كىتەر بولدۇم سەندىن يىراقلاپ
-ئىزچى
بارماقتىمەن يىراقلاپ سەندىن،
شۇڭغىغاندەك چۈشلەر قوينىغا.
يوللار بۇيى ئاق تېرەكلەردە،
چىقماستىنلا يېڭىدىن نوتا.
تۇنۇش باغلار قالدى ئۇزىتىپ،
بىر چاغلاردا ئىزلىرىم قالغان.
يەنە خىلۋەت چىغىر يوللارنى،
سۇس تۇمانلار قۇچاقلاپ ئالغان.
ئاھ، ھەممىنى ئۇنتۇش كېرەكمۇ؟
كۈلۈمسىرەپ تۇرسا سىمايىڭ.
كىتەلەيتىم قۇتۇلۇپ قاچان؟
ماڭا بەرگەن مېھرىڭدىن سىنىڭ.
ماڭماقتىمەن غەمكىن يوللاردا،
ئاجىزغىنە ئۇرار شىىۋىرغان.
ئويلىماسقا تىرىشتىم لىكىن،
ئېسى-يادىم سەندىلا قالغان.
2016-يىلى25-فېۋرال
|