بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-24 11:02 PM
«ئىزگۈ تور ئەدەبىيات مۇكاپاتى» سەھىپىسىگە يوللانغان ئەسەر
غەلىيان
ئەلىشىر ئىمام مۇھەممەد سىدىقى
يىغلايمەن تەنھا
ئۆكسۈپ – ئۆكسۈپ
كۆزلىرىمدە يوق بىر تامچە يېشىم
مەن يۇچۇن مەخلۇق
ئۇۋام چىغىر يوللار ئۈستىدە
يالغۇز، قاخشال دەرەخ تۈۋىدە
يۇقاتقان سېھرىمنى
چاڭ باسقان چېھرىمنى
جىسمىمدىن يۈز ئۆرىگەن قۇياش
تاشلاپ كەتكەن روھىم تېنىمنى
ياتلاشقان مەندىن دەريا، تاغۇ – تاش
ئاسمان، زىمىن
ئېكىنزار، ئورمان
بارچە مەۋجۇدات
ھىچكىم مەن بىلەن بولمايدۇ ئاداش
يۈرىدۇ قۇشلار روھىمنى ئىزدەپ
قايناق بازاردا
كونا مازاردا
تاپالمىدى
قىلالمىدى ھىچ بىر ئامالمۇ
خەۋەر بەرمەس
لەرزان ئۇچقان شامالمۇ
تېپىلارمۇ قىيامەتكىچە
قاچقان روھىم
بۇلۇپ يۈرەككە تەڭداش
تۇمۇردىكى قېنىمغا رەڭداش
بەلكىم ئۈنەر
ئادەم ئاتا يارالغان تۇپراقتىن
بۇلۇپ توغراق
ۋەياكى يۇلغۇن
ھىچ بولمىسا
بىرەر تۈپ ئوتياش
« ئىزگۈ تور ئەدەبىيات مۇكاپاتى» سەھىپىسىگە تەۋسىيە
2016 –يىلى 2 –ئاينىڭ 24 –كۈنى
|