بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-26 05:17 PM
بارمىقىنى شۈمىۋاتقان بالا
پولات ۋىلاخۇن ئىلى
بارمىقىنى شۈمەۋاتقان بالا،
ئۇنتۇلغان بار دۇنيا.
ئۇ ياشايتتى شۇنداق شېرىن
شۇنداق لەززەت قوينىدا.
بارمىقىنى شۈمەۋاتقان بالا،
سېڭىپ كەتكەن ئۇ بارمىقىغا.
بارمىقىنى قويۇپ بەرگۈسى يوق زادى،
بالا ياشايتتى ئۆز دۇنياسىدا.
بارمىقىنى شۈمەۋاتقان بالا،
تۇپراقنى يېرىپ چىققان مايسىدۇر گويا.
چېھرىسىدە ئاينىڭ كۈلكىسى،
ئۇنىڭغا ھەرۋاقىت تەبىئەت ھەمراھ.
بارمىقىنى شۈمەۋاتقان بالا،
بارمىقىنى كۆرسىتەر ئاداشلىرىغا.
سۈزۈلگەن بارماق گويا ئانا ئەمچىكى،
چوڭقۇرمېھىر بار قاراشلىرىدا...
بارمىقىنى شۈمەۋاتقان بالا،
ئۇ ياشايتتى ئۆز دۇنياسىدا...
2014-يىلى 13-ماي يېزىلغان
|