يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 549|ئىنكاس: 10

ئەدىھەم ئىبراھىم(ئىزگۈگە):ئىلى دەرياسىدىن ئۆتۈش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-27 05:49 PM  


«ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»غا...



ئىلى دەرياسىدىن ئۆتۈش

داستان

ئەدىھەم ئىبراھىم

1
سال بولدى خىيالىم دەريادىن ئۆتتۈم،
تاش بولدى ئۇ يەنە دەرياغا چۆكتۈم.
دەريانىڭ تېگىدە باشقا بىر دۇنيا،
كۆلەڭگەم قىرغاقتا،دەريادا يۈتتۈم.
2
دۆپۈرلەپ كەلمەكتە قاراڭلار ئەنە،
تۇيىقى جاھاننى سېلىپ لەرزىگە.
شۇڭغىدى بىر بۇقا سۇغا بەھەيۋەت،
قۇندۇرۇپ چاشقاننى بىر مۈڭگىزىگە.
چىمپىيۇن ئاتالدى كېلىپ ئەڭ ئاۋال،
مۇڭگۈزدىن قىرغاققا سەكرىگىنىچە.
پۈتۈلدى دەپتەرگە،ئاڭا ئاي گۇۋا،
يىللارنىڭ بېشى بوپ چاشقان بەگزادە.
بوزلايدۇ كۆك بۇقا تۇياقلىرىدا ،
دەرغەزەپ توزۇتۇپ توپا-چاڭلارنى.
شۇ دەقىق قىلاتتى يەر بىلەن يەكسان،
تۇتىۋالغان بولسا ئۇ ئاۋاق چاشقاننى.
پۈتۈلدى،بۇمۇ بىر تەقدىر-پېشانە،
نە ئامال ھۆكۈرەپ ئالسىمۇ جاننى...
پەيلىگە يارىشا بەردى چاشقانغا ،
پۇقىراپ توزىغان بىر سىقىم توپا.
بۇتناپلا تۇرىدۇ تۈرۈپ قاپاقنى،
ياپيېشىل يايلاقنى ئالسىمۇ بۇقا...
3
بۇ ئانا دەريانىڭ ئارمىنى يېشىل،
قايناملار بەرقىدە يۈرەك ئۆركىشى.
قىرغاققا ئۇرىدۇ قاناتلىرىنى ،
دەريانىڭ ئاستىدا مەۋھۇم بىر كىشى.
قايناملار قوينىدا مەن كۆرۈپ قالدىم،
چېلىشىپ كېلىدۇ بىر قارام يولۋاس،
باشقا ئېپ كۆتۈرۈپ ئۇرغاندا يەرگە،
ئۇ ئاساۋ قايناممۇ بوپقالدى يۇۋاش.
كېلىدۇ يولۋاس شاھ تارتقانچە نەرە:
-پاي كەلمەس ھېچنىمە،مەن دىگەن يولباس.
مېنىڭ بۇ سۇدىكى ھەيۋەمنى كۆرسە،
جىمىسى تۇرىدۇ ئالدىمدا سەپراس.
بەرگىنە تاغلارنى شۇڭا تارتۇقلاپ،
بۇ ھەيۋەت تاغلارغا بولاي پادىشاھ...
يولۋاسنىڭ تىلىكى ئىجابەت بولۇپ،
يەتتىغۇ ئۇ خاپان بېشى ئاسمانغا.
يولۋاس شاھ،شاھ بولۇپ شۇنىڭدىن بېرى،
لاغايلاپ يۇرۇپتۇ ئىگىز تاغلاردا...
4
دەريانىڭ تېگىدە ئۆزگە بىر دۇنيا،
ئۇ مېنى باشلايدۇ بىر ئەزىم مۇڭغا.
مەن سۇغا تەلپۈنۈپ مۇڭلىنىپ تۇرسام،
بىر توشقان دىككىدە سەكرىدى سۇغا.
مەن ئۇنى پايلىسام تۇتىۋالماق بوپ،
كۆزۈمدىن پەرتتىدە ئۇ قېچىپ كەتتى.
ئات مىنىپ،ئىت سېلىپ قوغلىسام ئۇنى،
بىزنى ھېچ يەتكۈزمەي ئۇ ئېشىپ كەتتى!
ھەۋەس قىپ قارىسام ۋېلىقلاپ توشقان،
ئۇ بىردىن كالپۈكىن چىشلەپ ئۈزىۋەتتى.
قاقاخلاپ كۈلسەممۇ كۆزۈمگە بىراق،
سۈپسۈزۈك ياش بەردى ئۇنىڭ ھەسرىتى...
بەيگىدە كالپۈكنى ئۇ چىشلىۋالغاچ،
بىر كەمتۈك يىل بولدى ئۇنىڭ بۇ يىلى.
شارىنى پۈۋلىسە ئەنە بىر بالا،
كۆپمەستىن نەدىندۇر قاچىدۇ يېلى!..
5
دەريانىڭ تېگىدە بىر تىلسىم دۇنيا،
بىلىقلار ئۇچىدۇ گويا ئاسماندا.
بۇژغۇنلار چېچىلار يولتۇزلار كەبى،
تولغان ئاق كۆكسىدە سۇنى يارغاندا.
كۆرۈندى ئۇ مېنىڭ كۆزۈمگە ئەجەپ،
گوياكى قاناتلىق سۇ پەرىسىدەك.
ئەگەشتى ئۇنىڭغا بەڭباش خىيالىم،
ھېسلىرىم لەڭ ئۇرۇپ كەلمەكتە دەۋرەپ.
تۇرىمەن قىرغاقتا تەلپۈنۈپ مەستخۇش،
ئىچىمدە مىڭ غەۋغا،تېشىم ھەيكەلدەك.
پىشىدۇ بىر بىلىق مايدا پىژىلداپ،
كۆزۈمدە ئازاپلىق تىنىقى لەپ-لەپ...
6
دەريانىڭ تېگىدە ئاجايىپ دۇنيا،
ياپيېشىل يوسۇنلار تارتىدۇ دىلنى.
بېلىقلار كەينىدىن ئەگىشىپ باقسام،
ئوينايدۇ قايناملار ئىرغىتىپ مېنى.
بىردىنلا ۋىژىلداپ ئاھ ئۆتۈپ كاتتى،
دۈمبەمگە ئىز سېلىپ بىر سۇ يىلىنى.
دەريانىڭ قولىدا پۇتۈلگەچ ئۇمۇ ،
كۆكسىگە  تاقىدى شەرەپ گۈلىنى.
ئاسايىش يىل بولسۇن دەپ ئاڭا تەڭرى،
بەلگە قىپ ئۇنىڭغا بەردى يامغۇرنى...
7
يايرىدىم سۇدىكى تۇلپارنى كۆرۈپ،
سۇ ماڭا بېرىدۇ ئۇنى كۆندۈرۈپ .
ئات ئەرنىڭ قانىتى-مىندىم ئۇنىڭغا،
كېلىدۇ ئويناقلاپ خىيالىم كۈلۈپ.
بۇ دەريا ئۆزىنىڭ قىنىدا ئەمەس،
ئاقىدۇ شاۋقۇنلاپ ئاتنىڭ كەينىدىن.
تۇتقازدى ئۇنىڭغا قىپقىزىل تۇغنى،
دەپ ئاڭا تائەبەت يانمىغىن جەڭدىن.
زىمىننى چولغۇتۇپ ئات چېپىپ كەتتى،
قېپقىزىل ئوت چېچىپ تۇياقلىرىدىن...
8
دەرياغا قارىسام زۇمرەت كۆك سۇلار،
دولقۇنلاپ كېلىدۇ بۇژغۇن چاچىرىتىپ،
بۇ دەريا گوياكى سامان يولىدەك،
ئاقىدۇ بەھەيۋەت نۇرىن چاقنىتىپ.
دەرياغا سەكرىشى بىلەن قوچقارنىڭ،
غەرق بولۇپ كەتتى ئاھ قوي توپى بىر-بىر.
غۇلاچلاپ كېلىدۇ سۇنى كۆك قوچقار ،
تۇنجۇققان قويلارنىڭ پۇت-قولى دىر-دىر.
ۋە لېكىن ئاتامان بۇنى بىلمەيدۇ،
كۆزلىرى نۇرلىنار يېشىل قىرغاقتا.
ئىگىسى بېرەتتى يايلاقنى ئاڭا،
تىرمىشىپ يەتسىلا ئاشۇ قىرغاققا.
يەتتى ئۇ ئاخىرى نىشانغا بەردەم،
ياپيېشىل ئوت-چۆپلەر بولدى ئاڭا يەم.
ئاسايىش  بىر يىلنى بەردى ئۇنىڭغا،
قىلدى ئۇ ھەممىگە بۇ يىلنى ھەمدەم.
9
دەريانىڭ قىنىدا دەريا ئاقىدۇ،
دەرياغا سامادىن قۇياش باقىدۇ.
دەريانىڭ ئىچىدە غارايىپ دۇنيا،
دەريانىڭ سىرىنى دەريا ياپىدۇ.
دەرياغا قارىسام قىزىقچى مايمۇن،
ياغاچنى سال قىلىپ كەلمەكتە ئەنە.
سال ئۇنى ئېقىتىپ كەتتى يىراققا،
ئۇ ئەجەپ ئاداشتى نىشاندىن يەنە.
ياغاچتىن بىر سەكرەپ چىقتى قىرغاققا،
قوچقارنىڭ كەينىدىن كېلىپ پەللىگە.
شۇڭلاشقا ئورمانلىق بولدى ماكانى،
ئورماندا ئۇ بولدى دەرەخ خاقانى...
10
دەريانىڭ تېگىدە ئوينايدۇ ئۇسۇل،
بىلىقلار قۇيرىقى چاچىرىتىپ نۇر.
پالاقلاپ كېلىدۇ توخۇ ۋاقاقلاپ،
دەريادىن ئۆتمەكچى بولۇپ ئۇ ئۇدۇل.
ئۇ دەيدۇ مەن تاڭدىن بېرىمەن بەلگە ،
شۇڭا مەن ئەڭ ئاۋال ئۆتۈشۈم كېرەك.
مېنىڭ بۇ دەريادىن ئۈزۈپ ئۆتۈشۈم ،
بېرىدۇ قۇياشلىق ھاياتتىن دېرەك.
سۇڭا سەن ئىت بېگىم مېنى قوغلىما،
مەندە بار تاڭلارغا قېپقىزىل يۈرەك.
موشۇ زور دەريادىن ئۆتىۋالساملا،
بولىمەن ھەر زامان سىلەرگە كېرەك...
بىر ئۇچۇپ،بىر ئۈزۈپ ئۇ ئۆتۈپ كەتتى،
يىللارغا ئىز سېلىپ ئارمانغا يەتتى...
11
دەريانىڭ تېگىدە باشقىچە ئالەم،
ئۇچىدۇ ئاسمانغا يۈرەكتىن نالەم.
بىر پارچە لوقمىغا ئېرىشكەن كەبى،
كېلىدۇ ئىت قىلىپ ئالەمنى مالەم.
قىزغىنىپ ئۇ ئەنە ئۈزىدۇ ھەيۋەت،
خىرىسقىپ كېلىدۇ غۇجاكاڭ مەن دەپ.
ئىتنىڭ بۇ پەيلىنى كۆرسە ئەگەردە،
سۇ ئەمەس تاشلارمۇ كېتەركەن تەۋرەپ.
ئىگىسى ئۇنى بىر قىلدىكى مەھكۇم،
شۇڭا بىر ھويلىغا قارانچۇق قىلىپ.
-سەن قارا بۇ يەردە ئوغرى-يالغانغا،
سادىق بوپ ھەر زامان ئىگەڭنى بىلىپ...
شۇنىڭدىن بېرى ئىت ئادەملەر بىلەن،
كەلمەكتە تەڭ ياشاپ ھويلىنى بېقىپ.
ئىتنىڭ بۇ سەمىمى ساداقىتىدىن،
ھە ئەمدى قالماقتا ئادەملەر چېنىپ...
12
دەرياغا قارىسام ئەنە بىر ياندىن،
سۇ يېرىپ كەلمەكتە تۇڭغۇز زەپەردەس.
يالتىراپ تۇرغان قوش پىچىقىنى ئۇ،
‹‹يېنىمغا كەلمە››دەپ ئۇرىدۇ ھە دەپ.
تۇڭغۇزنىڭ بۇ قارا ھەيۋىلىرىدىن،
كەتمەكتە مېھرىبان سۇلار شالاقلاپ.
قاينامنىڭ غەزىبى تېشىپ ئىچىدىن،
ئەكىرىپ كەتتىغۇ ئۇنى بىر يالماپ،
قۇينىغا ئالماستىن بىراق ئەركەك سۇ،
چىقىرىپ تاشلىدى ئىرغىتىپ ئىگىز.
كەلمەكتە ھالسىراپ بۇ كۆرەڭ تۇڭغۇز،
كۆزىدە لېيىشىپ تۇرار بىر دېڭىز.
ئەگەر ئۇ بولمىغان بولسا ھاكاۋۇر،
بولۇپمۇ قالاردى يىللارنىڭ بېشى.
بەردى بىر قۇمۇشلۇق سازنى ئۇنىڭغا،
ئىگىسى ئۇنىڭدىن بولۇپ نارازى.
پاتقاقنىڭ ئىچىگە تىقىپ تۇمشىقىن،
تۇرماقتا ئۇ مانا شۇنىڭدىن بېرى...
13
دەريانىڭ ئىچىدە ئاجايىپ دۇنيا.
مەن ئاڭا قارىسام چۈمىمەن مۇڭغا.
بىردىنلا قېپقىزىل قانغا ئايلاندى،
بىر جەڭچى كۆزىدە قارىسام سۇغا.
پاتپاراق بوپكەتتى ئەنە ھەممىسى،
كېلىدۇ توخۇنى قۇغلىغانچە ئىت.
ئۇچماقچى بولىدۇ پالاخلاپ توخۇ،
تۇڭغۇزمۇ قوينىدىن چىقىرار قىلىچ.
قورۇغداپ قېلىشچۈن مۇلايىم قوينى،
قىلدىم مەن بىردىنلا يولۋاسقا تېگىش.
مەن مەھكار مايمۇنغا سۇنسام قولۇمنى،
ياماشتى دەرەخكە ئۇ سەت ھېجىيىپ.
تىغ ئۇرۇپ يارغاندا بىلىق قارنىنى،
گۈھەرگە ئايلىنىپ قالدىم نۇر چېچىپ.
دەريادىن سۇڭغۇشۇپ ئېھ ئۆتۈپ كەتتىم،
گۈكۈرەپ كۆيىدۇ دەريا يېيىلىپ.
دەريانىڭ ئىچىدە غارايىپ دۇنيا،
ئەجەپمۇ راھەت-ھە،ئالسام بىر تىنىپ!...
14
دەريادىن ئۆتىدۇ ھايۋانلار چېپىپ،
دەريادىن ئۆتىدۇ ئادەملەر كېچىپ.
سال بىلەن خىيالىم ئۆتىۋاتقاندا،
مەن قالدىم ياپيېشىل قىرغاقتا يېتىپ.
ئەي ئىلى دەرياسى-غۇلجام يۈرىكى،
مەن تېرەن باغرىڭغا چۆكىۋاتىمەن.
بىر ئۇزاق كەچمىشنى سۆزلەۋاتىدۇ،
ھېسلىرىم ئۈستىڭدە كۆتۈرۈپ يەلكەن.

چاپچال ناھيە قاينۇق يېزىلىق ئىگىلىك باشقۇرۇش پۇنكىتىدىن ئەدىھەم ئىبراھىم

باھا سۆز

ئابلاجان ئەپەندىم،بۇ شېئىرىمغا باشقا يۈك ئارتىپ قويۇشنى خالىمىدىم،رەھم....  ۋاقتى: 2016-2-29 10:32 AM
غۇلجام يۈرىكى-ئۇيغۇر يۈرىكى...دېسەكچۇ، دوستۇم، ئەدىھەم...  ۋاقتى: 2016-2-26 10:00 PM
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-26 21:42:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنىم ئەدىھەم،‹‹ئىلى دەرياسىدىن ئۆتۈش››ناملىق داستانىڭنى ئەستايدىل كۆرۈپ چىقتىم.داستانىڭ ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ. مەن ئوقۇپ بولۇپ مۇنداق ئويلاپ قالدىم،سەن شۇ ئون ئىككى ھايۋاننى ئۆز تەرتىپى بىلەن ئىپادىلىگەن بولساڭ ياخشى بولاتتىمىكىن.سېنىڭ ئىجادىيىتىڭنىڭ يەنىمۇ بەرىكەتلىك بولىشىنى تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2016-2-26 22:10:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يولباس،ئاھ ئۆتۈپ كاتتى،سۇڭا سەن،...

داستاننى ئوقۇپ ئۇزۇندىن ئۇزۇن  مۇڭغا چۆكۈپ ئولتۇرۇپ كېتىپتىمەن.دەرۋەقە يۇرۇت سۆيگۈسى ھەقىقەتەن مۇقەددەستۇر! قەلەم تۇتقان قوللىرىڭىز تالمىسۇن!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-27 10:59:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەدىھەم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-27 11:27 AM  

پولاتكا،گېپىڭ توغرا،مەن بۇ شېئىرنى يېزىپ بولۇپ 12خىل ھايۋاننىڭ رەت تەرتىپى بوئىچە رەتلەپ ئاندىن تورغا يوللايمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم،بىراق ئالدىراشچىلىققا موشۇنداق يوللاپ ساپتىمەن...مانا تەھرىرلەپ قويدۇم،بەھىر ئالغايسىلەر...

ۋاقتى: 2016-2-27 20:49:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىكىرىمنى قۇبۇل قىلغىنىڭغا رەھمەت.

ۋاقتى: 2016-2-28 13:25:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ داستانىڭىز مېنى تەسەۋۋۇر دەرياسىغا غەرىق قىلدى، مۇكاپاتقا ئېرىششىنى چىن دىلىمدىن

ئۈمىد قىلىمەن ئىنىم!!!

باھا سۆز

غەرىق -غەرق...  ۋاقتى: 2016-2-28 02:25 PM
ۋاقتى: 2016-2-29 11:05:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ دەريادىن ئۆتۈش›› دە ئوخشىمىغان مۆچەللەردىكى دەريادىن ئوخشىمىغان تەسىراتتا ئۆتۈشتەك ئىچكى ھېسياتى بىلەن ئانا دەرياغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى چىرايلىق ئىبارىلەر بىلەن ئوبرازلىق  رەڭلىنىپتۇ .
مۇكاپاتقا ئېرشىشىڭىزگە تىلەكداشمەن!

ۋاقتى: 2016-3-31 13:03:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەريانىڭ تېگىدە بىر تىلسىم دۇنيا،
بىلىقلار ئۇچىدۇ گويا ئاسماندا.
...

يېقىشلىق داستان...مۇۋەپپەقىيەت سىزگە يار بولسۇن!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش