يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 365|ئىنكاس: 2

تۇردى لېتىپ ئىزگۈ: ئىزگۈدىن خۇش خەۋەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-27 02:31 PM  

                  تاماقخانا ئاشپۇزۇل-رېستۇرانلارنى ئاپتوماتلاشتۇرۇرش دېتالى


    ئۇزۇندىن بۇيان ئاشخانا رېستۇران مۇلازىمىتىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇشتا تېگىشلىك نەتىجە قازىنىپ، «ھەرەمباغ»، «مىراج»، «ئەلبېك» قاتارلىق يۇرتىمىزدا ئالدىدا ماڭغان يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرى ئۈچۈن «كۆچمە تاماق بۇيرۇتۇش»، «بىر تۇتاش پۇل يىغىش»، «ئارقا سەپ تارقاقلاشتۇرۇپ تالون بېسىش» سىستېمىلىرىنى ئىشلەپ كەلگەن ئىزگۈ شىركىتى، يېقىندا، قايتىدىن تۈزگەن يېڭى سىستېمىنى بازارغا سالدى. ئىلگىرىكى سىستېما، گەرچە ئىقتىدار ۋە تۇراقلىقلىقىجە ھەتتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرسىمۇ، قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ، تەننەرقى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇش قىيىنچىلىقى بار ئىدى. بۇ قېتىم يۇمشاق دېتالىنى، نۆۋەتتىكى ئىلغار تېخنىكدىن پايدىلىنىپ، ھەرقانداق تېلېفون ياكى كومپيۇتېرغا تەڭشەپ ئىشلەتكىلى، ئېھتىياجغا قارىتا كېڭەيتكىلى بولىدىغان، تەننەرقى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدىغان قىلىپ تۈزۈپ چىقتى. نۆۋەتتىكى بۇ يېڭى سىستېما بۇلۇت بوشلۇقىدا زاپاسلاپ ساقلاپ قويغىلى، ئىنتېرنېت تورىدىن پايدىلىنىپ تىجارەت دوكىلاتىنى ھەرقانداق ئورۇندائ ىگىلەپ تۇرغىلى، شۇنداقلا توردا سېتىشنى يولغا قويغىلى بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. يۇرتىمىزدىكى ھەر خىل كۆلەمدىكى تاماقخانىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا تولىمۇ ماس كېلىدۇ، ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە قوش تىل ۋە باشقا تىللارنى قوللايدۇ. دەسلەپكى قەدەمدە20  مىڭ يۈەن بىلەن، ئىككى دانە تاماق بۇيرۇتىدىغان تېلېفون، بىر ئورۇندا پۇل يىغىش ئۈسكۈنىسى ۋە ئىككى دانە ئارقا سەپ پرىنتېرىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە بولىدۇ. تاماقخانا ئورنى- ئارىلىق تاللىمايدۇ. كېيىنكى ئېھتىياجغا قارىتا يەنە بىر نەچچەمىڭ يۈەنلا خەجلەپ، سىستېمىنى ئېلېكترونلۇق تاماق تىزىملىكى ھالىتىگە كېڭىيتىۋېلىشقا بولىدۇ.


كومپيۇتېر كەسپىدە ئۇتۇق قازىنىش ئارزۇسى بارلار ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت

شىركىتىمىز (ئىزگۈ ئۇچۇر پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى) سەككىز يىللىق شانلىق تەرەققىيات مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈرگەن، كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالىغا ئائىت كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پەن-تېخنىكىلىق خۇسۇسىي كارخانا. قۇرۇلغاندىن بۇيان سودىنى ئاپتۇماتلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك تاللا بازىرى باشقۇرۇش سېستېمىسى ۋە ئاشخانا رېستوران مۇلازىمىتىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش سىستېمىلىرىنى ئىشلەپ بازارغا سېلىپ كەلدى. ئەينى يىللىرى ئۈرۈمچىدىكى كەررېفور تاللا بازىرى ئۈچ دۇكىنىنىڭ تېخنىلىق مۇلازىمىتىنى ھۆددە ئېلىپ قىلىشتىن باشلىغان شىركەت ئىگىلىكى ھازىرغا قەدەر ئۈرۈمچى ئايرودروم، مىراج، ھەرەمباغ، ئەلبەك، ئەلقۇت قاتارلىق يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ 200 دىن ئارتوق تارماق دۇكان، رېستوران، تېز تاماقخانا، چاي-قەھۋەخانىلارغا تاماق بۇيرۇتۇش، پۇلي ىغىش، ئىسكىلات باشقۇرۇش، تورلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش قاتارلىق كومپيۇتېرلاشقان سىستېمىلارنى سېتىپ چىقىرىپ، تېخنىكىلىق مۇلازىمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش بىلەن تەرەققىي قىلىپ كەلدى. يىللىق ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 5  مىليوندىن ئاشىدۇ. شىركەت ئۈرۈمچى باش شىركەت ۋە قەشقەر تارماق شىركەتتە بولۇپ جەمئىي 20 چە ئىقتىساس ئىگىسى خىزمەت قىلىدۇ. ئۇزاق مۇددەت، مۇقىم ئىشلەپ كەلگەنلەرنىڭ ئايلىق كىرىمى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ. شىركەتتە ئىشلەپ تۇي قىلىپ، ئوي-ئوچاقلىق بولغانلار يېڭى خىزمەتچىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. شىركەتتە ئالدى بىلەن تېخنىكىلىق تەربىيىلەش، ئاندىن قابىلىيىتىگە يارىشا ئىش تەقسىملەش ئۇسۇلى قوللىنىدۇ. ياتاق تاماق ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يېڭى كەلگەنلەرگە مىڭ يۈەندىن يۇقىرى مائاش بېرىلىدۇ. شىركەت بىلەن ياتاق بىر بىنادا، ئورنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېڭى ئاۋات يولى 35-نومۇرلۇق قورو، بېيگۇوچۈنچېڭ 2 بىنا 11-قەۋەت.

يېقىندا شىركەت 2016-يىللىق يېڭى تۈرنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش ۋە خادىملارنى ئەلالاشتۇرۇش مەقسىتىدە جەمئىيەتتىن تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ياشلاردىن 5 نەپەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ.

1- يېشى 20 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان، ئوغۇل.

2- كومپيۇتېر تېخنىكىسى ياكى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كەسىپتە ئوتتۇرا تېخنىكومدىن يۇقىرى ئوقۇش سەۋىيىسىگە ئىگە.

3- خەنزۇچە ئاساسىي بار، خەنزۇچە خەت تونۇيدىغان ۋە خەت باسالايدىغان.

4- ئۆگىنىش قىزغىنلىقى يۇقىرى، ئۈرۈمچىدە ئۆگىنىپ كەلگۈسىدە يۇرتى ئۈچۈن بىرەر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقىشنى ئارزۇ قىلىدىغان.

5- كومپيۇتېر كەسپىدە بىرئۆمۈر تەرەققىي قىلىشقا ماس كېلىدىغان.

6- سىياسىي ئىدىيىسى نورمال، چىقىشقاق، ئۈمىدۋار.
شىركەت ھەپتىدە بەش يېرىم كۈن، 8 سائەتلىك ئىشخانا مۇھىتىلىق ئىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. شەنبە چۈشتىن كېيىن ۋە يەكشەنبە دەم ئالىدۇ. ھېيت-بايراملاردا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە قويۇپ بېرىلىدۇ. خىزمەت تارىخى بىر يىلغا توشقانلارغا شىركەت پۇل چىقىرىپ، 5 خىل سۇغۇرتىنى تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. كاماندورۇپكا ھەققىي، تېلېفون پۇلى قاتارلىقلار قائىدە بويىچە ئاتچوت قىلىنىدۇ. كۆپ ئىشلىگەن كۆپ چىشلەش پىرىنسىپى بويىچە ھەر ئاينىڭ 10-كۈنى مائاش تارقىتىلىپ، ئاينىڭ ئاخىرىدا شۇ ئايلىق تۆھپە مۇكاپاتى تارقىتىلىدۇ. شىركەت باشقا يۇرتتىن كەلگەنلەرنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق كىنىشكىسىنى بىجىرىشىگە يېقىندىن ياردەمدە بولىدۇ. كەڭ ياشلارنىڭ ئۆزئارا خەۋەر يەتكۈزۈشۈپ، ئالاقىلىشىپ، كېلىپ يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ، ئۆزىنى سىناپ بېقىشىنى قارشى ئالىمىز. ئۆزىڭىزنىڭ كىملىك ۋە قىسقىچە تەرجىمھال ماتىرىيالىڭىزنى بىرگە ئېلىپ كېلىشنى ئۇنۇتماڭ. ئاۋۋال تېلېفون قىلىپ كېلىشكەندىن كېيىن، ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋاقىتتا شىركەتكە قەدەم تەشرىپ قالغايسىز. تېلېفون 0991-8523333، 13809938602، كوت كوت ۋە ئۈندىدار نومۇرى 717695331، تېلېفوندا ھەر كۈنىنىڭ ئەتىگەن سائەت 8 دىن كەچ سائەت 5 كىچە ئارىلىقتا ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ. يۇقىرىقى شەرتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلار بىردەك قوبۇل قىلىنمايدۇ.

ۋاكالەتچى قوبۇللاش ئېلانى

شىركىتىمىز (شىنجاڭ ئىزگۈ ئۇچۇر پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى) سەككىز يىللىق شانلىق تەرەققىيات مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈرگەن، كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالىغا ئائىت كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پەن-تېخنىكىلىق خۇسۇسىي كارخانا ئورۇن. قۇرۇلغاندىن بۇيان سودىنى ئاپتۇماتلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك تاللا بازىرى باشقۇرۇش سېستېمىسى ۋە ئاشخانا-رېستوران مۇلازىمىتىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش سىستېمىلىرىنى ئىشلەپ، بازارغا سېلىپ كەلدى. ئەينى يىللىرى ئۈرۈمچىدىكى كەررېفور تاللا بازىرى ئۈچ دۇكىنىنىڭ تېخنىلىق مۇلازىمىتىنى ھۆددە ئېلىپ قىلىشتىن باشلىغان شىركەت ئىگىلىكى ھازىرغا قەدەرئۈرۈمچى ئايرودروم، مىراج، ھەرەمباغ، ئەلبەك، ئەلقۇت قاتارلىق يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ 200 دىن ئارتوق تارماق دۇكان، رېستوران، تېزتاماقخانا، چاي-قەھۋەخانىلارغا تاماق بۇيرۇتۇش، پۇل يىغىش، ئىسكىلات باشقۇرۇش، مال تارقىتىش، تورلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش قاتارلىق كومپيۇتېرلاشقان سىستېمىلارنى سېتىپ چىقىرىپ، تېخنىكىلىق مۇلازىمىتىنى قىلىش بىلەن تەرەققىي قىلىپ كەلدى. يىللىق ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى بەش مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ. شىركەتتە ئىچكىرى ئۆلكەلەردىن شىجىن، گۇاڭجۇدىكى تۈرگە مەسئۇل مەخسۇس خادىم، ئۇرۇمچىدىكى باش شىركەتتىكى خىزمەتچى خادىملار ۋە قەشقەر شۆبە شىركەتتىكى خادىملار قوشۇلۇپ 25 چە ئىختىساس ئىگىسى خىزمەت قىلىدۇ. خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ، كورلا، غۇلجا قاتارلىق يىراق شەھەرلەردىكى خېرىدارلارنىڭ ھاجىتىدىن تېخىمۇ ياخشى چىقىش ۋە سېتىشنى يەنىمۇ جانلاندۈرۈش ئۈچۈن شىركىتىمىز شۇئورۇنلاردىن ۋاكالەتچى تۈرغۇزۇشنى قارار قىلدى. ۋاكالەتچىلەرگە قويۇلىدىغان ئاساسلىق تەلەپلەر:

ۋاكالەتچىلىك خىزمىتى ئىككىت ۈرلۈك خىزمەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

1- ھازىرغىچە شىركىتىمىزنىڭ سىستېمىسىنى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىۋاتقان ئورۇنلارنىڭ تېخنىكىلىق مۇلازىمىتىنىڭ  ھۆددىسىدىن چىقىش. بۇنىڭغا ھەقلىق مۇلازىمەت ئۇسۇلى قوللىنىدۇ. ھەق ئېلىش ئۆلچىمى شىركىتىمىز يولغا قويغان قائىدە بويىچە بولىدۇ. شىركىتىمىز ۋاكالەتچىلەرنىڭ خېرىدار ئورۇنلار بىلەن ئۆز ئالدىغا يىللىق مۇلازىمەت ھۆددىگەرلىك توختامى ئىمزالاپ، مۇلازىمەتنى قېلىپلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

2- سېتىشنى جانلاندۇرۇش. بۇنىڭدا شىركىتىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا ئېھتىياجلىق ئورۇنلارغا ئاكتىپ يۈزلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى توغرا، ئىنچىكە ئىگىلەش تەلەپ قىلىنىدۇ. شىركىتىمىز نىشان خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجى ۋە بازار يۆلىنىشىگە قارىتا بازار ئېچىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ۋاكالەتچىلەرنىڭ بازار ئېچىش ئىشلىرىغا يېقىندىن ياردەمدە بولىدۇ.

شىركىتىمىز تەڭ مەنپەئەتلىنىش پىرىنسىپى بويىچە ۋاكالەتچىلەر بىلەن ھەمكارلىشىدۇ. ئۇلارغا پايدا يارىتىش بوشلۇقى ھازىرلاپ بېرىدۇ. ئۇلارنى تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيىلەيدۇ. ۋاكالەتچىلەر:

1- ئەمىلىي دۇكىنى ياكى ئىشخانىسى بولغان شىركەت ئورۇن بولۇشى كېرەك.

2- خىزمەتچى خادىمى 10 دىنك ەم بولماسلىقى كېرەك.

3- كومپيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، مۇئەييەن كومپيۇتېر تېخنىكىسىغا ئىگە ئىختىساس قوشۇنىغا ئىگە ئورۇن بولۇشى كېرەك.

4- شىركەت رەسمىيىتى تولۇق، سىياسى مەيدانى ئېنىق، ئىجتىماي مەسىلىلەرگە چېتىلىشلىق قىلمىشلىرى بولمىغان، كەلگۈسىگەئۈمىدۋار قارايدىغان شىركەت كوللېكتىپى بولۇشى كېرەك.

5- ھەمكارلىق ئاساسىدىكى ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش. تېخنىكا ئىگىلەپ مەسىلىلەرنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلالايدىغان، ئۇچۇر ئىگىلەپ بازارنى ئۆز ئالدىغا ئاچالايدىغان، سەمىمىيەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ تۇرۇپ ئىش كۆرۈدىغان، يېڭى دەۋىرگە ئۇيغۇن ياشلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇشى كېرەك.

6- ۋاكالەتچىلەر شىركىتىمىز يولغا قويغان سىستېمىلاردىن سېتىپ چىقارغان ماللارنى چوقۇم ئىزگۈ شىركىتىدىن ئېلىشى كېرەك. ئۆز ئالدىغا مال ئۇشقۇشۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

شىركەت قەرەللىك ھالدا ۋاكالەتچىلەرنى ئۈرۈمچىگە تەكلىپ قىلىپ تەربىيىلەش ۋە نەق مەيدان مۇنازىرىسى ئېلىپ  بارىدۇ. نەق مەيدان تەربىيىلەش، تېلېفون، ئۈندىداردا ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىدا ۋاكالەتچىلەرنىڭ ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

2016-يىلى 12-فېۋرال ئۈرۈمچى
شىنجاڭ ئىزگۈ ئۇچۇر پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

باھا سۆز

ئۇشقۇشۇشىغا -ئۇقۇشۇشقا...  ۋاقتى: 2016-2-28 10:06 AM
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-2 16:09:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدىپلەرنى قوللىغان "ئىزگۇ" شىركىتىگە رەھمەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش