كۆرۈش: 196|ئىنكاس: 2

ئۆ.روزىھېيت: مەھمۇد قارى ۋە ئۇنىڭ ‹‹دىۋان قارى›› ناملىق كلاس...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-27 01:23 PM  

مەھمۇد قارى ۋە ئۇنىڭ ‹‹دىۋان قارى›› ناملىق كلاسسىك شېئىرلار توپلىمى توغرىسىدا


ئۆمەرجان روزىھېيت


خوتەن ۋىلايەتلىك قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسى1989-يىلى 8-ئايدا نەشىر قىلغان، مۇھەممەتئىمىن تۇردى، ئەسقەر مەتقۇربان قاتارلىقلار نەشىرگە تەييارلىغان، مەھمۇد قارى قەلىمىگە مەنسۇپ بولغان  500بەت (تەھرېر سۆزى بىلەن قوشۇلۇپ) ھەجىمدىكى ‹‹دىۋان قارى›› ناملىق شېئىرلار توپلىمى كىلاسسىك شېئىرىيەت ئەنئەنىسىگە ۋارسلىق قىلغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدىكى نامايەندە خاراكتىرلىك كىتاب ھېسابلىنىدۇ.
مەزكۈر كىتاب-‹‹دىۋان قارى›› شائىرنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى ئىخلاسمەنلىرىدىن بېرى بولغان مىسكىن (موللا قوشاق تاشكەندى) تەخەللۇسلۇق يەنە بىر شائىر تەرىپىدىن 1911-يىلى (ھىجرىيە 1330- يىلى) نەشىرگە تەييارلانغان، ئەسلىدىكى چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى يېزىقى ھالىتىدىن ھازىرقى زامان يېزىق ھالىتىگە ئۆزگەرتىلگەن. ① ‹‹ تاجىر كۈتۈب موللا مىرزا ئەھمەد مىرزا كېرىم مەرھومنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ تىرىشچانلىقلىرى بىلەن، تاشكەند قىردەۋس مانەندىدە››② دېگەن قۇرلاردىن شائىرنىڭ ئوغۇللىرىدىن موللا مىرزا ئەھمەد بىلەن مىرزا كېرىمنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ‹‹ئازىيا مەتبەئە خانەسىدە›› بېسىلغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز.
‹‹خۇداغە شۈكرىكىم، بۇ بەلەند نۇسخە شائىرلارنىڭ ئەۋزىلى موللا مىر مەھمۇد قارى ئىبنى موللا مىر شەمسىددىن خۇقەندىنىڭ تامام ئەشئارلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئۆزى ئۈچۈن ئەڭ ياراملىق سانالغان نۇسخۇلىرىدىن تاللىنىپ، ‹دىۋان قارى› ئىسمى بىلەن ئاتالدى.››③ دېگەن ئەسكەرتىش سۆزىگە ئاساسەن، بۇ كىتابقا نىمە ئۈچۈن ‹‹دىۋان قارى›› ماۋزۇ قويۇلغانلىقىنى بىلىۋېلىش بىلەن بىرگە، ‹‹قارى›› تەخەللۇسلۇق بۇ مۇئەللىبنىڭ ئىسمىنىڭ مەھمۇد ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ دادىسىنىڭ شەمسىددىن ئىكەنلىكىنى، بۇ توپلامغا مۇئەللىپنىڭ تاللانغان شېئىرلىرىنى كىرگۈزگەنلىكىنى، مەھمۇد قارىنىڭ بۇنىڭدىن باشقا يەنە يېزىپ قالدۇرغان شېئىرلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئۇندىن باشقا موئەللىب بىرىنچى شېئىرىدا:
مەقامىدۇر ئەنىڭ مەھمۇد قارى بولماغىل غافىل،
دۇرۇد ئەيىتقىل دەۋامەت يوقلاغايلەر شاھ كەررەمنا.(دىۋان 12-بەت)
دەپ يازسا، ‹‹مۇخەممەس قارى›› ناملىق شېئىرىدا:
      ھەزاران شەۋرۇ-شەر باشىڭدە ئۆزنى تۇتماغىن ئاقىل،
      دەۋامەت ئەمرىگە قاسىر ئىرۇرسەن ئۆتمەگىن جاھىل،
      شەرىئەت راھىدۇر بەھبۇد ئاندىن قالماغىن كاھىل،
      مەقامىدۇر ئەنىڭ مەھمۇد قارى بولماغىن غافىل،
      دۇرۇد ئەيتقىل دەۋامەت يوقلاغايلەر شاھ كەررەمنا.(دىۋان 30-بەت)
دەپ يېزىپ، ‹‹رەدىفۇلھا›› دېگەن شېئىرىدا:
      شەفائەتىڭنى دەرىخ ئەتمە ھەشر بولغاندە،
      غۇلام ھامىدۇ مەھمۇد قارى گەرچە قەبىھ.(دىۋان 104-بەت)
دەپ يېزىپ، ، ‹‹ۋەلەھۇ›› دېگەن شېئىرىدا:
      ئەبر ئۈمىد رىختە باران سەرى نىياز،
چۈن ئەندەلىب تابسە ھەر گەر يەئ گاداز،
دەر خىزمەتەن سۆھبەت مەھمۇد چۈن ئىياز،
لەب تەشنەئى ھەۋايى تۇرا مەھرۇمان راز،
چۈن نەي بىجايى ئاب نەفەس دەركۇلۇ كۈنەند.(دىۋان 123-بەت)
دەپ يېزىپ،‹‹ۋەلەھۇ›› ناملىق شېئىرىدا:
ئەبر ئۈمىد رىختە باران سەرى نىياز،
چۈن ئەندەلىب تابسە ھەر گەر يەئ گەداز،
دەر خىزمەتەن سۆھبەت مەھمۇد چۈن ئىياز،
لەب تەشنەئى ھەۋايى تۇرا مەھرۇمان راز،
چۈن نەي بىجايى ئاب نەفەس دەركۇلۇ كۈنەند.(دىۋان 124-بەت)
دەپ يېزىپ، ‹‹ۋەلەھۇ›› ناملىق شېئىرىنىڭ 2-بۆلىكىدە:
گەدايى ئەھمەد مەھمۇد قارى يولىدە زار،
مۇيەسسەر ئولسا ماڭا خاكى تەخت كەيۋاندۇر.(دىۋان 158-بەت)
دەپ يېزىپ، ‹‹ رەدىفۇززاد›› ناملىق شېئىرىدا:
بىر غۇلام بى دەرەم گۇيا ئەياز ئەيلەب ئۆزىن،
خىزمەتى مەھمۇد قارى بولسا قۇرئانىمغە ئەرز.( دىۋان 235-بەت)
دەپ يېزىپ،  ‹‹مۇخەممەس قارى بەر غەزەل مەشرەپ›› ناملىق شېئىرىدا:
كىمكى بۇ دۇنياغە كەلدى دۇرر جامىن نۇش ئىتەر،
دار مەنسۇرگە ئاسىلغان قانىدىن گۈلپۇش ئىتەر،
قارى نەۋبەتدۇر سېنىڭ خاك لەھەد ئاغۇش ئىتەر،
مەشرەبىڭ ھەم كاسەئى مەرك شەھادەت نۇش ئىتەر،
بەلخ ئارا مەھمۇد قولىدە داد خۇاھ قىلغان ئۆلۈم.
دەپ يېزىپ، ‹‹رەدىفۇددال›› دېگەن شېئىرىنىڭ 3-بۆلىكىدە 14كوبلىتلىق ‹‹مەھمۇد›› ناملىق مۇۋەششە(113-114- بەتلەر) يېزىپ شۇنداقلا، ھەر بىر شېئىرنىڭ مەلۇم بىر يىرىدە دېگۈدەك ‹‹قارى›› دىگەن سۆزنى كىرگۈزۈپ، ئۆزىنىڭ ئىسمىنىڭ ‹‹مەھمۇد››، تەخەللۇسىنىڭ ‹‹قارى›› ئىكەنلىكىدىن تېخىمۇ ئىشەنچلىك مەلۇمات بىرىدۇ.
      شائىر مەھمۇد قارى تەخمىنەن 1830-يىللارنىڭ بېشىدا خوتەندە توغۇلغان بولۇپ، ئۇ بەدۆلەت (ياقۇببەگ) دەۋرىدە ئۆتكەن، تاكى 1910-يىللارنىڭ ئالدى-كەينىگە قەدەر ھايات كەچۈرگەن كىشىدۇر. مەھمۇد قارى  بالىلىق ۋە ياشلىق دەۋرىنى دادىسى شەمسىددىن قارىنىڭ تەربىيەسىدە ئۆتكۈزگەن. شەمسىددىن قارى (ياكى موللا شەمسىددىن دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ناھايىتى باي كىشى بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەممە چوڭ شەھەرلەرگە ۋە سىر دەرياسى، ئامو دەريا بويلىرىغا قەدەر بېرىپ سودىگەرچىلىك بىلەن شوغۇللانغان. مەھمۇد قارى  دادىسى بىلەن بىرگە ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنلىرىنىڭ ھەر قايسى بازارلىرىغا بېرىپ سودا ئىشلىرىغا قاتناشقان. ئۇ دادىسىدىن قالغاندىن كېيىن مۇستەقىل ھاياتىنى باشلاپ، ئاۋۋال يەركەندە موللانىياز ئىشانەمنىڭ تەسىرى ۋە تەرغىباتى بىلەن سودىگەرچىلىك دەسمايىسىنى خالايىققا ئۆلەشتۈرۈپ بىرىۋېتىپ، موللانىياز ئىشانەمدىن تەلىم ئالغان. موللانىياز ئىشانەم ئاتا- بوۋىلىرىنىڭ سوپىلىق ئورنىغا تايىنىپ ۋە ئۆز تېرىشچانلىقى بىلەن تەسەۋۋۇپچىلىقنى كۈچەپ تەرغىب قىلىۋاتقان كىشى ئىدى. مەھمۇد قارى شۇ يەردە تەلىم ئېلىش جەريانىدا، ئىستىقامەتتە بولۇۋاتقان ئاقسۇلۇق مەخسۇت خەلپەم دېگەن كىشى بىلەن تۇنۇشۇپ قالىدۇ. ئۇلار خانىقادا بىر قانچە يىل بىرگە تۇرغاندىن كېيىن، موللانىياز ئىشانەمدىن رۇخسەت ئېلىپ، ئاقسۇدىكى ‹‹ئايكۆل مەۋلانەم›› قاتارلىق ئاتاقلىق مازارلاردا زىكرى-سۈلۈكلەرنى ئويۇشتۇرغان. مەھمۇد قارى ئاقسۇ تەرەپلەردە تۆت يىل تۇرغاندىن كېيىن، نەمەنگان ئارقىلىق قوقانغا چىقىپ كەتكەن. مۇئەللىب بىرىنچى شېئىرىدا:
    خوتەن گۈلرۇخلەرى ھىندۇ سۈفەت ئالدىڭدا ساتىلسۇن،
    بېرىپ جان نەقدىنى ئىشىق ئەھلى بازارىڭە سەللەمنا.(دىۋان 26-بەت)
دەپ يازسا، ‹‹مۇخەممەس قارى بەر غەزەل ئەھمەد جامى›› ناملىق شېئىرىدا:
مىشىك خوتەن خۇشبۇيتۇ، ئەنبەر زىخاك كۈيتۇ،
ھۆران زىگۇفنى گۇيتۇ، مۇشتاق رىزۋان رۇيتۇ،
قەۋسەين دو ئەبرۇيتۇ، ھەر جاخۇدا دىلجۇيتۇ،
تەرك فەلەك ھىندۇيتۇ، نۇرمەلەك ئەرزۇيتۇ،
ۋەللەيل ۋەسىپ مۇيتۇ، نەئت جەمالەت ۋەززۇھا.(دىۋان 37-بەت)
دەپ يېزىپ، ‹‹رەدىفۇررا ›› ناملىق شېئىرىدا:
   ئەنىڭ بىر تارە مويى مىشىك ئاسا قىلدى ئالەمنى،
   بولۇب دىۋانە ئاھۇ ئۇل خوتەن دەشتىدە سەرساندۇر.(دىۋان 134-بەت)
دەپ يېزىپ،  ‹‹مۇۋەششەھ›› ناملىق شېئىرىدا:
ئىككى نەخجىرى خوتەندەك بىر بىرىگە مېھرىبان،
بولما ئاخىر تا قىيامەت رۇيى كەردان ئىككىلەڭ.(دىۋان 288-بەت)
دەپ يېزىپ،‹‹مۇخەممەس قارى›› ناملىق شېئىرىدا:
ئەي خوتەن نەخجىر تەن تاغىنى ئەيلەپ مىشكفا،
قىلمادىڭ ۋەھشى غەزالاندەك كۆزۈم ئۆزرە مەقام،
سەير ئىتىب باغى كۆڭۈلنى ناز ئىلە ئەيلەپ خىرام،
ئاچىلىب گۈل-گۈل يانىبسەن بەھرە ئالسۇن خاسۇئام،
رەھىم قىل ئەي شەۋخ كۆز ياشىمنى خۇنبار ئەيلەدىڭ.(دىۋان 292-بەت)
دەپ يېزىش ئارقىلىق توغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا يۇرتى خوتەننى مەدھىيەلەيدۇ، ئوتلۇق سېغىنىدۇ.
مەھمۇد قارى ئىلىم ئۆگىنىشكە قەدەم قويغاندىن باشلاپ، ئەرەب- پارس تىللىرىنى پىششىق ئىگەللەپلا قالماستىن، تىل ۋە ئەدەبىياتقا زور ئىشىياق باغلاپ، بەدىئىيلىكى يۇقىرى بولغان نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغان. شېئىرلارنىڭ بەدىئىي سەۋىيەسىدىن قارىغاندا، شائىرنىڭ ئىپادىلەش كۈچى زور، پىكىرلىرى تىرەن، ھېسسىياتى تەسىرلىك، ۋە گۈزەل. ئۇ ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ بۈيۈك ئۇستىلىرى بولغان نەۋايى، فۇزۇلى، زەلىلىي، مەشرەب قاتارلىق شائىرلارنىڭ غەزەللىرىگە، پارس تىلىدا يازىدىغان تۈركىي شائىرلاردىن ئابدۇراخمان جامىي، مىرزا ئابدۇقادىر بىدىللارنىڭ غەزەللىرىگە، پارس شائىرلىرىدىن ئاسىفى، ساھىب، ھاپىز قاتارلىقلارنىڭ غەزەللىرىگە مۇخەممەسلەر يازغان.④
شائىر ‹‹مۇخەممەس قارى بەرغەزەل مەشرەب›› ناملىق شېئىرىدا:
دەريالەر ئاقتى ئەشك رەۋاندىن،
ساقلە قولۇڭنى باد خەزاندىن،
قارىگە كۆرسەت راھ ئاماندىن،
مەشرەب سېنى دەب ئۆتتى جەھاندىن،
باشىنى قويدى ئاستا نەلەرگە.(دىۋان 32-بەت)
دەپ يازسا، يەنە ‹‹مۇخەممەس قارى بەرغەزەل مەشرەب›› ناملىق شېئىرىدا:
     ئىلاھا نۇر نىسبەتدىن قولۇڭنى ئەيلە مۇستەغنى،
     تۆكۈب گەنجىينەئى كۆڭلىگە بەر ئەسراردىن مەئنى،
     مەلامەت تىيشەسى ھەريان تىگىب قارىغە ئەل تەئنى،
     بۇ مەشرەب لەۋھ قەلبىدە نىقالۇ ھالى بار يەئنى،
     سېنىڭ دەرگاھىڭە ئەمدى قۇرۇق قول بارەمەن يارەب.(دىۋان 59-بەت)
دەپ يېزىپ،  يەنە ‹‹مۇخەممەس قارى بەرغەزەل مەشرەب›› ناملىق شېئىرىدا:
     ھىدايەت مەخزەنىدىن تالىبى كانى زەرىڭدۇرمەن،
     ئەزەلنىڭ مۇفلىسى بىچارەئى خاك دەرىڭدۇرمەن،
     خىجالەت ئىچرە قارى يولدە قالغان ئەنبەرىڭدۇرمەن،
     مۇدام مىسكىن دۇمەن لېكىن غۇلامى مەشرەبىڭدۇرمەن،
     مەنى بىچارە بۇ دۇنيا بىلەن ئۇقباغە سىغمامدۇر.( دىۋان 164-بەت)
دەپ يېزىپ، يەنە ‹‹مۇخەممەس قارى بەرغەزەل مەشرەب›› ناملىق شېئىرىدا:
     شام غەم ئىچرە كىرىب سوبھىن ئۈمىد ئەتمەك كېرەك،
راھ ئۇقباغە فەنا مۇلكىن ئۇمىد ئەتمەك كېرەك،
مەقسەدىڭ قارى كەلامىدىن ئۈمىد ئەتمەك كېرەك،
نائۈمىدلىك كۇفر ئىرۇر مەشرەب ئۇمىد ئەتمەك كېرەك،
كىم ئۈمىدىن ئۇزدى ھەقدىن جانۇ-ئىمان ئۆرتەنۇر.(دىۋان 174-بەت)
دەپ يېزىپ، يەنە ‹‹مۇخەممەس قارى بەرغەزەل مەشرەب›› ناملىق شېئىرىدا:
   كىمكى بۇ دۇنياغە كەلدى دۇرر جامىن نۇش ئىتەر،
   دار مەنسۇرگە ئاسىلغان قانىدىن گۈلپۇش ئىتەر،
   قارى نەۋبەتدۇر سېنىڭ خاك لەھەد ئاغۇش ئىتەر،
   مەشرەبىڭ ھەم كاسەئى مەرك شەھادەت نۇش ئىتەر،
   بەلخ ئارا مەھمۇد قولىدە داد خۇاھ قىلغان ئۆلۈم.(دىۋان 328-بەت)
دەپ يېزىپ، يەنە ‹‹مۇخەممەس قارى بەرغەزەل مەشرەب›› ناملىق شېئىرىدا:
   بۇ دۇنيا راھەتىن كۆرسەتمە بى ئارام دىن ئەتكىل،
   خەرابات ئەھلى خىزمەتكارى دەرد ئاشامدىن ئەتكىل،
   بىرىب ئەلفاز شىرىن قارىنى خۇشكامدىن ئەتكىل،
   خۇدايا ئۇشبۇ مەشرەب قەلبىنى ئىسلامدىن ئەتكىل،
   بۇ ھەلقە ئىچرە شاھ بولسۇن،گەدا بولسۇن،كى مەن بولسۇن. (دىۋان 371-بەت) دەپ يېزىپ، يەنە ‹‹مۇخەممەس قارى بەرغەزەل مەشرەب›› ناملىق شېئىرىدا:
خۇاب غەفلەتدىن كۆز ئاچماي بولدى رۇزى شەب بۈگۈن،
ۋاژگۇن بەختى سالىب مەقسەد يولىنى چەب بۈگۈن،
لاغەر ئۈچۈن يەتكۈزەلمەس قارىنى مەركەب بۈگۈن،
بىلمەدىڭ ئۆمر ئەزىزىڭ قەدرىنى مەشرەب بۈگۈن،
ئاخىرى كەتكۈڭ ئەدەمگە ئەمدى غەم قوزغالماسۇن.(دىۋان373-بەت)
دەپ يېزىپ، يەنە ‹‹مۇخەممەس قارى بەرغەزەل مەشرەب›› ناملىق شېئىرىدا:
   تەرىقەت يولىدە باتىننى زەپتەر ئەيلەدى مەشرەب،
   ئۆزىن پىنھان تۇتۇپ زاھىرنى ئەبتەر ئەيلەدى مەشرەب،
   دۇئاگۇ قارىگە لۇتفىنى كەمتەر ئەيلەدى مەشرەب،
   دىلىدە خەتم بىسمىللانى دەفتەر ئەيلەدى مەشرەب،
   سۇئالىمنى ئىلاھا خەتم قۇرئاندىن جۇدا قىلما.(دىۋان 416-بەت)
دەپ يېزىپ، مىلادى 1657-يىلى ئۆزبىكىستاننىڭ ئەنجان ئوبلاستىدا دۇنياغا كەلگەن  ھەققانىيەتنى ياقلاپ، ئادالەتسىزلىكنى قاتتىق مەسخىرە قىلغۇچى ئۆتكۈر پىكىرلىك ئاجايىپ شېئىرلىرى بىلەن پۈتۈن شەرق دۇنياسىدا مىسلىسىز كاتتا شۆھرەت قازانغان ۋە كىشىلەر تەرىپىدىن ‹‹ئەۋلىيا›› دەپ تونۇلغان بابا رەھىم  مەشرەبكە چوڭقۇر ھۆرمەت تۇيغۇسى ۋە قايىللىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
‹‹مۇخەممەس قارى بەرغەزەل نەۋايى›› ناملىق شېئىرىدا:
     گەدايى دەرگاھىڭ ئولسام ماڭا يوق ئەردى غەمىم،
     شەفائەتىڭ سۈيىدىن قەترە تامسە دەپ تەلەبىم،
ئەگەر باقىب دېسەڭ ئەي قارى قالمىغاي ئەلەمىم،
نەۋايى ئولدى چۇ مۇھتاجىڭ ئەيلە رەھىم ئاڭاكىم،
غەنى كەرىم ئەيسە ئىبرامگە ئىمەس مۇھتاج.(دىۋان 101-بەت)
دەپ يېزىپ، يەنە ‹‹مۇخەممەس قارى بەرغەزەل نەۋايى›› ناملىق شېئىرىدا:
فەلەك رەپتارىدەك ئىقبال بەستىم بار بەر بەرمەس،
جەھان ئوتخا نەسى ئاھى سەھەر يەڭلىغ شەرەر بەرمەس،
ئەگەرچە نالە قىلغان بىرلە قارى نەي شەكەر بەرمەس،
نەۋايى ئول گۈزەل لەبىنىڭ خارابىدۇر ئەجەب ئەرمەس،
ئەگەر مەست ئولغالى ھەردەم ھەۋايى لەئل ناب ئەيلەر.(دىۋان 178-بەت)
دەپ يېزىپ، يەنە ‹‹مۇخەممەس قارى بەرغەزەل نەۋايى›› ناملىق شېئىرىدا:
     جەھاننىڭ شاھى گادا بولدى شەھد سۆزلىكدىن،
شەفائەتىڭە كۆڭۈل بۆلدى بەند قۇللىكدىن،
خىجالەتىغە پاتىب قارى شەرم يۈزلىكدىن،
نەۋايى يىغلادى دائىم بۇداغ مۇھلىكدىن،
ئول ئاينىڭ سۆھبەتىنى تافسام ئەردى كاش.(دىۋان 228-بەت)
دەپ يېزىپ، يەنە ‹‹مۇخەممەس قارى بەرغەزەل ئەمىر نەۋايى›› ناملىق شېئىرىدا:
مۇناسىب ئولمادى ئۇششاق ئىلىغە نام ئىلە نەڭ،
كۆزىگە خەسچە ئەمەس مۈلك رۇمۇ، شامۇ فەرەڭ،
خىيالى سەيرىدە قارى ئاياغىڭ ئولدى چۇ لەڭ،
نەۋايى ئەنجۈمەن شەۋق جان ئارا تۈزسەڭ،
ئەنىڭ باشاغلىغ ئوقىن شەمىئ ئەنجۈمەن قىلغىل.( دىۋان 306-بەت)
دەپ يېزىپ، يەنە‹‹مۇخەممەس قارى بەرغەزەل ئەمىر نەۋايى›› ناملىق شېئىرىدا:
ئۆتتى غەفلەت بىرلە ئۆمرى قىلمادى ئۇيقۇ ھارام،
مەركدىن يەتتى خەبەركارى مۇنىڭ بولماي تامام،
قارى دۇنياگە ساتىب قىلغان تەلاۋەتنى مۇدام،
تاڭ ئەمەسكىم گەر نەۋا بوستانىدە تابقاي مەقام،
چۈن نەۋايى ئۆزنى نەئتىن كۈيىدە قىلدى مۇقىم.(دىۋان323-بەت)
دەپ يېزىپ، يەنە‹‹مۇخەممەس قارى بەرغەزەل ئەمىر نەۋايى›› ناملىق شېئىرىدا:
كۆزىم سۇرخابلەر جارى قىلۇر ئول مەھنى ياد ئەتكەچ،
تىنىمدىن دۇد بەرگەي نازەنىن ئىشقىنى بىركىتكەچ،
بولۇر مەقسۇد ھاسىل قارى ھەركىم زىكر يار ئەتكەچ،
نەۋايى دىلفىكار ئولغاچ، مەلامەت ناۋكى يەتكەچ،
تىلىنغان ئەتكە ئوخشايدۇر ئەنىڭكىم بارچە ئەئزاسى.(دىۋان471-بەت)
دەپ يېزىپ، ئەينى چاغدا ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا ئاجايىپ گۈزەل بەدئىي ئەسەرلەرنى يارىتىشنىڭ تامامەن مۇمكىنچىلىكىنى دەلىللەيدىغان ئەسەرلەردىن ‹‹خەمىسە›› نامى بىلەن ئاتالغان ‹‹ھەيرەتۇل ئەبرار›› (ياخشىلارنىڭ ھەيرەتتە قېلىشى) (1483-يىلى يېزىلغان)، ‹‹لەيلى مەجنۇن››، ‹‹پەرھاد ۋە شېرىن››، ‹‹سەبئىي سەييار›› (يەتتە سەييارە) (1484-يىلى يېزىلغان)، ‹‹سەددى ئىسكەندەر›› (ئىسكەندەر سېپىلى) (1485-يىلى يېزىلغان)قاتارلىق بەش داستاننى؛ ‹‹سىراجىل مۇسلىمىن›› (مۇسۇلمانلار چىرىغى)، ‹‹لىسانت تەير›› (قۇشلار تىلى) (1498-1499-يىللار يېزىلغان)، ‹‹مۇھاكىمەتۇل لوغەتەيىن›› (ئىككى تىل ھەققىدە مۇھاكىمە) (1499-يىلى يېزىلغان)، ‹‹مەجالىسۇن نەپايىس›› (گۈزەللەر مەجلىسى) (1490-يىلى يېزىلغان)، ‹‹خەمىسەتول-مۇتەييىرىن›› (بەش ھەيرانلىق) (1493-1494-يىللىرى يېزىلغان)، ‹‹مىزانول ئەۋزان›› (ۋەزىنلەر ئۆلچىمى)، ‹‹ئاروزى تۇركى››، ‹‹تارىخىي مۇلۇكى ئەجەم›› (ئەجەم پادىشاھلىرىنىڭ تارىخى)، ‹‹ۋەخىپىيە››، ‹‹مەھبۇبۇل قۇلۇپ›› (كۆڭۈللەر سۆيگۈسى) (1500-يىلى يېزىلغان)، ‹‹دىۋان فونۇيى››، ‹‹سەپنەتۇش شۇئرا›› قاتارلىق ئەسەرلەرنى؛ ‹‹خەزايىنۇل مەئانى›› (مەنالار خەزىنىسى) ياكى ‹‹چار دىۋان›› (تۆت توپلام›› نامى بىلەن ئاتالغان ‹‹غەرايىبۇس سىخەر›› (ياشلىق غارايىبلىرى)، ‹‹نەۋادىرۇش شەباپ›› (يىگىتلىك نادىرلىقلىرى)، ‹‹بەدايىئۇل ۋە سەت›› (ئوتتۇرا ياشلىق گۈزەللىكلىرى، ‹‹فەۋائىدۇل كىبار›› (قېرىلىق پايدىلىرى›› دېگەن ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقىپ، ‹‹ئۆمۈرنى زايە ئەتمە، مېھنەت قىل، مېھنەتنى سائادىتىڭ كەلدى بىل.›› دېگەن چوڭقۇر پەلسەپىۋى چۈشەنچىسى ۋە ئۇلۇغۋار ئىرادىسىنى نامايەن قىلىپ، ئىجات بېغىدا پارلاق ئۆلگىلەرنى ياراتقان، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى ئاچقان ئۇلۇغ ئەدىبلەرنىڭ بېرى- مەشھۇر مۇتەپەككۇر ئالىم، ئاتاقلىق جامائەت ئەربابى، ماھارەتلىك رەسسام ۋە موزىكاشۇناس، داڭلىق تىلچى⑤نىزامىدىن ئەلىشىر نەۋايىنىڭ (1441.2.9- 1501.1.3) تۈننى كۈندۈزگە ئۇلاپ، ئازراق ۋاقىتنىمۇ قولدىن بەرمەي  ئىجادىيەت ئىشلىرى بىلەن شوغۇللانغان تېرىشچان روھىنى مەدھىيلەيدۇ ھەم غەبلەت ئۇيقۇدا ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىگە پۇشايمان قىلغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
‹‹مۇخەممەس قارى بەر غەزەل زەلىلى›› ناملىق شېئىرىدا:
بەخت سىياھىمى كۆرۈڭ كۈن كۈنىدىن بولۇب زەبۇن،
كۆيدۈرۈب ئوت شەرارەسى كۈندۈزى كېچەدىن فۇزۇن،
ھۆر سۈپەتلەر ئىشقىدىن قارىنىڭ باغرى بولدى خۇن،
داغى قاناتماغىل يۈزىن تەلبە زەلىلى سەن بوگۈن،
جام جۇنۇن تۇتار ئۈچۈن لالەئى كاسەدار ئۆتەر.(دىۋان195-بەت)
دەپ يېزىپ،يەنە ‹‹مۇخەممەس قارى بەر غەزەل زەلىلى›› ناملىق شېئىرىدا:
   ئەيلە قوبۇل قىلمە رەد تۇر دىل ئۆزرە دىسە راز،
   ئاسى پۇر گۇناھ ئىرۇر لۇتف ئىلە ئەيلەدى سەرراز،
   ئەجز قۇسۇرىنى كۆرۈب قارىدىن ئەتمە ئېھتىراز،
   تەلبە زەلىلى رەقس ئۇرۇب دەير ئىچىدە قىلۇر ناماز،
   ھەييە ئەلەسسەلات دەب قىلدى نىدا بىلال ئىشق.(دىۋان262-بەت)
دەپ يېزىپ،يەنە ‹‹مۇخەممەس قارى بەر غەزەل زەلىلى›› ناملىق شېئىرىدا:
   ئىچىب جامى مۇھەببەت ساير ھەر دەشت بولغايسەن،
   چىنان نالەندە بول ئوقبادە بالا دەست بولغايسەن،
   مەغان كۈيىدە قارى دائىما پابەست بولغايسەن،
   زەلىلى سۈبھ سادىق ساغەرىدىن مەست بولغايسەن،
   فەلەككە ئىلتەدۇر ئاھى سەھەر ئاھىستە-ئاھىستە.(دىۋان410-بەت)
دەپ يېزىپ، يەنە ‹‹مۇخەممەس قارى بەر غەزەل زەلىلى›› ناملىق شېئىرىدا:
     ئىشقى ئەھلىنىڭ دىلى رەقس ئەيلەمەي بولۇرمۇ،
     ئوت ئىچرە ئول خەلىلى رەقس ئەيلەمەي بولۇرمۇ،
     قارىنىڭ كۆب ئەلىلى رەقس ئەيلەمەي بولۇرمۇ،
     ھىجران تۈنى زەلىلى رەقس ئەيلەمەي بولۇرمۇ،
     نالەڭگە ئۈن قوشارلەر مۇرغان سۇبە گاھى.(دىۋان473-بەت)
دەپ يېزىپ، ئاپاق خوجا ئەۋلادلىرىنىڭ خانلىق تالىشىپ ئېلىپ بارغان ئۆز-ئارا قىرغىنچىلىق تۈپەيلىدىن ھەممە يەرنى ئۇرۇش پاراكەندىچىلىكى قاپىلغان، تەسەۋۋۇپلۇق (سۇفىلىق)، ساختا كاراماتچىلىق، ئاۋھامپەرەستلىك (روھىي ۋەھىمىچىلىك) تازا ئەۋجىگە چىقىپ، جاھالەت ئەڭ چېكىگە يەتكەن، پۈتۈن زېمىننى قاراڭغۇ زۇلمەت باسقان يىللاردا شىنجاڭنىڭ ئىلىم-مەرىپەت ئاسمىنىدىكى كۆزنى قاماشتۇرغۇچى بىر يۇرۇق يۇلتۇز، ئاجايىپ شېئىرلىرى بىلەن نۇر چېچىپ چاقنىغان ۋەتەنپەرۋەر يالقۇنلۇق رىيالىست، رومانتىك شائىر مۇھەممەت سىدىق زەلىلىنىڭ ۋەتەنگە، يۇرتىغا بولغان ئوتتەك مۇھەببىتى ۋە ئازاتلىققا، ھۆرلۈككە ئىنتىلىش روھىغا مەدھىيە ئوقۇغان.
‹‹مۇخەممەس قارى بەر غەزەل فۇزۇلى›› ناملىق شېئىرىدا:
قارا بەختىم سەمەندى لەڭ يەتمەيدۇر مېنىڭ ئاھىم،
يولۇمنى ئاچمادى ئاھى سەھەردىن قەلب گۇمراھىم،
مەنەم قارى كىتابى ھۆسنە ئىشقى ھارىيۇ راھىم،
فۇزۇلى ئىختىلاتى مەردۇم ئالەمدىن ئىكراھىم،
فەرىۋەشلەر خىيالىن مۇنىس جان ئەتدى كىمدىندۇر.(دىۋان201-بەت)
دەپ يېزىپ، يەنە‹‹مۇخەممەس قارى بەر غەزەل فۇزۇلى›› ناملىق شېئىرىدا:
جاندىن ئۆتتى ئەلەمى، سورغالى بىر ۋاخف يوق،
سەترە پۇش ئولدى جەھان، ھالىنە بىر ۋاخف يوق،
قارى غەفلەتدە زەمان سورغالى بىر ۋاخف يوق،
ئەي فۇزۇلى مېنىڭ ئەھۋالىمە بىر ۋاخف يوق،
ئويلا كىم ئالەم ئەنىڭ ھۆسنىگە ھەيران ئولمىش.(دىۋان230-بەت)
دەپ يېزىپ، يەنە ‹‹مۇخەممەس قارى بەر غەزەل فۇزۇلى›› ناملىق شېئىرىدا:
   بەندەلىك تەۋقىن سالىب تۇتى شەكەر خۇاھ ئولماسە،
   ئەندەلىبى با نەۋا پۇر سەۋر غەۋغا ئولماسە،
   قارىدىن بىر نەچچە دەفتەر نەئت ئىنشا ئولماسە،
   لەھزە-لەھزە گۈلشەنى مەدھىڭدە گۇيا ئولماسە،
   بۇلبۇلى نۇتقى فۇزۇلىنىڭ خۇش ئەلغان ئولماسۇن.(دىۋان379-بەت)
دەپ يېزىپ، يەنە ‹‹مۇخەممەس قارى بەر غەزەل فۇزۇلى›› ناملىق شېئىرىدا:
سەۋدايى يار ئەيلىدى رەسۋايى گۈلخەنى،
كىم تۇتتى يار كوھ غەم ئولدى نەشمەنى،
مەئشۇقە خۇش كەلدى ئاھۇ-نالەسى قارىنى،
غەم زۇلمەتىندە بۇ دەردۇ-بالا مېنى،
بەس دەر فۇزۇلى ئاتەش ئاھىم ئەلامەتى.(دىۋان479-بەت)
دەپ يېزىپ، يەنە‹‹مۇخەممەس قارى بەر غەزەل فۇزۇلى›› ناملىق شېئىرىدا:
مېنى رەسۋايى ئالەم ئەيلەگىن ئول ساچى سۇنبۇلدۇر،
نەچە بۇلبۇلنى شەيدا ئەيلەگەن رۇخسارەسى گۈلدۇر،
تەمەننا رىشتەسى قارىنىڭ بۇينىغە سەلاھىلدۇر،
فۇزۇلى دېمە يەتمەك مەنزىلى مەقسۇد مۈشكۈلدۇر،
دۇ تەن دامان شەرئى ئەھمەدى مۇختار يەتمەسمۇ.(دىۋان481-بەت)
دەپ يېزىپ، 16-ئەسىر تۈرك-ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئاتاقلىق ۋەكىلى، شۇنداقلا، ئۆز دەۋرىدىكى تەرەققىيپەرۋەر، خەلقپەرۋەر پىكىر ئېقىمىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بېرى مۇھەممەت سۇلايمان ئوغلى فۇزۇلىنىڭ مۇراد-مەقسەتكە يىتىش ئۈچۈن جاپا-مۇشەققەتتىن قورقماسلىقتەك جاسارىتىنى سۈرەتلىگەن.
‹‹مۇخەممەس قارى بەرغەزەل ئەمىرى›› ناملىق شېئىرىدا:
     ئۆتتى شەباب مەۋسىمى تا يەتتى پىرلىك،
     بول ئېھتىيات ئەيلەمە سۆزگە دەلىرلىك،
     قارى تىلە جەنابىدىن دائىم فەقىرلىك،
     بولسام گەدايى دەرگەھى بولدۇر ئەمىرلىك،
     ماڭا بۇ سەلتەنەتدىن ئىرۇر ئۇشبۇ مۇددەئا.(دىۋان 34-بەت)
دەپ يازسا، يەنە ‹‹مۇخەممەس قارى بەرغەزەل ئەمىرى›› ناملىق شېئىرىدا:
تالاشۇر ئىككى جەللادى كېسىب باش ئەتسە قۇربانلىغ،
تەرەھھۇم بىرلە سۆز ئەيدى ئۇلەر قىلدى پۇشەيمانلىغ،
شەكەر زىر ئولدى خامە قارى ئەيلەب تۇرفە ئېھسانلىغ،
ئەمىر ئەشئارىنە بولدى مۇسەللەم گەۋھەر ئەفشانلىغ،
ھەۋا پەرۋەردەئى ئول لەئل خەندان ئولدى ئوخشايدۇ.(دىۋان 190-بەت)
دەپ يېزىپ، يەنە ‹‹مۇخەممەس قارى بەرغەزەل ئەمىرى›› ناملىق شېئىرىدا:
مۇشكاف ئەھلىن نە بىلسۇن، بولماسە رەۋشەن زەمىر،
شەۋخلەر مىژگان سىنانى بىرلە قىلغايلەر ئەسىر،
قارىيا قويدىڭ قەدەم مەنزۇمە راھىگە دەلىر،
تەبئى مەۋزۇن ئولسا سۆز ئەھلىغە مايىلدۇر ئەمىر،
ئول سەبەبدىندۇر كى بىلمىشمەن سۇخەنۋەر قەدرىنى.(دىۋان477-بەت)
دەپ يېزىپ، 15-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىجادىي پائالىيەت بىلەن شوغۇللانغان تالانتلىق شائىر يۈسۈپ ئەمىرىنىڭ ئېھتىياتچانلىق بىلەن سۆز قىلىش، ئۆزىگە تەمەننا قويماسلىقتەك ئېسىل پەزىلىيىتىدىن ئۆگىنىش مۇددىئاسىنى ئىپادىلىگەن.
‹‹مۇخەممەس قارى بەر غەزەل ھافىز›› ناملىق شېئىرىدا:
     بىگۈزەشت شام سۈبھەمكى نەبۇدەئىم قايىم،
     سەگ نەفىرا مۇۋافىق بىغۇرۇر گەشتە دايىم،
     نىكۇشادە چەشىم قارى ھەمە ئۆمر بۇدە نايىم،
     دىل سەخت سەنگ ھافىز سەرمۇ نەشۇد مۇلايىم،
     چىكۇنەم چىچارە سازەم زىئەزەل سەرشىت مارا.(دىۋان36-بەت)
دەپ يېزىپ، لىرىكىلىرى جاھان ئەدەبىياتىدا يۈكسەك شان-شۆھرەتكە ئىگە بولۇپ كەلگەن ھايات كۈيچىسى، بۈيۈك شائىر شەمسىددىن مۇھەممەد خوجا ھاپىز شىرازى(1300-1389)نىڭ⑥ ئۆزىنىڭ رىيال تەقدىرىنى مەزمۇن قىلغان ئالىيجاناپ قەلبىينى مەدھىيەلىگەن.
‹‹مۇخەممەس قارى بەر غەزەل ئەھمەد جامى›› ناملىق شېئىرىدا:
      ئەزھالى زار ئۈممەتان، دارى خەبەر ئەي نۇرجان،
      مەقسۇدتۇ دارىلجىنان، دارى شەفائەت ئانچىنان،
      قارى كۈنەد دايىم فىغان،ئەزشەرم ئىسيان خۇنفەشان،
      چۈن ئەھمەد جامى نەھان، دارەد گۇناھى بى گەران،
      ئەز ھەق بىخاھ ئەي كامران، جۇرم-گۇناھ ئىن گەدا.(دىۋان38-بەت)
دەپ يازسا، يەنە ‹‹مۇخەممەس قارى بەر غەزەل ئەھمەد جامى›› ناملىق شېئىرىدا:
      ئەي شەفا ئەتخاھ ھال تىرە روزان چۈن بۇۋەد،
      قاماتەش خەم دىدەنەم ئەزشەۋق دىل پۇرخۇن بۇۋەد،
     ماتەمى خۇد دەركەشىدە قارى چۈن مەجنۇن بۇۋەد،
     بەندە شۇد جامى غۇلامەش گەرچە ئەفلاتۇن بۇۋەد،
     ئاسراغىل، يا ساقلاغىل، ياساتۇ، يا بەرگىل جەۋاب.(دىۋان63-بەت)
دەپ يازسا، يەنە ‹‹ غەزەل مەۋلىۋى جامى مۇخەممەس شۇدە›› ناملىق شېئىرىدا:
     شەمئى فۇرۇغ ھۆسىن تۇخۇش دىلپەزىر شۇدە،
     بەر جىسىم جان ئاشىق پەژمۇردە تىر شۇدە،
     قارى بىزىر بار مۇھەببەت چۇپىر شۇدە،
     دەردام تۇررەھاي تۇ جامى ئەسىر شۇدە،
     مۈشكۈلكى ئەفكەنەد پەس ئەزىن دام تۇررەھات.(دىۋان81-بەت)
دەپ يېزىپ، مول ئەدەبىي ئىجادىيىتى ئارقىلىق 15-ئەسىردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئىجتىمائىيىتىنىڭ بىر پۈتۈن كۈرۈنىشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن مۇتەپەككۇر شائىر، ھۆرىيەتپەرۋەر ئىجتىمائىي پائالىيەتچى، مەشھۇر سوپىزم يولباشچىسى ۋە پەيلاسوپى ئابدۇرەھمان جامىي(1414-1492) دىن مۇناجات تىلىگەن.
‹‹مۇخەممەس قارى بەر غەزەل جەلالى›› ناملىق شېئىرىدا:
ئوت سال تامام ئ\كرتەسۇن بۇ مال-مۈلكىگە،
نوقسان پەزىر بولماغىل ئەنۋار سىلكىڭە،
قارى بۇ رەمزە ئەۋراق رەشھەئى كەلكىڭە،
گەرچە جەلالى دۇرر ھەقىقەتنى ئىلكىڭە،
ئالدىڭ خەلايىق ئىچىدە چۈن پەركاھ بول.(دىۋان304-بەت)
دەپ يېزىپ، مال-دۇنياغا ھېرىسمەن بولماسلىق، ھەقىقەتنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ھۇشيارلىقنى دائىم ئۆستۈرۈش لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن.
‹‹مۇخەممەس قارى بەر غەزەل مىرزابىدىل›› ناملىق شېئىرىدا:
     بىئاستان مۇرادى نىرەستەم مەنىزار،
     قۇلادە بەند سەك با ۋەفايى ئان دىلدار،
     زەبان تەئنە مەزەن قارى ئەجز خۇد ئىقرار،
     زە ھەرق شۇكۇھ زەبان بەستەم چۇ بىدىل،
     رەسىدەم بىمەقام رىزا مۇبارەك باد. (دىۋان122-بەت)
دەپ يېزىپ، يەنە ‹‹مۇخەممەس قارى بەر غەزەل بىدىل›› ناملىق شېئىرىدا:
زەبان قاسىرەم ئەز خۇشە چىنئى ئەشئار،
رەسىد بۇيى مەشامەم نەسىم ئان گۈلزار،
نەما بىدىدەئى قارى زىسىرر ئان ئەسرار،
دەرى زىغەيب كۇشا بەر فەقىر بىدىل زار،
تۇ ئەفۋ ساز گۇناھەش بىھەقق ئىللەللاھ.(دىۋان412-بەت)
دەپ يېزىپ، ئوتتۇرا ئەسىر پارس- تاجىك كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ يىرىك ۋەكىللىرىنىڭ بېرى، تاجىك كلاسسىك ئەدەبىياتىدا شەكىللەنگەن ھىندىستان ئەدەبىي ئېقىمى (16-ئەسىردىن 18-ئەسىرگىچە)نىڭ بۈيۈك پىرى، شەرق خەلقلىرىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ بىلىش تارىخى، پەن-مەدەنىيەت تارىخى ۋە پەلسەپە تارىخىدا ئۆچمەس تۆھپە ياراتقان ئۇلۇغ پەيلاسوپى، مۇتەپەككۇرى ۋە ئالىمى، شائىر مىرزا ئابدۇقادىر بىدىلغا بولغان چوڭۇر ھۆرمىتىنى ئىپادىلىگەن.
‹‹رەدىفۇززال›› ناملىق شېئىرىدا:
مىسل مەنسۇر كۆيدۈرۈپ ئەخكەر قىلىب،
تاشلاساڭ دەۋزەخكە رىزۋاندىن لەزىز.(دىۋان129-بەت)
مەنسۇر ۋار دار مۇھەببەتكە ئاسىلۇر،
ئول ئادەمى ۋۇجۇدىغە چۇ بۇ رەسەن لەزىز. (دىۋان133-بەت)
دەپ يېزىپ، يەنە  ‹‹مۇخەممەس قارى بەر غەزەل مەنسۇر›› ناملىق شېئىرىدا:
   دىلىدە سىدق دەۋامەت تىلىدە ئىقرارى،
   باشىگە سايەئى لۇتفىڭنى سال بېرىب يارى،
   مۇدام خۇان ئىنايەتكە كۆز سالۇر قارى،
   ھەمىشە مەنسۇر نادان ساڭا قىلۇر زارى،
   ئۆزىڭدىن ئۆزگەغە ئۈمىدۋار قىلمە مېنى.(دىۋان469-بەت)
دەپ يېزىپ، سوپىزملىق پىكىر ئېقىمىنىڭ  سىمىۋۇلى، خەلىپە مۇقتەدىر (908-932) زامانىدىكى باغدادتا ئۆزىنىڭ ئىنسان بىلەن تەڭرىنىڭ بىرلىكى تەلىماتىنى سۆزلەپ غايەت زور نوپۇز تىكلىگەن ئەبۇل مۇخلىس ئەل ھۈسەيىن ئىبىن مەنسۇر ئىبىن مۇھەممەد ئەل بەيدەۋى ئەل ھەللاجى (858-922)نىڭ ئوتقا تاشلاپ كۆيدۈرۈلسىمۇ يەنىلا كىشىلەرنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ئەتىۋارلىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
‹‹رەدىفۇررا›› ناملىق شېئىرىدا:
سىدق ئىخلاسىڭ بىلە سىددىقىنىڭ بول خادەمى،
ئەھمەدى مۇختارنىڭ مۇنداغ سۈيەر فىلغارى بار.( دىۋان143-بەت)
دەپ يېزىپ، مەشھۇر دىداكتىك ئەسەر ‹‹سىددىقنامە›› بىلەن تونۇلغان ئاتاقلىق تىلشۇناس ئالىم ۋە مەشھۇر ئەدىب مۇھەممەت سىدىق بەرشىدىنىڭ (1715- 1800) ئىخلاسمەنلىرىدىن بېرى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن.
‹‹مۇخەممەس قارى بەر غەزەل ئۈۋەيسى›› ناملىق شېئىرىدا:
سالىب زەنجىر ئىشق ئىچرە مېنى ئول شەۋخ ئەييارىم،
تىگىب ھىجران قېلىچى تەن ئارا كۆب بولدى ئازارىم،
تۆكوب شەككەر لەبىدىن سورمادى ھالى نەدۇر قارىم،
ئۇۋەيسى يۈز جەفا كۆرسەڭ ھەقىقەت ياردىن دائىم،
ئۆگۈرمە يۈزنى ئاندىن سالمە ئۆزنى كۆزگە دىلدارە.(دىۋان41-بەت)
دەپ يېزىپ، 19-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئەينى دەۋردىكى قوقان خانلىقى ئەدەبىي مۇھىتىدا يىتىشىپ چىقىپ كۆزگە كۆرۈنگەن مەرىپەتپەرۋەر شائىرە جاھان ئاتىن ئۈۋەيسىنىڭ شېئرلىرىغىمۇ غەزەل يازغان بولۇپ، غەزەلدە مەھمۇد قارى ئىشىق-ھىجران ئوتىدا پۇچىلانغان ئۇۋەيسىدىن ھېچكىم ھالىڭ نىچۈك؟ دەپ سورىمىغانلىقى، بۇنىڭدىن ھەرگىزمۇ مەيۈسلىنىپ كەتمەسلىك كېرەكلىكىنى ئىشارە قىلغان. شائىرە جاھان ئاتىن ئۈۋەيسى1779-يىلى مەرغىلاندا توغۇلغان بولۇپ، ئۇ ئۆز دەۋرىدىكى قوقان ئەدەبىي مۇھىتىغا ماسلىشىپ، مۇشائىرە پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان. شۇنداقلا قوقان خانلىقى سارىيىدا شائىرە ماھلار ئايىم ۋە باشقا خوتۇن-قىزلارغا شېئىرىيەت ئىلمىدىن دەرس بىرىدىغان ئۇستاز بولغان. ئۇ ئۆزى ئىجاد قىلغان لىرىك شېئىرلىرىدىن تۆت دىۋان تۈزگەنلىكى مەلۇم. شائىرە جاھان ئاتىن ئۈۋەيسى 1845-يىلى 65يېشىدا ۋاپات بولغان. ⑦  
     ئۇندىن باشقا دىۋانغا يەنە، ‹‹مۇخەممەس قارى بەر غەزەل ئاسىفى››، ‹‹مۇخەممەس قارى بەر غەزەل مەۋلانە ئەزىم››، ‹‹مۇخەممەس قارى بەر غەزەل شەھىدى››، ‹‹مۇخەممەس قارى بەر غەزەل ئىملا››، ‹‹مۇخەممەس قارى بەر غەزەل سايىپ››، ‹‹مۇخەممەس قارى بەر غەزەل ئەمىر ئۆمەرخان››، ‹‹مۇخەممەس قارى بەر غەزەل ئەزىمى››،‹‹مۇخەممەس قارى بەر غەزەل غازى››،‹‹مۇخەممەس قارى بەر مۇناجات شەمس›› قاتارلىقلارمۇ بىرىلگەن.
        دىمەك، مەھمۇد قارى ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن كىلاسسىك ئەدىبلەرنى ئۇستاز تۇتۇپ ئۇلارنىڭ شېئىرلىرى بىلەن تونۇشۇپلا قالماي، ئۆزى بىلەن تەڭ دەۋردىكى ئۆزىدىن ياشتا چوڭ ، لېكىن باشقا ئەلدىكى كىلاسسىك ئەدىبلەرنىڭ شېئىرلىرى بىلەن تونۇشۇش شەرىپىگە ئېرىشكەنلىكىنى ھەمدە شېئىرىيەت ئىلمىنى سېستىمىلىق ئۆگەنگەنلىكىنى بىلىۋېلش تەس ئەمەس.
‹‹دىۋان قارى›› ناملىق كىتابقا 6592 مېسرالىق شېئىر كىرگۈزۈلگەن⑧ بولۇپ، ئۇ 11پارچە ھەمدۇ سانا، 57پارچە مۇخەممەس، 107پارچە غەزەل، 27پارچە مۇۋەششەھ، 2پارچە مۇناجات، 1پارچە مەرسىيەدىن تەركىپ تاپقان. مەھمۇد قارىنىڭ دىۋاندىكى مۇخەممەسلىرى- غەزەللەر قايسى تىلدا يېزىلغان بولسا، شۇ تىلدا ۋە قايسى شائىر يازغان بولسا، شۇ شائىرنىڭ بەدىئىي سەۋىيەسىگە تەڭ تۇرۇپ يېزىلغان. ھەر قايسى تىل مۇھىتىدىكى ئەدەبىيات پېشىۋالىرىنىڭ غەزەللىرىگە يازغان مۇخەممەسلىرى مەھمۇد قارىنىڭ زامانىسىغا يارىشا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرق ئەللىرى ئەدەبىياتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرى ۋە ئۇلارنىڭ نادىر ئەسەرلىرىدىن خەۋەردار، ئەرەب، پارس تىللىرىنى شىۇنداقلا، تۈركىي تىل سىستېمىسىدىكى ھەر قايسى قەۋملەرنىڭ تىللىرىنى پىششىق ئىگەللىگەن, تىل ۋە ئەدەبىياتقا ناھايىتى زور ئىشتىياق باغلىغان يۇقىرى مەلۇماتلىق كىشى ۋە بەدىئىي جەھەتتە كامالەتكە يەتكەن تالانتلىق شائىر ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

   ئىزاھات:
①مۇھەممەتئىمىن تۇردى، ئەسقەر مەتقۇربان قاتارلىقلار نەشىرگە تەييارلىغان، خوتەن ۋىلايەتلىك قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسى1989-يىلى 8-ئايدا نەشىر قىلغان ‹‹دىۋان قارى››ناملىق كىتابنىڭ تەھرىر سۆزى(2-بەت).
②مۇھەممەتئىمىن تۇردى، ئەسقەر مەتقۇربان قاتارلىقلار نەشىرگە تەييارلىغان، خوتەن ۋىلايەتلىك قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسى1989-يىلى 8-ئايدا نەشىر قىلغان ‹‹دىۋان قارى›› ناملىق كىتابنىڭ ‹‹‹دىۋان قارى› ئەسلى نۇسخە، تىتول بەتنىڭ چۈشەندۈرىشى››، 1-بەت، ئۈچىنچى ئىزاھاتتا شۇنداق بىرىلگەن، لېكىن ‹‹بولاق›› ژۇرنىلىنىڭ 1982-يىل 3-سانىدىكى ئېزىز ساۋۇت نەشىرگە تەييارلىغان ‹‹‹دىۋان قارى›دىن تاللانمىلار›› ناملىق ماقالىنىڭ بېشىدا: ‹‹مەن قارى تەخەللۇسلۇق بۇ ئۇيغۇر شائىرىنىڭ شېئىرلىرىنى ئۇنىڭ ھىجرى 1330-يىلى تاشكەنت غۇلام ئەل ھۆسنى مەتبەئەسىدە چاپى قىلىنغان ‹دىۋان قارى› ناملىق كىتابىغا ئاساسەن نەشىرگە تەييارلىدىم. مەن ئاساسلانغان بۇ نۇسخا ھازىر ئاقسۇ بازار ئىچى ئىسلاھات ئاھالە كومىتېتىدا ئولتۇرۇشلۇق ساۋۇت موللام دېگەن كىشىنىڭ قولىدا ساقلانماقتا. كىتابتىكى مەلۇماتتىن قارىغاندا، دىۋان موللا مىرمەخدۇم شاھ يونۇس ئوغلى دېگەن كىشىنىڭ خىراجىتى بىلەن چاپى قىلدۇرۇلغان›› دىيىلگەن.
③مۇھەممەتئىمىن تۇردى، ئەسقەر مەتقۇربان قاتارلىقلار نەشىرگە تەييارلىغان، خوتەن ۋىلايەتلىك قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسى1989-يىلى 8-ئايدا نەشىر قىلغان ‹‹دىۋان قارى›› ناملىق كىتابنىڭ ‹‹‹دىۋان قارى› ئەسلى نۇسخە، تىتول بەتنىڭ چۈشەندۈرىشى››، 1-بەت، ئىككىنچى ئىزاھات.
④‹‹بولاق›› ژۇرنىلىنىڭ 1982-يىل 3-سانى،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1982-يىل 8-ئاي 1-نەشىرى، 249-بەت.
⑤ئابدىرېھىم سابىت:‹‹ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى››(بىرىنچى كىتاب 2-قىسىم)، قەشقەر شەھەرلىك ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش بۆلۈمى 1982-يىل ئۆكتەبر باستۇرغان، 169-170-بەتلەر.
⑥بۇ مەنبە ئەمەت دەرۋىش، مۇنەۋۋەر ئابلىزلار تۈزگەن:‹‹ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدا دائىم ئۇچرايدىغان ئاتالغۇلارنىڭ ئىزاھلىق لوغىتى›› ناملىق كىتاب ( شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2014-يىل 1-ئاي نەشىرى، 712-بەت)تىن ئېلىنغان بولۇپ،  ئىمىنجان ئەھمىدى ئۇتۇق قاتارلىقلار تۈزگەن: ‹‹ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى››(2) ناملىق كىتاب (مىللەتلەر نەشرىياتى، 2006-يىل 4-ئاي نەشىرى، 134-بەت) تە ھافىز خارەزمىنىڭ ھاياتى تونۇشتۇرۇلغان.
⑦مۇنەۋۋەر، ھەبىبۇللا نۇر تەرجىمە قىلغان:‹‹دىۋانى ئۈۋەيسى››، شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2013-يىل 12-ئاي نەشىرى، ‹‹نەشىرگە تەييارلىغۇچىدىن›› 1-2-بەتلەر.
⑧‹‹بولاق›› ژۇرنىلىنىڭ 1982-يىل 3-سانىدىكى ئېزىز ساۋۇت نەشىرگە تەييارلىغان ‹‹‹دىۋان قارى›دىن تاللانمىلار›› ناملىق ماقالىدا: ‹‹دىۋاندا 7600 مېسرا شېئىر بار ›› دەيدۇ. بەلكىم مەزكۈر كىتابقا شائىر دىۋان قارىنىڭ شېئىرلىرى تولۇقى بىلەن كىزگۈزۈلمىگەن بولۇشى مۇمكىن.


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-27 14:57:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كلاسسىكلىرىمىز ھەققىدە ئىزدىنىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولۇۋاتىدۇ دوستۇم. كلاسسىكلار تەتقىقاتى بەك زېھىن تەلەپ قىلىدىغان، كۆپ كۈچ تۇتىدىغان خىزمەت...ئازراقلا بىخەستەلىك قىلساق، تارىخقا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىش كېلىپ چىقىشى مۈمكىن.... تېخىمۇ تىرىشقايسىز!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-3 18:44:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە،
تەلىمىڭزنى ھەر ۋاقىت ئېسىمدە مەھكەم تۇتىمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش