نۇر دانەم
پەرىدە ئىسمايىل مېھرى
يارغا ياردەك يىگانە،دىلغا تاراپ دىۋانە،
جانغا جاندىن تار ئېشىپ ، ۋەسلى شاراپ -مەيخانە.
يار قەلەندەر نېمە بار،ھەقنىڭ قېنى بەندىسى ،
تەلۋە ئىشق رەستىدە،مەن قەلەندەر جەندىسى .
قارا قارا قاپقارا،ئىككىمىزگە بىر ئارا،
شۇ ئاراغا كىم راۋا ، گۈل ئۇزارىم تىز تارا.
ئوتقا ئوتتەك كۆي ئۆزۈڭ،سۇغا سۇدەك دۈم ئۆزۈڭ،
نىمە بولساڭ شۇ بولۇپ،سول سىنەمگە چۈم ئۆزۈڭ.
ۋاقتى چالا بىر دانەم،نۇر شېخېمدا نۇر دانەم،
دەردۇ بالا ۋەيرانەم، ئىشقى ئاشىق پەرۋانەم.
2016-يىلى 25-فىۋرال (ئاتۇش)
|