بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئوسمانجان زۇنۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-26 01:53 AM
ھېيىتگاھدىكى مايلامچى بالا
ئوسمانجان زۇنۇن لاۋا
«-ئاكا، ئاكا
مايلاپ بىرەيچۇ
ئاياغلىرى توپا بوپ قاپتۇ.»
تەبەسسۇمى چېچىلدى نۇردەك،
يۇزلىرىمگە كۈلكە ئۇندۇرۇپ.
ئورۇندۇققا چىللىدى مىنى ،
ئەشۇ ئىللىق تەبەسسۇم يۈرەك.
بودۇرۇققىنا ئوماق قوللىرى،
چوتكىلاردا يازماقتا شېئىر
چېكىسىدىن تەپچىرەپ چىققان
دانە –دانە شەبنەم كۈيلىرى
گۈزەللىكنىڭ قوينىنى بىزەپ،
ئۇلغايتماقتا قەلبىمدە مېھىر.
ساڭا بەرگەن بەش يۇەن ئۈچۈن ،
كۆزلىرىنى ئالايتتى بەلكىم
يېنىڭدىكى ئاۋۇ تىلەمچى.
كۈلدى بەلكىم،
ئاسماندىكى ئويۇنچى كەپتەر.
كۈلدى بەلكىم،
ساڭا سايە تاشلاپ تۇرغان
چىنار شاخلىرىدىكى رەڭدار تۇمۇچۇق.
كۈلدى بەلكىم،
ھېيىتگاھنىڭ مەزمۇت مۇنارى.
ئالدىمدا ،
ئوماققىنە بىر بالا شېئىر يازماقتا.
ئەجرى بىلەن ،
مېھنىتى بىلەن ،
يۈرۈگۈمدىن مېھىر قازماقتا.
مەن،
ئارتۇق بىرەلمىدىم بىر يۇەن پۇلنى،
ئەمما،
يۈرۈگۈمنى تۆكۈپ بەرگۈم بار...
بۇ،
مىنىڭ پۇلۇمنىڭ يوقلۇقى ئەمەس،
پەقەت
ئۇنىڭ ۋىجدانىنى خار قىلغۇم يوق،بەس!
ھېيىتگاھدىكى مايلامچى بالا،
ئاياقلارغا يازماقتا شېئىر.
يۈرەكلەردىن قازماقتا مېھىر.
«رەھمەت!» دىدىم ،
ئالقانلىرىمغا
ئېلىپ بۇدرۇق بارماقلىرىنى.
كۈلۈپ قالدى سەدەپ چىشلىرى،
كۈلۈپ قالدى چىكىسىدە تەر.
كۈلۈپ قالدى بىر پارچە بۇلۇت،
ھېيىتگاھنىڭ ئاسمانلىرىدا .
مايلامچىنىڭ بۇدرۇق قوللىرى ،
قېلىپ قالدى ئالقانلىرىمدا.
2016 –يىلى 25 فېۋرال .قەشقەر
|