بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-27 03:18 PM
يامغۇر بولۇپ كەلسەڭچۇ جېنىم
گۈلنىسا ئىمامنىياز
ئولتۇرىمەن تەنھا مۇڭلىنىپ،
بويۇن قىسقان دەرەخ تۈۋىدە.
ھىجرانىڭدا كەتتىم مۈكچىيىپ،
كاككۇك مۇڭلۇق كۈيىن تۆككەندە.
يامغۇر بولۇپ كەلسەڭچۇ جېنىم،
ئېتىزلىقلار كەتتى قاغجىراپ.
مەجنۇنلۇقتا چۇۋۇلدى چېچىم،
شامال كەبى قوياتتىڭ تاراپ.
كۆز گۆھىرىم تۈگىدى ئېقىپ،
تىكىلگەنچە ئۇپۇقلىرىڭغا.
مەجنۇنتالىم كەتتى مۈكچىيىپ،
لىۋى يەتمەي بۇلاقلىرىڭغا.
تۈنەپ قالدىڭ قايسى باغلاردا،
تاڭ ساباسى ئەپكەلدى ھىدىڭ.
سېپىلمەكتە شەبنەم يولۇڭغا،
ياش يۇقىدا نەملىنەر ئىزىڭ.
|