بۇ يازمىنى ئاخىرىدا -مېھرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-26 11:42 AM
بۇ كېچە
پەرىدە ئىسمايىل مېھرى
بۇ كېچە
ئۆلۈۋاتامدىم؟
ئۆلىۋاتىمەن ...
روھىم ئۇزاپ مەندىن سەنگىچە.
بۇ كېچە
بەلكى ماڭا قىلىنغان سۈيقەست __
زەھەر خۇمارى ئۇ سېغىنىش دېگەن،
قۇلاق مىڭەمنى دەم تارتىپ يىگەن،
ھەۋۋا ئانامنىڭ دېگىنى دېگەن.
بۇ كېچە
خالىغانچە چاييقىۋال چاڭقاپ،
ئوتلىرىڭدا تىلغىۋال تىغلاپ،
خوش قېنى ئىچىۋەت مېنى ،
دەردىڭنىڭ دەردىدە قالغان سۆيگۈدە ،
كۆتۈرۈپلا گۈپپىدە ئوتلاپ.
جاھان تاڭدىن چىققاندەك ،
تاڭدىن قوياش چىققاندەك،
جانان چىقسۇن سېنىڭ ئىچىڭدىن.
بۇ كېچە
مۇڭدىشىمىز تېخى تاڭغىچە
تاڭمۇ ئاتار ئاڭغىچە
ناخشىسىدا شىلدىرلاپ ھىجران.
2016-كۈنى 26-فىۋرال (ئاتۇش)
|