كەچقۇرۇن ئەتراپنى قاپلىغان تۇمان
مىرادىل راخمان ئىزچى
كەچقۇرۇن ئەتراپنى قاپلىغان تۇمان،
قىينىلار نەپەستىن كىشى ھەر زامان.
كۆرىنەر ھەر بىر جان تەنھا ۋە غۇۋا،
يوقالغان شەپەقنىڭ نۇرلىرى تال-تال.
يۇلتۇزلار زىمىندا ياتقان چېچىلىپ
ھالسىراش ئىلكىدە ئۆچمەكتە ھامان.
قەلبىمدە جۇش ئۇرغان ھاياجان ئاخىر،
ئەيلەنگەن سۈكۈتلەر تەرپىدىن گۇمران.
بارغانچە زۇلمەتمۇ كىلەر يېقىنلاپ،
بىلمىدىم مېڭىشنى زادىلا قايان.
ئىستىمەي يېڭى يول تۈنلەر قوينىدىن،
مۇمكىنمۇ غەملەردىن قۇتۇلۇش ئاسان.
2016-يىلى 24-فېۋرال
|