بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-27 11:49 PM
ئەكبەر جاپپار دەردى
ئۈنسىز نىدالار
* ئەتراپىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق ئاز ساندىكى كىشىلەر ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ، قانۇن تورىغا ئېلىنىپ قالمايمەن دېگەن ئىشەنچ بىلەن جىنايەت سادىر قىلىۋاتقان بولسا ، كۆپ ساندىكى كىشىلىرىمىز قانۇننى بىلمەسلىكىدىن جىنايەت سادىر قىلىۋاتىدۇ .
* مەيلى كىم بولمىسۇن بىرەر جىنايەتنى سادىر قىلىپ ، قانۇن تەرىپىدىن جازاغا تارتىلغاندىن كېيىن تۆكىدىغىنى پەقەت پۇشايمان يېشىدىنلا ئىبارەت خالاس ،
* كۆزۈمدىن پۇشايمان يېشى تۆكۈلمىسۇن دېسەڭ ھەر بىر ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن چۇڭقۇر ئويلان .
* يېقىندىن بىرى بىر بۆلەك يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ھەر خىل مەقسەتلەر بىلەن قىلغان ياغلىما گەپلىرىگە ئىشىنىپ ، ئۇلارغا چوقۇنۇپ ، ئۆزىنى نابۇت قىلىۋاتقانلارنىڭ ئەگەر ھەر تەرەپلىمە بىلىم سەۋىيىسى يېتەرلىك بولغان بولسا ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينىمىغان بولاتتى دېگەنلەرنى ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم .
* مېنىڭچە ئىنساننىڭ ھايات ئىكەنلىكى بىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ يۈرگىنى تىڭشاپ يۈرمەي ، ھايات مۇساپىسىدا قالدۇرغان ياخشى ئابىدىلەرگە قاراش كېرەك .
* شەخسىيەتچىلىك تۈگىمىگەن جەمئىيەتتە ، نوقسانلارمۇ تۈگىمەيدۇ .
* كىشىلەرنى ۋەدىسىدە تۇرمىدى دەپ رەنجىپ يۈرگىچە ، ئۇنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنگەن ئۆزۈڭدىن رەنجى .
* تىكەندىن قورققان ئادەم ، بىر ئۆمۈر ئۆزى پۇراشنى ئويلىغان ئاشۇ گۈلنىڭ خۇش پۇراق ھىدىدىن ھوزۇرلىنالمايدۇ .
* ھەرقانداق بىر مىللەت ئەجدادلىرىنى چۈشىنىشنى خالىسا ، ئۇلاردىن ئۆزلىرىگە قالغان پاساھەتلىك سۆزلىرىگە نەزىرىنى ئاغدۇرسىلا كۇپايە خالاس .
* بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىغا قاراپ ، ئابدۇقادىر داموللىنىڭ « ئەقىدە بىلمىگەن شەيتانغا ئەلدۇر ، قىلسا مىڭ يىل ئىبادەت يەلدۇر » دېگەن پاساھەتلىك سۆزىنىڭ تېگىگە يەتتىم .
* پەرزەنتىم ئۇنداق قىلدى ، مۇنداق قىلدى دەپ ئۇلاردىن رەنجىشتىن بۇرۇن ، مەن قانداق قىلغان دېگەنلەرنى ئويلىشىمىز كېرەك .
* ئەگەر سەندە ئەل ، ۋەتەن دەپ سوقىدىغان ھەقىقى بىر يۈرەك بار بولسا ، ئۆزگىلەرنىڭنىڭ نۇقسانلىرىنى كۆرگەندە ، ئۇلارنى مەسخىرە قىلىپ ھىجىيىپ يۈرمەي ، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئاشۇ نۇقسانلىرىنى تۈزىتىشى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە ھەركەت قىلىسەن .
* باشقىلارنىڭ تۈرلۈك ئۇنۋانلارنى ئېلىۋېلىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا يېشىل چىراق يېقىپ بەرگەنلىكىمىز ، زامانداشلىرىمىز ئىچىدىكى ساپاسىزلارنى قوللىغىنىمىز ھەمدە ئۇنداقلارنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشى ئۈچۈن ھەسسە قوشقىنىمىز .
* كۆپ ساندىكى كىشىلەر ماددى جەھەتتىن توپلىغان بايلىقىنىڭ ھامان بىر كۈنى تۈگەيدىغانلىقىنى ، مەنىۋى جەھەتتىن توپلىغان بايلىقنىڭ مەڭگۈ تۈگىمەيدىغانلىقىنى بىلسىمۇ ، يەنىلا ئاشۇ ماددى بايلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن ھەركەت قىلىدۇ .
* ئۆزىنى ھەقىقى ئەركەك سانىغان ياش ، ۋاپاسىز ئاشۇغى ئۈچۈن ياش تۆكۈپ يۈرمەيدۇ .
* ھەقىقى ئىنسانلاردىكى يۈرەكنى ھەقىقى يۈرەك ، ناپاك ئىنسانلاردىكى يۈرەكنى بىر پارچە گۆش دېسەك خاتالاشقان بولمايمىز .
* نۇرغۇن ئارزۇ ئۈمىدلەر بىلەن قاتارغا قوشقان ئاتا - ئانىلىرىغا ئۇلار رازى بولغىدەك جاۋاپ قايتۇرۇلمىغان پەرزەنتكە ، كەلگۈسىدە پەرزەنتلىرىمۇ ئاشۇنداق جاۋاب قايتۇرىدۇ .
* بىر ئادەمنىڭ ئادەتتىكى بىر ئىشنىمۇ ، ھەر خىل باھانىلارنى كۆرسىتىپ قەستەن ئارقىغا سۈرۈشى ، ئۇنىڭ تەمەخور ئىكەنلىكىنىڭ يېتەرلىك دەلىلى .
* سەن ئۇچۇشنىلا ئويلىماي،ئاشۇ مەزمۇت قاناتلىرىنىڭ كۈچتىن قالغاندا يەرگە قانداق قونۇشنىمۇ ئويلاپ قوي .
* بىلىم بەرگەن ئۇستازلارغا يامان كۆزدە قارىغان ئىنسانلارنى تۈز كۆر دەپ تىللىساق ھەرگىز خاتالاشقان بولمايمىز .
* مېنىڭچە نوچى دىيىشكە توغرا كەلسە ، ئۆزگىلەرنىڭ كۆزىدىن ياش ئاقتۇرغانلارنى ئەمەس بەلكى يىغلىغانلارنىڭ يېشىنى توختاتقانلارنى نوچى دېيىش كېرەك .
* ھاراق ، تاماكا سېتىۋالغان پۇلغا كىتاب سېتىۋالاي دېگەنلەرنى ئويلىغان ۋاقتىمىز ، ئاز تولا ئەقلىمىزنى تاپقان ۋاقتىمىز .
* ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن، ئۆز پۇشتىدىن تامغان پەرزەنتلىرىنى تىرىك يىتىم قالدۇرۇپ ، ئۆز كۆڭلىدىكى بەختنى ئىزدەپ باشقىدىن توي قىلىپ خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقان ئەر - ئاياللار ئاڭلىمايدىكەن ، تۈرمىلەرگە قامىلىۋاتقان جىنايەتچىلەرمۇ ئازلىمايدۇ .
* غەيرى يوللار بىلەن ئىرىشكەن شەرەپتىن ، ئۆزىمۇ بىلمەيلا ئىرىشكەن شەرەپ ھەقىقى شەرەپتۇر .
* پەرزەنىتلىرىمىزنىڭ غەيرى يوللار بىلەن تاپقان پۇل - ماللىرىنى سۈرۈشتە قىلمايلا ئىشلەتكىنىمىز ،ئۇلارغا تۈرمىنىڭ ئىشكىنى ئۆز قولىمىز بىلەن ئىچىپ بەرگىنىمىزگە ئوخشاشلا ئىش .
* مەتبۇئاتلارغا ئۈبەرتكەن ئەسەرلىرىڭىز ئىلان قىلىنماي قالسا تەھرىرلەردىن رەنجىمەي ، ئەكسىچە ئۆزىڭىزدىن رەنجىڭ .
* بۇ دۇنيادىن ھامان بىر كۈنى كېتىدىغانلىقىنى ئويلىمايدىغان ئىنسان يوق ، بىراق كېتىشتىن بۇرۇن كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈن زادى قانداق ئىشلارنى قىلىپ قويۇشنى ئويلايدىغانلار ناھايىتى ئاز .
* كىشىلەرنىڭ ۋىجدانغا باشقىلار ھۆكۈمرانلىق قىلالمىغاندىكىن ئۇنى قانداق ساقلاش ، پەقەت شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىگە باغلىق.
* تۇرمۇش دېگەن ئىنساننى ھەر كويلارغا سالىدۇ ، خاتا باسساڭ قەدەمنى سىنى داپ قىپ چالىدۇ .
* ۋاقىتنى مەنىسىز ئۆتكۈزۈش ، ئىنسان ئۇچۇن كەچۈرگىسىز جىنايەت .
* يىرتقۇچ ھايۋانلار ياۋاش ھايۋانلارنى ۋەھشىلەرچە ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ گۆشلىرىنى ھۇزۇرلىنىپ يەيدۇ ، بىز ئىنسان تۇرۇپ ئۆزگىلەرنى قاقشىتىش بەدىلىگە قولغا كەلگەن نەرسە كېرەكلەرنى ئېلىپ يېسەك ، ئاشۇ يىرتقۇچ ھايۋاندىن ھېچقانداق پەرقىمىز قالمايدۇ .
|