كۆرۈش: 598|ئىنكاس: 4

ئابدۇرېشىت ئوسمان:«يىللار شۇنداق ئۆتكەن» ناملىق بىئوگراپىك قىسسە...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھەبىبۇللا مىجىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-26 07:00 PM  

«يىللار شۇنداق ئۆتكەن» ناملىق بىئوگراپىك قىسسەنىڭ ماتېرىياللىق قىممىتى


                                     QQ截图20160226162700.png    
                                                             ئابدۇرېشىت ئوسمان
                                                (غۇلجا شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپ)


يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر 1986-يىلى 11-ئايدىن 1987-يىلى 6-ئايغىچە غۇلجا ئۈچدەرۋازىنىڭ باغلىق قورۇلىرىنىڭ بىرىدە ئاتاقلىق سەنئەتكار ئابدۇۋەلى جارۇللايوف بىلەن سۆھبەتلىشىپ «يىللار شۇنداق ئۆتكەن» ناملىق بىئوگراپىك قىسسەنى يېزىپ چىققان. بۇ ئەسەر 1988-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
  يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر بۇ ئەسەرنىڭ مۇقەددىمىسىدە «....مېنىڭ ئابدۇۋەلى جارۇللايوپنىڭ ھاياتى ھەققىدە يازغانلىرىممۇ ئاستا-ئاستا كۆپىيىشكە باشلىدى. بۇ خاتىرىلەرنى كىتاب قىلىپ تۈزۈشتە ئەسەرنىڭ پاكىتلىق قىممىتىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا بەدىئىي بوياقلارنى ئىلاج بار ئاز سۈركىدىم. ئابدۇۋەلى جارۇللايوپنىڭ بېسىپ ئۆتكەن يوللىرىنى يېزىش ئارقىلىق ئەينى يىللاردىن تۇرمۇشنى يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشتىم.» دەپ يازغىنىدەك بۇ ئەسەر غۇلجىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى تارىخ-تەزكىرە، فولكلور بايلىقىنى تەتقىق قىلىشتا بىرىنچى قول ماتېرىياللىق قىممەتكە ئىگىدۇر.
1. «يىللار شۇنداق ئۆتكەن» ناملىق ئەسەرنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىك قىممىتى
   بۇ ئەسەرنى غۇلجا شەھىرىدە ئۆتكەن نۇرغۇن تارىخىي شەخىسلەرنى ۋە تارىخىي شەخىسلەرگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن يەر-جاي، يۇرت-مەھەللە، شەھەر-سېپىل، دەڭ-دەرۋازا، يول-كۆۋرۈك، مەسىچد-جامە ، خانقا-مازار، بازار-كۇلۇبلارنى تەپسىلى، ئىنچىكە، ئىلمىي بايان قىلغان نادىر ئەسەر دېيىشكە تامامەن بولىدۇ.
  ئاپتۇر بۇ ئەسەردە قەلەمگە ئالغان تارىخىي شەخىسلەر ۋە شۇ تارىخىي شەخىسلەرگە باغلىنىشلىق ۋەقە-ھادىسلەر مۇئەييەن جۇغراپىيەۋى ئورۇننى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ھالدا تەسۋىرلەنگىنى ئۈچۈن ئاپتۇر ئەسەردە ئورۇن ۋە جايلارنى ھەققىي ئىىپادىلەپ بېرىشتە تولىمۇ ئەستايىدىل، ئىنچىكلىك بىلەن ئىش كۆرگەن. ئانا يۇرتقا بولغان چوڭقۇر مېھىرى-مۇھەببەتكە، يارقىن تارىخىي بۇرچ-مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىغا ۋە راۋان، مەنىلىك تىل سەنئىتىگە ماھىر بولغان مەمتىمىن ھوشۇر جاپالىق ئىزدىنىش ئارقىلىق تارىخىي-تەزكىرىلىك قىممىتىنى بەلگىلىك يۇقىرى ئورۇنغا كۆتۈرىدىغان تارىخىي يەر-جايلار ھەققىدە چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق ئىزدەنكەن. بۇ بىئوگراپىك قىسسە ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇن دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقى، تارىخي ئوبرازلارنىڭ يارقىنلىقى، تارىخىي ماتېرىياللىرىنىڭ موللىقى ۋە رەڭگا-رەڭلىكى، تىلغا ئېلىنغان تارىخىي شەخىس، يەر-جاي ناملىرىنىڭ كۆپلىكى بىلەنمۇ ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە.
1) «يىللار شۇنداق ئۆتكەن» دىكى تارىخىي شەخىسلەر
   بۇ بىئوگراپىك قىسسەدە 200دىن ئارتۇق تارىخىي شەخىسنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، خاس غۇلجا شەھىرىدە ئۆتكەن تارىخىي شەخسىنىڭ ئۆزىلا 100دىن ئاشىدۇ. بۇ بىئوگراپىك قىسسەدە غۇلجا شەھىرىدە ئۆتكەن ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى تارىخىي شەخسىلەردىن نۇراخۇن ئاقساقال، باۋۇدۇنباي، ۋىلباي، ئابدۇۋەلى جارۇللايوف، ئىلاخۇن كۆككۆز، سۇلايمان ئوغرى، ياقۇپ دوكاباي، ھاسان ئوغرى، ئەمەت قار ياغدى، مەسۇم توقۇم، كاۋرۇشاڭ ئاخۇنۇم، ئەمىرىدىن ھاپىز، ئابزار ھاپىز، ئەختەم ھاپىز، غۇلام ھاپىز، ھاسان تەمبۇر، پوچۇن خېنىم(مېھرىبانۇم)، سومانىخان(شاراپچى خېنىم)، ھاشىخان داڭلىق (ئىلاخۇن كۆككۆزنىڭ ئاپىسى)، نۆدەر گاڭگۇڭ، روزى تەمبۇر، دامۇللا جاللاپ، جانى بوغاز، ئەلاخان دۇتتارچى، ئاق تېيىپھاجى، ساراڭ شويى، ھۈسەيىن تەمبۇر، قاسىمجان قەمبىرى، زىيا سەمىدى، جالالىدىن يەھيارى، زۇنۇن قادىرى، مەرۇپ ناسىرى، سەيدۇللام، ئابدۇنەبى ماناپوف، تېيىپ ئاخۇن، نۇرمۇھەممەت ناسىروف، مەتتاھىر ھەسەن، ھىزدۆلەت، تۇرسۇن تېيىپ، ھۈسەينىبەگ يونۇسوف، ئابدۇكىرىم ئابباسوف،... قاتارلىقلار بار. بۇ تارىخىي شەخىسلەر ئىچىدە ئاتاقلىق خەلق ناخشىچىسى، تۆھپىكار تىياتىر ئارتىسى، ھۆرمەتكە سازاۋەر جامائەت ئەربابى ئابدۇۋەلى جارۇللايوفنىڭ ئەينى يىللاردىكى بالىلىق، ياشلىق، قىرانلىق چاغلىرىنى تولىمۇ تەسىرلىك بايان قىلغان. بولۇپمۇ ئابدۇۋەلى جارۇللايوفنىڭ سەنئەت ھاياتنىڭ پېشىپ-يېتىلىش جەريانى چىن، ھەققىي يورۇتۇلغان.
  ئىلى مۇقامچىلىقىنى يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرگەن، ئاۋامنىڭ مۇقام ئاھاڭلىرىغا بولغان قىزىقىشىنى قايتا ئويغاتقان مۇقام ئۇستازى مۇھەممەت موللامنىڭ ئىلىدا «كاۋرۇشاڭ ئاخۇنۇم» دەپ ئاتىلىپ قالغانلىقى ھەققىدە بۇ ئەسەردە مۇنداق بىر تەپسىلات بار:
  «زاۋۇتتىكى موزدۇزلار ئارىسىدا كاۋرۇشاڭ ئاخۇنۇمنىڭ گېپى تولىراق بولاتتى. ئەلنەغمىگە كۆپ ئارىلاشقان، ياشتا چوڭ ئۇستاملار كاۋرۇشاڭ ئاخۇنۇمنىڭ سازدا كامالەتكە يەتكەن ئادەم ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ماختايتتى. ياشلار بۇ گەپلەرنى قىزىقىپ ئاڭلايتتى.
-كاۋرۇشاڭ ئاخۇنۇمنى ئۆز يۇرتىدىمۇ ناھايىتى ئابرۇي قازانغان، كاتتا نەغمىچى دەپ ئاڭلىۋىدۇق،-دەپ ھېكايە قىلاتتى ھېكىماخۇن ئۇستام،-كېيىن يۇرتتا بولۇۋاتقان ناھەقچىلىكلەرگە چىدىماي، قىيداپ ئىلىغا قايتىپ چىققانىكەن.
-ئاخۇنۇمنى بالا-چاقا، مال-دۇنيانى يار تۇتمىغان ئاشىق ئادەم دەيدىغۇ؟- دەپ سۆز قىستۇردى مۇھەممەت تۇرخۇن تاماكىسىنىڭ ئىسىنى پۇۋلەپ تۇرۇپ.
-ئاشىق بولسىمۇ ئاشىقتۇ،- دېدى دۇتارچى سونىمكام،- ئاخۇنۇم ئىلىغا يېڭى چىققاندا خەلق ئۇنى تېخى بىلمەيتتى. دەسلەپتە ئاخۇنۇمنڭ كۈنى خېلى قىيىن ئۆتكەن. بىر قېتىم، مېنىڭ ئاخۇنۇم بار بىر سورۇنغا داخىل بولۇپ قالغىنىم ئېسىمدە. شۇ چاغدا ئاخۇنۇم تۇرمۇش قېيىنچىلىقىدىن ساتارىنى گۆرۈخانىغا گۆرۈ قويۇۋەتكەنىكەن. بۇ ئىشنى ئاڭلاپ، سورۇندىكىلەر پۇلنى تۆلەپ ساتارنى قايتۇرۇپ كەلگەنىدۇق.
-شۇنچىلىك مەشھۇر ئادەم ئىلىدەك كەڭ يۇرتتا شۇ كۈنگە قالغان بولسا-ھە؟!
-نېمە دەۋاتقىنىڭلار، خەلق ئۆز سەنئەتچىلىرىنى يەردە قويامدۇ؟ ھازىر ئاخۇنۇمنى ئۆيگە چاقىرىدىغانلار ئۈچ ئات قوشقان كالاسكىنى ئالدىغا ئاپىرىدۇ. ئاخۇنۇمنىڭ بىر قېتىملىق بەزمىدە ئالغان ئۆرۈمىنى بىز بىر يىل ئىشلەپمۇ تاپالمايمىز.
-ئۇ كىشىنى نېمىشقا ‹كاۋرۇشاڭ ئاخۇنۇم› دەيدۇ؟-دەپ سورىدى شاگىرتلاردىن بىرى.
-ئاخونۇم ياڭگاۋرۇ بىلەن كاۋاپنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىكەن. ئۆزۈڭلار بىلىسلەر،  ئىلىخۇدا لەقەمسىز ئادەم يوق. ئۇ كىشى دائىم ‹كاۋرۇشاڭ› (خەنزۇچىدىكى كاۋرۇشياڭ- كاۋاپ مەززىلىك دېگەن مەنىدە) دەپ كاۋاپنى ماختاپ ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىكەن. شۇڭا باشقىلار ئاخۇنۇمنى ‹كاۋرۇشاڭ ئاخۇنۇم› دەۋالغان،-دەپ چۈشەندۇردى مەشۇر ئۇستام. »
«يىللار شۇنداق ئۆتكەن» ناملىق بىئوگراپىك قىسسەدە تىلغا ئېلىنغان غۇلجىدا ئۆتكەن تارىخىي شەخىسلەرگە ئائىت ئۇچۇر، تەپسىلات، ۋەقەلەرنى بىر قىسىم ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرى، سەنئەت تەتقىقاتچىلىرى ۋە يازغۇچىلار ئۆز ئەسەرلىرىدە ئىجادىي پايدىلانغان. مەسىلەن، بۇ ئەسەرنىڭ 132-بېتىدە «ساراڭ شويى» ھەققىدە مۇنداق بىر تەپسىلات بار:
«ئىلىنىڭ ۋاڭ فامىلىلىك دوتىيىنىڭ بىر يالغۇز ئوغلى بولىدىغان، ئۇ كىچىكىدىن شوخ ئۆسكەن نېمە ئىدى. دودەنلىك قىلىپ ئوشۇق ئويناۋاتقان بالىلارنىڭ ئوشۇقىنى خاڭسىر قىلىپ قاچاتتى. جاڭزا ئويناۋاتقانلارنىڭ جاڭزىسىنى تارتىۋالاتتى. لەگلەك ئۇچۇرۋاتقانلارنىڭ لەگلىكىنى ئولجا قىلىۋىتەتتى. ئىشقىلىپ، دائىم جېدەل تېرىپلا يۈرەتتى. ئۆزىنىڭ لەگلەك ئۇچۇرغىسى كەلسە ئون تاختا قەغەزدە بىراقلا لەگلەك ياسايتتى. ئۇنىڭ بۇ لەگلىكىنىڭ قۇلاقلىرىمۇ بىر-ئىككى مېتىر پەرەڭدىن بولاتتى. بىر قانچە ئەسكەر ئاران كۆتۈرۈپ ماڭاتتى. بۇ لەگلەكنى ئۇ قارىدۆڭنىڭ يۇقىرىسىدىكى تۆپىلىككە ئاچىقىپ، ئىككى ئات قوشقان كالاسكىدا ئولتۇرۇپ ئۇچۇراتتى. كىچىكىدىن شۇنداق غەلىتە قىلىقلىرى بولغاچقا كىشلەر ئۇنى ‹ساراڭ شويى›(شويى خەنزۇچە كىچىك غوجام دېگەن مەنىدە) دېيىشەتتى. كېيىن ئۇ دادىسىنىڭ كۈچى بىلەن تاشكەنتكە بىرىپمۇ ئوقۇغان، ئۆز ئالدىغا ئەسكەرمۇ ئالغانىدى».
مانا بۇ تەپسىلاتلارنى ئوقۇغان يازغۇچى زوردۇن سابىر «ئانا يۇرت» رومانىنىڭ 492-بېتىدە «ساراڭ شويى» ھەققىدە مۇنداق بىر تەسۋىرنى يازغان:«-نېمىگە ھەيران قالىسىزۇي، ساراڭ شويى يۇرت سورىۋىدى، نېمىلەرنى قىلمىدۇق. ئون نەچچىمىز ئۇنىڭ لەگلىكىنى ئۇچۇرىمىز دەپ شەھەردىن باياندايغىچە ئات چاپتۇرۇپ قوڭلار يىغىر بولۇپ كەتمىدىمۇ!
-شۇنىڭ ئۈچۈن دۈمچىيىپ قاپتىكەنسىز-دە!»
2) «يىللار شۇنداق ئۆتكەن» دىكى يەر-جاي ناملىرى
بۇ بىئوگراپىك قىسسەدە 200دىن ئارتۇق يەر-جاي نامى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، خاس غۇلجىغا دائىر يەر-جاي نامىنىڭ ئۆزىلا 100دىن ئاشىدۇ. بۇ ئەسەردە كۆۋرۈك نامى بىلەن باغلانغان يەر –جاي ناملىرىدىن توغرىكۆۋرۈك، قىزىلكۆۋرۈك، باشكۆۋرۈك؛ شەھەر سېپىلىدىكى دەرۋازا نامى بىلەن باغلانغان يەر-جاي نامىلىرىدىن دولان دەرۋازىسى، دەڭدەرۋازىسى، سۇدەرۋازىسى مەھەللىسى، ئۈچدەرۋاز مەھەللىسى، شەھەر ئىچى مەھەللىسى؛ ھۆنەر-كەسىپ ناملىرى بىلەن باغلانغان يەر-جاي ناملىرىدىن شامچى مەھەللىسى، دۆڭشوپاڭ كوچىسى، كونا گىر بازىرى، تاقىچى مەھەللىسى؛ باغ نامى بىلەن باغلانغان يەر-جاي ناملىرىدىن رۇشەنباغ، باۋۇدۇنباينىڭ بېغى، ۋاڭ قادىرنىڭ بېغى، گۈلشەنباغ؛ خانقا-مەسچىد، مازار نامى بىلەن باغلانغان يەر-جاي ناملىرىدىن ئالتۇنلۇق، نۇراخۇن ئاقساقال مەسچىدى، قارىدۆڭ مەسچىدى، بەيتۇللا مەسچىدى(مەدرىس)، تېرەكمازار، تېرەكمازار خانقاسى؛ بازار-كۇلۇب نامى بىلەن باغلانغان يەر-جاي ناملىرىدىن خەنزۇ بازار، لەڭزىبېشى، كۆمۈر بازىرى، ئۇقاق كۇلۇبى، روس كۇلۇبى، خەنزۇ كۇلۇبى، ئۆزبىك كۇلۇبى، تاتار كۇلۇبى،... قاتارلىق نۇرغۇن يەر-جاي ناملىرى ئۇچرايدۇ. بۇنىڭ بەزىلىرىگە تەپسىلى ئىزاھات، چۈشەندۈرۈش بەرگەن بولسا، يەنە بەزى يەر-جايلارنى كونكرېت، ئەتراپلىق تەسۋىرلىگەن. مەسىلەن، ئاپتۇر بۇ ئەسەردە «دۆڭشوپاڭ» دېگەن يەر-جاي نامىنى مۇنداق ئىزاھلىغان:
«دۆڭشوپاڭ-شەھەردىكى ھاراق چىقىرىدىغان داڭلىق شوپاڭلارنىڭ بىرى ئىدى. بۇ قاۋاقخانا شەھەرنىڭ شەرقىدە بولغاچقا خەنزۇلار ئۇنى ‹دۆڭشوپاڭ› دەيتتى. ئۇ توپىدەڭ مەھەللىسىگە كېتىدىغان دۆڭنىڭ ئۈسىتگە قۇرۇلغاچقا ، ئۇيغۇرلار ئۇنى ‹دۆڭشوپاڭ› دەۋالغانىدى».
ئاپتۇر بۇ ئەسەردە يەنە «ئۈچدەرۋازا مەھەللىسى» دېگەن يەر-جاي نامىنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن:
«1928-يىللار ئەتراپىدا بولسا كېرەك. بايكۆلنىڭ سۈيى تېشىپ كېتىپ، ئۈچتېرەكتىكى كۆپتۈرمىنى بۇزۇپ، شەھەرگە بىرقلا بېسىپ كىردى. شۇ قېتىمقى سۇ ئاپتىدە توغرىكۆۋرۈك مەھەللىسىدىكى كەمبەغەللەرنىڭ توپا- تام ئۆيلىرىنىڭ نۇرغۇنى ئۆرۇلۇپ چۈشتى. شۇ ۋەقەدىن كېيىن، ئابدۇۋەلىلەرنىڭ ئائىلىسى ‹ئۈچدەرۋازا › مەھەللىسىگە كۆچۈپ چىقىپ كەتتى.
بۇ مەھەللىنىڭ ‹ئۈچدەرۋازا› دەپ ئاتىلپ قېلىشىدىكى سەۋەب: مەھەللىنىڭ يېنىدىن ئۆتىدىغان چوڭ يولدا بىر زىننەت دەرۋازىسى بار ئىدى. دەرۋازا خەنزۇ بىناكارلىق شەكلىدە ئەگمە لەمپىلىك قىلىپ نەقىشلەپ ھەشەمەتلىك ياسالغانىدى. دەرۋازىنىڭ ئىككى تەرىپىدە يەنە كىچىك ئىككى ئۆتۈشمە ئىشىكى بار ئىدى. شۇڭا ئادەملەر بۇ ئۈچ ئىشىكلىك دەرۋازىنىڭ يېنىغا چۈشكەن مەھەللىگە ‹ئۈچدەرۋازا› دەپ نام بەرگەنىدى.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، شۇ ئەتراپتا ئىچكىرىدىن چىققان بىر خەنزۇ ئايال تۇرغان بولۇپ، ئۇ ئىنتايىن باي ئۆتكەنىكەن.لېكىن، بالا-چاقىسى يوق ئىكەن. ئۆمىرىنىڭ ئاخىرىدا ئۇ نام-نىشانىنىڭ يۇتۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن چوڭ يولغا بۇ دەرۋازىنى ياساتقانىكەن. يەنە بەزىلەرنىڭ ھېكايە قىلىشىچە، بۇ دەرۋازىنى ياساتقان ئايال مانجۇ ئىكەن. ئۇ كۈرەدە تۇرىدىكەن. ئۆلۈپ كەتكەن ئېرىگە بولغان ساداقىتىنى بىلدۇرۇش ئۈچۈن كۈرە بىلەن غۇلجا شەھىرى ئوتتۇرسىدىكى بۇ چوڭ يولغا بۇ زىننەت دەرۋازىسىنى خاتىرە قىلىپ سالدۇرغانىكەن. ئەينى يىللاردا بۇ دەرۋازىنىڭ يېنىدا ئۈستىگە نۇرغۇن خەنزۇچە خەتلەر ئويۇلغان بىر خاتىرە تاشمۇ كۆزگە چېلىقاتتى…».
2. «يىللار شۇنداق ئۆتكەن» ناملىق ئەسەرنىڭ فولكلورلۇق قىممىتى
ئاپتۇر بۇ ئەسەردە ئابدۇۋەلى جارۇللايوفنىڭ كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى تەسۋىرلەشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، نۇرغۇن ۋەقە-ھادىسىلەرنى بايان قىلغاندا ئۇستىلىق بىلەن مول، ئۆزگىچە مىللىي فولكلور بايلىقلىمىزنى سىغداپ كىرگۈزۈۋەتكەن. يەنى ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەينى يىللاردىكى تىرىكچىلىك شەكلى، ئەنئەنىۋى كېيىم-كېچەك مەدەنىيىتى، ئەنئەنىۋى يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى، ھويلا-ئاران مەدەنىيىتى، ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش ئادەتلىرى، ئەنئەنىۋى توي-تۆكۈن ئادەتلىرى،… ھەققىدە قىممەتلىك بىلىم، ئۇچۇرلارغا ئىگە بولالايمىز.
1) «يىللار شۇنداق ئۆتكەن» ناملىق ئەسەردە ئەكىس ئەتكەن ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى كېيىم-كېچەك مەدەنىيىتى
«يىللار شۇنداق ئۆتكەن» ناملىق بۇ بىئوگراپىك قىسسەدە ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ جىنىس ۋە ياش-قۇرام پەرىقىگە قاراپ كېيىنىش-ياسىنىش جەھەتتىكى خاسلىقى، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى كېيىم-كېچەكلىرىگە ۋارىسلىق قىلغان، ساقلىغان ئاساستىكى راۋاجلاندۇرغان ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەر يارقىن نامايەن قىلىنغان، ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ كېيىنىشتىكى ئەنئەنىۋى خاسلىقى، كېيىم-كېچەك تۈرلىرى ناھايىتى جانلىق، ئوبرازلىق تەسۋىرلەنگەن. مەسىلەن، «ئابدۇۋەلىنىڭ دادىسى ھەبىبۇللا ئاكا بەستلىك كەلگەن، كېلشكەن ئادەم ئىدى. ئۇ كۆپرەك بېشىغا ئاق مالخاي، ئۈستىگە ياندىن تۈگمىلىندىغان تىك ياقىلىق كۆڭلەك كىيىپ، يېنىغا چەنداز ئېسىپ يۈرەتتى، پۇتىغا كوجەي ئوراپ، بېلىگە بەلباغ باغلايتتى»، «….خاڭدا كۆمۈر بېسىق چاغلاردا قۇدۇق بېشىدىكى گۈلخان ئەتراپىدا كۈرەك جۇۋىنى غېرىبچىسىغا يىپىنىپ كۈنلەپ تۈنەپ قالىدىغان ئىشلار پات-پات بولۇپ تۇراتتى.»، «ئۇ زاماننىڭ ئاياللىرىغا ‹دانىخان باسمىسى› دەيدىغان يوغان گۈللۈك رەختە كۆڭلەك كىيىش مودا ئىدى. مۇنداق كۆڭلەكلەر ئۇزۇن قوش ئېتەكلىك قىلىپ تىككۈزۈلەتتى. خېنىملار چېچىغا جالا سېلىپ، چاچتەڭگىلەر ئېسىشاتتى، بېشىغا بۆرتمە شال ياكى چۇچۇلۇق چوڭ كەشمىر ياغلىق سېلىشاتتى. ئاياللارنىڭ ‹چۈنچۈن ياغلىق›دېگەن نېپىز يىپەك ياغلىقىمۇ ناھايىتى ئەتۋارلىق ئىدى. ھاللىق ئائىلىلەردىكى يىشى چوڭ ئاياللار كىمخاپ دوپپا، كۆكسىگە ئۇفا تۇتۇلغان، ئىككى تەرىپىدە چېكى بار ئۇزۇن چاپان، پۇتىغا يۇمشاق كېپىش مەسە كيىشەتتى. بايلارنىڭ ئاغچىلىرى جىيەكلىركىگە ئالتۇن قاداق تۇتۇلغان مەخمەل دوپپا كىيىپ، دوپپىسىنىڭ ئالدىغا ئالتۇنگۈل قادىۋېلىشاتتى. قۇلاقلىرىغا ئالتۇن پەيزە ياكى زىرە سېلىپ، بويۇنلىرىغا يوغان كەھرىۋا مارجانلارنى ئېسىپ، قولىغا خېنە، قاشلىرىغا ئوسما قويۇشاتتى…پۇتىغا قونجىغا نەقىش چېكىلگەن چېتىكلەر كىيشەتتى»، «ئابدۇۋەلىدىن ئون-يىگىرمە قەدەمچە ئالدىدا بېشىغا قاما قۇلاقچا، ئايىغىغا غاچىلداپ تۇرىدىغان مەسكاپ ئۆتۈك كىيگەن، قېلىن موۋۇت چاپىنى ئۈستىدىن شايى بەلباغ باغلىغان بىر كىشى كېتىپ باراتتى،»، « …. شەھەرلىكلەر بېشىغا گۈللۈك ياكى گۈلسىز مانچىستىر دوپپا، ئۇچىسىغا تۇجۇركا، شالۋۇر، ياقىلىق پەشمەت چاپانلارنى كىيشىتى. ياشانغانلار ياقىسىز پەرىجە، ئاغلىق ئىشتانلارنى كىيەتتى.»
يۇقارقى تەپسىلاتلاردا تەسۋىرلەنگىنى ئاق مالىخاي، ياندىن تۈگمىلىنىدىغان تىك ياقىلىق كۆڭلەك، بەلباغ، كۈرەك جۇۋا، بۆرتمەشال، چۇچۇلۇق چوڭ كەشمىر ياغلىق، چۈنچۈن ياغلىق، كىمخاپ دوپپا، كۆكسىگە ئوفا تۇتۇلغان ئىككى تەرىپىدە چېكى بار ئۇزۇن چاپان، كېپىش مەسە، مەخمەل دوپپا، كەھرىۋا مارجان، قونجىغا نەقىش چېكىلگەن چېتىك، قاما قۇلاقچا، مەسكاپ ئۆتۈك، مۇۋۇت چاپان، گۈللۈك مانچىستىر دوپپا، گۈلسىز مانچىستىر دوپپا، تۇجۇركا، شالۋۇر، ياقىلىق پەشمەت چاپان، ياقىسىز پىرىجە، ئاغلىق ئىشتان، … قاتارلىق كېيىم-كېچەكلەر ئىلى ئۇيغۇرلىرىغا خاس ئەنئەنىۋى كېيىم-كېچەكلەردىن ئىبارەت.
دېمەك، «يىللار شۇنداق ئۆتكەن» ناملىق بىئوگراپىك قىسسە ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى كېيىم-كېچەك مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش جەھەتتە بەلگىلىك ئىلمىي قىممەتكە ئىگە دەپ قارايمىز.
2) «يىللار شۇنداق ئۆتكەن» ناملىق ئەسەردە ئەكىس ئەتكەن ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى يېمەك-ئېچمەك مەدەنىيىتى
«يىللار شۇنداق ئۆتكەن» ناملىق بىئوگراپىك قىسسەدە ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى يېمەك-ئېچمەك مەدەنىيتىدىكى قەندەلچىلىك ھۆنەر-كەسپىگە ئائىت ئۇچۇرلارمۇ ئۇچرايدۇ، ئىلى ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى يېمەك-ئېچمەك مەدەنىيىتىدىكى قەندەلچىلىك ھۆنەر-كەسپى خېلى ئۇزاق تارىخىي جەريانغا ئىگە بولۇپ، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ نىسپى ھالدا ئۆزگەرگەن ۋە ئۆزۈكسىز يېڭىلانغان. نەتىجىدە ئىلىدا قەندەلچىلىك ھۆنەر-كەسپىنى ئىجادىي ۋارىسلىق قىلىپ راۋاجلاندۇرغان ئىمىن ھاجى قەندەلچى، ئابدۇللام، رېھىمئاخۇن، زەينىدىن ھاسان، داۋۇتجان، مىرغىياس، تۇرسۇنجان، يۈسۈپبەك، ئادىلجان، يولداش ھاجى، ھوشۇر مۇھەممەت قارىم، ھاجى مۇھەممەت قاتارلىق قەندەلچى ھۆنەرۋەن-ئۇستىكارلار ياشاپ ئۆتكەن ۋە ھېلىھەم ياشىماقتا.
«يىللار شۇنداق ئۆتكەن» ناملىق بۇ بىئوگراپىك قىسسەدە قەندەلچىلىككە ئائىت مۇنداق بىر تەپسىلات بار: « 1920-يىللارنىڭ بېشىدا توغرىكۆۋرۈكتە ئابدۇل خوجا دېگەن بىر كىشى تاڭپاڭ (قەندەلخانا) ئاچقانىدى. ھەلىمخان ئوغلىنى ‹ئىشقا كۆزى پىشىپ قالسۇن› دەپ شۇ يەرگە ئاپىرىپ بەردى. راستىنى ئېيتقاندا بۇ تاڭپاڭخانىدا كىچىك بالا قىلىشقا لايىق ئىشمۇ يوق ئىدى. ھەممە ئىش كۈچ تەلەپ قىلاتتى. تاڭپاڭخانىنىڭ بۇلۇڭلىرىدا ئاشلىق ئېچىتىلدىغان غايەت زور ياغاچ تۇڭلار بار ئىدى، يوغان داش قازاندا دائىم پورۇقلاپ قىيام قايناپ تۇراتتى، ئىشلەمچىلەر داش قازاندىكى قىياملارنى ئۇزۇن ياغاچلار بىلەن توختىماي چېلىپ، قويۇلغاندا ئەمبەللەرگە ئالاتتى. ئاندىن ئۇنى تارتىپ پېشىلدۇرۇپ، ھەر خىل تاڭگازىلارنى ياسىشاتتى. بۇ يەردە ئاق تاڭگازا، باڭزا، پۇرچاق تاڭگازا، زىما تاڭگازا دېگەندەك تاڭگازىنىڭ ھەممە خىللىرى ئىشلىنەتتى.»
بۇ ئەسەردىن ئېلىنغان بۇ تەپسىلاتتىن بىز ئىلىدا قەندەلچىلىك ھۆنەر-كەسپىنىڭ خېلى چوڭقۇر ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلەيمىز. شېكەرنى خام ئەشيا قىلغان ھەر خىل كەمپۇت، ناۋات، قەن، مەنپەسى، پاتاس، پەشمەك، تاڭگازا، رىشالە ۋە مۇراببالاردىن ئىبارەت بۇ ئەنئەنىۋى يېمەك-ئېچمەكلىرىمىز ھېلىھەممۇ ئىلىدا كۆپ ئىستىمال قىلىنماقتا.
3) «يىللار شۇنداق ئۆتكەن» ناملىق ئەسەردە ئەكىس ئەتكەن ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش ئادەتلىرى
يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر «يىللار شۇنداق ئۆتكەن» ناملىق بىئوگراپىك قىسسەدە ئەينى يىللاردىكى كۈچلۈك ئىجتىمائىي ئاساسقا، بەلگىلىك كۆلەم ۋە مۇئەييەن تەسىرگە ئىگە ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش ئادەتلىرىمىزدىن ئىلى ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى، كەكلىك سوقۇشتۇرۇش، لەگلەك ئۇچۇرۇش، تۇخۇم چىكىشتۇرۇش، بارات كەلدى توۋلاش، رامىزان ئېيتىش، كېمە ئويۇنى، ھۆكمەت ئېيتىش، پېرە ئويۇنى، چۈنچۈن سالۋات ئېيتىش، قارلىق تاشلاش ئويۇنى، ئات بەيگىسى،… قاتارلىقلارنى زوق-شوق بىلەن تەسۋىرلەپ، ئەسەرنى مىللىي فولكلورىمىزنىڭ ئەلۋەك داستىخىنى بولۇشتەك ئەۋزەلىككە ئىگە قىلغان. مەسىلەن، «بەزى كۈنلىرى قاسىم تاشچىنىڭ ئىشكى ئالدىدىكى مەيداندا قەپەس كۆتۈرگەن بىر قانچە كەكلىكۋازلار پەيدا بولاتتى-دە، كەكلىك سوقۇشتۇرۇش باشلىنىپ كېتەتتى. مۇنداق چاغلاردا تەرەپ-تەرەپتىن تاماشا كۆرگۈچىلەر يىغىلىپ، دۈپدۇگىلەك دائىرە بولۇپ، ئەتراپىنى ئورىۋېلىشاتتى. ئادەتتە كەكلىك سوقۇشتۇرغۇچىلار قەپەستىكى كەكلىكنى بېشى بىلەن تەڭ ئېگىزلىكتە كۆتۈرۈپ، مەيدانغا تەنتەنىلىك ئېلىپ كىرەتتى، بىر نەچچەيلەن ئوتتۇرغا چۈشۈپ ‹قېنى، مەيداننى ئېچىۋېتىڭلار!› دەپ ۋارقىراپ، توپلاشقان تاماشىچىلارنى ئارقىغا سۈرۈپ رەتلىگىلى تۇراتتى. ئىككى قەپەس مەيداننىڭ ئىككى بېشىغا قويۇلاتتى. قەپەستىكى كەكلىكلەر بىر-بىرىگە قاراپ ۋاقاقلاپ سايراپ، قەپەس تاملىرىغا ئۆزىنى ئۇرۇپ، تاقەتسىزلىنشكە باشلايتتى. شۇ چاغدا كەكلىك ئىگىلىرى ئوتتۇرسىدا ‹كەكلىكلەرنى سالامدۇق، سالمامدۇق› ، ‹ئۇتتۇرغۇچى نېمە تۆلەيدۇ› دېگەندەك ئىشلار ئۈستىدە سۆزلىشىش باشلىناتتى. تاماشىچىلار ئارىسىدىكى قىمارۋازلارمۇ ئىككى تەرەپ بولۇپ: ‹سەن قايسى تەرەپ بولىسەن؟ سەن قايسى! … › دېيىشىپ بىر-بىرىگە دو چىقىشقا باشلايتتى… سوقۇشتۇرۇلدىغان كەكلىكلەر قەپەسلىرىن تەڭ قويۇپ بېرىلەتتى. كەكلىكلەر يورغىلاپ كەلگىنىچە ئاتلىشىپ كېتەتتى. بەزىدە قەپەستىن چىقىپ دانلاپ تۇرۇپ، قارشى تەرەپ كېلىپ بىر-ئىككىنى تەپكەندىن كېيىن ئاندىن كىرىشىدىغان كەكلىكلەرمۇ ئۇچراپ قالاتتى. بەزى كەكلىكلەر خورازدەك بازغىيتتى، نوچى كەكلىكلەر بىر-بىرىنىڭ تۇمشۇقى ئەتراپىدىكى پەيلەرنى چىشلەپ يۇلۇۋالاتتى-دە، بىر تەپكىنچە ئارقا-ئارقىدىن بىر قانچىنى تېپىپ بىر-بىرىنى دومىلىتىۋېتەتتى. تاياققا چىدىمىغان بەزى كەكلىكلەر توپنىڭ ئىچىدە يورغىلاپ پىرقىراپ كېتەتتى. ‹جەڭ›نىڭ ئاخىرىدا كەكلىكلەرنىڭ بىرەرى قاچاتتى ياكى بولمىسا كەكلىكۋازلار ‹بولدىمۇ، بولدىمۇ !› دېيىشىپ، ھاسىراپ كەتكەن كەكلىكلەرنى تەڭ ئاجرىتۋالاتتى.»
   مانا بۇ ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن «كەكلىك سوقۇشتۇرۇش» ئىلى ئۇيغۇرلىرىغا خاس بولغان ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش ئادەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئاپتۇر بىر مەيدان كەكلىك سوقۇشتۇرۇش جەريانىنى تولىمۇ قىزىقارلىق، كونكرېت، جانلىق تەسۋىرلىگەن. ھازىر ئاساسەن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن «كەكلىك سۇقۇشتۇرۇش» ئويۇنىنى قىزىش، رەتلەش، قەلەمگە ئېلىش بەلگىلىك فولكلورلۇق قىممەتكە ئىگە جاپالىق ئىلمىي ئەمگەكتۇر.
4) «يىللار شۇنداق ئۆتكەن» ناملىق ئەسەردە خاتىرلەنگەن خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى جەۋھەرلىرى
  يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ « يىللار شۇنداق ئۆتكەن» ناملىق بىئوگراپىك قىسسىدە ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ قوشاق ژانېرىغا كۆپ سەھىپە ئاجىرتىلغان. ئاپتۇر ئۇستاز سەنئەتكار ئابدۇۋەلى جارۇللايوف ئېسىدە ساقلىنىپ قالغان بارات قوشاقلىرى، رامىزان قوشاقلىرى، پېرە قوشاقلىرى، چۈنچۈن سالۋات قوشاقلىرى، ھارۋىكەش قوشاقلىرى، ئىلاخۇن كۆككۈز قوشاقلىرى،... قاتارلىق قوشاقلارنى ئىلمىي ھالدا قازغان، توپلىغان، رەتلىگەن. ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى جەۋھەرلىرىنى، نەمۇنلىرىنى توپلاشتەك شەرەپلىك ئىش بۇ كىتابنىڭ قىممىتىنى يەنىمۇ ئاشۇرغان. مەسىلەن، بۇ كىتابقا كىرگۈزۈلگەن چۈنچۈن سالۋات قوشاقلىرىغا قاراپ باقايلى:
   «توينىڭ ئەتىسى يىگىتنىڭ ئاغىنلىرى بۇ تويغا ئاتاپ يىغقان بوسوت ماللىرىنى كۆتۈرۈشۈپ يىگىت ئۆيىگە بېرىپ ‹چۈنچۈن سالۋات› ئېيتاتتى.
چۈنچۈن سالۋات بەرمۇھەممەت،
ھەر كىشى سۆزلەر، ئىشىكىنى كۆزلەر.
ئوڭدا يىگىتلەر، سولدا جۇۋانلار،
ئويناڭلار، كۈلۈڭلار.
ھەر قانچە ئويۇن بولسا،
شۇنچە بولۇر،
بۇنىڭدىن ئېشىپ بولماس.
بۇنىڭدىن ئېشىپ بولسا،
كۈل تام بولماس.
كۈل بىلەن تام بولسا،
تۈۋى بوش بولۇر.
كۈيئوغۇل ئوغۇل بولماس،
كۈيئوغۇل ئوغۇل بولسا،
كۆڭلى خۇش بولۇر.
.......
ئەللەر ھەر نېمە دەيدىكەن،
دېيەلمەيدىكەن.
ئۆتكەمىدە ئالغانلار،
غەلۋىردە بېرەلمەيدىكەن.
تاپقىنى قوي ئۆلتۈرەر،
تاپالمىغىنى چۈجە خوراز.
تاپقىنى گۈل كەلتۈرەر،
تاپالمىغىنى بىر باش پىياز.
سۇلتانبەگنىڭ توي مەرىكىسىگە
ئوتتۇز ئوغۇل، توققۇز توڭ ھارىقى بىلەن،
توققۇز قارا باش قويى بىلەن،
توققۇز تاغار قەنت-گېزىكى بىلەن...
يېتىپ قوپۇپ يۆلەن تارتىپ،
دەم ئالماي يەتكۈزۈپ كەلدى! »
بۇ چۈنچۈن سالۋات قوشاقلىرى ئەينى يىللاردا ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ توي-تۆكۈن مۇراسىملىرىدا ئېيتىش ئومۇملاشقان بىيىت-قوشاقلار بولۇپ، ھازىر تامامەن ئۇنتۇلۇپ كەتتى. ھازىر ئۇنتۇلۇپ كەتكەن چۈنچۈن سالۋات قوشاقلىرىغا ئوخشاش مول، رەڭگا-رەڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى جەۋھەرلىرىنى قېزىش، رەتلەش بۈگۈنكىدەك ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئاساس قىلىپ، زامانىۋى مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىشتا بەلگىلىك قىممەتكە ئىگە.
5)«يىللار شۇنداق ئۆتكەن» ناملىق ئەسەردە خاتىرلەنگەن ئىلى خەلق ناخشىلىرى
يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر بۇ ئەسەردە ئۇستاز سەنئەتكار ئابدۇۋەلى جارۇللايوف ئىسىدە ساقلاپ كېلىۋاتقان ئىلى خەلق ناخشىلىرىنىڭ ئاھاڭ-كۈيى، ناخشا-تېكىستلىرى ۋە ناخشىلارنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىغا ئائىت مول ئۇچۇرلارنى كىرگۈزۈپ، بۇ كىتابنىڭ سەنئەت تەتقىقاتى جەھەتتىكى ماتىرىياللىق قىممىتىنى ئاشۇرغان. مەسىلەن، بۇ ئەسەردە ھارۋىكەش ناخشىسى، خاڭ ناخشىسى، «ئامانەي»ناخشىسى، «مەستۇن ھەيران» ناخشىسى، ھوسۇل(ئالۋاڭ)ناخشىسى، كۆچ-كۆچ ناخشىسى، ۋاڭ خولۇ ناخشىسى، «پوچۇنخېنىم» ناخشىسى، «قارا دەيدۇ» ناخشىسى، «نودەركام» ناخشىسى، «ئولايىن» ناخشىسى، «لەيلۇن»، «ھەي نادان»، «پەرەنجە»، «ۋادىرىخا»، «ئەۋرىشىم»، «جۇنۇن»،... قاتارلىق ئىلى خەلق ناخشىلىرىنىڭ يىقىملىق، مەردانە كۈي-مىلودىيىسى ۋە چوڭقۇر پىكىرلىك، مول مەزمۇنلۇق، گۈزەل، رەڭدار تېكىستلىرىنى بىلەلەيمىز. بۇ ئەسەردە ئىلى خەلق ناخشىلىرىنىڭ ئىجاد قىلىنىپ، بېيىپ، تاكامۇللىشىپ بىزگىچە يېتىپ كېلىشى ئۈچۈن كۆپ ئەجىر سىڭدۇرگەن، يۈرەك قانلىرىنى ئاققۇزغان ناخشىچى، ئەلنەغمىچىلىرىمىزنىڭ تەرجىمھالى، ئۆسۈپ-يېتىلىش تارىخى ۋە ئەجىر-تۆھپىلىرى ھەققىدىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئىگە بولالايمىز. بولۇپمۇ ئاپتۇر بۇ ئەسەردە «ئالۋاڭ(ھوسۇل) ناخشىسى» ، «ۋاڭخۇلۇ ئالۋېڭى ناخشىسى»، « نۆدەركام ناخشىسى»،... قاتارلىق ئىلى ئۇيغۇر كلاسسىك ناخشىلىرىنىڭ تارىخىي يىلىتىزى ھەققىدە قىممەتلىك بايان، تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى بەرگەن. مەسىلەن، «يەنە بىر قېتىم ھاسان تەمبۇر نۆدەر گاڭگۇڭ توغرىسىدا پاراڭ سېلىپ قالدى.
نۆدەر گاڭگۇڭ بەستىلىك كەلگەن كېلىشكەن ئادەم ئىكەن. كۆپىنچە، بېشىغا مالىخاي، ئۇچىسىغا تۆگە يۇڭىدىن توقۇلغان پەرىجە كىيىپ يۇرىدىكەن. نۆدەر گاڭگۇڭ شەھەرنىڭ سېپىلى ئۈستىگە چىقىپ ناخشا ئېيتسا، شەھەر ئىچى ۋە سېپىل سىرتىدىكىلەر ‹ئاپىرىن!› ئېيتىپ ئاڭلايدىكەن. ئاياللار ئۆگزىلەرگە چىقىپ تىڭشايدىكەن، ئاۋازى شۇنچە جاراڭلىق، مۇڭلۇق ئىكەن. نۆدەرنىڭ يەنە بىر خۇسۇسيىتى: ئۇ تاش تونۇيدىغان ئادەم ئىكەن. سايغا قىيان كىلىپ قايتقاندا، سايدىن ئېسىل تاشلارنى تېرىپ چىقىپ سودىگەرلەرگە ساتىدىكەن. نۆدەر شەھەردىكى كەمبەغەللەر، خاڭلاردىكى ئىشلەمچىلەر بىلەن بېرىش – كېلىش قىلىدىكەن.‹ گاڭگۇڭ› دەپ نامى بولسىمۇ ئوشۇقچە ئۇرۇش-جېدەلگە ئارىلاشمايدىكەن. ئەمما، ناھەقچىلىكنى كۆرسە چىداپ تۇرالماي جېدەلنى سېتىۋېىلىپ، ھەقنى ھەق قىلمىغۇچە قويمايدىكەن...
سۇ بويىدا ياش تاللار،
تال ئېگىلىدى، پەس بولدى،
زالىملار زامانىدا
كۈن ئالماقمۇ تەس بولدى.
سۇ بويىدا ياش تاللار،
ھەر تاللاردا مارجانلار.
جاپانى تولا تارتىپ،
ئېقىپ كەتتى بۇ جانلار.
-ئاڭلىدىڭمۇ ئابدۇۋەلى؟ مانا مۇشۇ ‹نۆدەركام ناخشىسى›دېگەن ناخشىنى ئاشۇ نۆدەر گاڭگۇڭ ئېيىتپ قالدۇرغان. ناخشىنىمۇ ئۆگەن. يەنە ھەر بىر ناخشىنى ئۆگەنگەندە شۇ ناخشىنى كېملەرنىڭ ئىجاد قىلغانلىقىنى ۋە بېشىغا نېمە قىسمەتلەر كەلگەندە ئېيتقانلىقىنىمۇ بىلىپ قوي! – دەپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى ھاسان تەمبۇر. »
ئاپتۇر بۇ ئەسەرگە كىرگۈزۈلگەن «نۆدەركام ناخشىسى» نىڭ تارىخىي يېلتىزىدىن ئۆز كەچۇرمىشلىرى ياكى ئۆزگىلەرنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىش-ۋەقەلەرنى قوشاق قىلىپ توقۇپ، ناخشا بىلەن بايان قىلىشتىن ئىبارەت ئىلى خەلق سەنئىتىدىكى ئالاھىدە بىر ھادىسە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىمىز.
3. «يىللار شۇنداق ئۆتكەن» ناملىق ئەسەرنىڭ ئۇيغۇر تىياتىر تارىخىنى تەتقىق قىلىشىتىكى قىممىتى
يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر بۇ ئەسەرگە ئۇستاز سەنئەتكار ئابدۇۋەلى جارۇللايوفنىڭ سەھنە ھاياتىنى يورۇتۇشنى ۋاستە قىلىپ ئەينى يىللاردىكى ئىلى ئۇيغۇر تىياتىرچىلىقىنىڭ پەيدا بولۇش، راۋاجلىنىش ۋە قولغا كەلتۈرگەن بەلگىلىك ئۇتۇق-نەتىجىلىرىنى نامايەن قىلغان. ئوقۇرمەنلەرگە 1930-يىللاردىلا ئىلىدىن ئىبارەت سەنئەت ماكانىدا ئۆتكەن دراماتۇرگ، مۇزىكانت، رىجىسسۇر، تىياتىر ئارتىسلىرىنىڭ ئۆمۈر مەنزىلى ۋە سەنئەت ئارخىبىدىن مول ئۇچۇرلارنى بەرگەن. تىياتىر سەنئىتىمىزنىڭ قايتا تىكلىنىشىگە سەۋەب بولغان «ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى» ۋە ئۇنىڭ تارمىقىدىكى «سانايىنەپىسە » لەرنىڭ قانداق تارىخىي شارائىتتا قۇرۇلغانلىقى، ئەينى يىللاردىكى جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ئوينىغان رولى،... ھەققىدە كۆپ قىممەتلىك ئۇچۇرلارنى بەرگەن. مەسىلەن، بۇ ئەسەردە ئەينى يىللاردا غۇلجا سەھنىلىرىدە ئوينالغان «غېرىب-سەنەم»، « ئىچكۈلۈك نەتىجىسى» ، «ئۆيلىنىش»، «پېرىخۇن»، « قانلىق داغ» ، « ئارشىن-مال ئالان»، «رابىئە-سەئىدىن»، « جاھالەتنىڭ جاپاسى»، « ئۆز مۇھىت»، «بوراندىن كېيىنكى ئاپتاپ»، « شاڭخەي كېچىسى»، «چاقىرىلمىغان مېھمانغا سوۋغات»، « پارتىزان قىزى»، «غۇنچەم»، « گۈلنىسا»، « زومىگەرلەر خەلق قولىدا»، «لەيلى-مەجنۇن»،«بوز يىگىت»، «قالىڭ مال» ، «قىزچىبەگ»، «شۇغا»، «ئىرتارغىن»،... قاتارلىق ئۇيغۇرچە،قازاقچە سەھنە ئەسەرلىرىنىڭ سەھنىلەشتۈرۇش جەريانلىرىنى، بۇ تىياتىرلارنىڭ قويۇلغاندىن كېيىنكى داغدۇغىسى ۋە شان-شەرەپلىرىنى پاكىتلىق ئاساستا بايان قىلغان.


                                           (<< شىنجاڭ سەنئىتى>> ژورنىلى 2016-يىللىق 1-سان)



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-27 21:39:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنىم ئابدىرشىت،ياخشى تۇرۋاتامسەن؟بۇ قىممەتلىك ماقالەڭنى كۆرۈپ خېلى كۆپ ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدۇم.يەنى ئۇيغۇر تارىخىي شەخس ۋە تارىخىي يەر-جاي ناملىرى؛فولۇكلۇر قىممىتى جەھەتتىكى رولى؛تىياتىر تەتقىقات جەھەتتىكى قىممىتى بولۇپ،خېلى كۆپ مەزمۇندا تەھلىل ئېلىپ بېرىپسەن.ساڭا كۆپ رەھمەت. شۇ قىممەتلىك بايلىقلىرىمىزنىڭ خېلى كۆپ قىسمى خاتىرلەردىلا قالدى، ۋارىسچانلىق سۇسلاپ كەتتى.بۇ مەزمۇنلارنى كېيىنكى ئەۋلاتلارغا بىلدۈرۈش دەۋر قىممىتىگە ئىگە.مەن بالىلىق ئويۇنلارنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان ئىككى پارچە بالىلار پوۋىستى يېزىپ تاماملىغان ئىدىم.ھازىر ئويلىسام ئەۋلاتلارغا كىچىككىنە بولسىمۇ بىر نەرسە سۇنالايدىغانلىقىمنى ئويلاپ بىرئاز رازى بولۇپ قېلىۋاتىمەن.(ئادەمنىڭ ئۆزىدىن رازى بولمىقى تولىمۇ تەسقۇ دەيمەن).سېنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىڭگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-2 15:11:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت،يەنە تېما يوللاشقا تېرىشىمەن.

ۋاقتى: 2016-3-9 13:15:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

   مۇشۇنداق تىمىلار كۆپرەك يوللۇنۇپ تۇرسا دەيمەن  .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-4-18 11:18:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت،يەنە تېما يوللاشقا تېرىشىمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش