كۆرۈش: 297|ئىنكاس: 7

تۇرغۇن مىجىت قادىرى:يامان ئادەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-27 05:41 PM  

يامان ئادەت

(ھېكايە)

تۇرغۇن مىجىت قادىرى

      بۈگۈن ئەتىگەن تاڭ سۈزۈلمەستە ئايالىمنىڭ قاتتىق ۋارقىراشلىرى، يوتقانلىرىمنى تارتىپ مېنى ئېچىۋېتىپ  قوپۇشىمنى، ئەمدى قوپمىسام خىزمەتكە كېچىكىدىغانلىقمنى ئېيتىشلىرى بىلەن ناھايتى تەستە كۆزلىرىمنى تاتلاپ، كۆزلىرىمنى ئامبۇر بىلەن قىسىپ تارتقاندەك تەستە ئېچىپ، سائەتكە قارىسام ئىشقا چۈشىدىغانغا يېرىم سائەت قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن يوقۇرى بېسىملىق توك سوققاندەك ئورنۇمدىن چاچىراپ تۇرۇپ، يۈزۈمنى چالا- بولا يۇيۇپ، كېيىم-كېچەكلىرىمنىڭ كەيمىسە بولمايدىغانلىرىنى كېيىپ قالغانلىرىنى مۆرەمگە ئارتىپ پەلەمپەيدىن چۈشكىچە كېيىپ، مىجەزىمنىڭ دېگەندەك ياخشى ئەمەسلىكىگە قارىماي ناشتىسىزلا ئىدارەمگە چاپتىم، ئاخشام ئۇ يەردىن قانداك كېلىپ، ئۆيگە قانداك كىرىپ كەتتىم، كىم بىلەن كۆرۈشۈپ، كىم بىلەن نىمە دىيىشتىم بۇلارنىڭ ھەممىسى كاللامدىن مىرتتىدە چىقىپ كەتكەن بولۇپ، كاللام باراڭلىقتا ئىسىلىپ قالغان قاپاقتەك قۇپقۇرۇق ئىدى. مەن ئىشخانىغا كىرىپ مىجەزىمنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ، ئازراق بولسىمۇ ئوڭشىۋېلىش ئۈچۈن ئىشخانامسىكى توك چەينىكىدە چاي قاينىتىپ، ئىشكاۋىمدا ساقلاپ قويغان ھەسەلدىن چاي دەملەپ ئىچىپ باقتىم، چاي خۇش ياققەندەك بولدىيۇ، بىردەمدىن كېيىن يۆتەل قوزغاپ قەي قىلىشقا باشلىدىم ۋە تازلىق ئۆيىگە يۈگۈردۈم، تازىلىق ئۆيىدە كانىيىمنى يۇقۇرى ئاۋازىم بىلەن قىرىپ، كاناي يوللىرىنى سىلىقداپ، يۈز-كۆزلىرىمنى، ئاغزى-بۇرنۇمنى تۇرۇبىدىن چىقىۋاتقان مۇزدەك سوغاق سۇ بىلەن ھۇزۇرلۇنۇپ يۇيۇپ تۇرشۇمغا ئىدارىنىڭ كانىيىدىن ئەتىگەنلىك گىمناستىكىنىڭ مۇزىكىسى ياڭراشقا باشلىدى، مەن قوللىرىم بىلەن يۈ-كۆزلىرىمنى ئاندا-مۇندا سۈرتىۋېتىپ مەيدانغا چىقتىم.
     مەن ئەزەلدىن ئىدارىدىكى بىرەرسىگە ۋاي دەپ كەتمەيدىغان، ئالدىغا يۈگرەپ بېرىپ كۈرۈشۈپ كەتمەيدىغان، ئالدىمغا كەلسىلا چىرايلىقچە كۆرىشىدىغان، خىزمەت  ۋە باشقا زۈرۈر مۇناسىۋەتلىك ئىشلار بولسا سۆزلىشىپ باشقا چاغلاردا ئۆز ئىشخانامدا ئۆز ئىشىم بىلەنلا شۇغۇللىندىغان ئادىتىم بولغاچقا،  ئەتىگەنلىك گىمناستىكىغا چىقىپلا چەتتىراق تۇردۇم، ئىدارىدىكى بىرقانچىسى مېنىڭ مەيدانغا چىققانلىقىمنى كۆرۈپ، بىر-بىرىگە مەنىلىك قارىشىپ، مېيىقىدا كۈلىشىپ مېنى مازاق قىلغاندەك تۇيغۇ بەردى، مەنمۇ «ئىشتانغا چىقارغان كۆڭۈلگە تايىن» دېگەندەك ئۇلارغا بىرەر ئېغىز گەپ قىلالماي كۆزلىرىمنىڭ قۇيرىقىدا ئوغرى مۈشۈكتەك ماراپ قارايتىم. خىزمەتداشلىرىم ئىچىدىكى «ئۆچكىنىڭ ئۇچۇق قالسا ھېچ گەپ يۇق، قوينىڭ ئۇچۇق قالسا ۋاي دەپتۇ»دېگەندەك كىچىككىنە ئىشنى پاشاڭ قىلىپ ئالەمگە يايىدىغانلار، پەقەت مەنلا بۇ ئىدارىدە باردەك مېنىڭ تاپىنىمغا قاراپ تۇردىغان، ماڭا يامان كۆز بىلەن قارايدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئىنىكى تۆتنى موزايلىغاندەك گۈلقەھقەھلىرىنىڭ ئېچىلىپ كەتكەنلىكىدىن ئاخشامقى سورۇندا چاتاقتىن بىرىنى چىقارغىنىمنى ھىس قىلدىم دە، گىمناستىكىنى چىرايلىق ئويناپ تۈگۈتۈپ، باشقىلارنىڭ گەپ-سۆزلىرىگە قۇلاقمۇ سالماي يەنە ئۆز ئىشخانامغا كىرىپ كەتتىم. بىر سائەتكىچە كۈندە ئىشخانامغا كىرىپ-چىقىپ پاي-پەتەك بولۇپ، ئىشخانامنى ھەر كۈنى ئەتىگەندە بازار قىلۋاتىدىغانلار بۈگۈن ئۈشۈك چۈجىلىرى ئانىسنىڭ پوكىنىغا كىرىۋالغاندەك بىرسىنىڭ قارىسى كۆرۈنمەيدۇ، ئاچچىقىمدا باشقا ئىشخانىلارغا كىرەي دېدىميۇ، يەنە ھىچ ئىش بولمىغاندەك ئۆز ئىشلىرىم بىلەن مەشخۇل بولۇشنى ئويلاپ ئولتۇرىۋەردىم. يەنە ئون بەش مىنۇت ئۆتكەندە خىزمەتدىشىم ھەم يېقىن دوستۇم ئەھەتجان يېنىمغا كېلىپ:
     -قانداقراق قوپۇپسەن ئاداش؟-دەپ قىزغىن سالاملىشىپ مەندىن ئەھۋال سورىدى.
     -تازا ياخشى ئەمەس، ئەتىگەن قوپسام، ئاخشامقى پېتىملا مەس قوپۇپتىمەن، قۇرۇق ھۆ بۇلۇپ، ھەسەل چايمۇ سىڭمەيدىغاندەك تۇرىدۇ...
     -ھە راست ئاداش،-دەپ ئىشىككە قاراپ ئۇچۇق قالغان ئىشىكنى يېپىۋېتىپ يېنىمغا كېلىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،ـ يادىڭدا باردۇ، مەن ئاخشام سەل بالدۇر كەتكەن، ئەتىگەن كىشىلەردىن ئاڭلىشىمچە سەن ئاخشام بەك مەس بولۇپ كېتىپسەن، شۇنىڭ بىلەن قايتاشىڭدا ئىدارىنىڭ باشلىغى ئىدارىنىڭ ماشىنىسىنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئولتۇرۇپتىكەن، سەن بېرىپ ئىدارە باشلىقىنىڭ ماشىنىسىنىڭ ئالدىنى توساپ توختۇتۇپ، باشلىقنىڭ ياقىسىدىن تارتىپ چۈشۈرۈپ «قارىسىلا باشلىق بۇ ماشىنا سېلىنىڭ ئەمەس، بەلكى ئىدارىدىكى بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ماشىنىسى، مەنمۇ ئىدارىنىڭ بىر خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بىرەر قېتىم بۇ ئىسىل ماشىنىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ باقاي» دەپ چىقىۋېپسەن، سەمەت ئىدارە باشلىقىمۇ ئۈن-تىنسىز ماشىنىدىن چۈشۈپ، شوپۇرغا «ئۆيىگە ئاپىرۋېتىپ كىلىڭ، مەن مۇشۇ يەردە ساقلاپ تۇراي» دەپ قېپقېپتىمىش، سەن ئەتىگەندىن بىرى ئىدارە باشلىقى بىلەن كۈرۈشمىگەنسەن؟
     -ياق ئاداش،-دېدىم مەن كاللامغا يوغان كالتەك بىلەن بىرنى سالغاندەك بۇ قىلغان ئىشلىرىمدىن ئەندىكىپ،-مەن ئەتىگەندىن بويانقى بۇ ھالىم بىلەن كىمگە نىمە دەپ گەپ قىلىشنىمۇ بىلمەي، كۆزلىرىم قىزىرىپ، يۈزلىرىم ئىشىك قىسىۋالغان كونا رەختەك پۇرلىشىپ تۇرغاندا ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆزەمنىڭ ئەپتى بەشىرسىنى چىتقا يايماي دەپ ئىشخانامدىن چىقماي ئولتۇرشۇم.
     -ئاداش ئىدارە باشلىقى سېنى شۇنداق كۆتۈرۈپ، ساڭا ئىشىنىپ، موھىم خىزمەتلەرنى ساڭا تاپشۇرۇپ يۈرىۋاتقاندا بۇ ياخشى ئىش بولماپتۇ، شۇڭا بىز بىر ئاماللارنى قىلىپ، مۇناسىۋەتنى جىددى ياخشىلايلى، مەن ئىدارە باشلىقىنىڭ يېنىغا بىر كىرىپ، ئۇنىڭدىن ئەھۋال ئىگەللەپ كىرەي،-دەپ سىرتقا ماڭدق.  
دېمىسىمۇ شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ئىدارە باشلىقى مەن خىزمەتكە چۈشكەن كۈنىدىن باشلاپ ئۆزىنىڭ ئىنىسىدەك كۆرۈپ، بەزى ئىشلارنى مەندىن مەسلىھەت ئېلىپ قىلدىغان تۇرسا، ھەمدە ئىككى يىل ئىلگىرى مېنى ئىدارىدىكى موھىم بولۈمگە بۆلۈم باشلىقى قىلغان؛ يېقىندىلا مېنى ئىشخانىسىغا ئايرىم چاقىرتىپ كىرىپ ئۇزۇنغا قالماي ئىدارىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى قىلدىغانلىقىنى، شۇڭا گەپ-سۆز، ھەركەتكە ناھايتى دېھقەت قىلىپ، ئامما بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ، خىزمەتلەرنى دادىل ئىشلەپ ئۆزەمنىڭ ھەقىقى بىر ئالى مەكتىەپنى پۈتكۈزگەندەك قابىليىتىمنى، تالانتىمنى خىزمەتداشلىرىم ئالدىدا نامايەن قىلىشىمنى جىكىلىگەن ئەمەسمۇ،؟!
    ئاخشامقى نەس ھاراقنىڭ كۈچىدىنمۇ، ياكى بۈگۈنكى ئاڭلىغان بۇ يامان ئۇچۇرنىڭ تەسىرىدىنمۇ مېڭڭەمگە بىرسى پىچاق تىقىپ قوچىۋاتقاندەك ئاغرىماقتا، بېشىم قاتماقتا...
     ئىشىكنىڭ تاراققىدە ئېچىلشى بىلەن يەنە دېھقىتىم بۇزۇلدى. قاراپ بولغىچە خىزمەتدىشىم ئەھەتجان يېنىمدىكى ئۇرۇندۇققا كېلىپ ئولتۇرۇپ بولدى ۋە:
     -ئاداش، ئىدارە باشلىقىنىڭ ئەلپازى بەك يامان تۇرىدۇ،-دېدى ئەھەتجان مەندىنمۇ بەك جىددىيلىشىپ، ئورنىدىن يېرىم قوپۇپ، ئورۇندۇقنى دارقىرتىپ سۆرەپ يېنىمغىراق كېلىپ،-مەن ئىشىك تۈۋىگە بېرىپ ئىشىكنى شۇنداق يىنىك چەكسەم «كىرىڭ!» دېدى، ئىشىكنى ئاۋازمۇ         چىقارماي ئېچىپ-يېپىپ، پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ، شەپىمۇ چىقارماي دېگۈدەك  كىرىپ، باشلىق ئولتۇرغان ئۈستەل-ئورۇندۇقنىڭ يېنىغا كېلىپ پەس ئاۋازدا «سوغاق...» دەپ بولغىچە باشلىق خۇددى يالاڭ ئاياق ئادەم تىكەنگە دەپسىۋالغاندەك دەرس ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىپ ماڭا چەكچەيدى، مەنمۇ ئۇنىڭغا ئۆلگۈرتىپ «...ئىچىملىك ئەكىرىپ بىرەيمۇ باشلىق» دېسەم «لازىم ئەمەس، نېمانداق ئايال كىشىدەك ماڭىدىغان ئادەم سىلە، ئادەمنىڭ دەسسىگىنىگە يەر يېرىلىپ كەتمىگەندىكىن مۇنداق ئەرخەقتەك گۈرس-گۈرس دەسسەپ ماڭمامسىلە، بولدى مېنى ئاۋارە قىلماي ئىشخاناڭلاردا ئىشىڭلارنى قىلىپ تۇرۇڭلار، ئايرىم قىلدىغان ئىشىم بار، ئىش چىققاندا چاقىرتىمەن» دەپ مېنى چىقىرۋەتتى، بۇ ياخشىلىقنىڭ بىشارەتى ئەمەس. قانداق قىلىش كېرەك؟
      -شۇ قانداق قىلىش كېرەك؟...
    شۇ«قانداق قىلىش كېرەك؟» دېگەن سۇئاللار رامكىسىدىن چىقالماي، چۈشلۈك ئارام ئېلىشتىمۇ ئارام بولمىدى، خوتۇن ئەتكەن تاماقمۇ تېلغا تېتىمىدى، ئيقۇمۇ ئۇيقا بولماي چۈشتىن كېيىنلىك خىزمەتكە يەنە شۇنداق جانسىز، روھسىز كېلىپ، شۇ ئىشخانىغا بېكىنىپ، ئىشخانىدىن چىقالماي، قانداق قىلىشقا جاۋاپ تاپالماي، تىت-تىت بولۇپ، بۇ كۈننى مىنۇتلاپ ئۆتكۈزۈپ، ئىشتىن چۈشىدىغانغا بەش مىنۇت قالغانلىقىنى بىلىپ، ئورنۇمدىن دەرس تۇرۇپ ئىدارە باشلىقى سەمەتنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئىشىكنى قاتىق-قاتتىق چەكتىم.
     -كىرىڭ!
مەن ئىشىكنى ئېچىپلا:
    -ئەسساللامۇ ئەلەيكۇم باشلىق، تىچلىق، ئوبدان تۇردىلىمۇ؟
     -كىلىڭ، كىلىڭ، كۈنلىكى نەچچە رەت ئىشخانىغا كىرىپ چىقىپ يۈرۈيدىغان ئادەم بۈگۈن بىر كۈن كىرمەپتىڭىز كۆڭلۈم بىر قىسىملا بولۇپ ئىنتايىن ياخشى كۆرگەن نەرسەمنى يۈتتۈرۈپ قويغاندەك ئەتىگەندىن بېرى قولۇممۇ تۈزۈك ئىشقا بارمىدى. چاي ئىچەمسىز؟
     -بولدى باشلىق سېلىنى ئاۋارە قىلماي.ئەتىگەندىن بېرى مېنىڭمۇ قولۇم ئىشقا بارماي شۇنداق تىت-تىتلىق ئىچىدە بۇ بىر كۈننى ناھايتى تەستە كەچ قىلدىم دېسىلە، ئاخشام بەك ئېغىر كېتىپتۇ.
     -بولدى ئاخشامقى گەپنى دېيىشمەيلى، ئادەم مەس بولغاندا نىمە ئىشنى قىلمايدۇ دەيسىز.
ئىدارە باشلىقىنىڭ شۇ بىر جۈملە سۆزى مېنىڭ كۆڭلۈمنى خاتىرجەم قىلدى، دېمىسىمۇ مەس- قىلغان ئىشى پەس تۇرسا...
-ئىدارە باشلىقى، بىرەر ئاشخانىغا كىرىپ كۆڭلىمىز تارقان تاماقتىن بىرەر تەخسىدىن يېگەچ مۇڭداشساق قانداق دەيلىكىن؟
-بولدى قىلايلى، ئۇنىڭغىمۇ ۋاقىت چىقىپ قالا، ئاشخانىغا بارغاندىكىن يەنە تونۇش-بىلىشلە ئوچۇرايدۇ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى قايتۇرساق ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق كۆڭلى بار، ئۇلار خاپا بولۇپ قالىدۇ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى دېسەك تاماققا ئەگىشىپ چىقىردىغان سەي-پەيلىرى، مۇسەللەس-مەيلىرى بار، ئەڭ ياخشىسى خوتۇنلىرىمىزغا يالۋۇرۇپ بولسىمۇ بىرەر چىنىدىن ئۈگرە ئەتكۈزۈپ ئىچىپ، پۇتىمىزنى ئۇزۇن سۇزۇپ ئارام ئېلىۋالىلى، ئۆيىمىز بىر يەردە بولغاندىكىن، يولدىن بارغىچە پاراڭلاشساقمۇ بولىدۇ ئەمەسمۇ؟
     -مەيلى، ئەمىسە ئاخشامقى قىلىقلىرىمنى قەتئى كۆڭۈللىرىگە ئېپ كەتمىسىلە باشلىق، مەن ھىچنىمىنى بىلمەيمەن...
     -بولدى، بۇ يەرنىڭ تويلىرى شەنبە، يەكشەنبىگە توغرىلانغاچقا، بىز خىزمەتچىلەرنىڭ ئەڭ بىلەن ئارام ئالىدىغان، ھېرىپ ھالىمىزدىن كەتكەن كۈنلەرگە توغرىلانغاچقا، ھەم ئۇ بىزنىڭ خىزمەتدىشىمىزنىڭ تويى بولغاچقا ئەتىگەندى بىرى ئىشلەپ چارچاپ كەتتىڭىز، ھەم قورساقمۇ ئاچ قالدى، سىرتقا چىقىپ بىرەر تەخسە تاماق يەۋېلىڭ دىسەم بولدى دېدىڭىز، بۇ ھاراق دېگەن كاساپەت بىر تېنى ئاجىز ئادەمنى، يەنە بىرسى قورسىقى ئاچ ئادەمنى ئىنتايىن ئاسان تونىۋېلىپ ئاسانلا بوزەك قىلىپ كېتىدۇ دەڭە، شۇڭا قورسىقى ئاچ، سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس ئادەم يېقىن يولاتمايدىغان نەرسە بۇ.
ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىتمۇ بولدى، ئىككەيلەن ئىشخانىدىن تەڭ چىقتۇق، ئىدارە باشلىقى ئىشىكنىڭ ئىتىلگەن-ئىتىلمىگەننى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئىشىكنى بىر ئىتتىرىپ بېقىپ ئاندىن مەن بىلەن بىللە ماڭغاچ:
     -بايا ئىشخانىدا «ئاخشامقى قىلىقلىرىمنى قەتئى كۆڭۈللىرىگە ئېپ كەتمىسىلە» دېدىڭىز، ئۇنى مەن قەتئىي كۆڭلۈمگە ئالمايمەن، نىمىشقا دېسىڭىز، سىزمۇ بىلىسىز مېنىڭ خۇيۇم شۇنداق سەت، ئىدارىدىكى نەمەتجاننىڭ بوينىغا ئېسىلىپ ئىڭىكىنى چىشلىۋېلىپ، چىرايلىق يۈزىگە تۆت چىشىمنىڭ ئىزىنى چىقىرىپ قويغۇنۇم، بىر شەنبە كۈنى كۈپكۈندۈزدە مەس بولۇپ قېلىپ، ئۆيدىكى خوتۇن-باللىرىمنى بىنادىن سۈرۈپ، پەسكە چۈشۈپ، پۈتۈن بىنانى بىر ئېلىپ، بىنانى ئايلاندۇرۇپ سۈرۈپ توقاي قىلسام خۇلۇم-خوشنىلار تۇتىۋالسا «ھە، خوتۇننى مەن پۇل خاجلەپ ئالغان، نىمە قىلسام ئۆزەمنىڭ ئىختىيارى، ھەقاسىڭنىڭ نىمە كارى...»دەپ ئۇششۇقلۇق قىلىشلىرىم...قاتارلىقلار تېخى تۆنۆگۈن-بۈگۈن يۈز بەرگەن ئىشلار، مەندەك ھاراق ئىچۋالسا بەك ئەسكى ئادەتلەرنى چىقىردىغان ئادەم سىزنىڭ ئۇ كىچىككىنە ئىشىڭىزغا ئاچچىقىم كەلسە، مېنىڭدەك ئانداق ئادەتكە ئۆلىپ بىرىش كېرەكمۇ؟ ھەرگىز «پىتنىڭ ئاچچىقىدا تامبالنى ئوتقا سال»غۇلۇق ئەمەس...
     بىز پەلەمپەيدىن چۈشۈشىمىزگە ئىدارىدىكى بىرنى ئون، ئوڭنى توڭ كۆرسىتىپ، ئۆزلىرىنى ھېچ كىمگە تەڭ قىلمايدىغان، شۇنداق بىر قەدەم ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەنلەرنى كۆرەلمەي ئۇنىڭ كەينىدىنلا ئەمەس يېنىدا بولسىمۇ قاسايدىغان بىر ئەر-ئايال شەخسى ماشىنىسىنىڭ ئەينەكلىرىنى چۈشۈرشىپ، ئۆمۈردە كۆرۈپ باقمىغان بىر مەخلۇقاتنى كۆرۈپ قالغاندەك، ئېغىزلىرىنى ھاڭدەك ئېچىشىپ بىزگە كۆزلىرى بىلەن ئەمەس ئېغىزلىرى بىلەن قارىشىۋاتقاندەك تۇيغۇ بەردى، مەن تېخىمۇ گېدىيىپ، باشلىققا تېخىمۇ چاپلىشىپ، خۇددى ئۇلارنىڭ غەيۋەت-شىكايەتتىن نېرى بارمايدىغان، پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ياخشىلىقنى ئەمەس پۈتۈن يامانلىقنى تىلەپ، قارداپ كەتكەن بەدەنلىرىگە، ياق قارداپ كەتكەن يۈرەكلىرىگە دەسسەپ ماڭغاندەك بىنانىڭ ئالدىدىكى سېمۇنۇت مەيدانغا قاتتىق-قاتتىق دەپسەپ مەجبۇرى دېگۈدەك «تاق-تاق» ئاۋاز چىقىرىپ مېڭىۋاتىمەن. بىز شۇ تۇرقىدا مېڭىپ ئولتۇراق رايۇننىڭ ئالدىغا كېلىپ خوشلاشتۇق. مېنىڭمۇ بەدەنلىرىم سەل يېنىكلەپ قالغاندەك بولۇپ ئۆيۈمگە كىرىپ كەتتى.
      ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپلا تەشكىلات بۆلۈمىدىن بىرقانچەيلەن بىزنىڭ ئىدارىگە تويۇقسىز چىقىپ مېنى ئىدارىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى قىلىپ تەيىنلىگەنلىك ئۇقتۇرشىنى ئوقۇپ، مېنىڭ ۋەدەنامامنى ئاڭلاپ چىقىپ كەتتى. ئىدارىدىكى «تېپىشمىغىچە ئىلىشماس» دېگەندەك ھېلقى خۇيى- خۇيىغا، بويى-بويىغا، دىلى-دىلىغا، تىلى-تىلىغا ئوخشاپ كەتكەن ئەر- ئايالدىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك گۈلداراس ئالقىش ياڭراتتى.
2016-يىلى 4-يانۋار



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-26 16:49:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايە خېلى ئوبدان يېزىلىپتۇ. بۇلۇپمۇ ئۈچ خىل ئوبراز رۇشەن سېلشتۇرما بۇلۇپ ئادەمدە چۇڭقۇر تەسىر قالدۇرىدىكەن،ئەمما سۆز ئىشلىتىشكە سەل ئەھمىيەت بەرسىڭىز بولغۇدەك.ئىجاىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن،

ۋاقتى: 2016-2-26 19:30:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەر ئادەمگە خېلى مۇكەممەل چىنلىق تۇيغۇسى ئاتا قىلىدىكەن...قەلىمىڭىزگە ئۇتۇق يار بولغاي....

ۋاقتى: 2016-2-27 12:14:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-27 12:19 PM  

مەن نېمە  دېيىشنى  بىلمىدىم .


     شۇنداقتىمۇ  راست  گەپ  قىلاي. بۇ  ھېكايىنى  تۇرغۇن  مىجىتنىڭ يازغانلىقىغا ئىشەنگۈم  كەلمىدى.بىر بولسا تۇرغۇن مىجىت  بۇ  ھېكايىنى يازغاندا  پەرۋاسىزلىق قىلغان. يەنە بىر بولسا تېزلىك قوغلىشىپ،تېز تېما تاللاپ ،يېزىپ ئالدىراپ يوللىۋەتكەن .يەنە  بىر بولسا يۇقۇرىقى
ھېكايە  تۇرغۇن  مىجىتنىڭ  ھەۋەسكار  چېغىدا  يازغان  ھېكايىلىرىنىڭ بىرى.قىسقىسى ئىپادىلەش سەنئىتى ناھايىتى  تۆۋەن بولۇپ  قالغان.
     يۇقۇرىقى گېپىمگە قارىتا بەزىلەر بۇ ھېكايىنىڭ قايەرى  ئۆلچەمگە توشمايدىكەن ؟ دەپ سورىشى مۇمكىن . توغرا  بۇ  ھېكايىنىڭ  ئۆلچەمگە توشمايدىغان يېرى يوق.بىراق گەۋدىلىنىپ تۇرىدىغان بىرەر ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى يوق. بۇنداق ھېكايىدىن مىڭنى ئوقىسىمۇ ئوقۇرمەننىڭ ئېسىدە قالمايدۇ.  بىزنى چۈشەپ قويىدىغىنى دەل شۇنداق ئۆلچەمگە چۈشىدىغان لېكىن پەقەت ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولالمايدىغان ئەسەردۇر.

       بىزگە مەلۇم تۇرمۇش كونكرېتلىققا ئىگە. يامان ئادەت دېگەن سۆز ھېكايىنىڭ- ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ماۋزۇسى ئەمەس. چوقۇم بىر كونكرېت ھالەت گەۋدىلەنگەن ئىبارە ماۋزۇ قىلىپ تاللىنىشى، شۇ سۆزنىڭ ئۆزىدىنلا  پىرسۇناجلارنىڭ ئالاھىدىلىكى چىقىپ تۇرىشى كېرەك ئىدى.يۇقۇرىقى ھېكايىدە تەسۋىرلەنگەن "مەن" نىڭ باشلىقىنىڭ كەيىپ چىغىدا ئادەمنى چىشلىۋالىدىغان يامان خۇيى بار ئىكەن. "يەكيا غالجىر" ياكى "مەن" گە قارىتا " ئىقلىم تۈرگۈن" دېگەندەك  ماۋزۇ قويۇلسا پىرسۇناجنىڭ لەقىمى ئەمەس يامان خۇيىنى ئىپادىلىگەن بولاتى.ئۇنىڭدىن باشقا ھېكايىدە ئادەتتىكى نۇقتا ناھايىتى تەپسىلى.ئەڭ مۇھىم نۇقتا بەك يۈزەكى تەسۋىرلەنگەن. ھېكايىدە "مەن'نىڭ باشلىقنى چۈشۈرۋېتىپ،ئۆزى ماشىنىدا ئولتۇرغان ھالىتى شۇنداقلا باشلىقنىڭ ئادەم چىشلىگەن ۋە خوتۇن -باللىسىنى سۈر-توقاي قىلغان يەرلىرى ئەڭ ئىنچىكە ھەتتا روھى ھالىتىگىچە ناھايىتى ئىنچىكە تەسۋىرلەنگەن،باشقا يەرلىرى يوپۇتۇپ ئۆتۈپ كەتكەن بولسا مەزكۇر ھېكايىنىڭ  جەلپكارلىقى توقسان پىرسەن ئاشقان بولاتى.

     تۇرغۇن مىجىت ئۈمىد  كۈتۈشكە بولىدىغان يازغۇچى .شۇڭا  يۇقۇرىقى پىكىرلەرنى يازدىم.بولمىسا ئۆزۈمنىڭ ۋە ئوقۇرمەنلەر ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىپ يۇقۇرىقى پىكىرلەرنى يازمايتىم.

    بىز ھەممىمىز تۇرغۇن مىجىتنىڭ ئېسىل ئەسەرلىرىنىلا  كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.

ۋاقتى: 2016-2-27 12:45:14 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچۈرسىز،كەچۈرسىز، ئ‍ەزىز ئ‍ەپەندى، بۇبۇ بىر ئ‍ۇقۇشماسلىق، بۇ ھېكايىنىڭھېكايىنىڭ ئ‍اپتۇرى تۇرغۇن مىجىت قادىرى، ئ‍اۋات ناھيىسىدىن، ئ‍وقۇتقۇچى. .  مېنى چوڭ بىلگىنىڭىزگە رەخمەت. مەن ئ‍ۆزۈمگە تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويىمەن ھەم شۇنداق قىلىۋاتىمەن. تۇرغۇن مىجىت مۇئەللىم ماۋۇ ئ‍ەسىرىدە قادىرى دېگەن ئ‍ىسىم قوشۇمچىسىنى ئ‍ۇنتۇپ قاپتۇ، شۇڭا بۇ ئ‍ۇقۇشماسلىك يۈز بېرىپتۇ،

ۋاقتى: 2016-2-27 13:04:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرەقە ئۇقۇشماسلىق  بوپتۇ.

  يازغۇچى تۇرغۇن  مىجىت  ئالماشتۇرۇپ قويغىنىمنى كەچۈرگەي.

  يۇقۇرىقى ھېكايە ئاپتورى تۇرغۇن  مۇئەلىم  يېزىش ئۇسلۇبىنى  يېڭىلاشقا  ئىزدەنگەي.

ۋاقتى: 2016-2-27 16:09:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرغۇن مىجىت دېگەن ئىسىمنى كۆرۈپ " چوقۇم  بىر ياخشى ھېكايە ئوقۇيدىغان بولدۇم " دېگەن ئۈمىد بىلەن كىرىپ ، ئۈمىدسىزلىك ۋە ھەيرانلىق ئىچىدە قايتىپ چىقتىم . ئاخشام تېلېفۇندا ئوقۇغاچقا ئىنكاس يېزىش قولايسىز بولۇپ قالغاچ ، دەردىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ جىممىدە چىقىپ كەتكەنىدىم . بۈگۈنكى مەن تونۇيدىغان تۇرغۇن مىجىتنىڭ ئىنكاسىنى كۆرۈپ ، كۆڭلۈمدىكى تۈگۈن يېشلدى .

مەيلى كىملا بولسۇن ، ئەدەبىيات كوچىسىغا قىزىقىش ئىچىدە قەدەم قويغانلارنىڭ ۋە ئىلگىرلەۋاتقانلارنىڭ قەلىمى ئۇتۇقلۇق بولسۇن !

ۋاقتى: 2016-3-14 18:01:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇئەللىم ،سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش