بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-26 01:41 PM
تۇرسۇنجان ھەسەن
كەسپىي غۇرۇر
(ھېكايە)
-مۇئەللىم سىزنى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە قالدۇرۇپ قويدۇق. يېقىندىن بىرى سالامەتلىكىڭىز ياخشى ئەمەس، شەھەردە قېلىپ ياخشىراق داۋالىنىۋالسۇن دېدۇق.
-ياخشى بوپتۇ، ئەمما، 29 يىل تولۇق ئوتتۇرىغا دەرسكە بەرگەن، 27 يىلىنى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا تەكرار مۇئەللىمى بولغان مەندەك بىر مۇئەللىمنى يوقىلاڭ باھابە-سەۋەپ بىلەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە قالدۇرۇپ قويساڭلار مۇۋاپپىق بولامدۇ؟
-سىزنىڭ خىزمەت مەسىلىڭىزنى كۆپ ئويلاشتۇق مۇئەللىم، يېڭى مەكتەپ رايۇنى ناھىيە بازىرىدىن 5 كېلومېتر يىراقلىققا جايلاشقان، ئەسلىھەلىرى يېڭىدىن سەپلىنىۋاتقان، قۇرۇلىۋاتقان مەكتەپ. دىيابېت كېسىلى ياخشى كۈتۈنۈشكە مۇھتاج، سىزنىڭ جاپا تارتىپ قېلىشىڭىزنى خالىمىدۇق، مەكتەپ راھبەرلىكى قايتا-قايتا مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق ئەسلىدىكى مەكتەپ ئورنىغا قۇرۇلىدىغان «قوش تىل تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتپى»گە قالدۇرۇشنى قارار قىلدۇق.
-مۇدىر، ماڭا كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە رەھمەت! قولۇمدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيەت كېنىشكىسى بار. يېڭى قۇرۇلغان مەكتەپ بولسا نېمە بوپتۇ، «يېڭى كۆلنىڭ سۈيى تاتلىق» دېگەن گەپ بار. مەن ئاخىرقى ھاياتىمنى ئوقۇغۇچىلار بىلەن يېڭى مەكتەپكە بېغىشلار نىيىتىم بار ئىدى. شۇڭا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلەي دېگەن.
-مۇئەللىم، مەن سىزنىڭ تۇنجى قارارلىق ئوقۇغۇچىڭىز، سىزنىڭ ئەمدى جاپا تارتىپ قېلىشىڭىزنى خالىمەيمەن. يېڭى مەكتەپ رايۇننىنىڭ قۇرۇلۇش، ئوقۇتۇش ئىشلىرى ھەقىقەتەن جاپالىق، يېشىڭىزمۇ 50 تىن ئېشىپ قالدى، سىز ياخشى كۈتۈنۈشكە، داۋالىنىشقا مۇھتاج. ياخشى كۆڭلۈمنى چۈشەنسىڭىزچۇ؟
-تەڭتۈشلىرىمنىڭ ھەممىسى يېڭى مەكتەپكە سىز بىلەن كەتسە، مېنىڭ خىزمەت تارىخىمنى بىلىدىغانلار سىز بىللە كەتسە، مېنىڭ تۆھپىلىرىمنى بىلىدىغانلار سىز بىلەن بىللە كەتسە، يېڭىدىن كېلىدىغان مەكتەپ مۇدىرلىرى مېنى تۇنۇمىسا، چۈشەنمىسە، قولغا كەلتۈرگەن شان-شەرەبلىرىمنى بىلمىسە، قانداق قىلىمەن.
-مۇئەللىم، سىزنىڭ 20 نەچچە يىلدىن بۇيان ناھىيەمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىڭىزنى كىشىلەر ئۇنتۇپ قالمايدۇ. مەنىلىك ئۆتكەن ھاياتىڭىزنى، قولغا كەلتۈرگەن شان-شەرەبلىرىڭىزنى خەلق ئۇنتۇپ قالمايدۇ، خاتىرخەم بولۇپ، مۇشۇ مەكتەپتە قېلىۋېرىڭ.
- ئۇكام، بىزدە «ئابروينى ئالتۇنغا سېتىۋال» دېگەن گەپ بار. مەن ئۆزۈمنىڭ يۈز-ئابرويىنى تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىدا، ئوقۇش پۈتتۇرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسىنى ئۆتۈش، كونسۇلتاتسىيە قىلىش، قىيىن، مۇرەككەپ نوقتىلارنى ئاددىيلاشتۇرۇپ بېرىش، ئىلمىي ئۆگىنىش ئۇسۇلى ئارقىلىق يېتەكلەش، ئۇلارنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش ئىشلىرىغا ياردەملىشىش، ئۇلارغا نوقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنى تۇنۇشتۇرۇش ئارقىلىق تىكلىگەن. مەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە تىلكىگەن ئىززەت-ئابرويۇمدىن ئايرىلىپ قالسام قانداق بولىدۇ؟
-مۇئەللىم، سىز ناھىيەمىز خەلقى ئارىسىدا ئۇستازلىق ئوبرازىڭىزنى تىكلەپ بولغان ئادەم. ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋانىڭىزمۇ بار. سىز قايسى مەكتەپتە ئىشلىمەڭ، ئىززەت-ئابرويىڭىزغا تەسىر يەتمەيدۇ. سىزنى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە قالدۇرۇپ قويغىنىمىز سىزگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگىنىمىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
-راست گەپنى قىلسام، مېنىڭ كەسپىي غۇرۇرۇم، دۇنيا قارىشىم، كىشىلىك قەدىر-قىممىتىم، پېداگوگىلىق ماھارىتىم، دەرىجەمنى تۈۋەنلىتىپ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلىشىمگە يول قويمايۋاتىدۇ. مەن خىزمەتكە قاتناشقان كۈنۈمدىن باشلاپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە دەرس بەردىم. يۈرەك قېنىمنى تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن سەرىپ قىلدىم. مېنىڭ تەقدىرىم تولۇق ئوتتۇرا مائارىپى بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن. شۇڭا، يېڭى مەكتەپنىڭ شارائىتى جاپالىق بولسىمۇ، جاننى سېلىپ بېرىدىغان ئىش بولسىمۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلەيمەن.
-مۇئەللىم، ئىرادىڭىزگە قايىلمەن. سالامەتلىكىڭىزنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى چىرايىڭىزدىن چىقىپ تۇرىدۇ. يېقىندىن بۇيان كۆرىنەرلىك ئۇرۇقلاپ كەتتىڭىز، چىشلىرىڭىزمۇ شالاڭشىپ كەتتى، كۆزۈمگە ماغدۇرسىزلا كۆرىنىسىز، سىزنى بىللە ئېلىپ كەتمەك تەس ئەمەس، يېڭى مەكتەپ رايۇنىغا بېرىپ-كېلىشتە قاتناشتىن، گاھىدا تاماقتىن، جىددىي پەيتلەردە داۋالىنىشتىن قىينىلىپ قالىسىز...
-ئۇكام، نېمە بولسام بولۇشقا رازى، مېنى خىزمەتداشلىرىمدىن، دەرسىمنى ئاڭلايدىغان ئوت يۈرەك ياشلىرىمدىن، مېنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىپ تۇرغان دەرس مۇنبىرىمدىن ئايرىماڭ.
-مۇئەللىم، يوقۇرىدا دېگىنىمدەك سىزنىڭ خىزمەت مەسىلىڭىزنى قايتا-قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق چىقارغان قارار ئىدى. ئوقۇتقۇچىلاردا كەسپىي غۇرۇر بولۇش كېرەك، ئەمما، ئۆزىنى ئاسرايدىغان. ئۆزىگە كۆيۈنىدىغان، ئۆزىگە مەسئۇل بولىدىغان ئىدىيىۋىي خاھىشمۇ بولۇش كېرەك.
-ئۇكام، ئوقۇتقۇچىدا كەسپىي غۇرۇر بىردەمدىلا شەكىللىنىپ قالىدىغان ئۆتكۈنچى ھېسسىيات ئەمەس، بۇ ئۇزۇن مەزگىللىك خىزمەت ئەمىلىيىتى جەريانىدا ئۆزىنى بېغىشلاش ئارقىلىق يېتىلىپ چىقىدىغان قىممەتلىك روھ. مەن ئۆزۈمنى ناھىيەمىزنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىغا بېغىشلاپ تارىملىقنىڭ ئەۋلادىدىن 3000 نەپەر ياراملىق ئىختىساس ئىگىسىنى تەربىيلەپ چىقىشنى كۈڭلۈمگە پۈكۈپ مۇنبەرگە چىققان...
-مۇئەللىم ئۇلۇغۋار غايىڭىز مېنى قايىل قىلدى. گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرىڭىزنڭ يېڭىدىن ۋېۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلماقچى بولغان «قوش تىل تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپى»دىمۇ تولۇق ئىشقا ئاشۇرالايسىز. ئەڭ ياخشىسى تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇپ، مۇشۇ مەكتەپتە قېلىڭ.
-ئۇكام، مېنى بىللە ئېلىپ كەتمەمسىز؟
-ھازىرقى مائارىپ تېنى ساغلام، زامانغا ماسلىشالايدىغان، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلىيەلەيدىغان، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىشقا ئىنتىلىدىغان ياشلارغا مۇھتاج. كۆڭلىڭىزگە كەلمىسۇن، سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىز يېڭى مەكتەپ رايۇنىنىڭ مۇھىتىغا ماس كەلمەيدۇ.
مەن مۇدىرنىڭ ئىشخانىسىدىن كۆزلىرىم نەمدەلگەن ھالدا يېنىپ چىقتىم. قۇلاق تۈۋۈمدە قايسىدۇر بىر شائىرنىڭ:
شوراپ بولۇپ شىرنەڭنى ياتلار،
تاشلاپ بەردى ماڭا شۈپۈكتەك.
دېگەن مىسرالىرى جاراڭلايتتى. 20 نەچچە يىللىق ھاياتىمنى ئۆتكۈزگەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يېڭى مەكتەپ رايۇنىغا كۆچۈرۈلۈپ كېتىشى، مەن ئىشلەۋاتقان مەكتەپنىڭ «قوش تىل تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپى»گە ئۆزگەرتىلىشى ناھىيەمىزدىكى مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ تۈپ يۈزلىنىشى ئىدى.