بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-27 02:33 PM
كېچىنىڭ كۆزى
پەرىدە ئىسمايىل مېھرى
يار بولۇپ كېلىدۇ كېچىنڭ كۆزى
ئۆلۈكتەك لەھەتتە سولانغان ئۆزى.
جەسەت پۇراپ تاپلاردىن بەتەر
تىرىك تۇرۇپ ئۆلگەندىن خەتەر
چۈنكى قارا ئۇنىڭ بىر يۈزى.
يىقىلىدۇ ماڭا يار ئۆزى-
قارا بالا قارا جادۇگەر
ئىشق جادوسىدا توغرايدۇ مېنى
جىرغايدۇ جېنىمنىڭ قېپقىزىل قېنى...
غاجىلايدۇ روھىمنى سەرسان
تاشلايدۇ ماكان ئېتىپ چەكسىز قوڭغۇزغا...
تىپىرلىسام يوپىشىدۇ مىڭلارچە چايان
ماڭا كىم قان بېرىدۇ ؟ كېرەك بولسا جان؟
پەرۋايى پەلەك « جان بولسا جاھان.»
چىدىغانغا شۇنداق چىقارغان.
ئاشۇ كۆزلەر كېچىنىڭ كۆزى
يار بولۇپ كەلگىنى كۆزلەرنىڭ ئۆزى
قارا ئۇنىڭ ئوڭ يا سول يۈزى
ئاشۇ كۆزلەردە مېنىڭ ۋەتىنىم
چۈنكى يار كۆرۈنگەن كېچىنىڭ كۆزى...
2016-يىلى 27-فېۋرال، ئاتۇش
|