كۆرۈش: 541|ئىنكاس: 21

نىجات سوپى: نۇزۇكۇم قەلبىمىزدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-24 09:47 PM  


نۇزۇكۇم قەلبىمىزدە

نىجات سوپى


      مەن يازغان «نۇزۇكۇمنىڭ قەبرىسى زادى نەدە؟» دېگەن يازمىغا جاۋابەن ئىبرەت ئەپەندى يازغان «نۇزۇكۇمنىڭ قەبرىسى "تاۋۇزلۇقتا"» ناملىق يازمىنى ئۈندىداردا كۆرۈپ چىقتىم. ماقالا پەقەتلا ئىلمىي پوزىتسىيەدە يېزىلماپتۇ. مېنڭ ماقالامدىكى مەزمۇنلارغا ئەمەس، بەلكى مېنىڭ شەخسىيىتىمگە ھۇجۇم قىلىنىپتۇ، مېنى مۇتىھەملىك بىلەن بولۇشىغا تىللاپتۇ. بۇنداق قىلىش ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس ئىدى.
     مەن مەزكۇر قەبرىنىڭ «تېپىلغانلىقى»، قەبرە تېشى تىكلەنگەنلىكلىرىنى خېلى بۇرۇنلا ئاڭلىغان ئىدىم. دەسلەپتە، ھەر ئىشنىڭ راست-يالغىنى ھامان بىر كۈنى بىلىنىدىغۇ دەپ قاراپ، ئانچە كارىم بولمىغان ئىدى. بۇ يىل 1-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئىلى ئوبلاستلىق مىللىي، دىنىي ئىشلار ئىدارىسىدا ئىشىلەيدىغان بىر ئوقۇغۇچىم: «مۇئەللىم، مۇشۇ ھەقتە جەمئىيەتتە ئىككى خىل كۆزقاراش بولىۋاتىدۇ. ئارائۆستەڭدىكى قەبرىنىڭ نۇزۇكۇمنىڭ قەبرىسى ئىكەنلىكىنى سىزمۇ ئىشەنمەيدىكەنسىز. شۇڭا، بىر ھەپتىدىن كېيىن مەن ئىككى تەرەپكە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىرقانچە كىشىنى بىر يەرگە جەم قىلسام، سىز شۇ كۈنى كېلىپ ئۆز كۆزقاراشلىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويسىڭىز، قارشى تەرەپمۇ ئۆز كۆزقارىشىنى ئوتتۇرىغا قويسا، مۇشۇ ئىشتا بىرلىككە كېلىۋالغان بولساق»، دېدى. مەن «بولىدۇ»، دېدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ ئىشقا ئەستايىدىل قاراپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پۇختا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ئىلىدىكى مۇشۇ ساھەگە ئالاقىدار بىرقانچە دوستۇمنى ئېلىپ، قورغاس ناھىيەلىك رادىيو، كىنو-تېلېۋىزىيە، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ رۇخسىتى بىلەن، كۈرە بازىرىغا بېرىپ، يېڭى كۈرەدىكى ئىلى جاڭجۈن مەھكىمىسى خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلدىم. بىز يېڭى كۈرە ۋە كونا كۈرەدىكى بىر قىسىم چوڭلار بىلەن سۆھبەتلەشتۇق، تارىخىي جايلارنى كۆردۇق. ئۈچىنچى كۈنى يەنە دوستۇم قۇربانجان ئابلىمىت نورۇزى بىلەن بىللە غۇلجا ناھىيە ئارائۆستەڭ بۇلاق بېشى مەھەللىسىگە بېرىپ، «نۇزۇكۇمنىڭ قەبرىسى» دەپ ئاتالغان قەبرىنى زىيارەت قىلدىم. بىز يەنە شۇ جايدىكى ئىككى پېشقەدەم بىلەن سۆھبەتلەشتۇق. ئاندىن قايتىپ كېلىپ ئالاقىدار يازما ماتېرىياللارنى داۋاملىق كۆرۈپ، بەلگىلەنگەن كۈنگە ئۈلگۈرتۈپ يازمىنى تەييارلىدىم. سۆھبەت كۈنى نېمىشقىدۇ قارشى تەرەپتىن ھېچكىم كەلمىدى، «قارشى تەرەپ مەيدانىدىن ۋازكەچتىمۇ نېمە؟» دەپ چاقچاق قىلدىم مەن سۆھبەت ئىگىسىگە. مەن كەلگەن مېھمانلارغا ماقالامنى ئوقۇپ بەردىم، ئالاقىدار سۈرەت ۋە سىن ماتېرىياللىرىنى كۆرسەتتىم، سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەردىم. كۆپچىلىكنىڭ خەۋەردار بولۇپ قېلىشى ئۈچۈن ئىككى كۈندىن كېيىن ئۈندىدار سالونى ۋە تور ئارقىلىق بۇ يازمىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن تور ۋە ئۈندىدار سالونلىرىدا بۇ ھەقتە بەزى تالاش-تارتىشلار بولدى. يېرىم ئايدىن كېيىن ئىبرەت ئەپەندىنىڭ جاۋاب يازمىسىمۇ چىقتى.
      مەن مېنىڭ كۆزقارىشىمنى ئاغدۇرىۋېتىدىغان پاكىتلار بارمىدۇر دەپ يازمىنى ئوقۇدۇم، ھەقىقەتەن مېنىڭ كۆزقارىشىمنى ئاغدۇرىۋېتىدىغان تارىخىي پاكىتلار بولسا مەن ئېتىراپ قىلاتتىم. ھېلىمۇ شۇنداق پاكىت تېپىلسا، مېنىڭ قارىشىمنىڭ خاتالىقى ئىسپاتلانسا، مەن يەنىلا ئاڭلىق، ئىلمىي يوسۇندا قوبۇل قىلىمەن، ئەلۋەتتە. ئەپسۇس، بۇ يازمىدىن مېنىڭ كۆزقارىشىمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچبىر دەلىل تېپىلمىدى. ئەكسىچە، ئىبرەت ئەپەندىنىڭ بىكاردىن ئادەم تىللايدىغان، تېما بىلەن ئالاقىسىز مەزمۇنلار ئارقىلىق سۆز ئويۇنى قىلىدىغان، گەپ يورغىلىتىدىغان قۇرلىرىنىلا كۆردۈم.
       جەمئىيەتتە قانچە قالايمىقانچىلىق بولسا شۇنچە خۇش بولىدىغان بىر قىسىم سالونچىلار ئۇنىڭ يازمىسىنى «سالونىمىزنىڭ كۈچلۈك تەۋسىيەسى» دەپ تارقاتتى. مەن ئۇلارنىڭ بىرىنى قانۇن نۇقتىسىدىن ئاگاھلاندۇردۇم. ئەمما ئۇلار بۇياقتىن ماقۇل دەپ قويۇپ، ئۇياقتىن يەنە بىر سالوندا ئېلان قىلىۋەردى. مەن بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، تىل-ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى، رەھبىرىي كادىر، دۆلەت بەرگەن دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىم بار. مەن بۇ ئۇنۋانلارنى كوچىدىن تېپىۋالمىدىم، ئىلگىرى-ئاخىر 25 يىل مەكتەپتە ئوقۇپ ئالدىم. بۇ نەتىجىلىرىمنى جەمئىيەت، ھۆكۈمەت ئېتىراپ قىلدى. ھەقىقىي ئىلمىي نەتىجىلىرىم بىلەن دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇكاپاتىغىمۇ ئېرىشتىم. دەل مۇشۇ كۈنلەردە مەن يەنە خۇددى خەلقىم ماڭا مەدەت بەرگەندەك ئىلى ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت، پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن بېرىلگەن 2-نۆۋەتلىك «ئىلى ئەدەبىيات-سەنئەت مۇكاپاتى»غا ئېرىشتىم. ئەگەر شۇ تاپتا مېنىڭ جەمئىيەتتە، ئوقۇغۇچىلىرىم، كەسپداشلىرىم ئالدىدا تىكلىگەن كىشىلىك ئىززەت-ئابرويىم مۇشۇ يازما سەۋەبىدىن زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، مەن بىر پۇقرا بولۇش سۈپىتىم بىلەن قانۇن يولى ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ ئىززەت-ئابرويۇمنى قوغداشقا ھەقلىق ئىدىم، ئەلۋەتتە.
      مەن مۇشۇ يازما سەۋەبىدىن جەمئيەتتىكى يۈز-ئابرويۇم تۆكۈلۈپ كېتەرمۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم، لېكىن ئۇنداق بولمىدى. دەسلەپ بىر مۇنچە كىشىلەر ئۈندىداردا قىزىقىپ شۇ يازمىنىڭ باش قىسمىنى كۆرگەن بولسىمۇ، كېيىنكى قىسىملىرىنى كۆرىدىغانلار بارغانسېرى ئازلاپ كەتتى. شۇ يازمىنى تارقاتقان بىر سالونچى مەلۇم ئىلىم-مەرىپەت توپىدىن قوغلاندى. دوستلىرىم تەرەپ-تەرەپتىن تېلېفون قىلىپ، مېنى چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى، كىشىلىك ئىززەت-ھۆرمەتكە ھۇجۇم قىلىشقا تاقابىل تۇرىدىغان ئالاقىدار قانۇنىي تەرتىپلەر ھەققىدە مەسلىھەتلەر بەردى. ئىلىدىكى پېشقەدەم يازغۇچى، شائىرلارنىڭ بىرى، سابىق ئىلى ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەت بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، ئىككى نۆۋەتلىك ئىلى ئەدەبىيات-سەنئەت مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى، ئۆزىنىڭ گۈزەل ئەخلاقى، كەمتەرلىكى بىلەن ئەل ئىچىدە كۈچلۈك ئىناۋەت، نوپۇز تىكلىگەن ھۆرمەتلىك ئاكىمىز تۇرسۇنمۇھەممەت ئىمىن ماڭا ئالاھىدە تېلېفون قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ يازمىنى ئوقۇپ كۆڭلى ناھايىتى يېرىم بولغانلىقىنى، ئىبرەت ئەپەندىنىڭ ئۆز ھايات سەرگۈزەشتىلىرىدىن ئىبرەت ئالماي، مۇشۇنداق بىر يازمىنى يازغىنىدىن قاتتىق غەزەبلەنگىنىنى، مېنىڭ بۇ ئىشقا قارىتا سالماق بولۇشۇمنى، سەبىر قىلىشىمنى، جاۋابەن بىر نەرسە يېزىشقا ئالدىرىماسلىقىمنى، ئەمەلىيەتتە بۇنداق يازمىلارنىڭ جاۋاب يېزىشنىڭمۇ زۆرۈرىيىتى يوقلىقىنى، ۋاقىتنىڭ ھامان ھەممىنى توغرا ئايرىپ كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە ئۆزىنىڭ مېنى نۇزۇكۇم ھەققىدە يەنىمۇ كۆپ ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭمۇ ئارائۆستەڭدىكى قەبرىنى نۇزۇكۇمنىڭ قەبرىسى دەپ قارىمايدىغانلىقى، چۈنكى جۇغراپىيەلىك نۇقتىدىن بۇ جاي نۇزۇكۇمنىڭ قېچىش، مۆكۈش، تۇتۇلۇش، چېپىلىش يۆنۈلۈشلىرىگە ھېچ توغرا كەلمەيدىغانلىقى، بۇ لاي گۈمبەزنىڭ ئۇنچىلىك ئۇزۇن تارىخقىمۇ ئىگە ئەمەسلىكى، چۈنكى ئىلىنىڭ قار-يامغۇرى كۆپ نەم ھاۋاسىدا، بىر قومۇشلۇق كۆلنىڭ بويىدا بىر لاي گۈمبەزنىڭ 200 يىلغا يېقىن ساق تۇرالمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

      ئىلىدىكى ئاتاقلىق تارىخ تەتقىقاتچىسى پولات بۇرھان ئاكىمۇ ئارائۆستەڭدىكى قەبرىنى نۇزۇكۇمنىڭ قەبرىسى دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ بۇ ھەقتىكى باشقىچە كۆزقارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «قائىدە بويىچە، مۇسۇلمانلاردا ئاياللارنىڭ قەبرىسىگە ئايرىم گۈمبەز تىكلەنمەيدۇ، ئېرى ياكى ئەر قېرىندىشىغا گۈمبەز تىكلەنسە، ئايالنىڭ قەبرىسى شۇنىڭ يېنىغا قويۇلىدۇ. ئارائۆستەڭدىكى قەبرىنى ئايالنىڭ قەبرىسى دېيىش ھەرگىز پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ»، دېدى. قورغاس ناھىيە كۈرە بازىرىدىكى بىر قىسىم ياشلار ۋە پېشقەدەملەر تېلېفون ۋە ئۈندىدا ئارقىلىق نۇزۇكۇمنىڭ قەبرىسى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى يەتكۈزدى. «ھەر ئىشنىڭ بىر خاسىيىتى بار» دېگەندەك، قارىغاندا، بۇ ئىش مېنىڭ بۇندىن كېيىن موللا بىلال ۋە ئۇنىڭ «نۇزۇكۇمنىڭ قىسسەسىدۇر» قاتارلىق ئەسەرلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرىمنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشۇمغا تۈرتكە بولىدىغان ئوخشايدۇ.
       ئىبرەت ئەپەندىنىڭ يازمىسىدىن نۇزۇكۇمنىڭ قەبرىسىنىڭ كۈرەدىن ئارائۆستەڭگە قاچان يۆتكەلگەنلىك ياكى ئۇنىڭ كۈرەدە ئەمەس، بەلكى ئارائۆستەڭدە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچبىر پاكىتقا ئېرىشەلمىگەن ئوقۇرمەنلەر ئۇنىڭ يازمىسىدىن ئۈمىدسىزلەندى. ھازىرغىچە مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئوقۇرمەنلەر ئىشنىڭ ماھىيىتىنى بىلىپ بولغاچقا، ئەسلىدە مېنىڭ بۇ يازمىغا قارىتا جاۋاب قايتۇرۇشۇمنىڭمۇ زۆرۈرىيىتى يوق ئىدى. شۇنداقتىمۇ ھەممە كىشىنىڭ بىلىش، چۈشىنىش سەۋىيىسى ئوخشاش بولمايدۇ. ئارىمىزدا قارشى تەرەپنىڭ دېگەن گەپلىرىنىڭ ھەيۋىتىگە قاراپ ئاز-تولا ئىشەنگەنلەر، كىمنىڭ توغرىلىقىنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ قالغانلارمۇ يوق ئەمەس، ئەلۋەتتە. شۇڭا، مەن ئىبرەت ئەپەندىنىڭ يازمىسىدىكى پاكىت ئورنىدا قويۇلغان بىر قىسىم نۇقتىلارغا قارىتا يەنىلا قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتىم.
1.        ئۇ مىسال قىلغان چىڭگىزخاننىڭ قەبرىسىگە دائىر رىۋايەتنىڭ بىز بۇ يەردە مۇزاكىرە قىلىۋاتقان نۇزۇكۇمنىڭ قەبرىسىنىڭ ئورنىنى بېكىتىش خىزمىتى بىلەن ھېچ بىر ئالاقىسى يوق. ناۋادا ئىبرەت ئەپەندىنىڭ لوگىكىسى بويىچە بولسا، ئۇ ئۆزى ئارائۆستەڭدىن قەبرە ئىزدەپ يۈرمەستىن، نۇزۇكۇمنى بىزگە ئوخشاش قەلبىدە ياد ئەتسىلا بولاتتى.
2.        مەن ماقالامدا ھېچقاچان نۇزۇكۇمنىڭ قەبرىسىنى قازاقىستاندا دېمىدىم، ئۇ قەبرىنى ئىزدىسەڭلار قورغاس كۈرەدىن ئىزدەڭلار، دېدىم. ئېنىقكى، قورغاس ناھىيە كۈرە بازىرىمۇ ئارائۆستەڭگە ئوخشاشلا «ئۆزىمىزنىڭ يېزىسى»، ئىبرەت ئەپەندىنىڭ دېگىنىدەك دۆلەت سىرتىدىكى جاي ياكى «خەقنىڭ يېرى» ئەمەس.
3.        ئىبرەت ئەپەندىنىڭ قىزى ۋە ئۆزىنىڭ ئىلگىرى يازغان ماقالىسى ۋە ئۇنىڭغا قىستۇرۇلغان رەسىملەرنى مەن كۆرگەن، ئۇ رەسىملەرمۇ بىزنىڭ تېمىمىزغا قارىتا ھېچنېمىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ.
4.        گۈمبەزدىكى دەپتەر يېقىنقى 2-3 يىللىق، ئادەتتىكى بىر نېپىز يوللۇق دەپتەر ئىكەن. تەبىئىيكى، بۇ دەپتەر نۇزۇكۇمنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىنكى 186 يىللىق ئۇزاق تارىخقا نىسبەتەن ھېچنېمىگە ئىسپات بولالمايدۇ.

5.        مەن ماقالامدا تارىخچى قۇربانجان ئابلىمىت نورۇزى بىلەن بىللە ئارائۆستەڭ يېزىسىغا چىققانلىقىمنى تىلغا ئالغان. بىز قەبرىگە چىقتۇق، ئالدى بىلەن قەبرىنى يوقلىدۇق. مەن قەبرىنىڭ ئىچىگە كىردىم، دەپتەرنى كۆردۈم، قەبرە سىرتى، ئىچى ۋە دەپتەرنى سۈرەتكە ئالدىم. قەبرە ئالدىدا سۈرەتكە چۈشتۈم، لېكىن، مەن كىمنىڭ قەبرىسى ئىكەنلىكى تېخى تولۇق ئىسپاتلانمىغان بۇ قەبرىدە چۈشكەن رەسىمنى «نۇزۇكۇمنىڭ قەبرىسىدە» دەپ جەمئىيەتكە تارقىتىشنى لايىق كۆرمىدىم، خالاس.
6.        مەن ماقالامدا كونا كۈرەدە 1960-يىلى تېپىلغان جەسەدنى نۇزۇكۇمنىڭ جەسىدى شۇ، دېمىدىم. پەقەت، شۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر كۆزقارىشىنى مىسال تەرىقىسىدە قىستۇرۇپ ئۆتتۈم، خالاس. 186 يىللىق بىر قەبرىنىڭ ئورنى ئىلمىي تەكشۈرۈشلەرسىز ئۇنداق ئاسان، ئالدىراپ بېكىتىلىدىغان نەرسە ئەمەس.
7.        تۇڭگانلار كونا كۈرەدىكى نۇزۇكۇمنىڭ قەبرىسىنى تالاشقىنى يوق. ئۇلارنىڭ تارىخىدىمۇ نۇزۇكۇمغا ئوخشاش تەقدىرگە دۇچار بولغان كۈرەدە ئۆلتۈرۈلگەن بىر قىزنىڭ ھېكايىسى بار. ئۇ قىزنىڭ دادىسى ما مىڭفاڭ ئىچكىرىدە چىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ، ئانىسى ئىككىسى كۈرەگە سۈرگۈن قىلىنغان ئىكەن. بىر مانجۇ ئەمەلدار ئۇ قىزغا باسقۇنچىلىق قىلماقچى بولغاندا ئۇ قىز شۇ ئەمەلدارنى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن قوشۇپ ئۆلتۈرىۋەتكەن، ئاندىن خاننىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئىكەن. بۇ ھەقتە خەنزۇچە ئېنىق يازما تارىخىي مەلۇماتلار بار، تۇڭگانلار ئەنە شۇ قىزنىڭ قەبرىسى ئورنىغا مۇنار تىكلەپتۇ.
8.        مەن ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ساھەسىدە بەلگىلىك تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئېرىشكەن بىر دوكتورئاشتى. ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ھەققىدە كۆپ ياخشى بىلىمەن. مېنىڭ نۇزۇكۇمنىڭ ئەسلى ئىسمى بىلەن ئەركىلەتمە ئىسمىنى ئايرىيالمىغان يېرىم يوق. بەلكى، بەزىلەرنىڭ ئېيتىلغىنىدەك ئۇنىڭ «نازۇك، نۇزۇك، نازۇكۇم، نۇزۇكۇم» دېگەنلەردىن باشقا «ئەسلى ئىسمى چولپانخان ئىدى» دېگەندەك گەپلەرگە قارىتا، شۇنداق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان تارىخىي ئاساس يوق، دېدىم، خالاس.
9.        نۇزۇكۇمنىڭ تۇغۇلغان يىلى ھەققىدە ئېنىق تارىخىي يازما پاكىت راستلا يوق. 1828-يىللىرى ئىلىغا چىقىشتىن بۇرۇن ئۈچ ياشلىق بالىسى بولغان بىر چوكاننىڭ شۇ چاغدا 20 ياشتىن ئاشقانلىقىنى ھەر كىم تەسەۋۋۇر قىلالايدۇ. ئىبرەت ئەپەندى بۇنى كۆپ سۆزلەپ يۈرمىسىمۇ ھېچكىم نۇزۇكۇمنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىنى مىلادىنىڭ ئالدى-كەينىگە باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلمايدۇ، ئەلۋەتتە.
10.        نۇزۇكۇمنىڭ قەشقەرنىڭ قايسى مەھەللىسىدە تۇغۇلغانلىقى ھەققىدىمۇ تارىخىي يازما ماتېرىيال يوق. تارىخىي ماتېرىياللاردا نۇزۇكۇم پالانچى مەھەللىدە تۇغۇلغان دەپ ئېيتىلمىغان ئەھۋالدا، مەن ئۇنى «بۇلاقبېشى مەھەللىسىدە تۇغۇلغان» دەپ ئېيتالمايمەن. بارنى بار دەيمەن، يوقنى يوق دەيمەن. لېكىن، بۇ ھەرگىزمۇ «ئۇ ھېچ بىر مەھەللىدە تۇغۇلمىغان» دېگەن ئۇقۇمنى بەرمەيدۇ. ئىبرەت ئەپەندىنىڭ بۇ يەردە قىلىۋاتقىنى ئۇقۇمنى قالايمىقانلاشتۇرىۋېتىش تاكتىكىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
11.        «تارىخىي ئەمىنىيە»دە بېرىلگەن نۇزۇكۇم ھەققىدىكى «... ئۇلار نازۇكۇم دېگەن ناخشىنى ئىجاد قىلىپ، يول بويى بۇ ناخشىنى ناھايىتى مۇڭلۇق ئاۋاز بىلەن ئېيتىپ مېڭىپتۇ» دېگەن بايان بىزگە ئۇنىڭ قەبرە ئورنى، تۇغۇلغان يىلى، مەھەللىسى قاتارلىق بىز مۇزاكىرە قىلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە ھېچبىر ئۇچۇر يەتكۈزۈپ بېرەلمەيدۇ. مەن نەشرگە تەييارلىغان رادلوفنىڭ «تارانچى دىيالېكتى» ناملىق كىتابىدىن ئېلىنغان «بېيىتلار»دىمۇ نۇزۇكۇمنىڭ قوشاقلىرى بار، ئۇنىڭدا ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە بىر ئاتىدىن ئۈچ قىز ئىكەنلىكى، ئۆزىنىڭ قىزلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كىچىكى ئىكەنلىكى، 90 كىتاب ئوقۇغانلىقى، ئوغۇل بالا بولغان بولسا ئالىم بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان («مىراس» ژۇرنىلى 2011-يىلى 4-سان 57-بەتكە قاراڭ)، لېكىن ئوخشاشلا بۇمۇ بىز بۇ يەردە مۇزاكىرە قىلىۋاتقان مەسىلىلەرگە جاۋاب بولالمايدۇ. ئىبرەت ئەپەندىنىڭ بۇنىڭغا ئارىلاشتۇرۇپ بۇ يەردە ئابدۇشۈكۈر يالقۇن ئاكىنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنى قىستۇرۇشىنىڭمۇ زۆرۈرىيىتى يوق، بۇ يەنىلا سۆز ئويۇنىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
12.        غەربىي (شى) يامۇل، شەرقىي (دوڭ) يامۇللارنىڭ كۈرە شەھىرىنىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكى ئېنىق، ئۇنىڭدىن باشقا ئېھتىماللىق ھېچ يوق. «جاڭجۈن يامۇل» دېگەن سۆز شۇ ئىككى يامۇلنىڭ خەلق ئارىسىدىكى يەنە بىر ئاتىلىشى. «ئىلى جاڭجۈن مەھكىمىسىنىڭ يامۇلى غۇلجا شەھرىدە ئىدى» دېسە، بۇ يازما ئىگىسىنىڭ ئىلى جاڭجۈن مەھكىمىسى تارىخىدىن ئانچە خەۋىرى يوقلىقىنى كۆرسىتىدۇ، خالاس. غۇلجا شەھىرى- ئەينى چاغدا يەرلىك قورچاق ھاكىمىيەت ئىلى ھاكىمبەگلىكىنىڭ مەركىزى بولۇپ، ئۇنىڭدا جىنايى ئىشلارغا ئاساسلىقى مەھكىمەئى شەرئى ئارقىلىق جازا بېرىلەتتى، چوڭ جىنايى ئىشلار يۈز بەرسە، جاڭجۈن يامۇللىرىغا يوللاپ بېرىلەتتى. مەيلى خالىزات ھاكىم بولسۇن، مەيلى سادىر پالۋان بولسۇن، جاڭجۈن تەرىپىدىن تۇتۇپ سولانغاندا، ئوخشاشلا كۈرەدىكى يامۇلغا سولانغان ئىدى. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە شىنجاڭدا ئىلىدىن باشقا بەزى ۋىلايەتلەردە دوتەي يامۇل، شەنگەن يامۇللار بولغان. مېنىڭ ماقالامدا «ئىلىدا ئىككى يامۇل بار ئىدى» دېگىنىمدە بۇ يەردىكى «ئىلى» ئەلۋەتتە كۈرەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۈرە- ئىلى جاڭجۈن مەھكىمىسىنىڭ مەركىزىي شەھىرى تۇرسا، «كۈرە ئىلىنىڭ ئىچىگە كۈرە كىرمەيدۇ، ئىلى دېگەن پەقەت غۇلجا» دەپ تۇرىۋالسا، بۇ يەنىلا يازما ئاپتورىنىڭ شۇ دەۋر تارىخىدىن خەۋەرسىز قالغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. نۇزۇكۇم ئۆلتۈرۈلگەن 1830-يىللاردا دوڭيامۇل ۋە شىيامۇل كونا كۈرە سېپىلىنىڭ ئىچىدە ئىدى. يېڭى كۈرە «جۇڭگو-رۇسىيە ئىلى شەرتنامىسى» ئىمزالىنىپ، رۇسلار قايتىپ كېتىپ، مانجۇلار ئىلىغا قايتا كەلگەندە، 1883-يىلىدىن 1893-يىلىغىچە ئارىلىقتا 10 يىلدا ئاران ياسىلىپ پۈتكەن. 1889-يىلىدىن باشلاپ يېڭى كۈرە جاڭجۈن مەھكىمىسى قىسمەن ئىشىلىتىلىشكە باشلىغان. مەن نەشرگە تەييارلىغان «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىنىڭ 2013-، 2014-يىللىق سانلىرىدا بېرىلگەن «19-ئەسىردىكى ئىلىغا ئائىت تارىخىي ماتېرىياللار» نىڭ 8-، 9-پارچىلىرىدىمۇ ئىلى جاڭجۈنى ۋە كۈرەدىكى شىيامۇل، دوڭيامۇللار ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار بار (بۇلارنى ئالتۇنيارۇق ئۈندىدار سالونىدىنمۇ كۆرەلەيسىز). ئۇنىڭدا ئېنىق قىلىپ «كۈرەنىڭ ئىچىدە دوڭيامۇل ۋە شىيامۇل بار» دەپ كۆرسىتىلگەن. مەن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسىنى ئىلىدىكى مەملىكەت ئىچى-سىرتىدا نامى بار، ئاتاقلىق تارىخچى ۋە تارانچى مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى لەي خوڭبو ئەپەندىدىن قايتا-قايتا سوراپ مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن ئېلان قىلغان.
ئىبرەت ئەپەندىنىڭ ئەينى چاغدىكى غۇلجا شەھىرى بىلەن كۈرە شەھىرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلەلمەي، «نىجات سوپى ئۆزى تەييارلىغان ئەسەرنى ئۆزى ئوقۇماپتۇ» دېگەن گېپىمۇ ئورۇنسىز. شۇنداقمۇ ئىش بولامدۇ؟ ئەسەرنى ئوقۇماي قانداق نەشرگە تەييارلايدۇ كىشى؟!  
13.        نەزەرخوجا ئابدۇسەمەتوفنىڭ «نازۇكۇم» پوۋېستى بەدىئىي ئەسەر، تارىخىي ئەسەر ئەمەس. يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «نۇزۇكۇم» پوۋېستىمۇ شۇنداق، ئۇنىڭدا نۇزۇكۇم ۋەقەسىنىڭ ئاساسىي ئارقا كۆرۈنۈشى غۇلجا شەھىرى قىلىپ يېزىلغان. ئاپتورلارنىڭ قۇرۇلمىنى بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشىدا مەلۇم بەدىئىي مۇددىئاسى باردۇر. قانداقلا بولمىسۇن، ئۇنى بۇ يەردە نۇزۇكۇمنىڭ ئۆلتۈرۈلگەن جايى ھەققىدە تارىخىي پاكىت ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. بۇ يەردە ئىبرەت ئەپەندىنىڭ تارىخىي ئەسەر بىلەن بەدىئىي ئەسەرنى پەرقلەندۈرەلمىگەنلىكى، ئۆزئارا ئارىلاشتۇرىۋەتكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىپ «نۇزۇكۇم غۇلجا شەھىرىدە ئۆلتۈرۈلدى» دېگەن تەقدىردىمۇ، قەبرىنىڭ غۇلجا شەھىرىدىن ئارائۆستەڭگە قاچان، نېمە سەۋەبتىن يۆتكەلگەنلىكىنى ئىبرەت ئەپەندىنىڭ يەنىلا ئىسپاتلىشىغا توغرا كېلىدۇ.
14.        مەن قازاقىستانغا چىقىپ نۇزۇكۇم ئۆڭكۈرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگىنىم يوق، ئۇنىڭ راستىنلا نۇزۇكۇمنىڭ يوشۇرۇنغان ئۆڭكۈرى ئىكەنلىكى ھەققىدە بەدىئىي ئەسەرلەردىن باشقا بىرەر تارىخىي يازمىمۇ ئۇچراتمىدىم. شۇڭا، مەن ئەلۋەتتە بۇ يەردە «مۈمكىن» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىمەن، بۇنداق ئەھۋالدا ھەركىم يازسا شۇنداق يازىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا «قارىغۇ تۇتقىنىنى قويمايدۇ، گاس ئاڭلىغىنى» دەپ سېسىق گەپ قىلىشنىڭ زادىلا ئورنى يوق ئىدى.
15.        كىمنىڭ نېمە دېيىشىدىن قەتئىينەزەر، ئەل ئىچىدىكى تارىخىي رىۋايەتلەر بىز ئۈچۈن پەقەت قوشۇمچە پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولالايدۇ، خالاس. ئەڭ ئىشەنچلىك مەنبەسى يەنىلا شۇ دەۋردە خاتىرىلەنگەن يازما ماتېرىياللاردىن ئىبارەت. خەلق ئىچىدىكى رىۋايەتلەرگە تايىنىپلا تارىخ يېزىپ چىققىلى بولمايدۇ، پاكىتلارنىڭ ئىشەنچلىك بولۇشى ئۈچۈن، ئەڭ مۇھىمى، ئاساسلىقى يەنىمۇ يازما ماتېرىياللارغا تايىنىش كېرەك. بىز ئارائۆستەڭدىكى ئەخمەت ئەپەندىدىن (بۇ كىشى ئەسلى 75 ياش ئىكەندۇق) ئاڭلىغان تارىخىي رىۋايەتتىكى قاچقۇن قىز قومۇشلۇقتا ئېتىۋېتىلگەن، تارىختىكى نۇزۇكۇم كۈرەدە چېپىلغان. ئارائۆستەڭدىكى بۇ تارىخىي رىۋايەتنى ئاساس قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ۋەقەلىكىنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى يەنىلا تارىختىكى نۇزۇكۇم ۋەقەلىكىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.
      مەن ماقالامدا نۇزۇكۇمنىڭ قەبرىسىنىڭ ئورنىنى مۇتلەق بېكىتىۋەتكىنىم يوق، بىكاردىن يوق يەردىن سەكرەپ قويۇپ ئىبرەت ئەپەندىنىڭ قولىغا ئېسىلىۋالغىنىممۇ يوق. سۆزلىمەي سۈكۈت قىلسام ئەل مېنى مەيدانغا تارتىپ چىقىرىپ سۆزلەشكە مەجبۇر قىلدى. سۆزلەشكە توغرا كەلگەندە، ئەلۋەتتە، ئۆزۈمنىڭ كۆرگەن، ئاڭلىغان، تەكشۈرگەنلىرىم ئاساسىدا يازما تەييارلاپ، ئۆز كۆزقارىشىمنى كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە سۇندۇم. مەن باشقىلارغا ئوخشاش ئادەم تىللىمىدىم، ھاقارەتلىمىدىم، ھېچكىمنىڭ شەخسىيىتىگە تەگمىدىم، بەلكى ئىلمىي پوزىتسىيەدە تۇرۇپ، ئالاقىدار كۆزقاراشلىرىمنى سوغۇققانلىق بىلەن بايان قىلدىم. مېنىڭ دېگىنىم پەقەت شۇ: مەن كۆرگەن ماتېرىياللاردىن قارىغاندا، نۇزۇكۇم كونا كۈرەدە ئۆلتۈرۈلگەن ھەم شۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان. ئەگەر باشقا يەردە ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە مېنىڭكىدىنمۇ كۈچلۈك ئىسپات تېپىلسا ياكى ئارائۆستەڭگە يۆتكەلگەنلىكى ئىسپاتلانسا، مەن جاھىللىق بىلەن گېپىمدە چىڭ تۇرىۋالمايمەن، كىمنىڭ توغرا بولسا شۇنىڭغا ئەگىشىمەن. مېنىڭ باشقا بىر يەرگە قايتىدىن قەبرە تاش تىكلەپ ئۇ يەردە ساياھەت ئورنى ئېچىش ياكى قېرىغاندا مازارغا شەيخ بولۇش خىيالىم يوق، يۇرتۋازلىق قىلىدىغان قورغاس كۈرە مېنىڭ تۇغۇلغان، چوڭ بولغان يېرىممۇ ئەمەس. ئىبرەت ئەپەندىتىن ئالالمىغان-بېرەلمىگەن قەرزىم، تالىشىدىغان بىر نەرسەممۇ يوق. مەن پەقەت مۇشۇ جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى، بىر زىيالىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن جامائەتنىڭ ئۈندىشى ئارقىسىدا ئورنۇمدىن تۇرۇپ، لىللا مەيداندا تۇرۇپ بۇ ھەقتە بىلىدىغانلىرىمنى كۆپچىلىككە سۇندۇم، خالاس. بىر ئەركىن جەمئىيەتتە ھەر كىمنىڭ ئۇنچىلىك پىكىر قىلىش ھوقۇقى بار، ئەلۋەتتە. مەن توغرا-خاتاسىنى خەلق ئايرىسۇن، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىزدەنگۈچىلەر توغرا يولدا ئىزدەنسۇن، دېدىم، خالاس. ئىبرەت ئەپەندى ئىشنىڭ توغرا يولىنى بىلگەن بولسا، بۇنىڭ ئۈچۈن ئادەم تىللاش كەتمەيتتى. بەلكى ئىلمىي يول بىلەن «سېنىڭ ماۋۇ گەپلىرىڭ خاتا، مېنىڭ ماۋۇ گەپلىرىم توغرا» دېسىلا بولاتتى، لېكىن، ئۇ ئۇنداق قىلالمىدى.
     مەيلى كىم بولسۇن، بۇندىن كېيىن بۇ ھەقتە يەنە داۋاملىق چوڭقۇر ئىزدەنسە بولىدۇ. قاچانكى بۇ ھەقتە يېڭى بىر پاكىت تاپسا ئوتتۇرىغا قويسا بولىۋېرىدۇ. لېكىن، ھەرگىزمۇ ئىبرەت ئەپەندىكە ئوخشاش خەقنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئورۇنسىز ئادەم تىللايدىغان، كەسپىي ئەخلاققا يات قىلمىشلاردا بولماسلىقى كېرەك. ئىلمىي پىكىرنى ئىلمىي يوسۇندا بايان قىلىشى، گەپ-سۆزى ئورۇنلۇق، جايىدا بولۇشى، جەمئىيەتنىڭ تېنچلىقى ۋە كەسپداشلار ئارىسىدىكى ئىناقلىققا تەسىر يەتكۈزمەسلىكى كېرەك.
     نۇزۇكۇم- خەلقىمىزنىڭ قەلبىدىكى مەڭگۈلۈك مەنىۋىي ئوبراز. بۈگۈنكى كۈندە بىز قىلىدىغان ئۇنىڭ قەبرىسىنى تېپىشتىنمۇ بەكرەك مۇھىم نۇرغۇن ئىشلار بار. بىز نۇزۇكۇمنىڭ روھىيىتىدىكى گۈزەللىكلەر ئارقىلىق ھازىرقى بىر قىسىم قىز-ئاياللارنىڭ مەنىۋىيىتىدىكى بىلىمسىزلىك، ئەخلاقسىزلىق، ئىرادىسىزلىك، غايەسىزلىك، ئېتىقادسىزلىق ئىللەتلىرىنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، گۈزەل ئەخلاق-پەزىلەتلىك، مەدەنىيەتلىك، بىلىملىك، ساپالىق ئاياللار دۇنياسىنى بارلىققا كەلتۈرۈشىمىز ھەمدە شۇ ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى يۇقىرى كۆتىرىشىمىز كېرەك. نۇزۇكۇم ھەققىدە يېزىلغان بارلىق تارىخي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يىغايلى، ئۇنىڭ قوشاقلىرىنى توپلايلى، ئۇلارنى تولۇقلاپ قايتا نەشر قىلدۇرايلى. نۇزۇكۇمنىڭ كىشىلىك پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ قوشاقلىرىنىڭ مەزمۇنى، بەدىئىيلىكى ھەققىدە چوڭقۇر، كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىلمىي تەتقىقاتلارنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇنىڭ روھىيىتىدىكى ۋە ئەسەرلىرىدىكى ھازىرقى زامانغا پايدىلىق بولغان بارلىق مەنىۋىي ئامىللارنى چوڭقۇر قېزىپ، بۈگۈنىمىز ئۈچۈن ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلدۇرايلى. ئەگەر ئىمكانىيەت يار بەرسە، خۇددى مەرھۇم تۇرسۇن ياسىن ئاكا غۇلجا ناھىيەسىدە تىكلىگەن سادىر پالۋان خاتىرە سارىيىغا ئوخشاش ماددىي ئابىدە سۈپىتىدە نۇزۇكۇم خاتىرە سارىيى قۇرۇشقىمۇ بولىدۇ. نۇزۇكۇم ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈش، سىزما رەسىملەر، نۇزۇكۇمغا ئائىت نەشر ھازىرغىچە قىلىنغان ئەسەرلەر، تەتقىقات نەتىجىلىرى شۇ سارايغا قويۇلسا بولىدۇ. ئۇ يەرگە كىرىپ بۇ ماتېرىياللارنى كۆرگەن كىشىلەرنىڭ نۇزۇكۇم ھەققىتىكى چۈشەنچىلىرى تېخىمۇ ئاشىدۇ. بۇنىڭ قىممىتى ۋە ساۋابى مازارغا تاش تىكلىگەندىن مىڭ ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ، ئەلۋەتتە.
      مېنىڭ يۇقىرىدا ئېيتقانلىرىمغا قارىتا ئىبرەت ئەپەندىمۇ ئۆز كۆزقاراشلىرىنى بايان قىلسا بولىدۇ، لېكىن يېزىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، ئىلمىي مەيدانغا قايتىپ كېلىپ، ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ، ئادەم تىللىماي، نورمال تەلەپپۇزدا سۆزلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


باھا سۆز

سەھىپىسىنى تاپالمىغان...  ۋاقتى: 2016-2-24 11:07 PM
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-25 11:34:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئە.جۇلا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-25 11:49 AM  

قەبرىسىنى ئىزدەش نە ھاجەت قارا تۇپراقتىن،
كۆمۈلگەن تۇرسا نۇزۇك مومام ھەر بىر قەلبكە.
ئىستەر بولساڭ ئۇنىڭ پاك جىسمىنى زېمىندىن،
قارا سېنى قاتارغا قوشقان ئاناڭ ھۆسنىگە.

ۋاقتى: 2016-2-24 23:23:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   داڭگال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-24 11:30 PM  

  باغداش تورىدا "ئىبرەت" ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىسىنى ئوقۇپ شائىرانە تۇيغۇللىرىدىن تاس قالىتىم ئۆز يۇرتۇمنى سېتىۋەتكىنى.لىكىن يەنىلا ئۆزەمگە ھاي بېرىپ "ماۋزۇ يورۇتۇلمىغان،ئاخىرى بارمۇ" دەپ ئىنكاس يوللىغان.ئەملىيەتتىمۇ  مەن شۇ يۇرۇتتا تۇغۇلۇپ -ئۆسكەچ نۇزۇكۇم توغرىسىدا ئاز-تولا مەلۇماتلارنى كىچىكىمدىن ئاڭلاپ كەلگەن.موھىمى ئۆز يۇرتۇمنىڭ تارىخىنى خېلى ئوبدان چۈشىنىمەن-ئەلبەتتە. قانداقلا بولمىسۇن بۇ ئاسان ھەل قېلغىنى،بىر ئىككى ئادەمنىڭ كۆز قاراشلىرى،ئىزدىنىشلىرى بىلەنلا بىر ياقىلىق بولۇپ كىتىدىغان ئىش ئەمەس.بۇ ھەم خېلى بىر ئۇزۇن،مۇرەككەپ،جاپالىق جەرياندا بىرلىككە كىلىدۇ. بىراق بىزنىڭ شۇنچە ئۇقۇمۇشلۇق كىشىللىرىمىز نىمىشكە شۇنچە ئالدىراڭغۇ؟نىمىشكە مەسىللەرگە ئىلمىي،سوغۇققان مۇئامىللەردە بولماي ھاياجان ئارلاشتۇرۋالىدۇ؟ نىمىشقا پاكىتقا تولۇق ھۆرمەت قىلالمايدۇ؟ نىمىشكە يۈزەكى ؟ ئاسان بولسا،مانا بىز شەيىخ بولىمىز،چۈنكى بىزنىڭ كىندىك قېنىمىز مۇشۇ يەر (كۈرە)  گە تۆكۈلگەن. بىز ئۇنۇڭ بىلەن تىنىپ،ئۇنۇڭ بىلەن نەپەسلىنىپ،ئۇنۇڭ بىلەن كۆكلەپ،ئۇنۇڭ بىلەن يۇمىلىمىز.

ۋاقتى: 2016-2-24 23:48:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەبرىسى قەلبىمىزدە بولسۇن، روھى ئۆلمىسۈن!

ۋاقتى: 2016-2-25 00:41:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ لاي گۈمبەزنىڭ ئۇنچىلىك ئۇزۇن تارىخقىمۇ ئىگە ئەمەسلىكى، چۈنكى ئىلىنىڭ قار-يامغۇرى كۆپ نەم ھاۋاسىدا، بىر قومۇشلۇق كۆلنىڭ بويىدا بىر لاي گۈمبەزنىڭ 200 يىلغا يېقىن ساق تۇرالمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
دېڭىز يۈزىدىن 1300مىتىر ئىگىز جايدىكى تېرىخول دىگەن كۆلنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئارالغا ياسالغان لاي قەلئەگە مىڭ يىلدىن ئېشىپتۇ داۋاتمامتتى، لاي قەلئەنىڭ سىرىدا يالقۇن روزى،
ئىلىنىڭ ھاۋارايى ئاشۇ كۆلنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئارالدىنمۇ نەممىكەن؟
بۇ گەپكە تازا چىن پۈتۈپ قائىل بوپ كەتمىدىم، لاي كاكوللۇك ئۆيلەردىن قۇتۇلغىلى ئۇنچە بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمىگەندۇ، بولمىسا ئاتا-بۇۋىلىرىمىز شۇنداق خام كېسەك ئۆيلەردە ئولتۇرۇپ كەلگەنغۇ.
تىللاشساڭلارمۇ قانداقلا قىلساڭلار ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن، ھەر ئىككى زىيالىنىڭ ماقالىلىرىنى تولۇق كۆرىۋاتىمەن، ئىبرەت ئەپەندىنىڭكىگە بەكىراق قائىلمەن.

ۋاقتى: 2016-2-25 09:46:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دادام بىر چاغلاردا
قەشقەردىن  كەلگەن سۈرگۈنلەرنىڭ ئالدى بىلەن كۈرەگە كەلتۈرۈلۈپ ئاندىن ئىلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تەخسىملەنگىنىنى ، نۇرغۇن تارىخىي پائاجەلەرنىڭ ئۇنىڭ تۇپرىغىغا كۆمۈلگەنلىكىنى سۆزلەيدىغان .
نوزۇگۇم قوشاقلىرىنى يادلاپ ئۇنىڭغا بولغان ئېھتىرامىنى بىلدۈرىدىغان .ئۇنىڭ تۇپرىغى نەدىدۇ ؟-دەپ ، سورىساق ،مەنچە كۈرەدىمىكىن . نوزۇگۇمنىڭ بوينى كېسىلگەن چاغلاردا بىرەر قەلەم ساھابى ئۇنىڭ تارىخىنى قەلەمگە ئېلىپ قويغان بولسا بىز مىكى- مىكىن دەپ قالماتتۇق ، تالاي تارېخىي غۇۋالىقلار ئىچىدە بىز نەق جاۋاپنى تاپالماي كېيىنكىلەرگە يالغانچىلىق قىلىمىز ھەي!!!.دەپ كېتىدىغان .
بۇ يازمىنى ئوقۇپ قەلەم تۇتقان ئادەمنىڭ تارىخنىڭ پۈتۈكچىسى بولۇش مەسۇليىتىنىڭمۇ بارلىقىنى ھېس قىلدىم.

ئىلمىي ئىزدىنىش سەپىرىڭىزنىڭ ئۇتۇغلۇق بولىشىنى تىلەيمەن نىجات !
تەتقىقات يولى مۈشكىل، نازۇك ، ۋاقىت تەلەپ قىلىدىغان جەريان .

ۋاقتى: 2016-2-25 10:24:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇنىڭ بىلەن قوشۇپ ئۈچ ماقالىنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇدۇم. ئىلمىيلىك جەھەتتىن ئەلۋەتتە نىجات مۇئەللىمنىڭ ماقالىسى قايىل قىلارلىق يېزىلغان. ئىبرەت ئەپەندىنىڭ ماقالىسىدە سۆز ئوينىتىش ۋە ئادەم تىللاش، دارىتمىلاش كۆپراق ئىكەن.

ۋاقتى: 2016-2-25 10:33:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-25 10:37 AM  

مەن  دوكتۇر  نىجات ئەپەندىنىڭ ئالىم  بىلىمخۇمار  ( ئەركىن سىدىق) ئاكىمىزغا ئوخشاش تەتقىقات يولىدا دادىل مېڭىۋېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇنىڭ ئەجرىنى خىرەلەشتۈرمەكچى بولغانلار تۇماندەك غايىپ بولىدۇ. نىجات ئەپەندىنىڭ  خاۋاتىرلەنمەي سەمەرىلىك ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى داۋاملاشتۇرىشىنى  ۋە ئۇتۇق قازىنىشىنى  چىن نىيىتىمدىن تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2016-2-25 11:44:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك دوكتورىمىز نىجات سوپىغا ۋە ئۇنىڭغا رەددىيە بەرگەن، شۇنداقلا يەنىمۇ باشقا قاراشلاردا بولۇۋاتقان ئۇستازغا شەخسەن ئەرزىمەس كەمىنىدىن تەۋسىيە بولغايكى، تەتقىقاتتا باسقان ئىزىڭلاردىن بىر چىمەنلىك جەريان قالغاي. ئەمما، ئۇنىڭ جۇغراپىيەلىك نەتىجىسىنى چىقىرىمەن دېيىشىڭلار مېنىڭچە مۈمكىنلىك دەرىجىسى تولىمۇ تۆۋەن ھەم ئەھمىيىتىمۇ تۆۋەن بىر ئىشمىكىن، دەيمەن.
سىلەردەك دوكتۇر سەۋىيەسىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ نىمىشقا ئانچە ئەھمىيىتى يوق ئىشلارغا مەركەزلىشىپ قالىدىغىنىڭلارنى، نىمىشقا مول بىلىمىڭلارنى ئىشلىتىپ شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى، "بىر يول، بىر بەلۋاغ" ئىستىراتىگىيىلىك تەرەققىيات پۇرسىتىنى مىللىتىمىزگە ئۇلاش ئۈچۈن تېخىمۇ سەمەرىلىك بولغان تەتقىقاتلارغا مەركەزلىشەلمەيدىغانلىقىڭلارنى چۈشەنمەيمەن، شۇنداقلا خۇرسىنىمەن.

ۋاقتى: 2016-2-25 12:02:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مەن نىجات سوپى ئەپەندىنىڭ بۇ ماقالىسىنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا يەنە بىر قېتىم قايىل بولدۇم. نىجات ئەپەندى بەزىلەر سىزنىڭ «نۇزۇكۇمنىڭ قەبرىسى زادى نەدە؟» دېگەن ماقالىڭىزگە ۋە سىزنىڭ شەخسىيتىڭىزگە تېگىدىغان گەپ- سۆزلەرنى دېگەن بولسا بۇنىڭ ئۈچۈن قىلچىمۇ كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ. مەن سىزنىڭ«نۇزۇكۇمنىڭ قەبرىسى زادى نەدە؟» دېگەن   ماقالىڭىزنى ئوقۇپ كۆرۈپ بەكمۇ قايىل بولدۇم. چۈنكى ماقالە ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ تەلىپىگە تامامەن ئۇيغۇن، ماقالىدە خېلى يۇقىرى سەۋىيە نامايان قىلىنىپلا قالماستىن، بەلكى ئىزدىنىش ۋە مەسىلە ھەل قىلىش پوزىيسىيەسىمۇ يېتېرلىك نامايان قىلىنغان. يەنە كېلىپ بۇ ماقالەر مۇشۇ تېمىدىكى ماقالىنىڭ ئەڭ سەرخىلى بولۇشقا مۇناسىپ. چۈنكى ماقالىدە ھېسسىياتقا بېرىلىش خاھىشى يوق، پاكىت ئاساس قىلىنغان. مانا بۇ بۇ ماقالىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۇتۇقى. بەزىلەر تۈزۈك بىر نېمە ئۆگەنمىگەنلىكىگە ۋە ئۆزىنىڭ چېنىپ قالغانلىقىغا قارىماي سىزدەك ئاپتورلارغا ھۇجۇم قىلىشنى مەقسەت قىلىۋالغان. بۇنداق قىلىش ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ھەقىقەتەن يېرىم قىلىدۇ. بۇ ھەقتە «داڭگال » ئەپەندى بەكمۇ ئورۇنلۇق گەپ قىپتۇ. مەيلى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر توردا يەنىلا سىزنى ياقلايدىغان ۋە قوللايدىغانلار بەك نۇرغۇن. مەن سىزنىڭ يېقىننىڭياقى ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىڭىزنى قالدۇرماي ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن. بولۇپمۇ 19- ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا دائىر ئەسەرلەرنى ئىنتايىن سۈپەتلىك نەشرگە تەييارلاۋاتىسىز. شەخسەن مەن سىزنىڭ ئاشۇ ئەمگەكلىرىڭىزدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم ۋە ئىجادىيەتلىرىمدە پايدىلاندىم. شۇ سەۋەبلىك سىزگە بولغان ھۆرمىتىم بارغانچە ئېشىپ باردى. مەن سىزنىڭ ئىزدىنىشىڭىز ۋە تەتقىقاتىڭىزغا تېخىمۇ يۈكسەكلىك تىلەيمەن.  

ۋاقتى: 2016-2-25 13:02:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     بېشەملىك قىلىش،ئادەم تىللاش بىلەن نوزۇكۇم قەبرىسىنىڭ ئورنىنى بېكىتكىنى بولمايدۇ. «ئىككى قاغا پوق تالاشسا،ئاتقۇچىغا پايدا»بوپ قالسا زىيان تارتقىنىمىز شۇ. مەنمۇ ھەر ئىككى ماقالىنى كۆرۈپ چىقتىم،ئىبرەت ئەپەندىم بىلەن نىجات سوپىنىڭ نىيىتى ياخشى، ئۇ بولسىمۇ نوزۇكۇم قەبرىسىنى تېپىش ۋە ئابىدە تىكلەش.پاكىتلار ئىلمىي،قايىل قىلارلىق بولسۇن. ھېسسىياتقا بېرىلىش،بەكرەك ھاياجانلىنىپ كېتىش ياخشى نەتىجە بەرمەيدۇ.ھەر ئىككى ماقالىدىكى شۇنداق بىر ئومۇمى كۆزقاراشقا قايىل بولدۇم،ئۇ بولسىمۇ: «نوزۇكۇمنىڭ قەبرىسى قەلبىمىزدە».بۇ قەبرىنى تارىختىكى ھەرقانداق قاراش ئۆرۈۋېتەلمەيدۇ.

ۋاقتى: 2016-2-25 14:06:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

   قىسقىسى ئەنۋەر جۇلا ئېيتقاندەك بۇ نىجات سوپىدەك دوكتۇرلىرىمىز ئۈچۈن ۋاقتىنى زېھنىنى سەرىپ قىلىپ ئىزدەنگۈدەك بىر چوڭ تېمىمۇ ئەمەس. ئەتراپىمىزدا بۇنىڭدىننمۇ بەك جانلىق ھەم رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە تېمىلار ساماندەك تۇرۇپتۇ.

ۋاقتى: 2016-2-26 12:02:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇزۇگۇمنىڭ قەبرىسى يەنىلا مەخپىي قالغىنى ياخشى ، ئەگەر ئۇنىڭ قەبرىسى تېپىلسا زامانىمىزدىكى بىر تۈركۈم ‹‹ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەۋاتقان قىز ››لار ئۇنىڭ تۇپراق بېشىغا بېرىپ ئۆز ئىپپىتىنى قوغداش ئۈچۈن جېنىدىن كەچكەن بۇ ناتىۋاننىڭ روھىنى قورۇندۇرۇپ قۇيىشى مۈمكىن .

ۋاقتى: 2016-2-27 01:18:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-27 05:38 PM  

    مەن ئالدى بىلەن بىر تورداش سۈپىتىدە گەپ قىلىۋاتقانلىقىمنى ئەسكەرتىمەن؛ مېنىڭچە «نۇزۇگۇمنىڭ قەبرىسىنى ئىزدەش» نۇقۇل مەنىدىكى توپا-تۇپراقتىن ياسالغان قەبرىنى ئىزدەشلا ئەمەس، دەپ چۈشىنىمەن. چۈنكى نۇزۇگۇم ۋە ئۇنىڭ ھايات قىسسەلىرى شۇنداقلا بىر تارىخى شەخسنىڭ سەرگۈزشتىسى ئەمەس. ئەلۋەتتە، تارىختا ئۆتكەن كىشىلەردىن كەلگۈسىدىكى كىشىلەر كۆپ بولىدۇ، چۈنكى بىز كەلگۈسىنىڭ قاچان ئاخىرلىشىپ تارىخقا ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. دېمەك، نۇزۇگۇم-ئۇ بىر روھ، ئۇ بىر ئارزۇنىڭ قانائىتىگە ياردەم بەرگۈچى سىما. مانا شۇ جەھەتتىن بولسىمۇ، ئۇنىڭ قەبرىسىنى ئىزەدەپ بېقىش، ئۇنىڭ روھىنى (بىزگە قالدۇرغان تەسىرىنى) ئىزدەپ بېقىش ئۇنچە ئەھمىيەتسىز ئىش ئەمەس. ھەم بۇ سۆز ئويۇنى قىلىپ ئاۋارە بولىدىغانمۇ ئىش ئەمەس. ئالدى بىلەن بىز نۇزۇگۇمنى ۋە ئۇنىڭ تارىخ بەتلىرىدىكى سىماسىنى، قىسسە، داستانلاردىكى ئوبرازىنى، قەلىبلەردىكى تەسىرىنى قانچىلىك بىلىمىز ۋە قانچىلىك چۈشىنىمىز؟ بىز نۇزۇگۇمنى بىر مانجۇغا خوتۇن بولۇشتىن قېچىپ ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرگەن ئاددىي بىر قىز، دەپلا چۈشەنسەك كۆڭلىمىز قانائەت تاپالامدۇ؟ ئەلۋەتتە، بۈگۈن نۇزۇگۇمنىڭ سەرگۈزشتىلىرىدىنمۇ ئەھمىيەتلىك ئىشلار بولىۋاتقاندۇ، لېكىن ئۇنىڭ قانچىلىك ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى كەلگۈسى تارىخقا ئايلانغاندا بىلىمىز.
   ئەمدى نىجات سوپى مۇئەللىمنىڭ دوكتور سۈپىتىدە ئېلىپ كېتىۋاتقان تەتقىقاتلىرى داۋامىدا نۇزۇگۇمنى قەبرىسىنى ئىزدىگەچ كېتىشىنىڭ ئۆزى خېلى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى بۈگۈنكى كۈندە، گەرچە«بىزدە دوكتور دېگەن ساماندەك بوپ كەتتى» دېيەلمىسەكمۇ، ھەر ھالدا خېلى كۆپ دوكتورلىرىمىز بار. ئۇلار(ئەلۋەتتە قىسمەنلىرى) قانچىلىك ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىپ بەرگەندۇ بىزگە؟!...قىسقىسى، مەن بىزنىڭ ھەممە ئىشقا، ھەممە نەرسىگە لايغەزەللەرچە مۇئامىلە قىلىۋەرمەسلىكىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

باھا سۆز

ئىزەدەپ، دېگەن سۆز، ئىزدەپ دېگەن سۆزگە تەڭ ئەمەس. بۇ ئىملا خاتالىقى ئەمەس.  ۋاقتى: 2016-2-27 05:39 PM
قىسمىقى،-قىسقىسى...  ۋاقتى: 2016-2-27 09:23 AM
قەلىپلەردىكى-قەلبلەردىكى...  ۋاقتى: 2016-2-27 09:22 AM
ئىزەدەپ-ئىزدەپ...  ۋاقتى: 2016-2-27 09:21 AM
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش