شېئىرىستاندىكى ئايال
ئەنۋەرجان ساۋۇت
ساراڭدەك تىلىقار تەلۋە ھاياجان،
ئۈژمەمنىڭ شېخىغا قونغاندا ھىلال.
مەسىت-ئەلەس چىقىدۇ شېئىرىستاندىن،
قەلب چوڭقۇرلىقىمدا تۈنىگەن ئايال.
مىسكىنلىك شېخىغا قونغان توموچۇق،
مارىلار كۆڭۈلنىڭ ئاراچلىرىدىن.
باھارنى بېرىمەن ،بارىمنى قويۇپ،
باغرىم ۋاك يېرىلار قاراشلىرىدىن.
كۆزىدە دېڭىزلار چايقىلار ھەيۋەت،
سابانىڭ كۈيى بار پىچىرلىشىدا.
پاتقاققا چۆككەندەك پۈتەر زۇۋانىم،
بىھۇشمەن قەلبىمنىڭ تىپىرلىشىدا.
بارمىقى تېنىمنى چۇۋۇيدۇ بىر-بىر،
سىماپتەك ئاقىمەن ئوماق لېۋىدە.
قىلىقى يۈرەككە چاچراتسا لاۋا،
بۇ جېنىم پاتمايدۇ مەجنۇن تېنىمگە.
ئىپارمۇ كەيىپ بوپ يېقىلار شۇئان،
خانەمنى يوقلىغان تىنىقلىرىدا.
ئاتومنىڭ ئىسىدەك ئۆرلەر قىززىق ھور،
كۆڭۈلنىڭ چاك كەتكەن يېرىقلىرىدا.
2016-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى، چاشەنبە.
|