ئانا يۇرت
( مەرھۇم يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ< ئانا يۇرت>رومانىنى ئوقۇش خاتىرىسى)
ئابلەت مۇھەممەد كۈيزار
1
ئانا يۇرت
ئانامنىڭ بىغۇبار ۋۇجۇدى
دادامنىڭ سۈرلۈك غورۇرى!
يۇرت ئاسمىنى زاۋاللىقتا تېپىرلىغان
مۈشكۈلات تاشلىرى ئەلنىڭ بىشىغا چېچىلغان
ئانىلار بارلىقى بىلەن دۇئا قىلدى
ئاتىلار زەبەردەس غورۇرى بىلەن ئۇزاتتى
- ئۆلسەڭ رازىمەن
ئۆلمىسەڭ كەل!- دېدى غەلبە تامان!
يېقىلىۋاتقان زەبەردەس تاغلار
بىپەسىل خازان بولغان گۈلگۈن باغلار
قان قار ئۇچقۇنىدەك توزۇۋاتقان يوللار
كېسىلگەن باشلار بىلەن تولغان ئازگاللار
جان سۇدەك ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دەريالار
ئاتلىق ياكى پېيادە كەلگۈسىنى ياراتماقتا.
قوۋۇرغىسى سۇنغان يىللار ئاغدۇرۇلدى
زۇلمەت تۈنلىرى ئاپئاق نۇرلاندى
ئابرال تاغلىرىدىن ھۇررا كۆتۈرگەندە غەليان!
2
ئىلى باغرى ئۈمىد بىلەن ئىسسىماقتا
نۇرى قەھرى بىلەن كەلگەندە ئات چاپتۇرۇپ
بىزگە تەۋە زېمىن دەقىقسېرى كېڭىيىۋاتقان
توغراقلار مەدەتكار پاسىبانغا ئايلانغان
سوغۇق جاندىن ئۆتۈپ سۆڭەككە يەتتى
باھادىرلىق بىقىياس گۈلخاندەك پەلەككە يەتتى
تەلكە تاغلىرى نۇرانە يۇلتۇزدەك جىمىرلىماقتا
ئۆلگىچە پىغاندا ئاھ، ئۇرۇپ
ئۆتكۈزگۈچە كۈنلەرنى يۈكۈنۈپ
ئايلىنىپ دېڭىزنىڭ بىرقەترە دولقۇنىغا
ئېسىلىپ تەۋەككۈل چۇلۋۇرىغا
ئۆزلۈكىمىزنى ياراتتۇق يۈرىكىمىزنى ئاختۇرۇپ
3
ۋەتەن دېدى كۆكتە ئۇچۇۋاتقان قۇش
ۋەتەن دېدى چاراسلاپ كۆيۈۋاتقان ئوت
ماناس دەرياسىغا بارغاندا قوشۇنىمىز
يۇمىلاق ئۈستەلدىن ئەركىمىزنى ئىزدىدۇق
ئىسسسىق ئېقىۋاتقان قېنىمىزنى شۈكلىدۇق
ئەمەلگە ئاشماس جىسمى يوق ۋەدىلەرگە ئالداندۇق
بىھۇدە تۆكۈلۈشلەرگە يۈكۈندۇق
ياكى بۇلدۇقلاپ تاشمىدۇق
جاننى ئاتىغان ئوغلانلار چوقان سالدى
ياقا چىشلەپ قەلبىنى يېرتقان تارىخ يەنە تەكرارلاندى
كۆتۈرۈلۈۋاتقان قۇياش ۋاقىتنى ئارقىغا سوزدى
جاسارىتى ئۇرغاۋاتقان دەرەخلەردە گۇگۇم جىلۋىدار
ئاقيول- قانگۈلىدەك ئېچىلدى
شەرقتىن باھارنىڭ ھىدى كەلدى
ۋەتەن! دەپ جان بەردى مەسۇم قىياقلار
ۋەتەن! دەپ يېڭىدىن قادالدى تۇغلار...
2016-2-3
|