كۆرۈش: 287|ئىنكاس: 15

ئۈمىدجان قادىرى: ئالى مەكتەپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۈمىدجان قادىرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-27 07:51 PM  

ئالى مەكتەپ

ئۈمىدجان قادىرى

چېچىپ ئۇچقۇننى ئىستەكلەر،تۇغۇلغان غايە ئۇ جايدا،
ئوغۇزرەڭ تۈنگە ئۆركەشتە سىڭىشكەن سايە ئۇجايدا.

ئىلىم تەھسىلدە ئۆتكەن ئاي ئۇلاشقاي پەيتى يىللارغا،
ئۆمۈر قەدرىنى چىن سەزگەن قىلىشماي زايە ئۇ جايدا.

ئارامنىڭ ۋاقتى كەچلەردە ئۇچۇشقان دىل ئارا چاقچاق،
پەلەكنى بويلىبان ئېزگۈ تېپىشقان پايە ئۇ جايدا.


يۈرەك ئاتەشتە چوغلانغان،توپانغا چۆكسە ئۆچمەس ئوت،
تېپىپ قۇت ئەقلى-ھۇش،ئاڭمۇ ئېرىشكەن ۋايە ئۇ جايدا.

ساناقسىز ئىزنى-كەچمىشنى داۋام سۆزلەر ئۈمىدجانغا،
گۈزەل ياشلىققا شاھىد مىڭ تالاي ھېكايە ئۇ جايدا.

2016.يىل 27.فېۋرال پىيالما


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-28 00:14:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ غەزەلدىن ھەقىقى بىر كارتىنىنى كۆردۈم،رەھمەت!

ۋاقتى: 2016-2-28 00:27:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالى مەكتەپ ھاياتىمىزنى قايتا ئەسلەتكىنىڭىزگە تەشەككۇر.

ۋاقتى: 2016-2-28 00:45:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ئۈمىدجان ئاكا غەزلىڭىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۇرگەنلىكىڭىزگە بەك خۇش بولدۇم.

باھا سۆز

غەزلىڭىز-غەزىلىڭىز...  ۋاقتى: 2016-2-28 12:54 AM
ۋاقتى: 2016-2-28 12:36:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېزىپ قويىسىز-دە، غەزەل دېگەننى ھەرقانداق تېمىدا!

ۋاقتى: 2016-2-28 20:55:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇقلار يار بولسۇن!

ۋاقتى: 2016-2-29 14:50:17 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ يېقىشلىق چىقىپتۇ، رەھمەت سىزگە

ۋاقتى: 2016-2-29 17:00:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

غەزىلىڭىزنى ئوقۇپ ھوزۇرلاندىم، رەھمەت سىزگە ئۇتۇق يار بولسۇن!!!

ۋاقتى: 2016-2-29 18:22:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەل قىسقىيا بۇ غەزەل، ئۈمىدجان ئاكا، مەن بىلسەم بۇرۇن بۇنداق قىسقا يازمايتتىلا.

ۋاقتى: 2016-2-29 19:07:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسون ئۇمدجان.

ۋاقتى: 2016-3-1 13:04:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارامنىڭ ۋاقتى كەچلەردە ئۇچۇشقان دىل ئارا چاقچاق،
پەلەكنى بويلىبان ئېزگۈ تېپىشقان پايە ئۇ جايدا.

      
        يېقىشلىق غەزەللىرىڭىزگە نۇرانە پەللە تىلەيمەن!

ۋاقتى: 2016-3-1 13:07:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەكرار يوللىنىپ كەتكەن ئىنكاس.

ۋاقتى: 2016-3-1 16:31:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ غەزەل يېزىشنى ئۆگەنسەم بولاتتى.بىراق،بەك تەسكەن.

ۋاقتى: 2016-3-1 23:13:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ مەكتەپ ھاياتىمىز

ۋاقتى: 2016-3-2 15:56:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىلىم تەھسىلدە ئۆتكەن ئاي ئۇلاشقاي پەيتى يىللارغا،
ئۆمۈر قەدرىنى چىن سەزگەن قىلىشماي زايە ئۇ جايدا.

بۇ مىسرالار ماڭا بەكمۇ يېقىملىق تۇيۇلدى!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش