يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 335|ئىنكاس: 9

مەخەت ئابدۇرېھىم: باھاردىكى خىسلەتتىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-26 11:39 PM  

  باھاردىكى خىسلەتتىن
  مەخەت ئابدۇرېھىم

بىزدە شۇنداق ھېكمەت بار: يېلنىڭ بېشى باھاردىن،
قايىل شۇڭا كەڭ ئالەم باھاردىكى خىسلەتتىن.
كائىناتقا باغرىدىن قىلغاچ چەكسىز ئەقىدە،
ھۇزۇرلىنار ھاياتلىق باھار بەرگەن قىممەتتىن.

باھار بىلەن كەڭ زېمىن كىيەر گۈزەل يېشىل تون،
كۈن نۇرىدا سىماسى يالتىرايدۇ پارقىراپ.
ئۆستەڭلەردە سۈزۈك سۇ ئۆركەشلەيدۇ توختىماي،
قىرغاقلارنى سۆيۈشۈپ ئاقار ھەر يان شارقىراپ.

دەل- دەرەخلەر بىخ سۈرۈپ كۆزنى ئاچسا ھاياتقا،
گۈل-چېچەكلەر ۋىلىقلاپ كۈلۈپ تۇرۇپ ئېچىلار.
باھاردىكى شامالدا چاۋاك چالسا  ياپراقلار،
ئۇسۇل ئويناپ مايسىلار بۇ سورۇنغا قېتىلار.

يۇلتۇزلارغا ماسلىشىپ باغلار ئېچىپ گۈل چىراي،
كاككۇك بىلەن زەينەپتەك خەندان ئۇرۇپ سايرىشار.
ھەر تەرەپتىن نەغمىچى قۇشلار كېلىپ شادلىنىپ،
بەزمە قۇرۇپ باغلاردا خۇشال ئويناپ يايرىشار.

ھۆسۈن تۈزۈپ كائىنات جىلۋە قىلدى رەڭمۇ- رەڭ.
خۇش تەبەسسۇم ئىلكىدە باقتى باھار يېقىملىق.
بەكمۇ كۆركەم ھەيۋەتلىك بىزەكلەندى تەبىئەت،
ياڭراق كۈيلەر ئەۋجىگە كۆتۈرۈلدى رېتىملىق.

مەن باھاردىن سۆيۈنۈپ،ۋەتەن ئەلگە كۆيۈنۈپ،
پاك دىلىمنى بىلدۈرۈپ  قەسىدەمنى يازىمەن.
ئىش باشلىنار سەھەردىن بۇ ئەقىلنىڭ بەلگىسى،
باھار بەرگەن پۇرسەتتىن ئالتۇن گۆھەر قازىمەن.

               


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-27 21:59:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەخەت مۇئەللىم شېئىرغۇ ياخشى چىقىپتۇ، لىكىن ماۋزۇنى زورۇقۇپلا قويىۋەتتىڭىزمۇ قانداق !

ۋاقتى: 2016-2-28 01:19:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەبىئەت لىرىكىڭىزدىن سۈيۈندۈم .  قەلىمىڭىز بەركەتلىك بولغاي.

ۋاقتى: 2016-2-28 14:36:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«باھار بەرگەن پۇرسەتتىن ئالتۇن گۆھەر قازىمەن»
شۇنداق شېئىرنى ئوقۇسام مەنمۇ سەھەر تۇرىمەن

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-28 21:29:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجدادلارنى ئەسلەيلى

مەخەت ئابدۇرېھىم

ئەجدادلارنى ئەسلەيلى،
ئەقىلدىكى ئەينەكتە.
ئەتىۋالاپ ئەجرىنى،
ئەتتىگەندە ئەمگەكتە.

ئەدەپ ئەخلاق ئەقىدە،
ئەسلەيدىغان ئەنگۈشتەر.
ئەكسئەتتۈرسەك ئەمگەكتە،
ئەۋلادلارمۇ ئەگۈشەر.

ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەڭ ئەتىۋارلىق،ئەڭ ئەلا ئەنئەنىسى ؛-ئەدەپ ئەخلاقتۇر.ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئەقىدىسى؛-ئەمەلى ئەمگەكتۇر.ئەسىر ئەسىرلەردىكى ئەجداتلارنىڭ ئەمگىكىنى ئەسلىتىدىغان ئەڭ ئەتىۋا ئەنگۈشتەر ئەڭ ئەۋزەل ئەقىل ئەينىكى؛-ئەدەبىي ئەسەردۇر.
ئەقلىمىز،ئەخلاقىمىز،ئەنئەنىمىز،

ۋاقتى: 2016-2-29 17:58:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى شېئىر.

ۋاقتى: 2016-3-2 18:58:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بەرىكەتلىك بولغايسىز!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-5 22:03:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپتە قانداق تەربىلىنىشى كىرەك
(يېڭى دەرس ئىسلاھاتى بويىچە ئوقۇتقۇچىلارنى
مەكتەپتە تەربىيلەش مەجمۇئەسىدىن ئېلىندى)

                   كىرىش سۆز

ھەممىمىزگە مەلۇمكى؛-ئىنسانلار جەمئىيتى تەرەققىياتىنىڭ
ئاساسى مائارىپتا.مائرىپ تەققىياتىنىڭ ئاچقۇچى
ئوقۇتقۇچىلاردا.شۇڭا،ئوقۇتقۇچىلار قوشۇن قۇرۇلۇشىنىڭ
ساپاسىنى قانچىلىك بەدەل تۆلىسەك تۆلەپ
ھەر جەھەتتىن يۇقۇرى كۆتۈرۈش ھەممىمىزنىڭ
ئەڭ يۈكسەك مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىتدۇر.
بۇ مەسئۇلىيەت-مەجبۇرىيەتنى تولوق ئادا قىلىش ئۈچۈن
بىز ئوقۇتقۇچىلار ھەر جەھتتىن ساغلام
تەربىيلىنشكە ئەھمىيەت بىرىشىمىز كىرەك.

بىرىنچى،ئوقۇتقۇچىلار نىمە ئۈچۈن مەكتەپتە
تەربىيلىنىشكە ئەھمىيەت بىرىشى كېرەك؟

1.مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ چاقىرقى.
2.مائارىپ تەرەققىياتىغا قويۇلىدىغان تەلەپلەر.
3.ئوقۇتقۇچىلارنى كەسىپلەشتۈرۈشنىڭ ئېستىياجى.

ئىككىنچى،ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپتە تەربىيلىنىشنى
قايسى جەھەتلەردە ئېلىپ بېرىشى كىرەك؟

1.ئوقۇتقۇچىلار ساپاسى ۋە كەسپى قۇرۇلمىسى.
2.ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى.
3.ئوقۇتقۇچىلار ئىقتىدارىنى مەشىقلەندۈرۈش.
4.ئوقۇتقچىلار ئەخلاقىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش.

ئۈچۈنچى،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەكتەپتە
تەربىيلىنىش يوللىرى قايسىلار؟

1.بىلىمگە ئېرشىشنى ئاساس قىلىشنىڭ يوللىرى ،
2.ھەركەت تەتقىقاتىنى ئاساس قىلىشنىڭ يوللىرى،
3.تەجىرىبە ئالماشتۇرۇشنى ئاساس قىشنىڭ يوللىرى.

تۆتىچى،ئوقۇتۇچىلارنىڭ مەكتەپتە تەربىيلىنىشىنىڭ
قانداق ئۇسۇللىرى بار؟

1.ئەمەلىيەت جەريانىدا قايتا ئويلىنىش،
2.كۆرەك قىلىش ئارقىلىق ئۆگىنىش.
3.ئوقۇتۇش تەدبىرلىرىنى مەشىق قىلىش.
4.مىكرو دائىرلىك ئوقۇتۇش.
5.دەرس تېمىسىنى تەتقىق قىلىش.

بەشىنچى،ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىنىڭ تەربىيلىنىش
نەتىجىسىنى قانداق شەكىللەندۈرىدۇ.

1.تەلىم-تەربىيە ئەمەلىيتى ھۆججتلىرى،
2.تەلىم-تەربىيە بايانى ھۆججەتلىرى.
3.تەلىم-تەربىيە مۇھاكىمە ھۆججەتلىرى.


بىرىنچى،ئوقۇتقۇچىلار نىمە ئۈچۈن مەكتەپتە
تەربىيلىنىشكە
ئەھمىيەت بىرىشى كېرەك؟

ئوقۇتقۇچىلار شۇغۇللىنۋاتقان ئوقۇتۇش،تەلىم-تەربىيە
خىزمىتى دۆۋلەتنىڭ كەلگۈسى ۋە مىللەتنىڭ ئۈمىدىگە
مۇناسىۋەتلىك ئەڭ مۇقەددەس ئىش.
دۆۋلەتنىڭ گۈللىنىش.........مائارىپقا،مائارىپنىڭ
مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرششى ئوقۇتقۇچىلارغا باغلىق.

1-سۇئال،مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ
تەربىيلىنىشىگە قويغان تەلىپى قايسىلار؟
1)ئوقۇتقۇچى ئۆمۈرلۈك ئۈگەنگۈچىگە ئايلىنىشى كىرەك.
2)ئوقۇتقۇچىلار مائارىپ ئىسلاھاتى جەريانىدا كۆز قارشىنى
تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېڭىلاپ،ئۆزىنىڭ
تەلىم-تەربىيدىكى رولىنى تەڭشەپ كۆرۈشى لازىم.
2-سۇئال.مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ مەكتەپ
تەرەققىياتىغا قويولىدىغان تەلىپى قايسىلار؟
1)مەكتەپنى ئاساس قىلىش ئىدىيسىنى تۇرغۇزۇش.
2)مەكتەپنىڭ ئۆزىدە تەربىلىنىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كىرەك.
3-سۇئال،مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى
كەسىپلەشتۈرۈشكە قويغان تەلىپى قايسىلار؟
1)ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپى جەھەتتىن تەرەققى قىلىشى
ئوقۇتقچىلارنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى نىشان،باش تىما
ۋە يادرولوق مەزمۇن.
2)ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپى جەھەتتە تەرەققى قىلىشىدا
ئۇلارنىڭ ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولغان
بىلىم ئاشۇرۇشىغا تاينىش كىرەك.
3)ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپى تەرەققىياتىنى
ئاساسلىقى مەكتەپ شارائىتىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇش كىرەك.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-6 12:32:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتىنىڭ ماھيىتى توغرىسىدا

     ئوقۇتقۇچىلارخىزمىتىنىڭ ماھيىتى -ئوقۇغۇچىلارنى لاياقەتلىك تەربىيلەش، يەنى:-ئەخلاقى، ئەقلى،جىسمانى، گۈزەللىك ۋە ئەمگەك تېخنىكىسى جەھەتتە لاياقەتلىك تەربىيلەش شەرتى ئاستىدا، مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلىيەلەيدىغان، يېڭىلىق يارتالايدىغان ئىختىساس ئگىللىرىدىن قىلىپ تەربىيلەشتىن ئىبارەت. چۈنكى: ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەش،-دۆۋلەتنىڭ پىلانى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىھتىياجى، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئارزۇسى، جەمىيەتنىڭ تەلىپى. شۇڭا ئوقۇتقۇچلار ھەر قايسى مائارىپ باسقۇچىدىكى(يەسلى مائارىپى، مەجبۇرىيەت مائارىپى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى، ئالى مائارىپ باسقۇچىدىكى) ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۇ باسقۇچتىكى ئالاھدىلىگىگە ئاساسەن، ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە ھەققىدە سۆزلىگەندە تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلارنى ئىپادىلىشى كىرەك.
    1.ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدە جەڭگىۋار روھنى ئۇرغۇتۇش.
    2. جەمىيەت تەرەققىياتىنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى ئەمىلى مىساللار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش.
    3. خەلقنىڭ، دۆلەتنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مەنپەتىدىن كىچەلەيدىغان قىلىش.
    4. ئۆمۈرۋايەت ياخشى ئىش قىلىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش.
    5. زىھنىنى مەرگەزلەشتۈرۈپ ئىلىم-پەننى تەتقىق قىلىشقا يىتەكلەش.
    6. تەسەۋۋۇر قىلىپ يىراق كەلگۈسىنى كۆرەلەيدىغان قىلىش.
    7. ئىنسانىيەتنىڭ بەخىت سائادىتى ئۈچۈن يېڭىلىق يارىتىش روھىنى تۇرغۇزۇش.
    8. تەلىم-تەربىيە جەريانىدا مەكتەپ، ئائىلە ۋە جەمىيەتنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىش.
    9. مەڭگۇ ئۆڭمەيدىغان گۈزەل ئىنسانى ئەخلاق-پەزىلەتنى يىتىلدۈرۈش.
   10 باشقىلار ئۈچۈن تەركىپ ئايرىماي، ھەق تەلەپ قىلماي ئۆمۈرۋايەت خىزمەت قىلىدىغان ئىسىل، ئالىجاناپ روھنى يىتىلدۈرۈش.
    يۇقارقىلار ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەم مۇقەددەس مەجبۇرىيتى ھەم مەڭگۈلۈك مەسئۇلىيتىدۇر.
               مەنبە: يېڭى دەرس ئىسلاھاتى توغرىسىدا جەۋھەر.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-5-2 21:59:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىز

      ( ئابدۇرېھىم تىلەشوف ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ شۇ ناملىق غەزىلىگە تەخمىس )


          روزى سايىت


شۇم زاماننىڭ ماڭلىيىغا نەيزە-تىغ تىققاندا بىز،
كونا قەلئە تاملىرىنى ئۆرۈگەن- يىغقاندا بىز،
قەھرىمىزدە ياۋ گېلىنى راست بوغۇپ، سىققاندا بىز،
ياش ئىدۇق ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىپ چىققاندا بىز،
ئەمدى ئاتقا مىنگىدەك بوپقالدى ئەنە نەۋرىمىز.



نەۋرىلەرنىڭ ئەتىسىنى بىز بىلىپ جاندىن ئەزىز،
تاجۇ –دۆلەتتىن ئەركنىڭ تەمى،دەپ، چەندان لەزىز ،
يەلپۈتۈپ ماڭغاندا ھۆرلۈك بايرىقىنى تىك-ئېگىز،
ئاز ئىدۇق مۈشكۈل سەپەرگە ئات سېلىپ چىققاندا بىز،
ئەمدى چوڭ كارۋان ئاتالدۇق قالدۇرۇپ چۆللەردە ئىز.



يۈردى كارۋان قالدۇرۇپ ئىز ھەر تامانلاردا يەنە،
گاھ بوراندا، پىژغىرىمدا، جۇت،مانانلاردا يەنە،
ياتمىدى شەمشەر غىلاپتا، ئوق كامانلاردا يەنە،  
قالدى ئىز چۆللەر ئارا، گاھى داۋانلاردا يەنە،
قالدى نى-نى ئارسلانلار دەشتى-چۆلدە قەبرىسىز.


جىسمى قالغان بىرلە چۆلدە، قەبرىسىز، چەت خالىدا،
بولدى زاھىر قانلىرىڭ رەڭگى ئەترە، لالىدا،
تاڭ شىۋىرلاپ ئېيتتى شۇنداق ئارسلانلار نامىدا:
قەبرىسىز  قالدى دېمەڭ، يۇلغۇن قىزارغان دالىدا،
گۈل-چېچەككە پۈركىنۇر تاڭنا باھاردا قەبرىمىز.


نەۋ باھارمۇ  كەلدى ئاخىر  پۈتتى زۇلمەت جەبرىسى،
راست دېگەندەك گۈلگە پۈركەندى شېھىدلار قەبرىسى،
بەختۇ-ئىقبالغا ئېرىشتۇق بىز-ئۇلارنىڭ نەۋرىسى،
قالدى ئىز، قالدى مەنزىل،قالدى ئۇزاقتا ھەممىسى،
چىقسا بوران،كۆچسە قۇملار ھەم كۆمۈلمەس ئىزىمىز.


ئىز كۆمۈلمەس،يول ئېتىلمەس ھەم سولاشماس گۈلسۇرۇق،
يول ئۇزاق، ئەمما زەپەرنىڭ مەنزىلى نۇرلۇق-يورۇق،
ئەي بوۋا،ئەۋلادلىرىڭ قويماس ئۈمىدىڭنى قۇرۇق،
توختىماس كارۋان يولىدىن گەرچە ئاتلار بەك ئورۇق،
تاپقۇسى ھېچبولمىسا بۇ ئىزنى بىر كۈن نەۋرىمىز، يا ئەۋرىمىز...

  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش