بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-24 10:57 AM
ئەي سابا
پەرىدە ئىسمايىل مېھرى
ئەي سابا، ئېپكەل ئىشىق ، ئاشىق قەدىرداندىن خەۋەر،
قەھرى ئەر، ئەلنى سۆيەر ، مەردانە-مەرداندىن خەۋەر.
كى قەسەم باغرىمدىكى گۈلزارلىقىمنىڭ تەختىدە،
سۆيگۈسى يەكتا جېنىم ،ئۆمرۈمگە سۇلتاندىن خەۋەر.
بۇ ھايات جەڭگاھىنىڭ مىڭ بىر مۇشەققەت جامىدا،
كەۋسەرى جانىمغا جان ، دەردىمگە دەرماندىن خەۋەر.
توپ-تولۇق نۇردىن يورۇق چاچقاندۇ شولا كۆزلىرى ،
قوينىغا سالغان ئۇنى بەرگاھى قورغاندىن خەۋەر.
شائىرىمنىڭ لەۋلەرى دەۋرەيدۇ ۋولقان لەھزىدە،
ئەي سابا، ئېپكەل كۆڭۈل سەردارى پەرماندىن خەۋەر.
2016-يىلى 24-فېۋرال، ئاتۇش
|