كۆرۈش: 304|ئىنكاس: 8

كۆكيار: بالىلار شېئىرلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-25 07:16 PM  

بالىلار شېئىرلىرى

   ئەنقەر ئەيساجان كۆكيار

قار بوۋاي


ھوي ...
مەن ياسىدىم
مەن ياسىيالىدىم !
بۇ نۆۋەت ھەق ئۆز كۈچۈمگە تاياندىم .
دادا ـ ئاپا قاراڭلار!
ئەنە ئاۋۇ شۇ مەن ياسىغان قار بوۋاي...
قارنى قار بىلەن يەملىدىم،
ئىككى كۆزى ئىككى بۇدۇرۇق تۈگمە.
بۇرنىنى سەۋزە
كىچىك شاخ بولدى قۇشۇم قېشى كىرپىك كالپۇكى تاتلىققىنە،
ئارقىدىن قوللىرى ئىككى ئۇماق سۈپۈرگە...
...
مەن ئۇنى تۇرۇپلا ياقتۇرۇپ قالدىم،
ئىلىپ كىرگۈم كەلدى ئىسسىق ئۆيۈمگە.
ھەي كاشكى
يېغلىماس بولسا ئىدى ئۇ كىرگىنىدە
توڭلاپ قالـمىغاي،
بېشىمدىكى پوسمامنى كېيگۈزۈپ قوياي ،
ئۇچامدىكى چاپىنىمنى ھەم يەنە.
دېسەم ئاستاغىنە قولىقىغا پىچىرلاپ ئاندىن ،
ئۇنۇتما بىرگە ئوينايمىز جۇمۇ ـــ ھە ئەتە!
ئېھ سۆيۈملۈك قار بوۋاي ،
ساڭا شۇنداق مېھىر تۇغۇلدى سەبىئىي كۆڭلۈمدە ...



شەپەرەڭ


شەپەرەڭ شەپەرەڭ،
ئۆزۈڭدىن چوڭ كۆلەڭگەڭ
قانىتىڭنى ھەر كەرسەڭ ...
مەشغۇلسەن قاراڭغۇدا،
كۆزۈڭ كۆزۈڭدە ئەمەس قولىقىڭدا،
ئۆزۈڭدىن ھەيۋەڭ كىلەر ئالدىدا،
سۈرى بىلەن
دېسەم دېمىسەم
سەن ئۆزۈڭ خان تۈننىڭ قوينىدا ...
ئايىقىڭ تۈزۈك چىقمىغان چىغى بەلكىم ،
دەلدەڭ ـ دەلدەڭ دەلدەڭ ـ دەلدەڭ
دەرەخ ئۇيقۇ-ئارام كارىۋىتىڭ...
...
شەپەرەڭ شەپەرەڭ ،
ئۆزۈڭ كىچىك بىر دېۋەڭ .
سېنى سەن قىلىپ تۇرىدىغىنى،
ئاشۇ تۈندىكى،
قاپقارا سايەڭ.
ئۇچۇپ يۈرمە جۇمۇ كۈندۈزى ،
شەھەردە دەرەختىن
قەۋەت ـ قەۋەت بىنالار تولا،
ساڭا بولسۇن تەۋسىيەم .
بولـمىسا
ئۈسۈۋېلىپ بېشىڭ يارىسەن ،
ۋەيا شۇيەردىلا «خوش جېنىم » دەيسەن ...



