بىر سۆزنىڭ كېچىسى
ئۇيقۇ مېنى ئۇخلايمەن دەيدۇ ،
مەن ئۇيغۇنى بەرسەم سۆزلەرگە .
مېنى كېچە قىلدى خىيالچان ،
بىرلا سۆزنى ئىچىمدە يادلاپ
بۇ خىيالنى پۇركەيمەن زەرگە .
بۇ خىيالدىن چىچىلغان جۇلا ،
بىرلا سۆزنىڭ كېچىسى ئۈچۈن .
بۇ كېچىدە چۈشلەر بەك تولا
چۈشلەر كۆرەر ئۆزىنى ئەركىن ،
ھەر بىرىدە بىر دېڭىز تۈگۈن .
بۇ دېڭىزنىڭ سۆزى سۇ ئەمەس ،
ياكى سۇدىن يىراقراق ئەمەس .
سۇنىڭ كۆزى دېرىزە بولۇپ
رېئاللىقنى تاشلاپ ئالدىڭغا ،
بۇ تۇرمۇشقا باشلار سېنى بەس !
شۇ دېڭىزنىڭ قاينىمى پىنھان ،
چوڭقۇرىدا باردۇر ئاشۇ سۆز .
بىر ئاڭلاشقا قاچان يېتەرمىز ؟
كۇتۇش ئوتى قىلماقتا تۆت كۆز .
بۇ يول تېخى ئۇزۇن بىر خىيال
مېنى ئۇنچە قىلما تەقەززا .
بىرلا سۆزنىڭ كېچىسى بىلەن ،
ئاقىرىدۇ چىچىم كېچىدەك
ئاقارغاندەك تاڭلارمۇ گويا ...
... ...
بىرلا سۆزنىڭ كېچىسى قات –قات ،
تىرەنلىكى ئارمانغا قانات .
2014 – يىلى 19 – ئىيۇن