قىشتىكى بىزارلىق
نۇرشات ئەنۋەر
ھېچكىم قالمىدى،
دەردلىرىمنى بەرگۈدەك تۆكۈپ.
(تۆككەن بىلەن كىممۇ ئاڭلىدى؟!)
شۇ خىلدا نويابىر كەتمەكتە ئۆتۈپ.
دېرىزىدىن ئازاپ يامرىدى،
ئاستا–ئاستا
چېھرىمدىن سۇسقىنە كۈلكەممۇ ئۆچۈپ...
سىرتقا قارىدىم:
بىر مۇدھىشلىق سۈرمەكتە ھۆكۈم،
قويۇق ئۆسكەن تۇمان ئىچىدە.
شۇندا ھاياتتىن
مەن باشقىچە چىقاردىم يەكۈن،
بىر–بىرىدىن خىيالىم زېدە...
كۈتكەنلەردىن كەلمىدى ھېچكىم،
كېتىشكە تېگىشلىك ھېچكىم كەتمىدى.
دۈپۈلدەيتتى مىسكىن يۈرىكىم،
گەپ–سۆزۈمدە بىزارلىق ھىدى...
ھەممىنى قىر–چاپ قىلماقچى ئىدىم،
ئەپسۇس،رەزىل ئەخلاق چەكلىدى...
خەيرىيەت،
قۇلىقىمغا شىۋىرلايتتى قىش:
بەلكى بۇمۇ يېڭى ئېرىشىش...
2015–يىل،28–نويابىر.