بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-24 12:04 PM
تۇرسۇنجان ھەسەن
(ھېكايە)
كۈنلەرنىڭ مەنىسى
-ئۇزۇن بولدى، كۆرۈشۈپمۇ بولالمىدۇق، نېمە ئىشلار بىلەن ئالدىراش يۈرىسىلەر؟
-«باياۋان» ژۇرنىلىدا تەھرىرلىك قىلىپ.
-بىر ئۆمۈر مۇشۇنداق تاينى يوق ئىشلارنى قىلىپ ئۆتۈپ كېتىدىكەنسىلەردە؟!
-قانداق تاينى يوق ئىشكەن بۇ؟ بىلسەڭلەر «ژۇرنال» دېگەن خەلقنىڭ مەنىۋىي تەشنالىقىنى قالدۇرىدىغان خىسلەتلىك بۇلاق.
-بۇ گەپلەرگە كىم ئىشىنىدۇ ھازىر، ھەممە ئادەم پۇل تېپىشنىڭ كۇيىدا، بىرنى ئىككى قىلىشنىڭ يولىدا، يوقنى بار قىلىشنىڭ غېمىدە يۈرسە، سىلەر نەدىكى گەپنى قىلىپ يۈرىدىكەنسىلەر.
-سىلەر چۈشەنمەيسىلەر، ئادەمنىڭ جىسمىدىن باشقا، كۆز بىلەن كۆرگىلى، قول بىلەن تۇتقىلى بولمايدىغان روھ دېگەن بىر نەرسە بار
-روھ دېگەننى مەن تازا ئوبدان بىلىمەن. شۇ روھنى دېمىسەم بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا جابقاراپ نېمە كەپتۇ.
-روھنى بىلسەڭلار روھنى ئۇزۇقلاندۇرۇشنىمۇ بىلىپ قۇيۇڭلار.
-روھ دېگەننى كىتاپ ئوقۇمايمۇ، ئىشخانىدىن چىقماي ئىشلىمەيمۇ، ئادەملەردىن قېچىپ تەنھا يۈرمەيمۈ، قۇرۇق خىيالغا بېرىلىپ ھالىدىن كەتمەيمۇ ئۇزۇقلاندۇرغىلى بولىدۇ.
-ئۇنداق بولسا ياخشىكەن، ئاران بىر كۆرۈشكەندە بىر ۋاق تاماقنى بىللە يېمەيلىمۇ؟
-ماۋۇ گېپىڭلار بولىدۇ. ھايات دېگەن ئىنسانغا بىرلا قېتىم كېلىدۇ. ئۇنى ئەرزىمەس ئىشلارغا ئىسراپ قىلىۋەتكەننىڭ پايدىسى يوق، كۈنلەرنى مەنىلىك ھەم ئەھمىيەلىك ئۆتكۈزۈش كېرەك.
-مەنمۇ مەنلىك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتىمەن، مەن چىقىرىۋاتقان ژۇرنالنىڭ ئەتراپىدا كۈچلۈك بولغان ئاپتۇرلار قۇشۇنى بار.
-يەنە شۇ گەپمۇ؟ مەنمۇ يازغۇچى-شائىرلار بىلەن ئالاقە قىلىپ باقتىم، ئۆزلىرى يازغان ئەسەرلەرنى ئۆزلىرى ئوقۇپ، ئۆزلىرى ماختاپ، ئۆزلىرى بىر-بىرى بىلەن زىددىيەتلىشىپ يۈرىدىغان خەقكەن...
-سىلەر بۇ ئادەملەرنى چۈشەنمەيسىلەر، ئىلىم دېگەن مۇنازىرە ئارقىلىق چوڭقۇرلىشىدۇ، مەسىلە مۇنازىرە ئارقىلىق ئايدىڭلىشىدۇ.
-سىلىمۇ يازغۇچى بولغاندىكىن شۇلارنىڭ گېپىنى قىلىسىلەر، ئۇلارنىڭ دەردىمۇ يەتكۈچە باركەن، كىتابلىرىنى نەشر قىلدۇرالماي، بىزدەك پۇل تاپقان ئادەملەرنىڭ ئالدىغا يېلىنىپ كېلىدىكەن.
-ياردەم قىلغانسىلەر؟
-نېمىنى ياردەم قىلىدۇ؟ تەستە تاپقان پۇلنى ئەرزىمەس ئىشلارغا سەدىقە قىلىپ بېرىدىغان ساراڭ بولمىسام...
-ھەي، سىلەر چۈشەنمەيسىلەر، بىر پارچە ئەسەرنى رويابقا چىقارماق ئاسان ئەمەس.
-ھەممە ئادەم كىتاب ئوقۇمايدىغان بۈگۈنكى كۈندە، يازغۇچى بولىمەن دېگۈچە گازىرچى بولسىچۇ؟
-سىلەر چۈشەنمەيسىلەر، مەنىۋىي ئەمگەكنىڭ پەزىلىتىنى، قىممىتىنى...
-چۈشەنمەيدىغان نېمە بار، «پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا» دەپتىكەن، يانچۇقتا پۇل بولسا، بۇ دۇنيادا بىلمەيدىغان ئىش يوق.
-شۇنداقمۇ؟
-ئەلۋەتتە، پۇل تاپقان ئادەم دېگەن كۈنلىرىگە مەنە قوشۇپ ياشايدۇ، كۈنلەرنىڭ مەنىسى نېمىدە، بىلەمسىلەر؟
-بىلىمەن، كۈنلەرنىڭ ھەققىي مەنىسى ئىجاد-مېھنەتتە، ھالال ئەمگەكتە، باشقىلارغا خالىس ياردەم بېرىشتە...
-ئەخمىقانە گەپ قىلىدىكەنسىلەر، كۈنلەرنىڭ مەنىسى تاپقان پۇلنىڭ قەتىنى چېقىشتا، جاننى ئۇپراتماي ئوبدان بېقىشتا، پايدا كۆزلەپ ئېقىنسۇدەك ئېقىشتا...
-قاپىيە ئويناپ كەتتىڭلىغۇ؟-
-مەخسۇس يازمىساقمۇ، شېئىر-قوشاق دېگەن تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ.
-ھەققىي قوشاقچى بولۇپ كېتىپسىلەر.
-بىز دېگەن قوشاقچى ئەلنىڭ ئەۋلادى، پۇل تاپقاندىن كېيىن، قولنى قاياققا سۇزسا سۇزغىلى بولغاندىكىن، باياشاد، غەم-قايغۇسىز ياشىغاندىكىن مۇشۇنداق قوشاقچى بولۇپ كېتىدىغان گەپكەن
-راست، پۇل تېپىپ ئەقىللىق، چېچەن بولۇپ كېتىپسىلەر، زېھنىڭلارمۇ ئېچىلىپ كېتىپتۇ...
-«گاچا بولسىمۇ باينىڭ بالىسى سۆزلىسۇن» دېگەن زامان كەلدى. سىلەرمۇ يوقىلاڭ ئىشلارغا ئۆزۈڭلارنى ئۇرۇپ، كۈنلىرىڭلارنى مەنىسىز ئۆتكۈزگىچە، بىزدەك پۇل تېپىشنىڭ سەۋىيىسىگە چۈشسەڭلار بولمامدۇ دەيمەن؟
-مېنىڭ كۈنلىرىممۇ مەنلىك ئۆتىدۇ، دۇنياغا مەشھۇر ئەسەرلەرنى ئوقۇيمەن، تەپەككۇر قىلىپ ياشايمەن.
-كىتاب ئوقۇغانغا قورساق تويامدۇ، كىتاب ئوقۇغانغا بىر كىم بىر نەرسىنى بىكارغا بېرەمدۇ، كىتاپ ئوقۇغانغا ئادەم باي بولۇپ كېتەمدۇ؟
-كىتاپ ئوقۇغاننىڭ پايدىسى كۆپ.
-كىتاپ ئوقۇپ ئۈرۈمچىدىن ئۆي ئالالىدىڭلارمۇ؟ بېيجىڭغا داچا سالالىدىڭلارمۇ، سەينادا سەيلىگاھ پەيدا قىلالىدڭلارمۇ؟
-ياق تېخى، كىتاپ ئوقۇپ روھىمنى تاۋلىدىم.
-روھىڭلارنى كىم كۆرۈپتۇ، قانداق تاۋلىدىڭلار، قانداق بېزىدىڭلار. ۋاقتىڭلار بولسا، ساياھەت قىلدۇرۇپ كۆزۈڭلارنى بىر ئېچىپ قۇياي...
-بۈگۈنكى دۇنيادىكى بايلارنىڭ دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە تۇرالغۇسى بار، ھەممە يەردە كۆڭوللۈك ياشايدىغان ئىمكانىيىتى بار.
-ئۆمرۈڭلار ئوقۇيمەن، يازىمەن، تەپەككۇر قىلىمەن،- دەپ ، تاينى يوق ئىشلار بىلەن ئۆتۈپ كەتتى. بىكار ئۆتۈپ كەتكەن ھاياتىڭلارغا ئېچىنماقتا يوق، پەخىرلىنىپ يۈرىدىكەنسىلەر.
-ئاران بىر كۆرۈشكەندە، گەپ تالىشىپ يۈرمەي، بىر ۋاق تاماقنى بىللە يەيلى، بولامدۇ؟
-بولىدۇ، ھازىرقى دۇنيادا پۇلى يوقنىڭ يولى يوق، «پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ، پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ» بولۇپ قالدى، پۇل تاپمىساق ھېچقانداق بىر ئىشنى قىلغىلى بولمايدۇ، كۈنلەرنىڭ مەنىسى پۇل تېپىشتا، پۇل تېپىپ ياخشى ياشاشتا، ياخشى ياشاشنىڭ ئۆزى كۈنلەرگە مەنە قوشقانلىق ھېسابلىنىدۇ.
-بىلدىم، قاراشلىرىڭلار ئورۇنلۇق.
-مانا رېستۇراننىڭ ئالدىغا كېلىپ قاپتۇق، بىر ۋاق تاماقنى بىللە يېگەچ، كۈنلىرىمىزگە مەنە قوشۇپ باقايلى، قانداق دەيسىلەر؟
-بولىدۇ.
شۇنداق قىلىپ مەن بۇ ئاغىينەمنىڭ كەينىدىن «جان ئارامى رېستۇرانى»غا بىللە كىرىپ كەلدىم. كۈنلەرنىڭ مەنىسى قانداق بولىدۇ، بىر كۆرۈپ باقمامدىم...
|