سېغىندىم
رەشىدەم مۇھەممەدجان
مەن باھارغا قېتىپ سېنى سېغندىم ،
يېلىنجىغاچ سېنىڭ ئوتۇڭ ھەر كۈنى .
توسالمىدى بۇنى تالاي تەسەللى ،
يامان ئىكەن سېغىنىشنىڭ كەلكۈنى .
ئىشىكىمنى قېقىپ كۈندە بىر شامال ،
ئەسلىمىلەر ئېلىپ كېلەر ياتقۇزماي .
سەھەر كاككۇك پېغان ئۇرۇپ سايرىسا ،
قانداق چىداي ياشلىرىمنى ئاققۇزماي ؟
باھاردا بىز قاناتلانغان ئەمەسمۇ ،
تۇيۇلغانتى جىمى بىزگە باشقىچە .
ۋىسال بىزگە ئۆمۈرلۈك دەپ ئويلىساق ،
پەسىل قىشى كەلدى داۋان ئاشقىچە .
مەھەللەمگە بىربىرىنى يېتەكلەپ ،
جۈپتى بىلەن قۇشلار ئۇچۇپ كېلىشتى .
توۋۋا دەيمەن ئىككىمىزگە مىسال بوپ ،
جىق ئىشلارنى يادىمىزغا سېلىشتى .
كەلمىسەڭمۇ ئاغرىنمىدىم سېنىڭدىن ،
ئەمەسكەنمىز قانىتى بار قۇش نەسلى .
سېغىنغاندا كاككۇك دەيمەن ئۈزۈمنى ،
ئاشىقلارنىڭ يولى ئىكەن تار ئەسلى .
باھار بىلەن ئەسكە سالدىڭ جىمىنى ،
تەلىيىمدۇر ئەسلىمىلەر بولغىنى .
باغلار كەبى تولغان بولساڭ خوشالمەن ،
چۈنكى ئۈزۈڭ باغنىڭ ماڭا تولغىنى .
ئارزۇ دېگەن قولۇڭ يەتمەس ئاي ئىكەن ،
پەسىللەرمۇ رايىڭ بېقىپ ئۆتمەسكەن .
بىر كۈن كۈلسەڭ ، ھەسرەتلىرى كۆرەلمەي ،
كۈندە ماراپ ئىشىكىڭدىن كەتمەسكەن .
2016- يىل 2- ئاينىڭ 25- كۈنى
|