شار پۈۋلەش



بۈگۈن
سېتىۋىلىپ مەن دۇكاندىن شارلارنى ،
بېرىپ ئۇلارغا كۆڭۈل ـ مېھرىمنى ،
بىرىنى پۈۋلىسەم «ئۇر توقماق »بولدى،
بىرىنى پۇۋلىسەم توپتەك .
بىرلىرى لامپۇچكا،ھاسا،قوڭغۇراق بولدى ،
قويۇپ بەرسەم يېنىپ كېلىدىغۇ دەپ
ئويلىسام
تۇرۇپ ،ئاسمان مەندىن قىزغاندى بولغاي،
تارتىۋىلىپ ئويۇننى بۇزدى ...
...
ئاخىرقى بىرى قالدى قولۇمدا
پۈۋلىدىم ئەمدى ئاستاغىنە
تۇيۇقسىز ئۇمۇ «پۇڭ » قىلدى
ئاپلا
تېپىڭلار دوستلار
ئۇ قېنى قېنى
نېمە بولدى ؟
...
دەرىستە
«گۈزەل بولۇر مېھىر بىلەن بار ھەممە»
دېگەندەك ئۆتۈلگەن ئىسىمدە
قىلامدۇ قانداق بەزىدە
مۇئەللىممۇ ئېزىپ يالغان گەپنى ...



سەھەردىكى مەنزىرە



ئاپتاپ-
شارنى بويلاپ،
ئاينى قوغلاپ،
بۇلۇتنى يالاپ،
تاغنى ئارلاپ،
زىمىن باغاشلاپ،
چىرايلىق پارلاپ،
ياندى باق
پاھ،نېمدېگەن گۈزەل-ھە،
سەھەردىكى مەنزىرە...
جىمى ئويغىنار،
ئىشىغا ماڭار،
يەردە قوڭغۇز-چۈمۈلە،
كۆكتە جۈپ-جۈپ قۇش،كەپتەر...
گۈلدىن-گۈلگە قونۇپ شۇمۈرسە شىرىن ھەرە،
قىزغىنار كېپىنەك تۇرۇپ بىر چەتتە...
خانقىز -ئەتلەس مەلىكە،
شەمنەم ئوينار ياپراق ئۈستىدە.
بىلىجان پىلتىق-پىلتىق كۆلدە،
ئانىسىغا بەك ئەركە...
بەرىكەت دەيدۇ ھەرىكەتتە،
ھەر يورىغان سەھەردە
شۇنداق ئەزەلدىن.
ئېغىر بىسىق قۇلۇلە سەنچۇ؟
چىقتىڭمۇ-چىقمىدىڭ ئۆيدىن
نېمىلەردە بولۇپ كەتتىڭ مەشغۇل- ئاۋارە...

2015-يىل 12-ئاي





باھا سۆز

«پۇڭ »-«پوڭ»...  ۋاقتى: 2016-2-26 12:41 AM
ئاپا-ئانا...  ۋاقتى: 2016-2-26 12:40 AM
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-26 11:51:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقىپتۇ.مەدەت.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-26 15:54:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىم ياسىن
رەھمەت ئاكا ياقتۇرۇپ ئوقۇغىنىڭىزغا .مەن يەنىمۇ ئىزدىنىمەن ۋە تېرىشىمەن تېخىمۇ تاتلىق ئىجادىيەتلەرنى قىلىشقا ئىشەنچىم بار تەلىم-پىكىر ،ئوپىراسسىيەنى ئايىمىغايسىز

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-26 16:08:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ABLAJAN.BOWAKI
رەھمەت ئاكا،بىلىۋالدىم . پىكىرلەرنى يەنىمۇ ئايىمىغايسىز

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-26 16:08:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ABLAJAN.BOWAKI
رەھمەت ئاكا،بىلىۋالدىم . پىكىرلەرنى يەنىمۇ ئايىمىغايسىز

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-26 16:08:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەنقەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-26 04:15 PM  
ABLAJAN.BOWAKI

. پىكىرلەرنى يەنىمۇ ئايىمىغايسىز.تېخىمۇ تېرىشىمەن تاتلىق بالىلار دۇنياسى ئۈچۈن  

ۋاقتى: تۈنۈگۈن 02:09 AM | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز ، ئامال بار بالىلار ئەسەرلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاددى چۈشىنىشلىك ئىپادىلىسەك، بەك مۇرەككەپ سۆزلەرنى يازساق بالىلارغا زىرىكىش ھىس قىلدۇرۇپ قويىمىز.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش