولۇپ ھەمسەپەر،
ئۈمىد بەخىش ئەتتىڭلار ماڭا.

ئوماقلىرىم، نۇر-يۇلتۇزلىرىم،
يەتكۈزدىڭلار كۆككە بېشىمنى.
سىلەر ئۈچۈن ئاتقان يېڭى تاڭ،
ئۇزارتىدۇ مىڭ يىل يېشىمنى.

ئوماقلىرىم، گۈل-غۇنچىلىرىم،
باغۋەنلىكىم يېتىپ ئاشىدۇ.
پۇرەكلىسە ياشلىق گۈلۈڭلەر،
قۇياش بىزگە چىراي ئاچىدۇ.

بىز غۇنچىلار

بىز غۇنچىلار بەختىيار ئەۋلاد،
كۆكسىمىزدە قىزىل گالىستۇق.
ئىلىم-پەنگە يول ئېچىپ پارلاق،
ئەجداتلارنىڭ ئىزىنى باستۇق.

بىز ۋەتەننىڭ كۈتكەن ئۈمىدى،
كەلگۈسىمىز پارلاق شۇقەدەر.
نۇر چاچىمىز ئانا ۋەتەننىڭ،
ئاسمىنىدا چاقناپ ھەر سەھەر.

ھىلال ئاي

ماڭا قارا ھىلال ئاي،
جامالىڭغا بىر قاناي.
دوسىت بولايلى ئىككىمىز،
تا ئەبەتكە ئايرىلماي.

شەكلىڭ گويا زەر قېيىق،
كۆك قەھرىگە ئېسىقلىق.
نۇرۇڭ خۇددى تۇچ پالاق،
ھەركەتلىنەر بىتىنىق.

ھىلال ئايىم ھىلال ئاي،
كەلگىنە شاد، مۇڭلانماي.
قوبۇل ئەيلە سۆزۈمنى،
سەن چۈشمىگىن مەن چىقاي.



ماڭغىنىمدا مەكتەپكە

كۈندە ماڭسام مەكتەپكە،
دەيدۇ ئانام:« يول بولسۇن!
ئوبدان ئوقۇڭ جان قوزام،
بىلىمىڭىز مول بولسۇن.

بەھىر ئېلىپ باغۋەندىن،
چېچەك ئېچىپ چوڭ بولۇڭ،
‹ھارام پۇتاق› بوپ قالماي،
تۈز نوتىلاڭ، ئوڭ بولۇڭ».

جان ئانامنىڭ سۆزىنى،
چىڭ ساقلايمەن قۇلاقتا.
ياراملىق بوپ ئۆسىمەن،
پەن كانىدا-بۇلاقتا.

ئىسراپچىلىق تۈگىسۇن

سەنمۇ ئاداش، مەنمۇ ئاداش،
دېھقان بالىسى.
كۆزلەر گۈلى، كۆڭۈل خۇشى،
يۈرەك پارىسى.
باش باھاردىن قىش كىر گۈچە،
ئېتىزدىن كىرمەي.
جاپا تارتىپ ئىشلەر چوڭلار،
راھەت ئىزدىمەي.
غەمدىن يىراق بۇ باغچىدا،
ئوقۇۋاتىمىز.
مەرىپەتتىن دىلغا كەشتە،
توقۇۋاتىمىز.
بىراق بەزى ساۋاقداشلار،
بىزنىڭ سىنىپتا.
چەكتىن ئاشتى كۈندىن كۈنگە،
ئىسراپچىلىقتا.
كەلسە-كەلمەس نەرسىلەرگە،
خەجلەيدۇ پۇلنى.
خەت يازغىلى قەلىمى يوق،
چىشلەيدۇ قولنى.
يەنە بەزى ساۋاقداشلار،
خارلايدۇ ناننى.
ئويلىمايدۇ ئاتا-ئانا،
پايدا-زىياننى.
ساۋاقداشلار تاشلايلى بىز،
يامان ئادەتنى.
ئىسراپچىلىق ئۈششۈتمىسۇن،
بەخىت-ئامەتنى.

مەن بارىمەن مەكتەپكە

كىچىك دېمە جان دادا،
كىچىك دېمە خان ئاپا.
ھازىر كىچىك ئەمەسمەن،
چوڭ بولدۇمغۇ مەن مانا.

ئالتە ياشقا كىردىممەن،
ئەمدى باراي مەكتەپكە.
سەھەر تۇرۇپ قوشۇلاي،
ئاكام، ئاچام بار سەپكە.

ئوڭ قولۇمنى تۇت دادا!
سول قولۇمنى تۇت ئاپا!
ئاپىرىڭلار مەكتەپكە،
كۆيۈنسەڭلار گەر ماڭا.

بىلىم بېرىپ ئۇستازلار،
ئاق-قارىنى تونۇتسۇن.
مېنىڭ گۆدەك قەلبىمنى
ئىلىم بىلەن يورۇتسۇن.

تەتىل ناخشىلىرى

(بىر ئۆسمۈر تىلىدىن)
مەكتىپىمنى سېغىندىم

ئانا، ئانا، جان ئانا،
توشمايدىغۇ تەتىلىم؟
بەك سېغىندىم مەكتەپنى،
قەيەردىدۇ مۇئەللىم؟

تەتىل دېگەن بەك ئوبدان،
ئوينىۋالدىم قانغۇچە.
نېمىشقىدۇر مەكتىپىم،
سېغىندۇردى باشقىچە.

سېغىندۇردى ئاداشلار،
سېغىندۇردى باغۋەنلەر.
سېغىندۇردى دىلىمغا-
يورۇقلۇقنى بەرگەنلەر.

جېنىم دادا، جان دادا،
دەپتەر، قەلەم ئېلىپ بەر.
ھېچنېمەم كەم قالمىسۇن،
ھەممىنى تەل قىلىپ بەر.

ئېلىپبە ۋە ھېساپتىن،
ئىشلەپ بولدۇم تاپشۇرۇق.
مۇئەللىمنىڭ ئالدىدا،
بولىدۇ يۈزۈم يورۇق.

سالام مەكتىپىم

ئەسسالام، جان مەكتىپىم،
تېنىچ-ئامان تۇردۇڭمۇ؟
سېنى بەكمۇ سېغىنغان،
يۈرىكىمنى كۆردۈڭمۇ؟

مېنىڭ سەبىي ئاق دىلىم،
تەلپۈنىدۇ ساڭىلا.
ھاياتىمدا سەن گويا،
بىر ئانىسەن ماڭىلا.

يۈرىكىمىز ئوت بولدى

سېغىنىپ شۇ ئۇستازنى،
يۈرىكىمىز ئوت بولدى.
تەتىل توشۇپ بولغىچە،
كۆزلىرىمىز تۆت بولدى.

ئۇنتۇمىدۇق ھەر ۋاقىت،
ئۇستاز بەرگەن تەلىمنى.
ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق،
شۇ قىممەتلىك تەتىلنى.

ئۇستاز دېگەن ئاتىمىز،
ئۇستاز دېگەن ئانىمىز.
ئەجرىڭلاردىن بىز چوقۇم،
چولپان بولۇپ يانىمىز.

قۇياش بىلەن بەسلىشىپ

ھەر كۈنى تاڭ سەھەردە،
ئانام ئويغاتقاندىلا،
تەستە تۇرۇپ ئورنۇمدىن،
چىقىپ باقسام تالاغا،
قۇياش كۈلۈپ مارايدۇ،
دەل-دەرەخلەر ئارىسىدىن.

خىجىل بولۇپ قىزىرىپ،
يۈزۈمنىمۇ يۇماستىن،
مەكتەپ تامان چاپىمەن،
ناشتا-ناۋا قىلماستىن.
يېتىپ بارسام مەكتەپكە،
ساۋاقداشلار توپتولۇق،
ئۆگىنىشتە ئولتۇرار،
قۇرۇق پاراڭ سالماستىن.
ئويلاپ قالدىم سىنىپتا،
مەنلا شۇنداق ھورۇنمۇ؟

ھورۇنلىقىم ئاخىرى،
بۇ يۈزۈمنى قىزارتتى،
ساۋاقداشلار ئالدىدا،
مېنى يەرگە قاراتتى.

ساۋاق ئېلىپ شۇ ئىشتىن،
پىلان تۈزدۈم باشقىچە.
يېتىمەن دەپ دوسىتلارغا،
ماۋسۇم ئاخىرلاشقىچە.

شۇندىن بۇيان تاڭ سەھەر،
قۇياش بىلەن بەسلىشىپ،
ئانام ئويغاتماستىلا،
تۇرۇپ كېتىپ ئورنۇمدىن،
تورغاي بىلەن دوسىتلىشىپ،
باغقا چىقسام ئاستىلا،
قۇياش تېخى چىقمايدۇ.
ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ،
مەكتىپىمگە ماڭىمەن،
تاڭ شەرىقتىن ئاتسىلا.

قورقمايمىز ئىسسىقتىن

شەھەىردىكى بالىلار،
بىلەمسىلەر تومۇزنى؟
ئاڭلىغانمۇ سەھرا دەپ،
كۆرگەنمۇ ئېتىزلاردا
كۈلۈپ ياتقان ئېڭىزنى؟

بىزنىڭ سەھرا تومۇزدا،
بەك ئوخشايدۇ سىلەرنىڭ،
شەھەردىكى ناۋايلار
نان پىشۇرغان تونۇرغا.

بىز گويا شۇ تونۇرغا،
يېقىلىدىغان توقاچلار.
تاۋلىنىمىز تونۇردا،
كۆيدۈرسىمۇ قوقاسلار
ئادەم بولۇپ گىگانىت،
بىز يېتىشىپ چىقىشتا.

مەسەللەر

چاشقان



مۈشۈكتىن قۇتۇلۇپ قاچتى بىر چاشقان،
ئەپسۇسكى، ھايالسىز چۈشتى توزاققا.
بىھېساپ كۈلگەنتى مۈشۈكنى ئالداپ،
يىغلىدى، كۈلكىسى بارماي ئۇزاققا.

نەپ ئۈچۈن

ئىككى ئىت تالاشتى بىر سۆڭەكنى دەپ،
بولمىغاچ بۇرۇنلا بىر بىرىگە ئەپ.
سۆڭەكقۇ ئۇلارغا بولمىدى نېسىپ،
ئۈچىنچى تەييارتاپ ئالدى ئۇندىن نەپ.

بوران ۋە يامغۇر

كۆرەڭلىدى بوران يامغۇرغا:
-قۇمغا كۆمدۈم پۈتۈن جاھاننى.
بوش كەلمىدى يامغۇرمۇ ئاڭا:
-مەن بېرىمەن سېنىڭ داۋاڭنى.

دەرەخنىڭ سۆزى

پالتا دېدى بىر تۈپ دەرەخكە:
-تۈگەشتىڭ سەن، كېسىمەن سېنى.
دەرەخ كۈلۈپ دېدى پالتىغا:
-سېپىڭ مەندىن، كېسىپ باق قېنى!

كالا بىلەن ئېشەك

ئېشەك بىلەن كالىۋاي،
بىر بىرىنى ياراتماي،
سۆھبەت ئېلىپ بېرىپتۇ،
لاپنى راسا ئۇرۇپتۇ.
ئېشەك بەكرەك كۆرەڭلەپ،
ھەر تەرەپكە دېۋەيلەپ.
دەپتۇ:«جىق ھەلەپ يەيسەن،
تېخى مەن ئىشچان دەيسەن.
مەن تارتىمەن ھارۋىنى،
شۇنچە كۆپ تاغارلارنى.
سەنمۇ تارىتساڭ بىلەتتىڭ،
ئەيۋەشكىمۇ كېلەتتىڭ...»
بۇنى ئاڭلاپ كالىۋاي،
ھۆكۈرەپتۇ مىدىرماي:
«سۆزلىسەڭمۇ سۆزلىگىن،
ھەقىقەتنى يۇتمىغىن.
مەن تارىتقان شۇ ساپاننى،
ئېغىر تۆمۈر تاپاننى،
سەن تارتىپ ماڭالامسەن؟
مەنزىلگە بارالامسەن؟»
شۇنداق قىلىپ ئىككىسى،
تالاش-تارتىش قىلىپتۇ،
تاڭمۇ ئاستا ئېتىپتۇ.
ئۇلار شۇنداق تالىشىپ،
تۇرغىنىدا زارلىشىپ.
ئىشىك ئاستا ئېچىلىپ،
ئىگىسى كەپتۇ كىرىپ.
كۆرۈپ ئىككى جانۋارنى،
ھەم ئۇقۇپتۇ ئەھۋالنى:
«تالاشماڭلار جانۋارلار،
ئىشلەپ ھارماس پالۋانلار.
قىلچە پايدا ئالالماس،
ئىناقلىقنق بۇزغانلار.»


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-28 00:46:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەبىيلەر ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر. سەبىي تۇيغۇلارنى ياقتۇرۇپ ئۇقۇدۇم.
" گالىستۇق" ئەمەس " گالىستۇك" دەپ يېزىلىشى كېرەك ئىدى.

ۋاقتى: 2016-2-28 01:22:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەبىيلەرگە بېغىشلانغان مىسرالارنى داۋاملىق كۆرۈپ تۇرغايمىز،ئاكا!

ۋاقتى: 2016-2-28 12:58:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




       بۇ شېئىرلىرىڭىز تاتلىق چىقىپتۇ. مۇبارەك بولسۇن! يېزىشنى تاشلاپ قويماڭ...

ۋاقتى: 2016-2-29 00:39:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن ،ھەممىسى بىر-بىرىدىن ئېسىل يېزىلىپتۇ، بالىلارنىڭ كۆڭلىنى تولۇق چۈشۈنىپسىز ،تېخىمۇ ئالغا .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-1 22:55:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىڭلارنىڭ ماڭا مەدەت بەرگىنىڭلارغا مىڭلارچە تەشەككۇر.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش