يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 223|ئىنكاس: 1

ئالىم ياسىن:ئۇيغۇر خەلىق قوشاقلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-26 01:43 PM  


                                                          ئۇيغۇر خەلىق قوشاقلىرى

    ئۇيغۇر خەلىق قوشاقلىرى خەلىق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىۋى قىسمى بولۇپ، شۇ دەۋىر كىشىللىرىنىڭ مۇھەببەت-نەپرەتلىرىنى ،گۈزەل تىل شەكلى بىلەن بايان قىلىپ كىشىلەردە قىزغىن ھېس-ھاياجان قوزغايدىغان بىر خىل شىېئرى شەكىل بولۇپ،يېقىنقى بىر مەزگىل ئىچىدە بۇ شەكىل بىز ئاز سۇسلاپ قالدى.مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن يۇرتىمىزدىكى بىر نەچچە كىشىنىڭ ئەل ئارىسىدا  ساقلىنىپ قالغان،ئۆزلىرى ئېغىز تىلىدا ساقلاپ قالغان مۇھەببەت ھەققىدىكى قوشاقلىرىنى خاتىرلەپ،رەتلەپ چىقتىم.يولداشلارنىڭ ئوقۇپ پايدىلىنىشىنى،سەمىمىي تەكلىپلىرىنى بىرىشلىرىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

1
تۆمۈرنىمۇ تېشەركەن،
مېسكەچىنىڭ قايچىسى.
يارىمغا خەت ئەۋەتسەم،
ئوقىۋاپتۇ ئاچىسى.
2
مەن بازارغا بارمايمەن،
ھەرگىزمۇ سەھەر ۋاقتا.
يارىم كېلىدۇ چوقۇم،
كۆزلىرى مۇشۇ ياقتا.
3
ئوڭ يۈزىدە يارىمنىڭ،
مېڭى باركەن ئەمەسمۇ.
كەتكىلى تاس قاپتىمەن،
گېپى باركەن ئەمەسمۇ.
4
ھاۋا تۇتۇلۇپ تۇيۇقسىز،
يامغۇر ياغدى شارقىراپ.
مەن يار بىلەن ئولتۇرسام،
ئانىسى كەپتۇ ۋارقىراپ.
5
ئۇيان ئۆتتۇم نەچچە رەت،
بۇيان ئۆتتۇم نەچچە رەت.
ساڭا كۆيۈپ قاپتىمەن،
بولساڭمۇ يار شۇنچە سەت.
6
يارىم كىلىڭ يېنىمغا،
مەن سىرىمنى دەپ بېرەي.
بىرنى سۆيۈپ قويسىڭىز،
چاقماق ياغلىق ئېپ بېرەي.
7
دەريا بويىدا ھارۋا،
پاتقاققا پېتىپ قاپتۇ.
مېنىڭ يايرىم كېچىچە،
چۈشۈمگە كىرىپ قاپتۇ.
8
كۆلچەك بويىدا تۇرۇپ،
تاش ئاتسام چۆكۈپ كەتتى.
سۇغا چىققان قىزچاققا،
قاش ئاتسام قېچىپ كەتتى.
9
مەھەللەمدىكى دەرەختە،
سايراشماقتا شوخ قۇشقاچ.
ناخشا ئېيتىمەن كۈندە،
مەنمۇ يارنى سېغىنغاچ.
10
ئالا قويمۇ بىزنىڭكى،
قارا قويمۇ بىزنىڭكى.
خۇدا قوشقان قۇپتىمەن،
قىزىل يۈزلۈك قىزنىڭكى.
11
چالاي دىسەم دۇتتارنى،
ئۇزۇلۇپتۇ تارى يوق.
ئوتىدا كۆيۈپ يۈرسەم،
توۋا يارنىڭ كارى يوق.
12
چېنە كۆتۇرۇپ چىقتىممەن،
بازار ئارىلاپ لەڭپۇڭغا.
جۇپ كۆزۈم چۈشۈپ قالدى،
بىر قىزچاققا سەيپۇڭغا.
13
بازاردىكى تۇخۇمنىڭ،
غېچ ھەممىسى بوياقلىق.
چۈشۈپ قاپتۇ تۈنۈگۈن،
يايرىم بەرگەن قول ياغلىق.
14
يېڭى خەۋەر ئاڭلىدىم،
رادىئودىن،زوۋۇكتىن.
نىمە ئىشكىن بىلمىدىم،
ئاي مارايدۇ تۇڭلۈكتىن.
15
يېزىلارنى ئارىلاپ،
بۈگۈن ھاكىم كەپتۇمىش.
يارىم سۆيگەنلىگىمنى،
ئانىسىغا دەپتۇمىش.
16
يايرىم كەشتىگە ئۇستا،
دائىم ياغلىق توقۇيدۇ.
ئەگەر مېنى سېغىنسا،
دائىم ناخشا ئوقۇيدۇ.
17
مەن يارنى كۆرۈپ قالدىم،
ئارتىۋاپتۇ ئاق شارپا.
ئارقىسىغا چۈشكەنتىم،
قايرىلدى ئۇ بەك ئاستا.
18
قۇربان ھېيىت كۈنىدە،
پاقلان گۆشى يىدۇق بىز.
توي قىلىشنىڭ ئىشىنى،
ھەممىسىگە دىدۇق بىز.
19
خوشنىمىزنىڭ چوڭ قىزى،
بېرىلىپتۇ ئەڭلىككە.
ئاخشام بارسام يايرىم يوق،
يېنىپ كەلدىم تەڭلىكتە.
20
قويلارنى ئېلىپ ماڭدىم،
جاڭگالدا باقاي مەن دەپ.
قىزىل گۈل ئېلىپ كەلدىم،
يار ساڭا تۇتاي مەن دەپ.
21        
چوڭ يولغا قاراپ باقسام،
توپلەي كەشنىڭ ئىزى بار.
يۈرۈگۈمدەك سۆيگۈدەك،
ھاشىم تازنىڭ قىزى بار.
             22
يامغۇرلار تولا يېغىپ،
بۇ يوللار پېتىق بولدى.
مەن يار بىلەن سۆزلىشىپ،
گەپ-سۆزلەر ئوچۇق بولدى.
23
باققا كىردىم مېۋە دەپ،
يېنىپ چىقتىم غورا يەپ.
مەن سېنى ماراپ يۇرسەم،
تاراپ كەتتى تولا گەپ.
24
ئالما ساتقىلى چىقسام،
قىزىلىنى خىللايدۇ.
يارغا قاش ئېتىپ قويسام،
يەرگە قاراپ تىللايدۇ.
25
باغچىلايۇ باغچىلار،
بىز ئوينىغان باغچىلار.
تويىمىزنى قىلايلى،
كۈن بەرمىدى غالچىلار.
26
مەن ئۆيۈڭنىڭ كەينىدىن،
كۈندە نەچچە ئۆتتۇممەن.
سىرتلارغا چىقمامسەن،
سېغىنىشتا كۈتتۈممەن.
27
يار يۈزىگە ئارتىپتۇ،
ئەتلەس ياغلىق پەرەنجە.
كۆرسەتمەيدۇ يۈزىنى،
باردىمۇ يا ھەرەمگە.
28
تۈن كېچىدە خەت يازدىم،
سەن يارىمنى سېغىنىپ.
ئەتە ئاخشام چىقمامسەن،
سۆيىۋالاي بىر قېنىپ.
29
ھايۋانلارنىڭ ئىچىدە،
تۇلكە بەكمۇ ھېلىگەر.
ئېيتىۋالسام سۆزۇمنى،
يايرىم قاچان كېپ كېتەر.
30
كاۋىلاريۇ كاۋىلار،
زەپ ئوخشىغان كاۋىلار.
بىزگە ئارام بەرمىدى،
بىكار تەلەت لالمىلار.
31
ئېشەك قوشتۇم ھارۋىغا،
ئىشلەش ئۈچۈن ئېتىزغا.
مەن راستلا ككيۈپ قالدىم،
ئەمەت تازنىڭ  قىزىغا.
32
بىر قىز كەپتۇ شەھەردىن،
ئەتە-ئۆگۈن كېتەرمىش.
سوراپ باقسا باشقىلار،
چېچى بارغا تېگەرمىش.
33
بۇغداي ئۇنى قالماپتۇ،
ئوماچ ئەتتۇق قازاندا.
بۈگۈن يايرىم چىقماپتۇ،
قايتىپ كەلدىم ئارماندا.
34
قىش-ياز ئوزۇق يىغىدۇ،
توختىماستىن چۆمۈلە.
مېنى ئۆزىگە رام قىلغان،
چېچى قارا،بۇدۇرە.
35
بوۋاي كەسلەر ئوتۇننى،
موماي ئېتەر تاماقنى.
ئىزدەپ كېتەر يالغۇز قىز،
سۆيگەن يارى ئاۋاقنى.
36
ئۈرۈمچىدىن كەلگۈچە،
ئاقسۇدا قونۇپ قالدۇق.
ئويناپ يۈرەر ئايشەمگۈل،
بىز ئۇنى تونۇپ قالدۇق.
37
بىر باققا تېرىپ قويدۇم،
زاغۇن بىلەن قىچىنى.
تاللاپ سۆيگەن شۇ يارىم،
كەستۈرۈپتۇ چېچىنى.
38
سېتىۋالدۇق تىراكتۇر،
ئالدى چاقى پەس ئىكەن.
تاك-تاكچىنىڭ دەستىدىن،
كۈن ئالماقمۇ تەس ئېكەن.
39
سۇ تۇتقىلى چىقتىممەن،
ئوت ئالغىلى چىقمامسەن.
بەلگە بىرىپ ناخشاڭنى،
زىل ئاۋازدا ئېيتمامسەن؟
40
ئالتىنجى ئايدا تۇگەتتۇق،
ئوتاق بىلەن ئومىنى.
لەززەتلىنىپ يىدىممەن،
يايرىم بەرگەن مومىنى.
41
كېۋەز  تىرىسەن كۈندە،
بېلەكلىرىڭ تالمامدۇ؟
ئالما ئاتىسەن دائىم،
خەقلەر كۆرۈپ قالمامدۇ؟
42
ناخشا ئوقۇپ ئوتىسەن،
مەھەللەمدىن ھەر كۈنى.
سېغىندى دەپ بىلدىممەن،
خەقلەر بىلمىسۇن بۇنى.
43
ئاۋۇ دۆڭنىڭ ئۇيزىدا،
پىشقان قوغۇن بىزنىڭكى.
ئوتى بەكمۇ يامانكەن،
قىيا باققان قىزنىڭكى.
44
كۈندە سەھەر يىغىدۇ،
ھەممىمىزنى ئەترەتكە.
سۆيەي دېسەم يارىمنىڭ،
يۈزلىرى گاڭ تەمرەتكە.
45
مەن ئېتىمنى قوشتۇممەن،
قىزىل گۈللۈك مەپىگە.
يايرىم بەلەە بىرىپتۇ،
كۆرۈشۈشكە ئەتىگە.
46
ساقلاۋەرسەم چىقمىدىڭ،
بىر كۈن تۇرسام مەلەڭدە.
ئامالىم يوق قايتتىم،
ئۆيۈمگە مىڭ ئەلەمدە.
47
سېنى دائىم سېغىنىپ،
يۈرۈگۈم يارا بولدى.
ھەر كۈنى ئۆيدىن قېچىپ،
يۈزۈممۇ قارا بولدى.
48
كۆكتىن تۈگۈپ چۆچۈرە ،
يار تۇتۇپتۇ يېڭىلىق.
ئىشتىھادا يىدىممەن،
يارنىڭ سۆيگىنى ئېنىق.
49
بۈگۈن تېرەك باشىدا،
قاغا ھەجەپ سايرايدۇ.
يار كېلەمدىكىن ياكى،
يۈرەكمۇ جىم ياتمايدۇ.
50

يىگىتلەرگە دورىكەن،
ئەركەك قوينىڭ جىگىرى.
يارىم مىنگەن تۈلۈننىڭ،
يېشىل ئېكەن ئىگىرى.


توپلاپ رەتلىگۈچى-ئالىمجان ياسىن.پەيزاۋات ناھىيە يېزا ئىگىلىك ماشىنىللىرى ئىدارىسىدىن.تېلىفۈن:13579071133
ئېيتىپ بەرگۈچى-ئوسمان ئابلەز.پەيزاۋات ناھىيە قىزىلسۇ يېزا بەشتام كەنىت 3.مەھەللىدىن. 67ياش.
                  قۇۋانخان نۇر.پەيزاۋات ناھىيە قىزىلسۇ يېزا بەشتام كەنتىدىن،  54ياش.

باھا سۆز

خەلىق -خەلق...  ۋاقتى: 2016-2-26 08:37 PM
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش