ئۈرۈمچىدىن باشلاندى سەھەر
ئابدۇقەييۇم غېنى كۆكيال
شۇنچە ئۇزاق سۈكۈتتىن كېيىن،
ئۈرۈمچىدىن باشلاندى سەھەر.
جان ئالغۇچى گۈللەر سۈرىدە
ئويغا تولۇپ ياتار بۇ شەھەر...
پويىزدىكى مىسكىن غېرىبلىق،
توزۇپ كەتتى تۇرۇپلا جىمجىت.
يورۇپ كەتتى ھەممە كۆز بىردىن
كەلمىگەندەك بۇيەرگە ...ئېسىت...
ۋاگوندىكى ئوي–خىياللارنى،
ئۇنتالمايدۇ مەڭگۈ يۈرىكىم.
ۋوگىزالدىن چىقساقلا ئەمما
تونىمايدۇ ھېچكىمنى ھېچكىم.
بەلكى شۇنداق دۇنيامۇ، ھەممە،
تونۇشلاردىن كۆپتۇر ناتونۇش.
تونۇشۇش ئۇ ئۇزاق بىر جەريان
ئەمما ئاسان بولۇش ناتونۇش...
2016/02/25 تۇرپان
|